1. ئەمدى رەسمى تۈگەشتىڭ
بىر كىشى ئادەم يەيدىغان قەبىلىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇ ئاسمانغا قاراپ،
- مەن تۈگەشتم -، دەپ ۋارقىراپتۇ.
دەل شۇ چاغدا ئاسماندىن سادا كېلىپ:
- سەن تاشتىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ، قەبىلە باشلىقىنىڭ كاللىسىنى يەنجىۋەتسەڭ بولىدۇ، - دەپتۇ.
ئۇ دېگەندەك قەبىلە باشلىقىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
ئۇ چاغدا ئاسماندىن يەنە سادا كەپتۇ.
– سەن ئەمدى رەسمى تۈگەشتىڭ.
2. شىركەت ئۈچۈن
دىرېكتور بىلەن مۇئاۋىن دىرېكتور دەرياغا سۇغا چۈشكىلى بېرىپ، دىرېكتور دەرياغا چۆكۈپ كېتىپتۇ، شىركەتتىكىلەر مۇئاۋىن دىرېكتوردىن سوراپتۇ:
- دىرېكتور دەرياغا چۆكۈپ كەتكەندە سىز ئۇنى كۆرگەنمىدىڭىز؟؟
- كۆرگەن، مەن دەريا بويىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم.
- نېمە ئۈچۈن سىز دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالمىدىڭىز؟؟
- مەن ئۇ چاغدا شىركەتنى ئويلىدىم، ئەگەر ھەر ئىككىلىمىز سۇغا چۆكۈپ كەتسەك، شىركەتنى كىم باشقۇرىدۇ.
3. چىرايلىق ئايال ۋە تىلەمچى
بىر كۈنى بىر ياش تىلەمچى يىگىت، يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ، بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ، ئۇ ئۆيدىن چىرايلىق ئايالدىن بىرى چىقىپ، ئۇ يىگىتكە قاراپ:
- ھەي بالا، سەن شۇنداق ياش بولغاندىكىن تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگىچە، بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەپ جېنىڭنى باقساڭ بولمامدۇ، - دەپتۇ.
ئۇ بالا:
- ماقۇل خانىم، شۇنداق قىلاي، دېگىنىڭىزغۇ توغرا، مېنىڭچە سىزمۇ شۇنداق چىرايلىق بولغاندىكىن، ئۆيدە ئولتۇرغىچە سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى - دەپتۇ.
4. ساقچى بىلەن ئوغرى
بىر كۈنى ساقچى باشلىقى ئۆزى يالغۇز بىر جىنايەتچىنى تۇتۇۋاپتۇ، ئۇنى ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ھىلىقى ئوغرى:
- ھۆرمەتلىك ساقچى باشلىقى ئەپەندىم، ماشىنىنى توختىتىپ تۇرغان بولسىڭىز، مەن ئالدىمىزدىكى ماگىزىنغا كىرىپ بىر قاپ تاماكا ئېلىپ چىققان بولسام، - دەپتۇ.
ھېلىقى ساقچى:
- سەن مېنى ئالداپ قويۇپ قېچىپ كەتمەكچى، شۇنداقمۇ؟ مەن ھەرگىز ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى سەن ماشىنىدا مېنى ساقلاپ تۇرغىن، ساڭا تاماكىنى ئۆزۈم ئەكىلىپ بېرەي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-21 12:38