تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 7514|ئىنكاس: 10

«مايلامچى مەمۇرلارغا مەدھىيە!»(مۇئەللىم)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1486
تۆھپە
272
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 03:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مايلامچى مەمۇرلارغا مەدھىيە!»(مۇئەللىم)



    "جۇڭگو ياشلار گېزىتى" 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى.... 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شېنجېن شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردىن 8000 نەپەردىن ئارتۇق دۆلەت مەمۇرى كوچىغا چىقىپ ھەقسىز ئاياق مايلاش، چاچ ياساش، رىمونتچىلىق ... قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.....
    توۋا دەيمەن! 8000 نەپەر دۆلەت مەمۇرى خىزمەت كۈنىدە خىزمەت ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرمەي، كوچىغا چىقىپ مايلامچىلىق ۋە ساتىراچلىق قىلسا خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەت ئورنىدا ئولتۇرماي نۇرغۇن ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەستىن ئەكسىچە پۈتكۈل مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى زادى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈگۈلۈك؟
    ئادەتتە كوچىغا چىقىپ ساتىراچلىق ۋە رىمونتچىلىق قىلىش تۈگۈل تامنىڭ تۈۋىدىكى 1 كۋادرات مېتىرلىق ئورۇننى ئىگەللەپ مايلامچىلىق قىلسا قوغلاپ سۈر توقاي قىلىۋېتىدىغان شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتىدىكىلەر نەگە كەتكەندۇ؟
    بىز مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ ئادەتلەنگەن. بىز يەنە شۇ بويىچە بۇ مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىپ باقايلى.

1. ئىقتىسادىي ئۈنۈم


    خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان گۇاڭ نىڭ خۇ ئىسىملىك بىر مەمۇر 8 جۈپ ئاياق مايلىغان. بىر جۈپ ئاياغنىڭ مايلاش ھەققىنى 3 يۈەندىن ھېساپلىساق يېرىم كۈندە خەلق ئۈچۈن 24 يۈەنلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. شېنجېن شەھىرىنىڭ مەمۇرىلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مۇئاشى 7 -8 مىڭ ئەتراپىدا. شۇ بويىچە ھېساپلىغاندا يېرىم كۈنلۈك مۇئاشى 150 يۈەندىن ئاشىدۇ. 150 يۈەن ئېلىپ 24 يۈەنلىك ئىش قىلىپ بەرسە .....
دېمەك بۇ پائالىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى مەۋجۇت ئەمەس.


2. ئىجتىمائىي ئۈنۈمى


    8000 نەپەر مەمۇر شۇ يېرىم كۈن ۋاقىت ئىچىدە ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئىللىق چىراي ۋە يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىش بىجىرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىشىنى بىجىرىپ، ئىش بىجىرىشتە قىيىنچىلىق ياكى ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلارغا ياردەم قىلغان بولسا مېنىڭچە ئەلۋەتتە بۇ ئاياق مايلاپ ۋە ياكى ساتىراچلىق قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بولاتتىغۇ دەيمەن.

ئەمدى بىز مەزكور پائالىيەتنىڭ دۆلەتكە ۋە جەمىئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى توغرىسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى.

