ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىر: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئۈستىگە ئالغان، 40 كىشلىك ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ۋەكىللەر سەنئەت ئۆمىكى›› 15 - فېۋرالدىن 28 - مارتقىچە ئامېرىكىدا ئويۇن قويۇپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.
ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللي ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆمەك باشلىقى بەختىيار ئابدۇۋايىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 20–فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش پائالىيتى جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ئامېرىكا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يېرىم سودا خاراكتېرىنى ئالغان نەپ يەتكۈزۈش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، شۇنداقلا چەت ئەلدە ئويۇن قويغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللي ئوركېستىر ئۆمىكى 27–مارت ئىللىنويى ئىشتاتىنىڭ چارلىستون بازىرى ئىللىنويى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن قويدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭنىڭ ناخشا–مۇزىكىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە رىشتىسىنى مەھكەم باغلىدى، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن ئادەملەر بىلەن لىق تولغان مەيدان كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېقىملىق مۇزىكىلانىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت مۇزىكا ئۈچۈن چىن ئىشتىياق بىلەن ھۇزۇرلىنالايدىغان تۇيغۇ بولسىلا كۇپايە بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. گەرچە تىل-يېزىقلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئاڭلىغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سازلىرىدىن چىقىۋاتقان، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان گۈزەل مېلودىيەلەرنى، دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان جاراڭلىق ناخشىلارنى، شۇنداقلا ناخشا بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن لەرزان، يېنىك ئۇسسۇللارنى يېقىملىق مۇزىكىلار، ناخشا ئاۋازى ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ لەرزان بەدەن تىلى ئارقىلىق چۈشەندى ۋە يۇقىرى باھالارنى بەردى.
ئۆمەك يەنە 28–فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹مارشال›› تەنتەربىيە سارىيىدا، چۈشتىن كېيىن قاناس ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئويۇن قويدى. 29–فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، چارىستون ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە، چۈشتىن كېيىن شۇ يەردىكى تەنتەربىيە سارىيىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر مەيدان ئويۇن قويدى. ھەر قېتىمقى ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، ھاياجانلانغان تاماشىبىنلار سەھنىگە چىقىپ ئارتىسلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ۋە ئۇلاردىن نەق مەيداندا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئۆگەندى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللي ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئابدۇۋاھىت مۇنداق دېدى: تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى بىزگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا، شۇنداقلا بىزنىڭ روھىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىدۇ. ھەر قېتىم ئويۇنىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشسىلا، بۇ بىزنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ماتىرىيال سۈرەتلەرنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى تەمىنلگەن:
