ئۆزگىرىش
ـــ سەكرەيمەن......
ـــ مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ........
ـــ قويۋېتىڭلار ......................
ـــ ئا.......ۋاي جان ...............
يەردە ۋايجانلاپ ياتقان نىجاتنى ئۈمىد،قەيسەر تاشمۇھەممەتلەر يۆلەپ تۇرغۇزدى .نىجات كارۋاتقا چىقىپ بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئالدىدا ئولتۇرغان ياتاقداشلىرىغا سىنچىلاپ قارىدى .
ئۇنىڭ قارشىدىن سەل ھەيران قالغان قەيسەر :
ـــ نىمە بولدى ساڭا ؟ نىمە ئالا تاغىل سۆزلەپ يۈرۈپ كارۋاتتىن سەكرىۋالدىڭ ـــ يا ؟
ـــ قارا بېسىپ قاپتۇ . رەھمەت ساۋاقداشلار ،مەن چىقىپ ئۇخلاي .
نىجات شۇنداق دەپلا كارۋېتىغا چىقىپ كەتتى . باشقىلارمۇ ئارقا –ئارقىدىن كارۋاتلىرىغا چىقىپ ئۇيقىسىنى باشلىۋەتتى. لىكىن قەيسەرنىڭ ھىچ ئۇيقىسى كېلدىغاندەك ئەمەس . ئۇ نىجات توغۇرلۇق ئويلىنىپ قالدى .
نىجات ئوتتۇرا بوي ، تولىمۇ ئورۇق ،قوينىڭ قوزىسدەك ئىنتايىن ياۋاش ،سىنىپتا ھېچ بىر بالىلار بىلەن ئوشۇق تۆشۈك گەپ قىلىشمايدىغان ،دائىم ئۆز ئىشى بىلەنلا يۈرىيدىغان كەم سۆز قارۋاشراق بالا ئىدى.مەكتەپكە كەلگىلىمۇ بىر مەۋسۇم بولۇپ نەچچە ئايلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان بالىلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۇ بىر ئالى مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ھېچ بىر كىشىنىڭ كارى بولمىدى ،قەيسەر مۇشۇلارنى ئويلاپ تاڭ ئاتقاندا نىجات بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بېقىش نىيتىگە كەلدى ۋە ئۇخلاپ قالدى .
بۈگۈن كۈندە ئاسمىندىن توپا يېغىپ تۇردىغان خوتەننىڭ «بەركەتلىك»ئاسمىندىن ئانچە كۆپ توپىمۇ ياغمىغان ئىدى . ھاۋامۇ ئادەتتىكىدىن ياخشى ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3~4سائەتتە دەرىس بولمىغاچقا قەيسەر نىجات بىلەن پاراڭلىشدىغان ياخشى پۇرسەت كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. كۈتكەن پۇرسەت ئاخىرى كەلدى
ـــ بۇ ئىككى سائەت قىلدىغان ئىشىڭ يوقتۇ ئاداش ؟ تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۈچۈپ كەتكەن نىجات قولىدىكى كىتاپنى ئىتتىك يېپىپ قەيسەرگە قاراپ :
ـــ ياق . قانداق ياردەملىشدىغان بىرەر ئىش بارمىدى ؟
ـــ يا....ياق ،ئىشقۇ يوق . سەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دىگەن .
نىجات بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ماقۇل بولدى . ئۇلار مەكتەپ كۇتۈپخانا بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى سېدىلەرنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقلاردىن ئورۇن ئالغاندىن كىيىن قەيسەر سۆزنى باشلىدى:
ـــ نىجات ،بىز بىللە ئوقۇغىلى ساق بىر مەۋسۇم بولۇپ ئېشىپتۇ . سەن نىمىشقا بىز بىلەن ئارلىشىپ يېقىن ئۆتمەيسەن ؟
ئەزەلدىن تولىمۇ كەم سۆز ،جىق گەپ بىلەن خوشى يوق نىجات ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بىر ساۋاقدىشىغا ئۆز كەچمىشىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولىۋاتاتتى ، چۈنكى نىجاتنىڭ نەزىردە قەيسەر گەرچە قىزلارغا ئامراق ،ۋاتىلداق ،ئۇششاق سۆزنى جىق قىلدىغان بالا بولسىمۇ لىكىن ئوغۇل بالا دارچىلىقى بار دەپ قارايتى .