     1. شېنجىن شەھىرىدە مايلامچىلىق، ساتىراچلىق، رىمونتچىلىق بىلەن كۈن ئېلىپ جان بېقىۋاتقان، ئائىلىسىنى قامداۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. 8000 نەپەر مەمۇر مەزكۇر پائالىيىتى شۇ كىشىلەرنى يېرىم كۈنلۈك تاپاۋەتتىن ئايرىدى. ئايىقىنى ھەقسىز مايلىتىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ھېچقانچە چوڭ ياردەم ئەمەس، ئەمما مايلامچىلىق بىلەن جان بېقىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ زەربە، يەنى بۇ ئۇلارنىڭ بىر كۈن ئاچ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەجىبا بۇ مەمۇرلار بۇنى پەقەتلا ئويلىمىغانمىدۇ؟
    2. مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن مەمۇرلارغا مەخسۇس كۆك رەڭلىك مۇلازىمەت كىيىمى سەپلەپ بېرىلگەن. بۇ يېرىم كۈنلۈك پائالىيەت ئۈچۈن 8000 قۇر كىيىم سېتىۋېلىندى دېگەنلىك. بىر قۇر كىيىمنى 100 يۈەندىن ھېساپلىساقمۇ بۇ 800 مىڭ يۈەن بولىدۇ دېگەن گەپ. بۇ پۇل قەيەردىن كەلگەن؟ ئەلۋەتتە دۆلەت مالىيىسىدىن يەنى پۇقرالار تاپشۇرغان باجدىن چىقىم قىلىنىدۇ. پۇقرالار تاپشۇرغان باجدىن 800 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ پۇقرالار ئۈچۈن زادى قانچە پۇللۇق ئىش قىلىپ بېرىلدى؟
سەمىمىي تەكلىپ:
    ھۆرمەتلىك مەمۇرلار، زادى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش نىيىتىڭلار بولسا ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىللىق چىراي، كىچىك پىئېل بولۇپ ئىش بىجىرگىلى كەلگەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ياردەم بېرىڭلار. خەلق سىلەردىن مىننەتدار بولىدۇ.
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان چىقىملارنى تېجەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارغا ئىئانە قىلىڭلار.
مايلامچى، ساتىراچ ۋە رىمونتچىلارنىڭ ئىشىنى تارتىۋالماي ئەكسىچە پات پات ئايىقىڭلارنى مايلىتىپ، چېچىڭلارنى ياسىتىپ ... تۇرۇڭلار. شۇندىلا شۇ ئەمگەكچىلەر سىلەردىن مىننەتدار بولىدۇ.
شۇندىلا مەنمۇ ھەم سىلەرگە ھەقىقى مەدھىيە ئوقۇيمەن.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5589
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 10:23:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم، سىز مۇنبەردىن يوقاپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، سىزدەك بىر تالانتلىق ئىستىدات ئىگىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن مەن بەك ئەپسۇسلانغانىدىم، مانا بۈگۈن سىزنىڭ يەنە بىر تېتىملىق تېمىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مۇنبىرىمىز سىزنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ، ئۇنداق جىم-جىملا يوقاپ كەتمەڭ، ئادەمنى ئەنسىرىتىپ قويىدىكەنسىز.


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 1

ئىسىمى
نىجات قۇربان
تىللا
38
تۆھپە
12
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 13:46:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىش قەشقەردىمۇ يولغا قويۇلۇپ قالسا قانداق قىلارمىز؟  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1078
تۆھپە
617
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:26:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇلارنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتتىغۇ. ئۈرۈمچىلەرگىمۇ يېتىپ كەلمىسىدى دەپ قالدىم. ھازىرقى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ قايسى بىرى تېلىۋىزورغا، گېزىت-ژورناللارغا چىقىۋېلىشنى ئويلىمايدۇ دەيسىز. ئوخشاش كىيىم كىيىشنى قويۇپ تۇرايلى، خىزمەتچىلىرى يېرىم كۈن (ئەمەلىيەتتە 3 سائەتتىن ئاشمايدۇ) تۇرۇپ تەشۋىقات ماتىريالى تارقىتىپ بەرگىنىگە ئېزى 30 سوم، كۆپى 200 سومدىن تارقىتىپ بېرىدىغان ئىدارىلار خېلى كۆپ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 15:08:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا شىنجاڭغا  يېتىپ  كەلسە، مەن ھەرقايسىڭىزلارنىڭ  ئايىقىنى  مايلاپ  بېرىش  پۇرسىتىدە ئازراق  بولسىمۇ  ئاپتاپلىق  كوچىدا ئولتۇرۇپ  دەم  ئېلىۋالارىدىم!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 15:09:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayberchin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 12:26
ھازىر ئۇلارنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتتىغۇ. ئۈرۈمچىلەرگىمۇ يېت ...

شۇنداق  ئىدارىدىن  بىرىگە يۆتكەلسەم  بولاتتى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 2

تىللا
161
تۆھپە
25
UID
671
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشنى راستىنلا ئىلىپ بارغان ،بۇ پۈتكۈل مەملىكەت تەۋەسىدە تۇنجى قىتىم .بۇنداق پائالىيەت شىنجىن شەھرىدە ھەر ھەپتقدە تۈرلۈك مەزمۇندا ئىلىپ بىرىلىدۇ


Rank: 4

تىللا
339
تۆھپە
154
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:54:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇئەللىم»نىڭ مۇئەللىمدەك تېما يازغىنىغا رەھمەت. باشقا مۇئەللىملەرنىڭمۇ مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
170
تۆھپە
59
UID
4110
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 00:24:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر كۈن ئىش تاشلاپ «خەلق ئۈچۈن» خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پاك دىيانەتلىك بىلەن ئىشخانىسىدا ئىش  بىجىرگىنى ياخشى ئىدى، مانا بۇ ئەمەلىي خەلق ئۈچۈن ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.


Rank: 2

تىللا
57
تۆھپە
24
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:38:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:27, Processed in 0.082112 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991