«xxx ئەرلەر» دېگەن تېما ھەققىدە ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەزىزلەر: كەمىنە يېڭى ئەزا ئىنىڭلاردىن ھەممىڭلارغا سالام، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلىرىڭلار خاتىرجەملىككە تولسۇن! مەلۇم قېرىندىشىمىزنىڭ «xxx ئەرلەر» دېگەن تېمىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، ئۇيغۇر ــ ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن دېسە ھەممىدىن بۇرۇن ئات چاپتۇرىدىغان مىللەت بىز. ئۇيغۇر ــ شەرمىي - ھايا دېسە ھەممىدىن بۇرۇن ئېغىز ئېچىپ نەسىھەتلەر تۆكىدىغان مىللەت بىز. شۇنداق، بىز شۇنداق بىر مىللەتكەنمىزكىن، ھەممىنى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلەپ، ئۆزىمىزگە كەلگەندە پەقەت دىققەت قىلمايمىز (پەقەت ئاز ساندىكىلىرىنى دېمەكچى). ئاپتور بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم، قەلەم كۈچىڭىزگە قايىلمەن، لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇ تىلغا ئالغۇسىز گەپلەرنى شۇنچە مۇھىم بىلىپ ئىشلىتىسىز؟ مۇشۇ بىزنىڭ ئەدەب - ئەخلاق قائىدە سۆزلىگىنىمىزمۇ ؟؟؟ سىز توردا ئېلان قىلغان مۇشۇ تېمىڭىزنى چوڭ - كىچىك ھەممە قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ كۆرىدىغىنىنى ئويلىمىدىڭىزما؟؟ يەنە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى بىلىدىغان باشقا مىللەتلەر كۆرمەسمۇ؟؟؟ بىز ئۇيغۇرنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئەخلاقلىقلىقىنى مۇشۇنداق چاكىنا تېمىلار بىلەن يوققا چىقىرىمىز ... سىز دېگەن ئاشۇ «xxx» سۆزىڭىزنى مېنىڭ سىڭلىم بىلمەيتتى، مانا ھازىر بىلدى، مېنىڭلا ئەمەس، سىزنىڭ قىزىڭىز، سىڭلىڭىز باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ھەممە كۆردى... شۇنداق ئاشۇ سەبىيلەرنىڭ لۇغىتىگە يېڭى سۆزدىن بىرنى قوشۇپ قويدىڭىز، شۇلار شۇ گەپنى مەلۇم ۋاقىتتا كەيپىياتى ناچار چاغدا، ئەتراپىدا كىم بار، كىم يوق دىققەت قىلماي دەپ سالىدۇ... بۇنداق ئەھۋالدا بىز نېمە دەيمىز ؟؟؟ - توۋا، كىچىككىنە تۇرۇپ نەدىن ئۆگەنگەندۇ بۇ گەپنى - توۋا ئۆزى چىرايلىق، تىلى مەينەت، سەت قىزچاق (ياكى يىگىت) كەن - دەپ ئەيىبلەپ كېتىمىز، ئويلاپ بېقىڭ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى كىم ئۆگىتىۋېتىپتۇ؟ يەنە قاراڭ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇنبەردىكى قىزلارمۇ، مۇنبەردە ئاكا - ئىنىلىرىمىز، ھەتتا دادا يوللۇق كىشىلەرمۇ بار دېمەي، ئۆزىمۇ بىلمەي شۇ گەپنى قىلىپ قويدى، ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئانا تىلىمىزنى بىلىدىغان يات بىر مىللەتنى كىرىپ شۇ سۆزنى كۆرسە، ئويلاپ بېقىڭ، ئۇلار كاللىسىغا نېمە خىياللارنى ئەكىلەر؟ پىرىنسىپ سۆزلىگەندە نېمە ئۈچۈن بىزنى ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ؟ بىز ئاغزىمىزغا كەلدى دەپلا ھەرقانداق گەپنى، بولۇپمۇ مۇشۇنداق گەپنى سورۇن تاللىماي قىلىدىغان مىللەتمۇ؟؟؟ ياق، بىز بۇنداقلاردىن ئەمەس ئەزىزلىرىم... ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاكىمىز مۇنداق دەپتىكەن:
مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم، مىلەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم. ئۆز تىلىنى خار قىلغان مىللەت خار مىللەت، ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم.
راست، بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىز چۈشۈرىمىز، تۆۋەن قىلىمىز، مىللەتنىڭ خارابلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلۈكىدىن باشلىنىدۇ، ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلۈكى، ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولماسلىقىدىن باشلىنىدۇ، ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولماسلىقىغا ئۇلارنىڭ كەمبەغەل، جاپا - مۇشەققەتكە چىدىماسلىق، ئېتىقادسىزلىقى سەۋەب بولىدۇ.
ـــ ئا.جالالىدىن قاراڭ، سىز ئەيىبلىمەكچى بولغان ئىشنىڭ تېگى - تەكتى نەدىن باشلىنىدىكەن، ئەسلى سىز ياخشىراق باش قاتۇرغان بولسىڭىز، ئىشىنىمەن، بۇ يازغان تېمىڭىز تېخىمۇ مەزمۇنلۇق، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ياخشى بولۇپ چىقاتتى. بىر جەمئىيەتتە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ چاكىنىلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى ــ زىيالىيلارنىڭ ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىدۇر. جەمئىيەتشۇناس ـــ زۇلپىقار بارات ئۆز باش. كەمىنە كىچىكلىك قىلىپ ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 10:43
|