ـــ سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق ،مەن ساڭا گەپنىڭ نەخ يېرىنى دەپ بېرەي ،مېنىڭ بوۋا-موملىرىم تولىمۇ مەرىپەتپەرۋەر ،ئىلىم سۆيەر كىشىلەر بولۇپ ھەر ئىككىسى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەنتۇق . دادام ئەنە شۇنداق ئىلىم سۆيەر ئائىلدە تۇغۇلغاچقا تولىمۇ ئەدەپلىك ،ئەقىللىق ئىكەن ، مېنىڭ ئانام بوۋاملار ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئامبارچىسنىڭ قىزى بولۇپ دادام ئانامنى بىر كۆرۈپلا ياق تۇرۇپ قالغاچقا بوۋاملارنىڭ ئۇنمىغىنغا ئۇنىماي ئانامنى ئۆز ئەمرىگە ئالغان ئىكەن . چوڭلارنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلغاچقا ئاللاھ دادامنى جازالىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ بىلمىدىم ئانام مېنى تۇغۇش جەريانىدا كۆپ قانچىقىپ كېتىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ ،ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسا بوۋا-مومامنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى بولغاچقا «سېسىق توقىزىنجى »دەپ ئەيىپلەپ سولاققا تارتقان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قېلىپ ئانامنى «سېسىق توققىزىنجى»نىڭ كېلىنىنى داۋالىمايمىز دەپ دوختۇرلار داۋالىغىلى ئۇنماي ئانامدىن كۆپلەپ قان چىقىپ كېتىپتۇ . دادام ئانامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئاللاھدىن تىۋىنىپ ئانامغا نىجاتلىق تىلەپتۇ . ئەپسۇس ......تولىمۇ ئەپسۇس ،ئانام مېنى بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ قويۇپلا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دادام مېنىڭ ئىسمىمنى نىجات قويۇپ مۇ شۇ ياشقا كىرگىچە ماڭا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ كەلدى . مەھەلىدىكىلەر ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشنى كۆپ قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ ئۇ قەتئى ئۇنمىدى . شۇڭا مەن مەن ئۈچۈن جاپا چەككەن دادامغا ،مەن ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئانامغا يۈز كېلىشىم كېرەك .
ـــ ھەي نىمە دىگەن ئادالەتسىز دۇنيا بۇ ـــ ھە ؟
ــ خاتالاشتىڭ دۇنيا ئادالەتسىز ئەمەس بەلكى بىز ئادەملەر تويماس ،نەپسانىيەتچى ،پەسكەش ........
نىجتنىڭ دىگەنلىرىنىڭمۇ ئورنى بار ئىدى .ئەگەر ئادەملەر ئاشۇنداق بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلمىغان بولاتتى . قەيسەر نىجاتقا قاراپ :
ــــ سېنىڭ ئۈگنىشىڭ شۇنداق ياخشى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كېلىپ قالدىڭ ؟
ـــ دادامنى دەپ .
ـــ دادامنى دەپ ؟
ـــ ھە ئە .بىچارە دادم مېنى دەپ كۆپ جاپالارنى تارتتى . ئۈچ ۋاخ تاماق ئېتىپ ،كىر قات يۇيۇپ ...............ھەممىنى ئۆزى قىلدى ،ماڭا ھېچ ئىش بەرمەي ئوقۇتتى . لىكىن مەن دادامنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدىم . ئۆزۈڭمۇ بىلسە بۇ يىللىق ئالى مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى ئىمتاھانسىنىڭ ماقالە تىمىسى «مېنىڭ ئانام» مەن شۇ تىمىنى كۆرۈپ يىغلاپ چۈشكەنچە تاكى ئىمتاھان تۈككىچە يىغلاپ چىقىپ نەتىجەم تۆۋەن چىقىپ قالدى ، باشقا مەكتەپكە ھەقسىز ئۆتەلمەسلىكتىن قورقتىم ،شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ھەقسىز كەسپىگە مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتتۈم.
