تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 9775|ئىنكاس: 3

CCTV « پەۋقۇلئاددە 6 + 1 » شىنجاڭدىن ماھىر تاللايدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
398
تۆھپە
123
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

[ئېلان تەشۋىقات] CCTV « پەۋقۇلئاددە 6 + 1 » شىنجاڭدىن ماھىر تاللايدۇ




           يېڭى چولپانلارنى بايقاش ، يېتىشتۈرۈش جەھەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق سەھنە بولغان « پەۋقۇلئاددە 6 + 1 » پروگراممىسى رايونىمىزدىن ماھىر تاللاشقا باشلىدى .
     مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسى « پەۋقۇلئاددە 6 + 1 » ( 非常6+1 ) پروگرامما گورۇپىسى بىلەن شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ، « دۆڭكۆۋرۈك زىياپەتلىك تىياتېرخانىسى » ھەمكارلاشقان « دۆڭكۆۋرۈك لوڭقىسى » نى تالىشىش بويىچە « ئەڭ يېقىملىق ئاۋازنى ئىزدەش » شىنجاڭدىن ماھىر تاللاش چوڭ تىپتىكى پائالىيىتىگە تىزىملاش باشلاندى .
تىزىملاش ئوبىيكتى : بۇ پائالىيەتكە تېنى ساغلام ، ئىدىيىسى ئىلغار ، سەنئەتنى سۆيىدىغان ، بەلگىلىك ئاۋاز قابلىيىتى بار كىشىلەر ياكى ئۇسسۇل ، چالغۇ ، سېرىك ، جانبازلىق قاتارلىق جەھەتلەردە قابلىيىتى بار كىشىلەر تىزىملاتسا بولىدۇ . يۇقىرىقى جەھەتلەردە تالانتى بار سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ . تىزىملاتقۇچىلارغا ھېچقانداق مىللەت ، ياش ، جىنىس ، كەسىپ چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ . تىزىملىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ .
تىزىملاش شەكلى : 1 ، تېلېفوندا تىزىملاش ؛ 2828025 ، 2814631 - 0991 ، 13809912583
2 ، تەشكىللىگۈچى ئورۇندا تىزىملاش : ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت يولى 38 - قورۇ . شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتخانىسى 505 - ئىشخانا
3 ، مىكرو بلوگدا تىزىملاش : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ سىنا مىكرو بلوگى
http://weibo.com/u/1615980787
تىزىملاتقۇچىلار بەش سۇڭلۇق تۇرمۇش سۈرىتىدىن بىر پارچە ئېلىپ كېلىپ ، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتخانىسىدىكى تىزىملاش نۇقتىسىدا ئىسىم - فامىلىسى ، يېشى ، مىللىتى ، جىنسى ، سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ . باشقا جايدىن كېلىدىغان ماھىرلار ئەڭ كېچىككەندىمۇ يۈز - تۇرانە سىناقتىن بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ .
دەسلەپكى سىناق ۋاقتى : 30 - ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 .
تەكرار سىناق ۋاقتى : 31 - ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 .
سىناق ئورنى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يېنىدىكى « دۆڭكۆۋرۈك مەززىلىك تائاملار ناخشا - ئۇسسۇل تىياتېرخانىسى » نىڭ 4 - قەۋىتىدە .
ئۇچۇر مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 22 - ماي سانى .
بەلكىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بايقالمىغان يېڭى چولپانلار مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
184
تۆھپە
87
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەتتە تالانتى بارلار ئۈچۈن بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى نامايەن قىلىدىغان ناھايىتى ياخشى پۇرسەتكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1059
تۆھپە
611
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭسىزمۇ سەنئەت ساھەسى بىزنىڭ بۇ يەردە بەك جانلانغان كەسپ ئىدى.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
496
تۆھپە
283
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  مەن  ناخشا  ئوقۇشنى بىلگەن  بولسام  باراتتىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-27 21:17, Processed in 0.069070 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991