يامغۇر
ھاۋا بەكلا ناچار، شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتقان ئاسماننى قېلىن بۇلۇت قاپلىغان بولۇپ قۇياشنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. كوچىدا ئادەم جىق ئەمەس، ئامالنىڭ يوقىدىن كوچىغا چىقىپ قالغان كىشىلەرمۇ ئۆز مەنزىلىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدىرىشاتتى.
ئۇنىڭ مەستلىكى تولۇق يېشىلمىگەن بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىپ تۇراتتى. ئۇ تېخى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىغا بارمىسا بولمايدۇ، بۈگۈن شېرىكلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئالدىنىقى قېتىملىق ئوۋدىن چۈشكەن ئولجىنى بۆلۈشىدىغان كۈن. ياخشى يېرى ئاپتوبۇستا ئادەم ئاز ئىدى. ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئارقىدىكى يالغۇز كىشىلىك ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارسىز خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يېقىندىن بۇيان ئىشنىڭ ئانچە قاملاشمايۋاتقىنىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىنكاسى بۇرۇنقىدەك ئىتتىك ئەمەس ئىدى. يېقىنقى بىرنەچچە قېتىم ئوۋغا چىققان ۋاقتىدا قارشلىققا ئۇچىراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئىشنى بۇزۇپ قويغىلى تاس قالدى. ئۇنىڭ شېرىكلىرىمۇ قاتتىق تېرىكىپ ئۇنى قېرىپ قالدى دېيىشتى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇرۇن ئۇ نامى چىققان قاتتىق قول بولۇپ ھەتتا شېرىكلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قورقاتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغىنىغا ئىشەنمەيتتى. پەقەت يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇيقۇسى ياخشى بولمايۋاتاتتى، ھەر دائىم ئۇخلىغىنىدا ئوخشاش چۈش كۆرەتتى. چۈشىدە 15 ــ 16 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۆسمۈر ئۇنىڭغا ئۈن ــ تىنسىز قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قالغان قىسمى غۇۋا بولۇپ پەقەت ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان كۆزىلا ئېنىق ئىدى. بۇ كۆز نۇرى شۇنچىلىك غەلىتە بولۇپ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر مەنا ياكى ھېسيات ئىپادىسىنى بايقىغىلى بولمايتتى. دەل شۇ خىل كۆز نۇرى ئۇنى ھەممىدىن بىزار قىلاتتىدە، بىئاراملىق ھېس قىلىپ ئويغىنىپ كېتەتتى.
ئۇ دەسلەپتە ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىدى. لېكىن چۈشنىڭ تەكرارلىنىشى ئۇنىڭغا بۇ چۈشنىڭ تاسادىپىلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ قايتا ــ قايتا ئويلاپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۈش كۆرگەنلىكىنى ئەسلىدى.
چۈشىدە ھېلقى ئۆسمۈر بىر كۆلدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئۆسمۈرنىڭ چىرايى غۇۋا بولۇپ پەرىق قىلماق بەكلا تەس، پەقەت ئاغزى ــ بۇرنىدىن توختىماي سۇ ئېقىۋاتقىنىنى پەرق قىلغىلى بولاتتى. ئۇ ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن يېقىنلاپ بارماقچى بولاتتى، يېقىنلاشقانسىرى ئۆسمۈرنىڭ پۈتۈن ئەزايىدىن سۇ تامچىلاشقا باشلاپ يېنىغا بارغاندا پۈتۈنلەي سۇغا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئۇ ئۆسمۈرنى تونۇيتتى لېكىن ئۇ بۇلارنى ئېسىگە ئېلىشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆمۈر بويى بۇ خاتىرىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشتى. كۈندە ھاراق ئىچىپ ھەرخىل كەيپ ــ ساپالار بىلەن بولدى، چۈنكى ئۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭ سەگەك مېڭىسىگە ئازراقمۇ ئارام بەرمەي ئازاپلايتتى...
ــ بولدى قىلىڭلارچۇ!