ــ بۇمۇ بىر ئالى مەكتەپ بولدىمۇ ؟ ئەگەر مەن سەندەك دەرىس بىلگەن بولسام قايتا ئوقۇپمۇ بولسا تەرەققى قىلغان شەھەردە ،داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇغان بولاتتىم ،ھەرگىزمۇ بۇنداق كۈندە توپا يىمگەن بولمايتىم .
ـــ بۇمۇ ئالى مەكتەپ بولدىمۇ ؟ ساڭا بۇ مەكتەپنىڭ نېرى يارمىدى ؟
ـــ نېرى بولىتى ؟ يېرىم ئوچۇق يېرىم يېپىق دەمدۇ ؟ يېرىم ھەربى ھالەتتىكى تۈزۈم دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر نىمە تۈزۈم دەپ مەكتەپ دەرۋازىسغا ساقچى قويۇپ قويغان ، باشلانغۇچ مەكتەپتەك كۈندە 8سائەتلەپ 8 سائەتلەپ دەرىس ئوقىغىنىمىز ئازلىق قىلغاندەك كەچتە يەنە مۇزاكىرە قىلغان ،دەرىستىن چۈشۈپ بىردەم يېرىمدەم قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىلىمۇ بولمىغان ،ياتاقنىڭ يا ياتاق دىگىدەك يېرى يوق ،چاشقان بىلەن سېسىق پۇتلا پۇرىغان ،ئادەمنىڭ ئەڭ غەزپىنى كەلتۈردىغىنى ئۇندا قىلساڭ نۇمۇر تارتىمە،بۇندا قىلساڭ نۇمۇر تارتىمە دەپلا تۇرغان ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەسكىلىك قىلساڭ ئىتاھاندىن ئۆتكۈزمەيمەن ، دىپلوماڭنى ئالالمايسەن دەپ ھەممە تەرەپتىن ئادەمگە بېسىم قىلغان . نەرى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنىڭ ؟ ئۇلار دەرسنى ياخشى ئۆتسە قايسى بىرىمىز بېشىمىزنى قويۇپ ئۇخلايمىز ،ئەگەر ئۇلار ھەقىقى مەدەنىيەتلىك ئادەملەر بولسا تەھتىت بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقەلى گەپ بىلەن بىزنى قايىل قىلمامتى ...................................
قەيسەرنىڭ ئۆز مەيلىچە بولسا ئۇنىڭ يەنە مەكتەپتە بىر قېتىم تاماق ئېلىش ئۈچۈن تۇرۇپ كېتىدىغان «تىزىلىشلار»نى مەكتەپتە ئىشلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى بىرمۇ –بىر سۆزلەپ چىققۇسى بار ئىدى ،بىراق ئۇ سۆزىدىن توختاپ قالدى .نىجات :
ـــ قانداق ؟ مەكتەپتىن زارلىنىپ بولدۇڭمۇ ؟
سېنىڭچە مەكتەپ رەبەرلىرىنىڭ كاللىسى يوقمىدۇ ؟ سەن ئويلىغان ئىشلارنى ئويلىمىغانمىدۇ ؟ ئۇلارمۇ بۇ مەكتەپنى سەن ئويلىغاندەك ،كۆڭلىڭدىكىدەك ئالى مەكتەپ قىلىپ باشقۇرغىسى باردۇ .لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلمايدۇ ؟ سەن بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان مەكتەپتە ئاشۇنداق سەن زارلىندىغان تۈزۈملەردىن باشقا كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ ؟
قەيسەر ئاستا جاۋاپ بەردى :
ــ ياق
ـــ مەكتىپىمىز بىزنى ئەنە شۇنداق چىڭ تۇتقاچ قىزلىرىمىز شەرمى ھايالىق ، ئەدەپلىك ،ئوغۇللىرىمىز ۋىجدانلىق ،ساپالىق .شۇڭا بىزنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر جەمىئەتتە مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ، سەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ ؟
ـــ ياق ئاڭلاپ باقمىدىم؟
ـــ ھازىرقى ۋاقتىمىزدا بىزگە نىمە كېرەك؟
ـــ بىزگە .....بىزگە ......
