تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 19533|ئىنكاس: 20

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى كەمسىتىلىشكە ئەمەس، قوللاشقا مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
194
تۆھپە
244
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:17:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ھەممىڭلەرگە كەمىنە سادادىن ئوتلۇق سالام! ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ مەلۇم ئىشلار سەۋەبىدىن مۇنبەرگە قەدەم باسمىغىلى، مانا ھازىر كىرىپ قارىسام نۇرغۇن ئادەملەرنى تونۇيالمىدىم، يېڭىدىن تىزىملىتىپ ئەزا بولۇپ كىرگەن تورداشلار كۆپىيىپتۇ، مۇنبەردە ياخشى، مەنىلىك، كىشىگە بىلىم بېرەلەيدىغان تېمىلار كۆپىيىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن، تورداشلار بىلەن داۋاملىق تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئۇقۇم، يېڭى بىلىملەرنى تەڭ ئۆگىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايمەن. بۈگۈن قايتا كىرگەنكەنمەن مەنمۇ بىكار كىرمىدىم ئەلۋەتتە، سىلەرگە يېقىندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن ئېلىپ كەلدىم، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ تۆۋەندىكى تېمام ئۈستىدە ئورتاق پىكىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى كەمسىتىلىشكە ئەمەس، قوللاشقا مۇھتاج


    -قارىمامسەن ئاداش، شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ مۇسابىقە كۆرگىلى بارسام، شۇ بارغىنىمغا تۇشلۇق بىر توپ سولىيالمىدى ئەمەسمۇ ؟ ئەمدى ئىككىنچى بارمايمەن ئۇنداق پىسپاس مۇسابىقىنى كۆرگىلى...
    -بىز دىگەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇرنى بىلىسەن، دەسلەپ ئاتتەك چاپىمىز، كەينىدىن ئوق تەگكەندەك ياتىمىز، شۇ ياتقانچە توپىغا كۆمۈلۈپ كېتىمىز، 35 مىڭ تاماشىبىن بار مەيداندا بىر توپ سولىيالماي، ئۇنىڭدىن كۆرە دادا-ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىزدا كەتمەن چاپسىچۇ...
    -شۇنى دېمەمسەن ئاداش، بولدى ئىككىنچى كەلمەيمىز...
    بۇ گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىچىمنى ئاچچىق يۇتتى. 12-ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. بۇ مۇسابىقىنى تۆت يىلدىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن شىنجاڭلىقلار 12-ماي شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ، ماھىرلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈپ ، جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كۆپ تاماشىبىن رېكورتىنى يېڭىلىدى. شۇ كۈنى 35 مىڭ پۇتبول مەستانىسى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە << ھۇررا>> توۋلاپ، مۇسابىقە كەيپىياتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. شۇنچە كۆپ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى مەيداندا ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغاپ ئويناۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسىنى سەل تەمتىرىتىپ قويغان بولغاچقا 90 مېنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمەي تەڭلىشىپ قالدى.
    مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەن يۇقىرىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بەزىلەر توغرا چۈشەنگەن بولدى، بەزىلەر يەنە ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەردى. لېكىن ئويلاپ باقسام، ئاشۇ ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرگەنلەرگە بىز رەددىيە بېرىپ تۇرمىساق قەتئىي بولمايدىكەن. بولمىسا بىزنىڭ ئەمدى بىخ سۈرۈۋاتقان شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقۇپ كېتىشى مۇمكىن.
    بەلكىم نۇرغۇنلىغان تورداشلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 5-قانىلى << پۇتبول كېچىسى>> پروگراممىسىدا بەرگەن << مانا بۇ شىنجاڭ >> ناملىق قىسقا فىلىمنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ قىسقا فىلىمدا بىزنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ زىيارىتى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇلار شۇنداق دېدى:بىزگە 3000-4000 يۈەن پۇل بولسا يېتىدۇ، بىز شۇ پۇل بىلەن ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلساق، ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىساق بىزگە شۇ كۇپايە. ئويلاپ بېقىڭلار قېرىنداشلىرىم، ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭلار، چەت ئەللەردە بولسۇن، ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسۇن، مۇشۇ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزگە ئوخشاش پۇتبولچىلار نەچچە مائاش ئېلىپ توپ تېپىۋاتقاندۇ؟ بىز نۇرغۇن پۇتبولچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم سەۋەبىدىن توختامنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمما بىزنىڭ پۇتبولچىلىرىمىزچۇ؟ ئۇلارغا پۇل مۇھىم ئەمەس، بەلكى پۇتبول مۇھىم. بەلكىم دېگەن بىر گېپىنى ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىز مۇشۇنداق توپ ئويناپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بەرمەكچى! بۇ نېمىدىگەن ئالىيجاناپ روھ ھە ! بۇ ئەنە شۇ 17-18 ياشلىق 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن تېخى ياش. لېكىن ئۇلارنىڭ ئويلاۋاتقىنى ئۆزى قانچە جاپا تارتسىمۇ، ئىقتىسادىي كىرىم يارىتالمىسىمۇ، مەملىكىتىمىزگە، دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى بولۇپ كېتەلمىسىمۇ كېيىنكىلەرگە بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىش، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى !
    مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، بىزنىڭ ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا يەنە نېمە سەۋەبىمىز بار؟ پۇتبول مەيدانىدا يېڭىش-يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر پۇتبول مەستانىسى ئۆزى خالاپ << ھۇررا >> توۋلىغان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تاپمايدۇ دوستلار، شۇڭا مەيلى شىنجاڭ كوماندىسى ياخشى نەتىجىلەرنى قازانسۇن ياكى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرسۇن، بىز باشتىن ئاخىر ئۇلارغا مەدەت بېرىش، قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولايلى! چۈنكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى كەمسىتىشكە ئەمەس، قوللاشقا مۇھتاج !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Castle + 15

