(مايدىكى تۇرپان پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدىن خۇلاسە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، 1- مايدىكى تۇرپان تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇسابىقىنىڭ خۇلاسىسىنى قىلىش، خىزمەت ۋە ۋاقىتلىق توختىتىلغان تۇرپان بىرلەشمىسىنى باشلاش قاتارلىق بىر قاتار ئالدىراشچىلىقلار سەۋەبىدىن ۋاقىت چىقىرالماي قالدۇق، ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز.
ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىنى يېقىندىن قوللىغان، تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىشىغا كۈچ چىقارغان، قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ، نۇرغۇن چىقىملار بىلەن يىراق – يېقىندىن تۇرپان دىيارىغا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق كۇلۇب - كوماندىلارغا، كوماندا يېتەكچىسى، مەشقاۋۇل ۋە ئەزىمەتلەرگە تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمىز. بۇلۇپمۇ غۇلجا، قاراماي، قۇمۇل (جەسۇر، يىلتىز) قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا نەق مەيداندا كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈشكەنلىگە كۆپتىن – كۆپ رەخمەت، ئاللاھنىڭ رەھمىتى سىلەرگە بولسۇن، ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ ئالغا باسسۇن! ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجا كوماندىسىدىكى مۇسابىقە جەريانىدا يارىلانغان ئەيساجان، ۋاراتا (ئىسمىنى بىلىدىغانلار قوشۇپ قويساڭلا) ۋە باشقا كوماندىلاردىكى يارىلانغان قېرىنداشلاردىن تور يۈزىدە سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز (يارىدارلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىدىغانلار بىزنى خەۋەردار قىلغايسىلەر).
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە قاتناشقان كوماندىلارنىڭسەرخىللىقى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، تەسىرىنىڭ زورلىقى، سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىجەھەتتە تۇرپان پۇتبول تارىخىدا ئاز كۆرۈلگەنىدى. بۇنىڭدىن سىرت، مۇسابىقىسىنىڭقىزغىنلىقىغا قوشۇلغان ساخاۋەتمۇ كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
جاسارەت مەيدانى
ۋىلايىتىمىزدە ھەر يىلى 5 - ئاينى پۇتبول بايرىمى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ كۈنلەردە ھەر جايلاردىن كەلگەن پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن پۇتبول مەستانىلىرى جەمئىيىتىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى، كارخانىچىلارنىڭ تەشكىللىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تازا پۇخادىن چىقىدۇ. بۇ يىلمۇ ماي بايرىمى ئەنە شۇنداق قىزغىن، جۇشقۇن پۇتبول پەسلىنى، شۇنداقلا تۇرپان پۇتبول تارىخىدا كۆرۈلمىگەن كۆلىمى زور مۇسابىقىنى كۈتۈۋالدى.
بۇ يىلقى مۇسابىقە 12 - نۆۋەتلىك تۇرپان «پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇنى تۇرپان شەھەرلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى، كوممۇنىستىكياشلار ئىتتىپاقى تۇرپان شەھەرلىك كومىتېتى ئورۇنلاشتۇردى، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇسابىقىنىڭ بارلىق تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلىرىنى باش بولۇپ تەشكىللىدى، تۇرپان شەھەرلىك «پەتتار ئەسلىھەلىكيېزا ئىگىلىكى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش دىرېكتورى پەتتار قېيۇم ئەپەندى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى.
