
كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمىكىن ، يىقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى يەنە ئىستانسا بەلگىسىنى ئۆزگەرتىپتۇ . بىلىشىمچە بۇ XJTV نىڭ 4- قىتىملىق ئىستانسا بەلگىسىنى ئالماشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ . ئاڭلىساق بۇ قىتىمقى بەلگە لايىھەسىنىڭ ئىلھامى يىپەكتىن كەلگەنمىش، كىشىلەر يىپەكنى كۆرگەندە ،كاللىسىغا دەررۇلا يىپەك يولى كىلەرمىش. يىپەك يولى كۆز ئالدىڭىزغا كەلدى دىمەك ،تەبىيلا شىنجاڭ كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ دىمەكچىكەن. بۇ ئىستانسا تېخى 2009 - يىلىلا يېڭى بەلگە ئىشلەتكەنتى ، ئۇنىڭ لايىھە ئىلھامىنى خوتەن قاشتېشىدىن كەلگەن ، بېيجىڭدىكى پۇستانى ئاتاقلىق ئىلان شىركىتى نەچچە يىل باش قاتۇرۇپ لايىھەلەپ بەرگەن دەپ ماختنىپ يۈرەتتى، بۇ قىتىم نەچچە يىل ئۆتمەيلا يەنە ئۆزگەرتكىنىنى پەقەت چۈشەنمىدىم، ئۆزگەرتسىمۇ كۆركەمرەك بىر بەلگىگە ئۆزگەرتكەن بولسا كاشكى ، ماڭا پەقەتلا يارىمىدى، ھازىرغىچە ئىشلەتكەن 4 بەلگىنىڭ ئىچىدە ئەڭ سەتى مۇشۇمىكىن دەپ ئويلىدىم. تۈۋەندىكىسى بۇ ئىستانسا ئىلگىرى ئىشلەتكەن بەلگىلەر .

توردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، XJTV نىڭ قايتا بەلگە ئۆزگەرتىشىگە، بۇ ئىستانسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئىشلەتكەن بەلگە خەلقئارالىق بىرتەشكىلات بولغان Oxfam 乐施会 نىڭ بەلگىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ پەقەتلا يۈنۈلىشىدىلا پەرىق بار. شۇڭا بۇ ئىستانسا كېيىن ئۇ تەشكىلات بىلەن دەۋا- دەستۇرغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن. بەلەىسىنى ئۆزگەرتكەن بولىشىى مۈمكىن دىيىلىپتۇ . Oxfam ھەققىدىكى ئۇچۇر . http://baike.baidu.com/view/156536.htm
|