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 15  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 13:41:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز دوستۇم شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى كەمسىتىشكە ئەمەس، قوللاشقا مۇھتاج !
ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى


Rank: 6Rank: 6

تىللا
698
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 15:28:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇللايدىغانلار،،پەخىرلىندىغانلار،كۇڭۇل بۇلدىغانلار  95%ئىگەللەيدۇ ..


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
552
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 15:51:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوغۇل، ئوغۇل!
خەق ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرسۇن، بىز ھۇررانى تۇلاۋېرىمىز!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1032
تۆھپە
665
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 16:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايدىغانلار يەنىلا كۆپ ، خەقنىڭ شارائىتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ شارائىتىنى سېلىشتۇرۇپ بىر نەرسە دەيلى.
ئۇلارمۇ ھامان چۈشۈنۈپ قالار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
654
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 18:29:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن. غەيرەت قىلڭلار


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
352
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 18:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللاش كىرەك. جەڭ مەيدانىدا يىتىلگەن ماھارەت ئەڭ ياخشى ماھارەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1072
تۆھپە
523
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 19:46:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆرگىنى بېرىپ ئۇ گەپلەرنى دېيىشىمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ دېگەن بولىشىمۇ مۇمكىن ،لېكىن ماھايىتىنى چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ.
   توغرا، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى قوللاشقا مۇھتاج.


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 4

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
265
تۆھپە
103
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 20:52:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى كىم نىمە دىسۇن، زور كۆپچىلىكىمىز  رايونىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە قۇچاق ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.بىرمۇ توپ كىرمەيدىغان ئەھۋاللار خەلقئارادىكى بەزى مۇسابىقىلەردىمۇ كۆرۈلۈپ قالىدىغۇ ؟
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىچىدىنمۇ مارادونا ،مېسسى،بېكخام  ،رونالدولاردەك پۇتبول چولپانلىرىنىڭ  يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز.ئەزىمەتلەر، خەلقىمىز سىلەرگە كۆز تىكمەكتە !سىلەرنىڭ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭلارغا تەقەززا بولماقتا!


Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
1
UID
506
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 21:39:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە قوللاشقا مۇھتاج، بۇگۈنكى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ سەنگاڭ كوماندىسى مۇسابقىسىگە 35 مىڭدىن كۆپرەك تاماششىبىن قاتناشتى. گەرچە ئالدىنقى مەيداندا بېيجىڭ سەنگاڭ كوماندىسى بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاماششىبىنلار قىزغىن سادالىرى، مەدەت بېرىشى نەتجىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى مەيداندا 2 توپ ئۇرۇپ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. مەن شەخسەن ئۆزۈممۇ بۇ مۇسابىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىستىقبالى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھۇررا شىنجاڭ!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:28, Processed in 0.078649 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991