ئىلگىرى بۇ خىلدىكى مۇسابىقە ۋىلايىتىمىزدىكى پۇتبول كوماندىلىرى ئارا ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ يىل، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تۇرپان پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ۋىلايىتىمىز سىرتىدىكى كوماندىلار بىلەن ۋىلايىتىمىزدىكى كوماندىلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگەئىگە قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىز سىرتىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخنىكا ۋە تەجرىبەجەھەتتە بىر قەدەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان قاراماي «دولان» كوماندىسى، غۇلجا «ئىلىيۇلتۇزى» كوماندىسى، ئۈرۈمچى «ھۇررا كۇلۇبى» كوماندىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئىزچىلار» كوماندىسى، قۇمۇل «جەسۇر» كوماندىسى ۋە «يىلتىز» كوماندىسى قاتارلىق ئالتە كوماندىنى تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ دائىرىسى ۋىلايىتىمىزدىن ھالقىپ شىمالىي شىنجاڭ تەۋەسىگىچە كېڭەيدى(مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك نەچچە كوماندىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالماي قالدۇق، سىلەرنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭلارغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە سىلەرگە پۇرسەت بېرەلمىگەنلىكىمىزدىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمىز).
28 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ئۈچ كۈن داۋام قىلغان مۇسابىقە تولىمۇ جۇشقۇن، قىزغىنكەيپىياتتا، دوستلۇق ئاساسىدا كەسكىن ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى كوماندىلار ئۆزلىرىنىڭئالاھىدىلىكى ۋە تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ماھارىتىنىئىشقا سېلىپ ئوينىدى. مەيداننىڭ كەيپىياتىمۇ ئۆزگىچە يۇقىرى بولدى. ھەر قېتىملىقمۇسابىقىدە مەيداننىڭ تاماشىبىنلار سۇپىسى ۋە مەيدان ئەتراپى مەستانىلەر بىلەن لىقتولدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن، شۇنداقلا ئالدىنقى - كېيىنكى يېرىم مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا، مەخسۇس مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئاتاپ ئىجاد قىلىنغان جۇشقۇن پۇتبول ناخشىسى ياڭراپ، مەيدان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگەكۆتۈردى. پۇتبول مەستانىلىرى مەدەنىي، قىزغىن بولۇپ، ئۆزلىرى قوللايدىغان كوماندىلارغا «غەيرەت قىل!»، «بارىكاللا!»، «ھۇررا!» توۋلاپ مەدەت بېرىپ تۇردى.
بەزى مەستانىلەر ساھىپخانا كوماندا بىلەن قارشى ئويناۋاتقان كوماندىلارغىمۇ «قىزىل كالا» قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى سوۋغا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساخاۋىتىنى ھەم باشقا كوماندىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ توپ كۆرۈش ساپاسىنىڭمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ھەتتا بەزى پۇتبول مەستانىلىرى توپ كىرگۈزگەن ماھىرلارغا نەق مەيداندا 100 – 1000 يۈەنگىچە پۇل ئۆرۈم قىلىپ ئۈلگۈردى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا قاراماي، غۇلجا، ئىزچى كوماندىلىرىنىڭ كىيىمى، كىچىك توپ مەستانىلىرىنىڭ بەس – بەس بىلەن تالىشىدىغان بۇيۇمىغا، بۇ كوماندىلاردىكى ئەزالارمۇ تاماشىبىنلارنىڭ تالىشىپ رەسىمگە چۈشىدىغان، ئىمزا قويدۇرىدىغان چولپانلىرىغا ئايلاندى، بۇ بالىلار خۇددىي ئانىسىدىن ھېيتلىق ئالغاندەك بەخت تۇيغۇسىدا مەيداندا يۈگۈرۈشۈپ، چوقان قىلىشىپ كەتتى، بەزىلىرى ھەتتا چولپانلىرىمىزنىڭ كىيىملىرىنى تالىشىپ، خىلى يەرلەرگىچە بىر – بىرىنى قوغلاشتى. بۇنىڭدىن، بۇ كوماندىلار تېخنىكا ۋە سەۋىيە جەھەتتىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئومۇمىي ساپا جەھەتتىمۇ تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئوبراز تىكلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلىبولاتتى.
