كۆرۈش: 7497|ئىنكاس: 12

قىزنىڭ جاۋاپ خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
5
UID
14169
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:41:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزنىڭ جاۋاپ خېتى

    ئاشىق بىقارار بولغان بىر يىگىت قىزغا كۆڭلىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي ،ئاخىرى ئۇنىڭغا ئېلىخەت ئەۋەتىپتۇ . بۇ قىز ئادۋوكات بولۇپ ، ئۇ يىگىتنىڭ ئىلخېتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ،شۇئان خەت قايتۇرۇپتۇ.

يىگىت: تاتلىقىم ،سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن . سىز ئۈچۈن ئاتا-ئانامدىن كېچىشكە رازىمەن. بۇ قەسەملىرىمگە تەڭرى گۇۋاھ ،سىزگە ئەڭ چوڭ بەخىتنى ھىس قىلدۇرىمەن.

  قىز : 1.  <<تاتلىقىم >> ئوبيېكتى ئېنىق ئەمەس ، تەكلىپ بىرىش ياكى ۋەدە بىرىشتە چوقۇم  ئېنىق ئوبېيكىت بولۇشى كېرەك : 2. << سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن>   قارىماققىلا ئادا قىلغىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ، ئىناۋەتسىز ماددا دېيىشكە بولىدۇ ، بىراق باشقا ماددىلارنىڭ ئىناۋەت كۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ : 3. << سىز ئۈچۈن  ئاتا –ئانامدىن كېچىشكە رازىمەن >> ئوچۇقلا ئىجتىمائى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلىق ، ئىناۋەتسىز ماددا .  چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى : 4. <<- قەسەملىرىمگە تەڭرى گۇۋاھ >> گۇۋاھلىق بېرىش ياكى ھۆكۈمەت گۇۋالىقىدىن ئۆتكۈزۈشتە مۇنتىزىم  ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى  ئورنىغا بېرىش كېرەك : 5.  << سىزگە ئەڭ چوڭ بەخىتنى ھېس قىلدۇرىمەن >> پۈتۈشۈش  ئېنىق بولمىغان ، چۈنكى ئوخشاشمىغان ئوبېكىتنىڭ بەخىت ئۇقۇمىغا بولغان چۈشىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ .

يىگىت : قايسىبىر كۈنى سەھەردە ئۆيىڭىزنىڭ  ئالدىغا بېرىپ ، ئۆز-ئۈزۈمگە :

<< ئەگەر سىزمۇ مېنى سۆيسىڭىز ، قېنى دېرىزىڭىزنى ئېچىڭ >> دېدىم . ئاقىۋەت دېرىزىڭىز راستىنلا ئېچىلدى .

قىز : بۇ ئۇقۇشماسلىق ، سەھەردە دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كۈندىلىك ئادىتىم.

يىگىت:ئەگەر مەن بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز ، سىز ئۈچۈن ئات- ئىشەك بولۇشقا رازى ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن .

قىز : بۇ ئادىل بولمىغان ، ئىناۋەتسىز قىلىشقا بولىدىغان ماددا ،  چۈنكى قانۇندا ئەر- ئايال باراۋەر . تەرەپلەر ئادىل ، باراۋەر بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ ھۇقۇق – مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك .

يىگىت : ئەگەر تەلىپىمگە قۇشۇلمىسىڭىز ، بىز تونۇشقان جايدىكى دەريادا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن . دەريانىڭ قىپقىزىل قېنىم  بىلەن بويالغىنى سىزگە بولغان مۇھاببىتىمنى ئىسپاتلايدۇ .

قىز : بىرىنچىدىن ، بىر تەرەپ تەھدىت سېلىش ۋاستىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام ئىناۋەتسىز توختام  بۇلىدۇ . ئىككىنچىدىن ، مۇھىتنى بۇلغاش ئاممىنىڭ  مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ، شۇڭا مۇھىتنى بۇلغىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۇرۈشتۈرلىدۇ .

يىگىت : ئەگەر سىزگە ساتقىنلىق قىلسام ، ھەر قانداق جازانى قوبۇل قىلىشقا رازىمەن .

قىز :بۇ خىل جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس .

يىگىت : سىزنى سۆيۈپ يامغۇرلۇق كېچىدىكى تەنھا كىچىك قىزىل مۇچ .

قىز : خەت يازغۇچىنىڭ ئىسمى ، ئىناۋەتلىك كىنىشكا نومۇرى ياكى ئېنىق ۋاقتى ئەسكەرتىلمىگەن ، خەت- چەك ئالاقىسىگە ماس كەلمىگەن .

مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
575
تۆھپە
196
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇنچىلىق گېزىتىگە دەھشەت نەرسىلەر بېسىلىدىكەن ھە !
كەسىپتە پىشقان قىزكەن.


ئۇيقۇسىزلىق نېمىدېگەن يامان!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
523
تۆھپە
298
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 15:08:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىز چوقۇم دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي ئادۇۋكات بولسا كېرەك...........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
798
تۆھپە
601
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 15:48:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھې ھې


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1472
تۆھپە
566
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 18:05:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەت قىپتۇ ئۇ بالىنىڭ كۆڭلىنى، قىزىقارلىقكەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diし__SiЯi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 18:05  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
954
تۆھپە
637
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 19:20:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇنىي جەھەتتىن ئۇلار ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدىكەن.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
146
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 21:50:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىگىت داۋاملىق مۇھەببىتنىى ئىپادىلەۋەرسە قىزمۇ قانۇن چۇشەندۇرۇشلىرىنى بىرىۋەرسە بوپتىكەن.خىلى ئوبرازلىق.رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
637
تۆھپە
331
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 00:29:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TAKDER يوللىغان ۋاقتى  2012-5-9 21:50
بۇ يىگىت داۋاملىق مۇھەببىتنىى ئىپادىلەۋەرسە قىزمۇ قان ...

ئەڭ  ياخشىسى  ئوچۇق  سوت  ئاچسىلا  بولمامدۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1641
تۆھپە
1331
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 09:34:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئوچۇق  سوت ئھچسا بولمايدىغان  يېرى باردۇ يە،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
571
تۆھپە
328
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 10:39:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىت ئادۇكاتنى ياخشى كۈرۈپ قالغۇچە باشقا كەسىپتىكىلەرنى ياخشى كۆرگەن بولسا بۇنچىلىك پاسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالماس بولغۇتتى ھە!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-8 12:10, Processed in 0.079889 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991