تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 7837|ئىنكاس: 10

دوپپىڭىزنى كىيىۋېلىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
398
تۆھپە
123
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چاچلىرىم<< دوپپا >>دەپ يىغلايدۇ


70a72592d8efeeb965096e67.jpg



     شۇنداق چاچلىرىم دوپپا دەپ يىغلايدۇ، يارىشىغىم قېنى، گۈزەللىكىم قېنى دەپ ماڭا زارلاۋاتىدۇ. ھەر قېتىم ئەينەككە قارىغىنىمدا قوناقنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كۆرۈمسىز پۈپەكلىرىدەك توزۇپ تۇرىدىغان خۇنۈك جانسىز چاچلىرىم ئۆزىگە ئوخشاش يېقىمسىزلىق بىلەن دوپپا دەپ ئىڭراپ جېنىمغا تېگىدۇ، خۇش كەيپىمنى بۇزىدۇ، قۇشۇمىلىرىمنى تۈرگۈزۈپ قۇيۇق ئىككى قېشىم ئارىسىدىكى گۆشلۈك تېرىگە پاراللىل ئىككى سىزىق سالىدۇ. چىرايىم تېخىمۇ سەتلىشىدۇ-دە، ئاچچىقىمغا پايلىماي قولۇمدىكى ئارىلىقلىرى نەچچە مىللىمىتېر كېلىدىغان چىشلىرى سېمىز، ئۇزۇن تارغاقتا بىچارە چاچلىرىمنى سىلكىپ، نوقۇشلاپ، بېقىنلىرىغا دۈشكەللەپ نەچچە يەرلىرىدىن سۇندۇرۇپ دېگۈدەك قايتا- قايتا تارىۋىتىمەن ...
-تويە ئەمدى ھە، قاقشىغانغا تويە،- دەپ ئەينەككە قايتا تىكىلىمەن. زەرەتلىنىشتىن توك تەپكەندەك بولۇپ پاخپايغان چاچ بوشلۇقتا لەيلەپ ئۆمچەيگىنىچە شۈمشىيىپ تۇرۇشلىرىدىن تۇرۇپلا ئىچىم ئاچچىق بولدى. مەن ساراڭ ھە؟ چېچىمدا نېمە گۇناھ! ئۇنىڭ قاقشاپ- زارلىنىشى ھەقلىققۇ؟! كاماردەك ئىككى كۆزلىرىمنى ئالايتىپ كىمگە دوق قىلىمەنھۇي! راستىنلا ساراڭ بوپتىمەن. ئەينەككە قاراپ يەنە بىر ھازا تۇردۇم، ئۆز- ئۆزۈمگە ئۆزۈممۇ چۈشىنىپ كەتمەيدىغان بىر مۇنچە سەپسەتىلەرنى سۆزلەپ تۇراتتىم. ئەينەك تۇيۇقسىزدىن سول يانغا قىڭغايدى-دە، تامدىكى ئىلغاقتا بىرلا بۇرجىكى ئېسىلىپ تۇراتتى. توۋا، ئەتىگەندىن بېرى ئۆزۈمگە بىرمۇنچە كايىپ يۈرسەم مەن مىت قىلماپتىمەنيۇ، مۇنۇ ئەينەككە نېمە بولغاندۇر ئەمدى؟ ئەينەك چېغىدا مىدىرلاۋاتىدۇ، مەنچۇ؟ ئەينەكتىكى ئەكسىمدىن قارىغاندا مەندە تېخى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلگەندەك ئەمەس. قارىغاندا مەن جانسىز نەرسىلەردىنمۇ ئۆتەر ھالغا چۈشۈپتىمەن.

