سورىساڭ مۇنبەرگە نىچۈن كىرمەيسەن ؟ پات-پاتلا تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتىسەن؟ بىر ئىككى تىمىغا ئىنكاس يىزىپلا . جىمجىتلا مۇنبەردىن چىقىپ كىتىسەن؟
ھە بوپتۇ ئاڭلىغىن ئىيتىپ بىرەيمەن. ئىچىمدە دەردىمدە كۆپ تۆكۈپ بىرەيمەن. بەزىبىر ئىشلاردىن كۆڭلۈم بۇزۇلدى. سەۋەپنى ھەممىگە ئىيتىپ بىرەيمەن.
بۇ مۇنبەر ئەسلىدە بەك ئاۋات ئىدى. گوياكى بىرگۈزەل باغچىدەك ئىدى. نىچۈنكى بىلمىدىم نۇرغۇن مۇنبەرداش. تۇيۇقسىز مۇنبەردىن غايىپلا بولدى.
يوللانسا بىر يىڭى تىما مۇنبەرگە چېلىقار ئەڭ ئاۋال ھەممە كۆزلەرگە. كۆرۈلسە بىر تىما ئەگەر مىڭ قىتىم ئىنكاسلار ئارانلا يەتتى ئون بەشكە.
ئوغرىدەك ماراپلا تىما كۆرىمىز . يا بىررەت خۇش كەيپ ئىنكاس يازمايمىز. شۇ ئاپتۇر شۇ بىرتال ئەسەرنى دوستۇم. قانچىلىك جاپادا يازار بىلمەيمىز؟
بىرمەزگىل مۇنبەرگە چىقمايمۇ باقتىم. قەلەمنى بىرمەزگىل تاشلاپمۇ باقتىم. كۆنگەننىڭ خۇيلىرى تاكى ئۆلگۈچە. دىگەندەك مۇنبەرگە يەنىلا چاپتىم.
يوللىغان تىمامغا چۈشكەن ئىنكاستىن . مەن رازى بولمۇدۇم پەقەت دوستلاردىن. ئىنكاسنىڭ كۆپ قىسمى كۆرسەم يەنە شۇ. باشلىنار تىرىشىڭ ياكى رەھمەتتىن.
بۇ تۇغرا تىرىشىڭ يا رەھمەت دىيىش. ئاپتۇرغا مەدەت ۋە ئىلھاملار بىرىش . ۋە لىكىن كەم بولدى ھەر بىر تىمىغا. قورقماي ۋە دادىل پىكىرلەر بىرىش.
بەزىمىز تىمىنى تاللاپ كۆرۈشتۇق. تىمىنى ئىنكاسسىز ماراپ يۈرۈشتۇق. يۇرۇتۇپ بىرەلمەي كەمچىلىكلەرنى. ئويۇنچۇق كەبىلا تاشلاپ قۇيۇشتۇق.
دوستلىرىڭ ماڭسىمۇ خاتا يوللاردا. چىدامسەن دوستۇم دەپ كارىڭ بولمىسا. ئۈزۈڭنى تىخىچە دوستى چاغلامسەن. يۈرۈگۈڭ زەررىچە دەرتكە تولمىسا .
كەچۈرۈڭ دوستلىرىم بەك قايناپ قالدىم. كۆڭۈلگە كەلگۈدەك گەپ قىلىىپ سالدىم. ئاخىرى بۇ كۆڭۈل سۆزلەرنى ئىيتىپ . ئۆزۈمچە يەڭگىللەپ ھەم بوشاپ قالدىم.
ئىجادىيەت سېپىگە يىڭى كىرگەننى . قوللاپ قويساقكەن يىزىپ ئىنكاسنى قورقماي يوشۇرماي كۆرسىتىپ بەرسەك. خاتالىق ۋەھەمدە كەمچىلىكىنى.
تىرىشساق ھەممەيلەن كىلىىپ ھەركەتكە. پۈركىسەك مۇنبەرنى خۇشبۇي گۈللەرگە. تەلىۋىم خۇشياقسا يېزىڭلار ئىنكاس. تۇرۋالماي دوستلىرىم چۆمۈپ سۈكۈتكە. ** ** ** بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسى كۆز قاراش ئەيىپ ئالماڭلار. |