قەيسەر نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى
ـــ ھازىر بىزگە جەمىئەتكە چىققاندا ئىشىلتىدىغانغا بىلىم كېرەك . خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن خاتىرجەم تۇرمۇش كېرەك .خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن پۇل كېرەك . قورساقتا پۇل تاپقىدەك بىلىم بولمىسا پۇل نەدىكەن ؟ دەرۋازا ئوچۇق بولسا چىقىپ كوچا خاڭداپ ، تورخانىلاردا ئويناپ تۈزۈم بوش بولسا ھاراق ئىچىپ ،تاماك چېكىپ ،مۇھەببەتلىشىپ يۈرسەك ئاتا-ئانىمىز ئەۋلىيا ئەمەس كىيىنچە خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمەي جاپادا قالساق يەنە ھەر ئايدا 500~600يۈەننى بېرىۋىردىغان ، ئاللا خالىسا بىزمۇ «دادا،دادا پۇل بەر »دەيدىغانغا قورقىماي پۇل بېرەلىگىدەك ئادەم بولساق بولا .
«مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرىنىڭ شۇنچە چىڭلىقىدىن قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلرى تولىمۇ خاتىرجەم بولغان بولسا ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانسى ناھايتى خۇشال ،شۇنداق تۈزۈم ئاستىدا ھېچ بىر ئوقۇغۇچى ئەگرى يولغا مېڭىپ قالماي جەمىئەتنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالمايۋاتامدۇ ؟»قەيسەر كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ئازراق بىئارام بولدى ۋە :
ـــ ئاداش ،مەن ئاتا-ئانامغا خىيانەت قىپتىمەن ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىمغا ھاقارەت كەلتۈرۈپتىمەن. كۆڭلۈمدە ئالى مەكتەپ دىگەن ئوينايدىغان يەر دەپ ئويلىغاچقا ئىدىيە جەھەتتە ئويغانماپتىمەن . يۈرە مېنىمۇ ئۆز سېپىڭغا قېتىۋالغىن ، مەن سەن بىلەن قىيامەتلىك دوست بولاي .
ئۇلار پاراڭلىرىنى تۈگەتكەن ۋاقىتتا بايىقى ئوچۇق ھاۋا تېخىمۇ ئېچىلىپ كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، قەيسەر خوتەنگە دەسسىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق ئوچۇق ھاۋانى كۆردەك ھېس قىلدى . شۇ كۈندىن باشلاپ قەيسەر بىلەن نىجات ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدى ، قەيسەر نىجاتنىڭ سۆزلىرىنى بالىلارغا دەپ بەرگەندىن كىيىن باشقا بالىلارمۇ ئۇنىڭ پىكرىنىڭ راسىت توغىرلىقىنى دەلىللەپ پۈتۈن سىنىپنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى تولىمۇ يۇقرى كۆتىرىلدى ، ھېچكىم مەكتەپتىن زارلانمايدىغان بولۇپ كەتتى ، نىجاتمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىدىغان ،غەم قايغۇدا بىللە بولدىغان بولدى،پۈتۈن سىنىپ باللىرىدا ئادىمىلىك ،كۆينىش ،ئەخلاق –پەزىلەتنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن پەخرلەنگەن سىنىپ مەسئۇلى نىجاتنى پۈتۈن بالىلار ئارسىدا قاتتىق ماختىدى ،ھازىر ئۇلارنىڭ سىنىپ پۈتۈن مەكتەپ بويچە ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى بولۇپ باھالاندى .
2012-يىلى5-ئاينىڭ25-كۈنى
ئا.ئابلىز (ئۇچارى)