-ياق، ئۇنداق بولىشى مۈمكىنمۇ؟...- بىر بۇرجىكى ئېسلىپ قالغان ئەينەكنى بار كۈچۈم بىلەن يۇلۇپ ئالدىمدە بېشىمدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە زەردە بىلەن تاشلىدىم، ئۇششاقلانغان پارچىلاردىكى ئەكسىم ئەسەبىيلىكتىنلا دېرەك بىرىپ تۇراتتى. كۆزلىرىم تېخىمۇ چەكچىيىپ، چاچلىرىم تېخىمۇ قالايمىقان توزۇپ تۇراتتى. دەرۋەقە، مەن ئۆزۈمدىن ياتلىشىپ كېتىپتىمەن! قېنى مەن؟...  ئەينەك پارچىلىرىدىن ئۆزۈمنى ئىزلىدىم، چىم قىلغان ئاچچىق بىر سېزىم بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىمدىن رەڭگى قىزىل، ئىسسىق ھەم سۇيۇقلا بىر نەرسە شۇررىدە ئېقىپ ئەينەك پارچىلىرى ئۈستىگە تامشىۋاتىدۇ. بارمىقىم زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى، بارا- بارا قىزىشىپ ئاندىن سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. بارمىقىمنىڭ ئۇچىنى سول قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باش بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا توغرىلاپ مەھكەم ئىسكەنجىگە ئالدىم، ئىسسىق سۇيۇقلۇق تېخىمۇ كۆپلەپ ئېقىۋاتاتتى. قىپقىزىل سۇيۇقلۇقتا بويالغان ئىككى بارمىقىمنى ئاستا قويىۋەتتىم، بارمىقىمنىڭ ئۇچىدىكى تومۇرلارنىڭ سوقۇشى قۇلاقلىرىمغا ناھايتتى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى... سوققىن تومۇرلار! ئەتىمالىم سەندىكى مەينەت قانلار تىپچەكلەپ كېتىۋاتقاندۇر، ھېچقىسى يوق ئېقىپ چىقىپ كەتسۇن، مەجبۇر ئاقتۇرۇپ چىقىرىۋېتىمەن! بەدەنلىرىمگە كىرىپ قالغان ئازغۇنلار ئېقىپ چىقىپ كەتسە ياخشى ئەمەسمۇ؟!... ئەينەك پارچىلىرىغا قايتا قارىدىم، ئەمدىلىكتە يۇمىلاق، سوقىچاق شەكىلگە كىرىپ ئاستا- ئاستا قېتىشىشقا باشلىغان قانلار ئارقىسىدا مېنىڭ خۇنسىز چىرايىم زەپىراندەك پىلدىرلاپ تۇراتتى. كاللامغا ئەسلىمنىڭ مەۋھۇم سىماسى كىرىپ بېشىمدا تۇرۇپ قوللىرىنى شىلتىپ بىر نەرسىلەر دەپ كېتىۋاتاتتى:...
-ھە، ئەمدى ئەسلىڭگە كەلگەندەك تۇرىسەن، چېچىڭدا نېمە گۇناھ؟! قاپقارا قوندۇزدەك چىرايلىق دولقۇنلۇق چاچلىرىڭنى ئۆزۈڭ سەتلەشتۈرۈپ بولدۇڭغۇ؟ خېمىيىلىك دورىلارغا بۇرۇقتۇرما قىلىپ ئاغزى- بۇرنىغا لىققىدە بوياقنى چاپلاپ تىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئورىۋەتتىڭغۇ؟ سەندىن ئارتۇق جاھىل چېچىڭ قاپقارا پېتى دۈملىنىشتىن ھېچ بولمىغاندەك چىقسا كۆزلىرىڭنى ئالاچەكمەن قىلىپ تېخىمۇ كۈچلۈك خېمىيىلىك دورا بىلەن تەبىئىي قارا ھالىتىنى ئۆڭدۈرۈپ قايتىدىن رەڭلىك بوياققا چىلىدىڭغۇ؟ نەچچە ئوپىراتسىيەگە چۈشكەن چاچلىرىڭنىڭ ھالسىز ۋاقتىدىن ئوبدان پايدىلاندىڭ، مانا ھازىرقىدەك چاچقا ئوخشىمايدىغان ئاللىقانداق بىر غەلىتە تۈكلەرگە ئوخشتىپ قويدۇڭ. ئۇ ئاز كەلگەندەك توككا تۇتۇپ بىر ئوبدان تەبىئىي دولقۇنلىرىنىڭ رېتىنى بۇزۇپ شەكىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈنما؟ سەن ئۇنىڭسىزمۇ ئىنتايىن چىرايلىق ئىدىڭ. چىرايلىق بولىمەن دەپ ھازىر نېمىگە ئوخشىدىڭ؟! ئىلگىرىكى چاچلىرىڭنى كىشىلەر نەدە كۆرسە سەندىن سورىمايلا تۇتۇپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشاتتىغۇ؟ ئەمدىچۇ؟ ئاۋۇ خەقنىڭ نەزىرى قانداق چۈشىۋاتىدۇ ساڭا؟ سېنى تىللاۋاتىدۇ، شىرباش، ئارسلانباش... يەنە بىر نىمە باشششش دېيىشىپ تىللاۋاتىدۇ. سەن شۇنى ئۈمۈد قىلاتتىڭمۇ؟ قېنى سېنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىڭ؟! ئەسلىڭنى تېزلىكتە تېپىۋالساڭ بولار ئىدى... ...