قاراماي «دولان» كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغاكەلتۈردى. غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى» كوماندىسى 2 - لىككە، ئۈرۈمچى «ھۇررا كۇلۇبى» كوماندىسى 3 - لىككە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئىزچىلار» كوماندىسى 4 - لىككە ئېرىشتى، يېپىلىش مۇراسىمىدا ھاياجانلانغان بىر قىسىم مەستانىلەر مۇكاپات سوممىسىغا ئۆز يىنىدىن پۇل قوشتى، نەتىجىدە چىمپىيۇن كوماندىسىنىڭ ئەسلىدىكى 7000 يۈەن مۇكاپاتى 9000 يۈەنگە يەتتى (قاراماي كوماندا يېتەكچىسى ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئېرىشكەن ئومۇمىي مۇكاپات 10000 يۈەندىن ئاشقان). 2-، 3-، 4- بولغان كوماندىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 5000 يۈەن، 3000 يۈەن ۋە 1000 يۈەن بىلەن، ئەڭ ياخشى مەرگەن بولۇپ باھالانغان ماھىر 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى. (ئەسلى ئۆلچەمدە 4- بولغان كوماندىغا مۇكاپات بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، لېكىن ھاياجانلانغان مەستانىلەر ئۆزلىرى پۇل چىقىرىشىپ، ئۇلارغا 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەڭ ياخشى مەرگەن مۇكاپاتىمۇ چاچ – ساقاللىرى ئاقارغان بىر دېھقان بوۋاينىڭ 200 يۈەن قوشۇشى بىلەن ئەسلىدىكى 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگە ئۆزگەرتىلدى).
ساخاۋەت مەيدانى
«22 - ئاپرېل» بوران ئاپىتى بۇ قېتىمقىمۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە بىر ئاز بېسىم پەيدا قىلدى. بىراق مۇسابىقىنىڭ تەشكىلىيھەيئىتى سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان كوماندىلارغا ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، مۇسابىقىنى ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن كوماندىلار تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن، غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى» كوماندىسى 5000 يۈەن، قاراماي «دولان» كوماندىسى 2680 يۈەن، قۇمۇل «جەسۇر» كوماندىسى ۋە «يىلتىز» كوماندىسى ئايرىم ھالدا 1000 يۈەننى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئىئانە قىلىپ، ساخاۋەتلىك كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلىدى. مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتىمۇ مۇسابىقىنىڭكىرىش بېلىتىدىن قىلىنغان 9216 يۈەننى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئىئانە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىئانە قىلىنغان 18896 يۈەن تۇرپان شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگەتاپشۇرۇپ بېرىلدى.
تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار مۇسابىقە ئاخىرىدا قىزغىن مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق، بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنى خۇددىي ئەنئەنىۋىي مەشرىپىمىزگە ئوخشاش ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بىزنىڭچە بولغاندا بۇنداق مۇسابىقىنى «پۇتبول مەشرىپى» دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. نۆۋەتتە پۇتبول مەشرىپىنىڭ كېيىنكى گۈل چېيىنى قاراماي ۋە قۇمۇل تەرەپ ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، مەيلى قەيەردە ئۆتكۈزۈلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىش ۋە ياخشى داۋاملىشىش. كېيىنچە شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە بەلكىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كوماندىلارمۇ پۇتبول مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنسا، پۇتبول مەشرىپى ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مۇسابىقە تۈرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
باتۇر، قەيسەر پۇتبول ئەزىمەتلىرىگە بارىكاللا، ئەلنىڭغېمىنى يەپ سېخىي قوللىرىنى كەڭ ئاچقان ساخاۋەتچىلەرگە بارىكاللا! شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان غەمگۇزار رەھبەرلەر، پۇتبولسۆيەر كارخانىچىلار، قەلبى ئاتەش پۇتبول مەستانىلىرىگە ئاپىرىن! بۇ قېتىمقى مۇسابىقەجاسارەت ۋە ساخاۋەت بىرلەشكەن، قەلبلەرنى تىترىتىپ، يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سالغان كاتتا پۇتبول مەرىكىسى بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرپاننىڭ پۇتبولچىلىقى تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تىگىشلىك ھەسسە قوشقۇسى!