تۇيۇقسىزلا ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئاۋازدىن ئاچچىقلىنىشتىن باشقا ئىلاجىسىزلىق ياكى يېلىنىش چىقىپ تۇراتتى .ئاپتوبۇستا ئادەم ئانچە جىق ئەمەس بولۇپ بوش ئورۇنمۇ بارئىدى. لېكىن 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئۈچ يىگىت بوش ئورۇندا ئولتۇرماي ئۇنىڭدىن تۆت ــ بەش ئورۇن ئالدىدا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئەتراپىدا ئۆرە تۇراتتى. قىزچاق بولسا سومكىسىنى باغرىغا بېسىپ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ياردەم تەلەپ قىلغاندەك ئەتراپقا قارايتتى. ئاپتوبۇستىكى ئادەملەر ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك پەرۋاسىز ھالدا باشقا ياققا قاراپ تۇراتتى. قىز ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى، ئۈچەيلەن ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە قاراپ قويۇپ كۆرەڭلەرچە كۈلدى. تۇيۇقسىز قىزچاق ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بايقاپ قالدىدە كۆزلىرىدە ئازراق ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى يانغاندەك بولدى. ئەمما قالغان ئۈچەيلەنمۇ بۇنى بايقاپ، ئۇنىڭغا قاراپ تەھدىت ئارىلاش كۈلگىنىچە ئاستاغىنە يېنىنى سىلاپ قويۇشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاستاغىنە يەرگە قارىۋالدى. ئۇ قىزچاققا قارىمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۇر قىلالايتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قىزچاقنىڭ ئىلتىجا بىلەن قاراشلىرى بىلەن يوغان قارا كۆزلىرىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش مۆلدۈرلەپ تۇرغان ياش تامچىلىرى كېلىپ قەلبىنى ئازاپلايتتى. قىزچاق 17 ــ 18 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ تەققى ــ تۇرقىدىن ئوقۇغۇچىدەك قىلاتتى. « ھېچقىسى يوق» دەيتتى ئۇ ئۆزــ ئۆزىگە، «ناھايىتى بولسا ئازراق پۇل زىيان تارتىدۇ شۇ، تۇرمۇشتىكى ھەر چوڭ بەخىتسىزلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قانچىلىك ئىشتى». لېكىن ئۇ قانچە قىلىپمۇ قىزچاقنىڭ بىچارە ھالىتىنى خىيالىدىن نېرى كەتكۈزەلمىدى، ئەكسىچە كاللىسىغا بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىمۇ كېلىشكە باشلىدى.
ئۇ 40 نەچچە يىل بۇرۇنقى قالايمىقان يىللاردا بىر چەت يېزىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلدى. 10 ياشقا كىرە-كىرمەيلا ئاتا ــ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئادەم ئەمەس ھەتتا ئىت ــ مۈشۈكلەرمۇ يەيدىغىنى يوق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلۋاتقان شۇ يىللاردا ئۇنىڭغا باش ــ پاناھ بولغۇدەك بىرەرمۇ ئىنسان چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن خەقنىڭ ئىشىك ئالدىدا قېقىلىپ ــ سوقۇلۇپ يۈرۈپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولدى، ئاخىرى نۇرغۇن چوڭ ئادەملەر ساق ئۆتەلمىگەن يىلاردىن ئامان ــ ئېسەن ئۆتۈپ چوڭ بولدى. چوڭ بولغىچە تۈرلۈك ئازاپ ۋە ھاقارەتلەرگە چىدىدى ھەتتا ئۇنتۇپ كەتتى، لېكىن بىرلا ئىشنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدى. يېزىدىكى تەڭتۇش بالىلار ئۇنى كۆزگە ئىلمايتتى، ھەر قانداق ئىش بولسا ئۇنى ئارىغا ئالمايتتى. بىر قېتىم ئۇ بالىلارنىڭ ئۇيۇنىنىڭ قىزىپ كەتكىنىگە قاراپ پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم «قاپ يۈرەك»لىك بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدى:
ــ مەنمۇ ئوينىسام بولامدۇ؟
ئارىدىن چېقىر كۆزلىك بىر ئوغۇل بالا چىقتى، ئۇ بالىلارنىڭ باشچىسى ئىدى:
ــ سەن؟ سەن بەلكىم ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇقمايدىغان ئوخشىمامسەن، مەن ساڭا دەپ قوياي سەن بىلەن بىز ئەمەس ھەتتا چاشقانلارمۇ ئوينىمايدۇ.
