مائاش ئۆسەمدۇ ،مال -باھا ئۆسەمدۇ؟
ئايلىق ئۆسىدىكەن ، دېگەن گەپنى ئاڭلىسا ئايلىق ئالىدىغان ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا، سودىگەر- تىجارەتچىلەر ھەممىدىن بەك خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىدۇ ، ھەم ئالدىراش -تىنەش مال باھاسىنى تەڭشەپ ،ئالىدىغان ھايان پايدىسىنى ھىساپلاپ ئۈلگۈرىدۇ .لېكىن سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ ، دەپ ئۆسكەن ئايلىقنىڭ ھۆججىتى چۈشمەي تۇرۇپ ، ياكى ئەمىلىيلەشمەي تۇرۇپ ، ئايلىقچىلار ھەر ئايلىق ئېستىمال خىراجىتىنى باشقىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى،بازار ئۇلارنىڭ ئۆسكەن ئايلىقىنىڭ قاچان ئەمەلىيلىشىپ قۇلىغا تىگىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ -دە . بازارغا پەقەت قايسى پارچە-پۇرات ئەمەلدارلارنىڭ ياكى سەھەر گېزىتىنىڭ «ئايلىق ئۆسىدۇ » دېگەن ئېلان خاراكتېرلىك بىرەر جۈملە سۆزى ياكى سەرلەۋھەلىك ماقالىسى بولسىلا بولدى . ئۇنداقتا ، ئاشۇ ئۇششاق ئەمەلدارلارغا ، گېزىت ئىدارىلىرىغا ياكى تەشۋىقات ئۇرۇنلىرىغا ئايلىق ئۆستۈرۈش ھوقۇقىنى كىم بەردى ؟ پۇل ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىن چىقمىغاندىكىن ، بۇنداق خەۋەرلەرنى كەلسە -كەلمەس تەشۋىق قىلىۋېرىدىغان گەپمۇ؟ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىغا قارىتا تۈزۈم- سىياسەتلىرى يوقمۇ ؟ ئەگەر راستىنلا ئىشەنچىلىك خەۋەر بولسا ، مەركەز ياكى يەرلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ تامغا باسقان ، قىزىل جىيەكلىك ئاق ھۆججىتى قېنى ؟ شۇ ھۆججەتنىمۇ بىللە چىقىرىپ ، خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلىشمامسەن! يانچۇقچىنىڭ باش -ئاخىرى يوق گەپلىرىگە ئوخشاش قالايمىقان تەشۋىق قىلىۋېرىدىغان گەپمۇ؟بۇ ئېنىقلا بازار تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغانلىق بولماي نىمە ؟ ئايلىق ئۆستىمۇ دەيلى ، ئۇ قاچان ئەمەلىيلىشىدۇ كىم بىر نېمە دېيەلەيدۇ ، ھەتتا بەزى رايونلاردا بىر يېرىم يىل ياكى ئىككى يىلغىمۇ سوزۇلۇپ كىتىدۇ ، تېخى كىلەر قېتىملىق ئايلىق ئۆستۈرۈشكىمۇ بېرىپ تاقىلىپ قالىدۇ .سەۋەبى نىمە ؟ ھۆججەت چۈشمىدى ياكى مالىيەدە پۇل يوق !لېكىن كەسكىن بازار رىقابىتى ،شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتقان مال باھاسى ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ساقلىمايدىغان بولۇپ كەتتى . ئۇنداقتا ، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ، مال باھا ئىدارىلىرى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟ راسىتنى ئېيتسام كومپارتىيەنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئايلىقىغا باشقىلارنى بىلمىدىم مېنىڭ ھەممىدىن بەك قورسىقىم ئاغرىيدۇ ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قولىدىن ئىش كەلمىگىنىنى ئاز دەپ كانىيى پوق .ئەلۋەتتە ،ئۇلار شۇنداق كۆپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختۇتۇلامدۇ ؟سودا- ساراي ياكى ئۇششاق -تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تاقىۋىتەلەمدۇ ؟خەلق ئاممىسىنىڭ تەخىرسىز ئېستىمالىغا چەك قۇيالامدۇ ؟! ئۇنداق قىلالمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار دۆلەتكە توختىماي باج -كىرىم يارىتىدۇ ،ئۇلارنىڭ پايدا -كىرىمى قانچە ئاشقانسېرى باج كىرىممۇ شۇنچە ئاشىدۇكى ھەرگىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ . ئۇلارنىڭ پەقەتلا قىلالايدىغىنى ،ئەسلى ماددىي بايلىقلارنىڭ(ئاشلىق ۋە ئىقتىسادى زىرائەتلەر) ئېتىزدىن چىقىش ، زاۋۇت -كانلاردىن چىقىش ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ، سۇ ،توك …باھاسىنىلا كونتىرول قىلايدۇ ، لېكىن ئەممە ئادەمنىڭ ئېتىز باشلىرىغا ، زاۋۇت ،كان-كارخانلارغا بېرىپ ئېستىمال قىلىشقا نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ! شۇڭلاشقا ، گېزىتخانا ، تەشۋىقات ئۇرۇنلىرى ، ئۇششاق ئەمەلدارلار ئۆسكەن ئايلىقنى يانچۇقۇڭلاردىن چىقىرىپ بەرمىگەندىكىن ، ھۆججەت چۈشمەي تۇرۇپ ياكى ئەمىلىيلەشمەي تۇرۇپ شۈپەك ئېغىزىڭلارنى يۇمۇۋېلىڭلار !!! بازار باھاسىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ، ھۈكۈمىتىمىز تۈرلۈك ھاللاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ چارە-ئاماللار ئۈرۈمچى ، شىخەنزە …دىگەندەك چوڭراق شەھەرلەردىكى چوڭ-چوڭ تاللا بازارلىرىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلىگىنى بىلەن ، بۇلۇڭ -پۇشقاقلاردا ، ناھىيە ، يېزا-بازارلاردا نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن . مەسلەن ، ياپۇنىيەنىڭ يادرو زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندە ، دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن يىمەكلىك تۇز« قىسىنچىلىق»نى تىلغا ئالىدىغان بولساق ،مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە بەس-بەس بىلەن يىمەكلىك تۇز سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ، تۇزنىڭ باھاسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ كەتتىغۇ ، بۇمