تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 5797|ئىنكاس: 9

سەن يوق ( شېئىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
486
تۆھپە
182
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:48:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن يوق


كېلەر يولۇڭغا تەلمۈرۈپ باقسام نىگارىم يوققۇسەن؟
دەرياسىدا سۆيگۈڭنىڭ ئاقسام نىگارىم يوققۇسەن؟


يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ تېشىلدى مېنىڭ كۆزلىرىم ،
كىرپىكىمنى تال قىلىپ قاقسام نىگارىم يوققۇسەن؟


ئىشقىڭدا ياندىم ئوت بولۇپ ،جىسمىمنى ھەم چوغلىدىم،
كۆزلىرىمنى چاقماق قىپ چاقسام نىگارىم يوققۇسەن؟


سېنى باغاش ئېتەي دەپ چىن سۆيگۈمنىڭ يولىغا ،
تاغ گۈلىدىن پايانداز سالسام نىگارىم يوققۇسەن؟


ئىشەنمىسەڭ گەر ماڭا ،تەقدىم قىلاي دەپ ساڭا ،
يۈرىكىمنى قولۇمغا ئالسام نىگارىم يوققۇسەن؟


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:47:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنمىسەڭ گەر ماڭا ،تەقدىم قىلاي دەپ ساڭا ،
يۈرىكىمنى قولۇمغا ئالسام نىگارىم يوققۇسەن؟  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
1194
تۆھپە
765
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 00:28:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن،شىئېرنى ئەجەپ كىلىشتۈرۈپ،مەزمۇنلۇق،تەسىرلىك يېزىپسىز،ئوقۇغان كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
خاسىيەت ئىمىن
تىللا
135
تۆھپە
71
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 11:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل بەرگىن سەنمۇ ھەم،
ساڭا كۆيگەن  يۇرەككە.
ئاداققىچە سۆيۈب ھەم،
گۇل تاجىسى قىلغانغا....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
486
تۆھپە
182
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 13:56:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرباننىياز ئەپەندى ،خاسىيەت خانىم ،گۈلشەن خانقىز  رەھمەت سىلەرگە !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 17:43:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئىشقىدا كۆيسەم دۋايىمغا نىگار سە يوق،
بىدار تۈنلەردە تولغانسام پىغانىمغا نىگار سەن يوق.

يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ ھەر كۈن كۈزۈمدىن ئاققىنى قان-ياش،
ۋىسال شامىنى كۈتۈرۈپ ئازابىمغا نىگار سەن يوق.


چىمەنلەردە تۈكۈپ سىرنى يۈرەككە مۇڭ مۇھەببەتتىن،
بۇلۇپ زىلتار لىرىك كۈيدەك دۇتارىمغا نىگار سەن يوق.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
486
تۆھپە
182
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 18:52:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئەپەندى ،رەھمەت سىزگە!
  



                            بولۇپ مەن خۇش ناۋا بۇلبۇل ،بولسۇن دىسەم سېنى بىر گۈل ،
                            نېتەي ئەمدى؟! خۇش پۇراقلىق گۈلزارىمدا نىگار سەن يوق .

بولۇپ مەن خۇش ناۋا بۇلبۇل ،بولسۇن دىسەم سېنى بىر گۈل ،
نىتەي ئەمدى؟! خۇشپۇراقلىق گۈلزارىمدا نىگار سەن يوق .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
486
تۆھپە
182
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 18:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرارلىنىپ قاپتۇ ،ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىز .


Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
37
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 22:43:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلەر يولۇڭغا تەلمۈرۈپ باقسام نىگارىم يوققۇسەن؟
دەرياسىدا سۆيگۈڭنىڭ ئاقسام نىگارىم يوققۇسەن؟

بۇ شېئىرىڭىزنى شۇنداق ياخشى يىزىپسىز مۇنۇ مىسىرالىرىڭىز ماڭا بەك ياقتى.
شېئىرىڭىزغا قۇشۇمچە قىلىپ قويدۇم مىنى كەچۈرۈڭ ؟ رەھمەت

سىزنى دەپ تەلمۈرۈپ  تۇرۇپ قالدىم نىگارىم قايدىسەن ؟
كۆزلۈرۈمگە ئۇيقۇ كەلمەي دىلدارىم ئاغرىپ قالدىم نەدەسەن؟
بۇ ئۈمرۈمدە سەندىن باشقا بىرىنى ئەسلا سۆيمۈدۈم جانىم بارمۇسەن؟
يىتەي دىگەن ۋىسالىڭغا يىتەلمىدىم كۆز يۇمغۇچە كۆرۈشكىلى كىلەمسەن؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
787
تۆھپە
450
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 03:56:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         يوللىرىغا تەلمۇرۇپ باققان نىگارىڭ قاي يىگىت،
         ئوتىدا كۇيۇپ،سۇيىدە ئاققان نىگارىڭ قاي يىگىت.

        پەرھاتمۇ ئۇ ياكى ئەل-يۇرت ئۇچۇن تاغ تېشەر،
        سەۋرى بويلارىڭ ئىگىك، چاققان نىگارىڭ قاي يىگىت.

         قايسى خىسلىتتى سېنى رام قىلدى مەككەم ئۆزىگە،
      سەن ئۆزەڭگە «بەختىم»دەپ ئېيىتقان نىگارىڭ قاي يىگىت.

          بەلكىم ياشلىق سىرىڭدۇر روھىڭغا بايلىق ئاتىغان،
          بۇلار  تەلەيلىك قەلبىڭگە ياقان نىگارىڭ قاي يىگىت.

          ۋىسال قۇشقان پەيتىدە مېنىمۇ قىلغايسەن شاھىت،
           قۇت تىلەيمەن توي تارتىپ، تاپقان نىگرنىڭ قاي يىگىت.

         

         
      


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:38, Processed in 0.076538 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991