ئۇ بالا ئۇنىڭ كاسسىسىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى، ئۇ ئاچچىقىدا ئۇ بالىغا تاشلاندى. ئەمما قالغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئۇنى بېسىۋىلىپ ئۇرۇپ كەتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئاغزى ــ بۇرنى قاناپ، يىغلاشقىمۇ ھالى قالمىغاندا ئۇنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قېلىشتى. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۇنى نەدە كۆرسە تۇتۇۋېلىپ تازا ئۇردى. قاچسا ھەممىسى قوغلىدى، قانچە قاچقانسېرى «قوغلاتقان» گۇناھىغا شۇنچە قاتتىق ئۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلمايدىغان، يوغان قاپقارا كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقىنىچە يۇۋاشلىقچە تاياققا تۇرۇپ بېرىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە ھېلىقى چېقىر كۆز بالا ھەر قېتىم باشلامچى بولاتتى.
ئۇ نېمە ئۈچۈن تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزىنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغىنىنى ھەتتا ئوخشاش بولۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتى. بەلكىم ئون نەچچە ياشلىق گۆدەك بالا ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ، بۇنىڭدىنمۇ چۈشىنىكسىز ئازاپ بولمىسا كېرەك...
ئاپتوبوس قاتتىق سىلكىنىپ توختاپ ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قارىدى، ئاپتوبۇس شەھەرنىڭ يەنە بىر چېتىگە كېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ چۈشىدىغانغا ئىككىلا بىكەت قالغانىدى. ئۇ يەرنىڭ تېگىدىن قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتتى. ئۈچەيلەن تېخىچە قىزچاقنى چۆرىدەپ تۇراتتى، ئاپتوبۇسقا شۇنچە ئادەم چىقىپ چۈشسىمۇ خۇددى ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك پەرۋاسىز ئىدى. قىزچاق ئورنىدىن يۇلقۇنۇپ تۇرغىنىچە ئۆزىنى ئىشىككە قارىتىپ ئاتتى. ئۈچەيلەن دەسلەپتە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى لېكىن دەرھاللا ئېسىنى يىغىپ قىزچاقنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چۈشۈپ كەتتى. ئەتراپتىكى ھەممەيلەن كېلىشىۋالغاندەك باشقا ياققا قاراپ تۇرىشاتتى. پەقەت ئۇلا دېرىزىدىن قىزچاق تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. ئاپتوبۇس ئاساسەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ قالغان بولۇپ يولنىڭ ئىككى تەرىپى قۇيۇق دەرەخلىك، ئەتراپتا بىرەر ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قىزچاق ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۇزاق يۈگۈرمەيلا ئۇ ئۈچەيلەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار قىزچاقنى دەرەخلىككە سۆرەشتۈرەتتى. ئاپتوبۇس قوزغىلىپ داۋاملىق يۈرۈپ كەتتى. قىزچاقنىڭ كۆزى قوزغالغان ئاپتوبۇسقا قارىغىنىچە قالدى، كۆز نۇرى شۇنچىلىك غەلىتە بولۇپ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر مەنا ياكى ھېسيات ئىپادىسىنى بايقىغىلى بولمايتتى.
ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ ئۇ قورامىغا يەتكەن يىگىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ كۈنلىرىدە ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇ ئاخىرى يېزىنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدى. ئۇ يېزىنىڭ سىرتىدىكى كۆل بويىغا كەلگەندە بىرەيلەننىڭ يالغۇز چۈمۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى سېلىپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. ئۇنىڭ يېزىدىن تۇغۇلغان يېرىنى تاشلاپ كېتىشىگە دەل شۇ سەۋەپچى ئىدى. ئۇ كۈل بويىدىكى دەرەخلىككە مۆكۈندى. چېقىركۆز كۆلدىن چىقىپ كىيىملىرىنى كېيىشكە باشلىدى. ئۇ مۆكۈنگەن يېرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كالتەك بىلەن دۈمبىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى، ئارقىدىن چېچىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنىچە بېشىنى سۇغا باستى. چېقىر كۆزقۇتۇلۇشقا تىرىشىپ قانچە تىركەشكەنسىرى ئۇمۇ شۇنچە كۈچەپ سۇغا باستى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئۇ چېقىر كۆزنىڭ تىركىشىشتىن توختاپ قالغىنىنى بايقىدى، ئۇنى ئۆرۈپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قېتىپ قالغان بولۇپ، ئاغزى ــ بۇرنىدىن توختىماي سۇئېقىۋاتاتتى. چىرايىدا بولسا ئۇنى بوزەك قىلغان ۋاقتىدىكى ياۋۇزلۇق ۋە كۆرەڭلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، پەقەت چەكسىز قورقۇنچ ۋە ئازابلىنىش ئالامەتلىرىلا ئەكىس ئېتىپ تۇرغان 15 ــ 16 ياشلار چامىسىدىكى ئۆسمۈرنىڭ چىرايىلا تۇراتتى. ئۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئەمەس ئىدى. لېكىن بولغۇلۇق بولدى ئەمدى ئۇنىڭغا دەرھال كېتىشتىن باشقا يول يوق ئىدى...
