پۈتۈن شىنجاڭدىكى تورداشلاردىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار .بىز بولساق خوتەن ۋىلايىتىدىن بولىمىز .... ھازىرقى خىزمەت ئورنىمىز بولسا جۇڭگو نېفىتى تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى خوتەندىكى تىجارەت نۇقتىسىدا ئىشلەيمىز. ئاساسلىق خىزمىتىمىز بولسا ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي قاچىلاش . ئەسلىدە بىز بۇ شىركەت بىلەن توختاملاشقان ۋاقىتتا 24سائەت ئىشلەپ 48سائەت دەم ئالىدىغانغا پۈتۈشۈپ توختاملاشقان . ھازىر بولسا 24سائەت ئىشلەپ 24سائەت دەم ئالىمىز .....ھەم پونكىتتا ئادەم بەك ئاز .يەنى شۇ پونكىتتا ئىشلەيدىغانلار ،ماي قاچىلايدىغان قاتناش ۋاستىلىرى بەك كۆپ ، شۇڭلاشقا ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك بىردەم ئىشلەيدىغانلار ئاز دەيدۇ .بىردەم ھازىر ۋەزىيەت بەك مۇرەككەپ شۇڭلاشقا نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىڭلار دەيدۇ. قاچان توختامغا قول قويغاندەك دەم ئېلىشىمىز بولىدۇ دېسەك بىرنەچچە كۈندىن كېيىنلا دەيدۇ .شۇنداق دېگىلىمۇ بىرە ئاي بولدى . كۆپ قېتىم شىركەت رەھبەرلىرىنى ئىزدىگەن بولساقمۇ ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىدۇق ...ئېيتىڭلارچۇ؟ قانداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالايمىز ..ياكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بارامدۇق؟
|