تىك تۇرۇپ ياشايمەن تاغلارغا ئوخشاش
ئەقىدە قەلبىمگە تىكلەنگەن مۇنار،
ھەممىدىن ئەۋزەلى ساداقەت - ۋاپا.
پۇرسەتنى قولۇڭدىن كەتكۈزۈپ قويساڭ،
پۇشايمان ئالغىلى يوق ساڭا قاچا.
ئۆرلىدى پەلەككە ئىرادەم مەزمۇت،
بەختىمنى يەلكەمدە يۆلەپ ياشايمەن.
كۈلپەتلەر ھەر كۈنى ئۇدۇل بولسىمۇ،
غەلىبەمنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ ياشايمەن.
كىيىكنىڭ دەردىنى ئوۋچى بىلمەيدۇ،
چېچىكى تۆكۈلگەن دەرەخلەر دەردتە.
ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك يۈرمەيدۇ،
تاشلارغا ئۇيىغان قانلار ھەسرەتتە.
ياشىدىم ھەممىنى سېلىپ ئىچىمگە،
بەك ئېغىر تاشلارغا ئايلانغان پەرۋاز.
ئاپتاپقا قاقلىنىپ تىك تۇرغان چوقا،
شامالغا، بورانغا بولغان ئېگىز دار.
« تاتىلاپ - تاتىلاپ يوغىنار يارا،»
ئىرادەم ئۆسمەكتە سوزۇپ كۆككە باش.
تاتىلاپ - تاتىلاپ قانايدۇ يارا،
تىك تۇرۇپ ياشايمەن تاغلارغا ئوخشاش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 10:46