ئۇ ئېسىگە كېلىپ تۇيۇقسىزلا توك سوقىۋەتكەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:
ــ توختات! ماشىنىنى توختات!ــ دەپ ۋارقىرىدى ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ شوپۇرنىڭ مۆرىسىدىن قاماللىغىنىچە.
قورقۇپ كەتكەن شوپۇر بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولدىيۇ، ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ توختاپ قالدى.
يامغۇر قاچانلاردىدۇر توختاپ قالغانىدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ قىزچاق تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلماقچى بولغىنىنى بىلمەيتتى، ئۇ پەقەت بىرسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنىلا ھېس قىلاتتى. ئۇ تېخمۇ تىز يۈگۈرمىسە بولمايتتى، ئۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بىر بالىنى قۇتقۇزىشى كېرەك ئىدى. بىر ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ مەيدىسىنى ئېچىشتۇرغىنىچە ئاغزىدىن چاچىراپ چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇ توختاپ قالسا بولمايتتى. ئۇ يۈگۈرگىنىچە دەرەخلىككە كىردى، شاخ ــ شۇمبىلار ئۇنىڭ يۈز ــ كۆزىنى تىلاتتى، لېكىن ئۇ بۇلارنى ھېس قىلالمايتتى. ئۇ ئاخىرى ئۇلارنى تاپتى. ئۇ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەنىدى، ئۇلار تېخى قىزچاققا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئۇ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى:
ــ قولۇڭنى تارتىش!
ئۈچەيلەن چۆچۈپ كەينىگە قاراشتى، لېكىن ئۇنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتىدە قولىدىكى پىچاقنى تەڭلىگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىشتى. ئۇ ئالدىغا كەلگەن بىرسىنى بىر مۇشت ئۇرۇپلا ئۆرىۋەتتى، لېكىن ياندىن كەلگەن بىرسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ مىدىرلىغىلى قويمىدى. ئۇ كۆمۈش رەڭلىك سوغۇق نۇرنىڭ چاقنىغىنىنى كۆردى. بىر قېتىم، ئىككى قېتىم ...
ئۇ بەدىنىگە ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىسسىق سۇيۇقلۇقنى ھېس قىلدى. ئۇ بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئاخىرىقى كۈچىنى يىغىپ قىزچاق تەرەپكە قارىدى. قىزچاق ئامان ــ ئېسەن قېچىپ قۇتۇلغانىدى، ئەمدى ئۇلار قىزچاققا ھەرگىزمۇ زىيان ــ زەخمەت يەتكۈزەلمەيتتى. ئۇ ئاستا ــ ئاستا سېرىلغىنىچە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خىرەلىشىشكە باشلىدى، ئۇ ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلاشقىنىنى ھېس قىلدى. تۇيۇقسىز ئەتراپنى ئاپئاق نۇر قاپلىدى، نۇرلار ئارىسىدا 15 ــ 16 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۆسمۈر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۆسمۈر ئۇنىڭغا قولىنى سۇنغىنىچە:
ــ يۈر، ۋاقىت توشتى،ــ دېدى
قۇياش ئاخىرى قېلىن بۇلۇتلارنى يېرىپ چىقتى، ئۇنىڭ ئىللىق نۇرلىرى قۇيۇق شاخ ــ شۇمبىلاردىن ئۆتۈپ دەرخلىك ئارىسىدىكى بىر جەسەتكە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدا ئۇخلاۋاتقان بوۋاقتەك خاتىرجەملىككە چۆمگەنىدى.