تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 27574|ئىنكاس: 56

ئوقۇتقۇچىلار سىرچىلىق قىلىۋاتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
باتۇرجان مەمەت
تىللا
100
تۆھپە
105
UID
13718
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلار سىرچىلىق قىلىۋاتىدۇ




    ھازىر دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتىدۇ،جۈملىدىن مائارىپ ئىشلىرىمۇ ئاساسى جەھەتتىن قانۇن ئىزىغا سېلىنىپ،مائارىپ خىراجىتى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى،شۇنىڭغا ماس ھالدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك شارائىتلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەتتاكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش رېمونت ھەققىنىمۇ ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ،مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە بىر قىسىم ئادەتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى قانۇننى كۆزگە ئىلماي،تەتىل ۋاقتىدا مەكتەپنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى« يۇقۇرى»دىن( قايسى دەرىجىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىگى نامەلۇم) تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالماقچى دېگەننى باھانە قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق تەتىللىك ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلىپ،2012-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپكە يىغىۋالغان،ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە يىغىلغاندىن كېيىن 1-كۈنى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلغان، مەكتەپنىڭ مەيدان ۋە باشقا جايلىرىدىكى ئىگىز-پەس ئورۇنلارنى تۈزلەش ئەمگىگىگە سېلىنغان،2-كۈنى نورمال خىزمەت ۋاختىدا ئىشلىمىگەن(ئەلۋەتتە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئورۇنلاشتۇرسا ئاندىن ئوقۇتقۇچىلار ئىشلەيدۇ -دە)ئەخلاقى تەربىيە ئارخىپلىرىنى ئىشلىگەن،كەچتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشتا بارلىق ئوقۇتقۇچىلار(8-ئاينىڭ 8-كۈنى) كونا كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىپ،مەكتەپنىڭ سىنىپ ئىشخانا تاملىرىغا涂料بېرىش،بارلىق رىشاتكىلارنى سىرلاش ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بۇ ئىش دەل قەشقەر شەھىرىگە تەۋە مەلۇم يېزىسىدىكى «غازى ئەمەت»تەك داڭلىق رەسساملارنىڭ تۇنجى ئەقىل بۇلىقىنى ئاچقان بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بولىۋاتىدۇ،ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشىنەلمەيۋاتقىنى-مەكتەپ ھويلا ئاراملىرىنى تۈزەشتۈرۈش،ھويلا-ئارام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا ھۆكۈمەت مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىدىغان تۇرسا،بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەخسۇس خىراجەتنى نەگە ئاپىرىدىغاندۇ؟،ئوقۇتقۇچىلار قانۇنلۇق تەتىللىك ئارام ئېلىش ۋاختىدا سىرچىلىق قىلسا بۇنى سۈرۈشتە قىلىدىغان،باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردە يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشنى تۈزۈتىدىغان ۋە چەكلەيدىغان ئورۇن بارمۇ؟ئوقۇتقۇچىلار قاچانغىچە خورلۇققا ئۇچراۋېرەر؟
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1209
تۆھپە
967
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يۇللانمىڭىزغا تەشەككۈر.....
سەكرا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5909
تۆھپە
2719
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 10:39
ئەھمىيەتلىك يۇللانمىڭىزغا تەشەككۈر.....

بۇنى قانداق ئەھمىيەتلىك تېما دېدىڭىز؟ سەۋەبىنى ئاڭلاپ باققۇم بار...
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1250
تۆھپە
475
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئوقۇتقۇچىلارنى  ‹ ھۈنەرلىك بولۇپ قالسۇن  › دىگەن چېغى ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 10:57  

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1180
تۆھپە
663
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس ئاجرىتىلغان خىراجەت مەخسۇس ئادەمنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ھەممەيلەن بىلىدىغان مەخپىيەتلىك.

Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
12
UID
22730
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ئىدارە ئورۇنلاردا دەم ئىلىش كۈنلىرىدە ئىشلىسە مۇۋاپىق   ئىش ھەققى قۇشۇپ بىرىلىدىغۇ دەيمەن ...شۇڭا ئارتۇق ئىشلىگەن كۈنىگە مۇۋاپىق ئىش ھەققى بەرسە بۇلىدىغۇ دەيمەن ...
چىقىمنى تېجەيمەن دەپ مۇئەللىملەرنىڭ دەم ئىلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىدىغان ،باشقىلارنىڭ قان -تەرى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى «سۆيىدىغان » مۇنداق رەھبەرلىك كۆپ....ھەي

Rank: 2

ئىسىمى
ئوپراتور
تىللا
54
تۆھپە
25
UID
19120
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ سىپىدىكى بەزى غالجىر ئەمەلدارلارنىڭ ئىششى بۇ، مەنمۇ  مەكتىپىمىزدىكى بەزىدە ئىشلارغا ئىچىم-ئاچچىق، تىشىم سۈكۈت..     بۇنى يەنىلا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىر تەرەپ قىلغىنى تۈزۈك، لىكىن بۇنى تۈزەيدىغان ئادەم قىنى؟ ھۆكۈمەت قىنى؟؟ مۇشۇنداق  مائارىپتىكى ناھەق ئىشلار بەك جىقلاپ كىتىپ بارىدۇ،  ....

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
593
تۆھپە
298
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سۇرىسام: ئۇ مۇدىر مەخسۇس خىراجەتنى يىغىپ قېيىن ئانىسىنى ھەجگە ئاپىرىدۇ دەيدىغۇ؟؟!!
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
15
UID
170
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنجى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرسا بۇمۇ پايدىلىق ئەمەس !!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
783
تۆھپە
388
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىل ئاخىرىدا ھۆكۈمەت مالىيەنى تەكشۈرگەندە نۇرغۇن پۇللارنىڭ تىجىلىپ قالغانلىقى بىلىدۇدە، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى يوغان قوساق مۇدىراخۇننى يىللىق مۇنەۋەر باشلىق سايلايدۇ ئەمەسمۇ، مانا بۇ ھەقىقىي «باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەلەش» بولىدۇ.
http://uygur.xjjt.gov.cn/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-13 13:01, Processed in 0.079124 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991