- نېمە دېگەن تولا گەپ! خۇددى يادلىۋالغاندەكلا، ئارقا- ئارقىدىن توختىماي كوتۇلداش... مىڭەمنى قوچىماي كۆزۈمدىن يۈتكىنەۋاي! ... قوللۇرۇمنى پۇلاڭلىتىپ ئاللىكىملەرنى سىلكىپ كەتتىم. نە ئاغرىسا جان شۇ يەردە دەپ، بىر سىلكىش بىلەن قولۇم ئاپئاق تامغا زەردە بىلەن تەگدى. كۆزۈمدىن چاقنىغان ئوت بىلەن تەڭ ئەمدىلەتىن توختاشقا تەمشەلگەن قىزىل سۇيۇقلۇق ئاپئاق تامغا كىچىك بىر دائىرىگە خەرىتە سىزىپ تۆۋەنگە تۈز سىزىق بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. كىمنى سىلكىگەندىمەن؟ توۋا، شۇنىڭغا قارىغاندا ئۆزۈمنى سىلكىگەن ئوخشىمامدىم؟ راست ئۆزۈمنى سىلكىپتىمەن...
بارمىقىم قايتىدىن قىزىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى، بەدەنلىرىممۇ مۇزلىغاندەك ھېس قىلىۋاتقان ئىدىم. ساپما كەشىمنىڭ تاپىنىغا ئىرىنچەكلىك بىلەن دەسسەپ تازىلىق ئۆيىدىن بارمىقىمنى قاماللىغىنىمچە چىقتىمدە، ئىشكاپلارنى بىردىن ئاختۇرۇپ ئەرەختەن- پەرەختەن قىلىپ كىچىك دورا ساندۇقىنى تەسلىكتە تاپتىم. دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلىقى بىلەن جاراھەت ئېغىزىنى پاكىزە تازىلاپ بولغۇچە ياشلىرىم كۆزۈمنىڭ ئەڭ ئىچىگە يۈتىۋەتسەممۇ مەجبۇر ئېقىپ كېتىۋاتاتتى... مانا ئەمدى ئاغرىقمۇ خېلى بېسىقتى، كۆزۈمنى ئون مىنۇت يۇمىۋالسام ئاغرىقنى تېخىمۇ سەزمەيمەن دېگەن ئوي بىلەن ياتاق ئۆيۈمگە تىمىسقىلاپ كىرىۋالدىم. كارىۋات مەيلىمنى ئۆزىگە تارتىپلا تۇراتتى.. ئاستا يانپاشلىغاچ سالۋاراپ ئاران تۇرغان چېچىمنى ياستۇق ئۈستىگە كەڭ يايغىنىمچە ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم. تۆت تامنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىدا ئۇيقۇ يامىشىشقا ئاران تۇرغان كۆزلىرىم يېرىم ئېچىلىپ يېرىم يۇمۇلۇپ دېگۈدەك ئەگىشكە باشلىدى...
دوپپا! راستىنلا دەرىزىنىڭ سۈزۈك سۈت رەڭلىك پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا دوپپام ئېسىقلىق تۇراتتى. بەزىدە ھەقىقىي ئۇيقۇغا كىرىش ئارىلىقىدا يالغان چۈش كۆرۈپ قويىدىغان ئىشىم بار ئىدى، كۆزلىرىمنى مەجبۇر يوغان ئېچىپ قايتا قارىدىم، ھەقىقەتەن گاز پەردە ئارقىسىدا مەرۋايىت مارجان قادالغان چىرايلىق دوپپام كۆزلىرىمگە باشقىچىلا چىرايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى...
بىر يېرىم يىل ئاۋۋال قەشقەرگە بارغىنىمدا ھاياتىمدىكى قىممەتلىك ئادەملەردىن گەرچە بىر قېرىنداش بولمىساقمۇ، ئاكام ئۆز قولى بىلەن سوۋغا قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ دوپپىنى تويۇمدا كىيىشكە نىسىپ قىلسۇن دېگەن گۈزەل ئارزۇ بىلەن تاكى بۈگۈنگىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويىۋاتقان ئىدىم. ئاكام دوپپىڭىزغا ئالتۇن قاداق قادىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن دېگەن ئىدى، لېكىن ماڭا ئۇنچە كۆپ ئالتۇن كىرەك ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرىلا كۇپايە ئىدى.
ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم-دە، دوپپىنى قولۇمغا قايتىدىن ئېلىپ، بېشىمغا كىيىپ باقتىم. ئەپسۇس، ئىلگىرىكىدىن سەل كىچىكرەك كەلگەندەك تۇيۇلدى. دوپپا كىچىكلەپ كەتتىمۇ ياكى بېشىم يوغىناپ كەتتىمۇ؟! دەرھال چىقىپ مىھمانخانىدىكى چوڭ ئەينەككە قارىدىم، ئەينەكتە ئۆزۈم ئەمەسلا بىرى تۇراتتى. پاخپايغان چاچلار ئۈستىدە چىرايلىق دوپپا، خۇددى تېزەككە گۈل قىسقاندەك!... كۆزلىرىمگە ئۆزۈم شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتىم. قاپقارا، دولقۇنسىمان چىرايلىق چاچلىرىم كۆز ئالدىمدىلا سۇنايلىنىپ، جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بېلىقتەك پىلتىڭلىغىنىچە زاھىر بولدى. كۆزلىرىمدىن ئەتىۋارسىز ياشلىرىم بىكارلىققا بەرگەندەكلا تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يىغلىغاندىن كېيىن تايىنلىقلا يىغلاش كېرەكتە... ھۆڭرەپ يىغلىغىنىمچە دوپپىنى بېشىمدىن ئېلىپ باغرىمغا چىڭ باستىم. ئىسىت چىرايلىق چاچلىرىم بولغىنىدا دوپپاممۇ ئۆز يارىشىغى بىلەن ماڭا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشار ئىدى-ھە؟ چاچلىرىممۇ ئۇنچىلىك يىتىرقاپ كەتمەس ئىدى. كىملەرگە ئوخشايمەن دېگەن بولغىيتىم؟ كىملەرنىمۇ دورىغاندىمەن؟ كىملەرگە چىرايلىق كۆرىنىمەن دەپ چاچلىرىمغا چېقىلدىم ھە؟ چىرايلىق بولۇش ئورنىغا نېمىگە ئوخشىدىم؟ چاچلىرىمنى نىمە قىلدىم مەن؟.... .... تەرەپ- تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇئاللار ئۈچۈن نومۇستا يەرگە كىرگۈدەك بولغان ئىدىم.
قولۇمدىكى دوپپىنى ئاۋايلاپ سافاغا قويدۇم. گىرىم ئۈستىلى ئالدىغا قايتا كېلىپ ئولتۇرۇپ، چاچلىرىمنى ئاۋايلاپ بىر- بىرلەپ تاراپ چىقتىمدە، ئىككى ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىۋالدىم. قارىماققا ئىلگىرىكىدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ ھەر ھالدا قاملاشقان ئىدى، دوپپامنى ئەمدى كەيسەم بولار؟ ئۆزۈمچە تارتىنىپ چىقىپ دوپپامنى قولۇمغا ئاۋايلاپ ئالدىم ۋە ياراشتۇرۇپ كىيدىم. توۋا، ئەمدى ئوبدانلا كەلدىغۇ؟ پاخپىيىپ كەتكەن چاچلىرىم دوپپىنى كۆتۈرىۋالغان بولغىيمىتى باياتىن؟ ئىلگىرىكىدەك چىرايلىق ياراشمىغان بولسىمۇ، ئەمما باياتىنقىدىن كۆپ ئىسكەتلىك بولۇپ قالغان ئىدىم. چىرايلىرىمغىمۇ قايتا ئادەم چىرايى كىرىپ خېلى مەمنۇنلۇق بولۇپ قالغان ئىدىم، چاچلىرىممۇ ھەر ھالدا ئۆز جايىدا رايىش تۇراتتى. ئىككى ئۆرۈم چاچلىرىمنى بارماقلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ چىڭ سىقىمدىدىم...
-چوقۇم سىلەرنى ياخشى پەرۋىش قىلىمەن، ئىلگىرىكىدەك گۈزەل، چىرايلىق قىلىمەن، سىلەر يەنىلا ئىلگىرىكى مېنىڭ سۆيۈملۈك جانانلىرىم بولىسىلەر... مەڭزىمگە يېقىپ چېچىمنى سۆيۈپ قويدۇم. چاچلىرىممۇ مەمنۇنلۇق بىلەن دوپپا كۆردى، دوپپاممۇ ئىپتىخارلىق بىلەن بېشىمغا تاج بولۇپ يارىشىغىم بولدى...
تۆنۈگۈن چۈشۈمگە كىرىپ قالغان ۋە رىئاللىقتىكى بىر قىسىم ئىشلار ئىدى، چۈش بىلەن رىئاللىقتىن تىرىپ يۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويغانلىرىمدىن قىسقارتىلىپ سۇنۇلدى. بارلىق ئەزىزلەرنىڭ باھارنىڭ 5- كۈنىدىكى دوپپا بايرىمىڭلارغا قۇت بولسۇن! ئەتە قانداقراق كۈن بولا؟ ئەتلەس كۆينىكىم بىلەن دوپپامنى كىيىپ ئىشقا بارسام ...


