تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 10880|ئىنكاس: 13

چىۋىن ساناش خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ (مۇئەللىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1486
تۆھپە
272
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 02:29:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىۋىن ساناش خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ (مۇئەللىم)



    ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان بېيجىڭ شەھەرلىك شەھەر مۇھىتى كومىتېتى ئېلان قىلغان "ئاممىۋىي ھاجەتخانىلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۆلچىمى" بەس - مۇنازىرە قوزغىدى. چۈنكى "ئۆلچەم"دە ئاممىۋىي ھاجەتخانىلاردىكى چىۋىن سانىنىڭ ئىككىدىن ئاشماسلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى.

   "قېلىپلاشتۇرۇش"، "تەرتىپكە سېلىش" دېسە ھەدىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغان، "دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى كېسىدىغان" رەڭۋاز، شەكىلۋاز كىشىلەرنىڭ ئويلاپ تاپقان تۈزۈملىرىنى قاراڭ.  دېمىسەممۇ ھەممە كىشى بىلىدىغۇ، بۇ چىۋىن دېگەن نىجىسنىڭ قانىتى بار، قەيەردە مەينەتچىلىك بولسا شۇ يەرگە خالىغانچە ئۇچۇپ بارىۋېرىدۇ. يا ئۇلارغا ئۆچېرەت بەلگىلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ھەر بىر ھاجەتخانىغا ئىككىدىن تەقسىملەپ قويغىلى بولمىسا. قائىدە - تۈزۈمنى ھەرقانچە يوغان يېزىپ ھاجەتخانىغا چاپلاپ قويغان بىلەنمۇ يا چىۋىنلەر خەت تونىمىسا، قانداق قىلىپ ھەر بىر ھاجەتخانىدىكى چىۋىن سانىنى ئىككىدىن ئاشۇرماي كونترول قىلغىلى بولسۇن؟ شۇنداقمۇ قاملاشمىغان تۈزۈم بولامدۇ؟ بۇنى قانداقمۇ ئىجرا قىلغىلى، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولسۇن؟
      نېمىلا دېگەن بىلەن تۈزۈم دېگەن تۈزۈمدە؟ ئىجرا قىلماي نېمە ئامال دەيسىز؟ شۇڭا مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقاردۇق.

چىۋىن ساناش خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ!


    شەھىرىمىزدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەخسۇس چىۋىن ساناش خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ. خىزمەت ۋەزىپىسى ھاجەتخانىلاردىكى چىۋىنلەرنىڭ سانىنى ئىككىدىن ئاشۇرماسلىق. ناۋدا بىر ھاجەتخانىغا بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق چىۋىن كىرىۋالسا ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئارتۇقىنى چىقىرىۋېتىش، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان چىۋىنلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش.
ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى ئېلىپ ھاجەتخانىمىزغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ. (خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
695
تۆھپە
393
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:24:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھې ھىې  ........ يېڭىدىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن ئېلانغا تەشەككۈر .


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
911
تۆھپە
151
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:56:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يېڭى ئېلان ئىكەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
138
تۆھپە
86
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 15:18:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم ،بۇنداق ئالاھدە خىزمەت ئورنىنى بىزنىڭ ئاھالە كوممىتىتىغا خىزمەت ئېزدەپ كىلدىغان ھېلقانداقلارغا تۇنۇشتۇرايچۇ  {:158:


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
552
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 15:48:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى ئېلان ئىكەن، بىراق تولۇق كۇرستىن تۆۋەن بولسا بولامدۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1032
تۆھپە
665
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 16:57:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلاننىڭ سەركىسى


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
3
UID
16605
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 21:00:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى مۇشۇنداق ئېلانمۇ چىقىپتۇ ھە!!!~~  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
792
تۆھپە
284
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 23:12:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        خىزمەتچى خادىم  چوقۇم ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ ھېسابلاش ئىلمىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى(ئادەتتە ئىككىگىچە ساناشنى بىلسە بولىدۇ. چېۋىن سانى ئېشىپ كەتسە ئىككىدىن ئارتۇق چېۋىن بار ئىكەن دەپ قىياس قىلالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىلا لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ)، ئىنگىلىزچە تىل  ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشى(توفېل ئىتىھانىنىڭ 4-دەرىجىسىگە يەتسە بولار)، مۇناسىۋەتلىك ئىش ئورنىغا چىقىش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بولغان بولۇشى(كەسپىي تېخنىكا باھالاش ئورۇنلىرنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتى ئاساس قىلىنىدۇ) ، نوپۇسى چوقۇم  شۇ شەھەردە بولۇشى، بىيولوگىيە ۋە مىدىتسىنا ئىلمىدىن بەلگىلىك خەۋەردار بولۇشى، ھاشاراتلارنىڭ رېفلىكىس ئادىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا چېۋىن بىلەن باشقا خىل ھاشاراتلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك-تە!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
885
تۆھپە
595
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 00:03:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېھمەنىلىك  ئىكەن ،ھەقىقەتەن.


Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
411
تۆھپە
124
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 00:39:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق كۇرۇس ئالامدىكىن ياكى دىھقانچىلىقتىن چىققان ئىقتىساسلىق بولسىمۇ ئالامدىكىن.


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:29, Processed in 0.076728 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991