
ئالتۇننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىلىق تەرىپى بەكلا كۆپ . ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بارچە ئىلمنىتلار ئىچىدە ئالتۇن ئىلمىنتىمۇ نۇرمال ئورگانىزىم فۇنكىسيسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .
كونىلار<< ئالتۇن ئەقىلنى ساپلاشتۇرىدۇ ، زىھنىنى ئاچىدۇ >> دىگەن . ئادەتتە بىزدە بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈنلۈك بولغاندا << قىرقى >> دەپ مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت بولۇپ مۇشۇ ۋاقىتتا ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى سۇ بار قاچىغا سىلىپ ئاندىن شۇ سۇدا بالىنى يۇيىدىغان ئادەت ھىلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە .
بۇ ئادەتمۇ ئالتۇننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىلىق تەسىرىنى ئاتا -بوۋىلىرىمىز ھىس قىلىپ يەتكەنلىكىنىڭ مىسالى .
ئادەتتە ئاسان ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدىغان ، زىھنى قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان ،نىرۋىسى ئاجىز كىشلەر ئالتۇن سۇيىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تىۋىپلاردىنمۇ ئاڭلىغانتىم .
تەتقىقاتچىلار ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ رېماتىزىم كېسەللىكى ۋە سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى
ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇلار 30نەپەر ئالتۇن ئۈزۈك تاقايدىغان رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ قول بوغىمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان بارماقلارنىڭ بوغۇم سۆڭىكىنىڭ چىرىش ۋە زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ يىنىك ئىكەنلىكىنى ،ھەتتا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان بارماق ئەتراپىدىكى باشقا بوغۇملارغىمۇ پايدىسى بولىدىغانلىغىنى ،ئالتۇننىڭ تەسىرى تېرە ياكى لېمفا ئارقىلىق ،بوغۇم ۋە قوشنا بوغۇملارغا يىتىپ بېرىپ ،سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
ھازىر بىر قىسىم ئەرلىرىمىز ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن زەنجىر سىلىۋالدىغان بولۇپ قالدى . ئالتۇننىڭ مۇشۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ئەرلىرىمىزنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك ، زەنجىر دىگەنلەرنى سىلىۋىلىشى دىنى جەھەتتىمۇ ، مىللى ئادىتىمىزدىمۇ مىنىڭچە توغرا ئەمەس .ئالتۇن زىبۇ -زىننەت خانىم -قىزلارغا لاتاپەت ، گۈزەللىك بىغىشلىغىنى بىلەن ئەرلەرنى ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق ، شىجائەت ، قەيسەرلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ . يەنىلا ئەرنىڭ ئەردەك ياشىغىنى ئەلا !
بەزى دوسىتلار ئۇنداقتا ئەرلەر كۈمۇش ئۈزۈك سالساق بولارمدۇ ؟؟؟ دەپ سورىدى .
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى مەن << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا يازغان ئىدىم .
شۇ تور بەتتىن كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر !!! ئالتۇنغا باھاسى ۋە ئىقتىساتقا دائىر يازمىلار ۋە مۇلاھىزىلەر --بىر مىسقال ئىقتسات تورىدا ...
www.1miskal.com
مەنبە . بىر مىسقال ئىقتىسات تورى