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
248
تۆھپە
64
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن كۇرۇپ بەك خۇش بۇلدۇم


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
180
تۆھپە
88
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
184
تۆھپە
87
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىم -كېچەكلەرمۇ مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى،دىمىسىمۇ ھازىر مىللى كىيىم -كېچەكلەر سەھنىلەردىلا كىيىلىدىغان كىيىم بولۇپ قالدى .
مىللى كىيىم كېچەكلەرنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ياقتۇرۇپ كىيىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇشى ،پەقەت ئېغىزدىكىلا گەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
785
تۆھپە
531
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،،كىيىم -كېچەكلەرمۇ مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى،دىمىسىمۇ ھازىر مىللى كىيىم -كېچەكلەر سەھنىلەردىلا كىيىلىدىغان كىيىم بولۇپ قالدى .
مىللى كىيىم كېچەكلەرنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ياقتۇرۇپ كىيىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇشى ،پەقەت ئېغىزدىكىلا گەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.،،مەنمۇ  سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قۇشۇلىمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
385
تۆھپە
249
UID
461
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ، ئېسىل تىما !!


Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
338
تۆھپە
188
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەك ياىشى تىما ئىكەن.


Rank: 1

ئىسىمى
ئەبەيدۇللا
تىللا
26
تۆھپە
3
UID
8839
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بوپتۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
708
تۆھپە
128
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياىشى تىما ئىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-27 21:18, Processed in 0.088022 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991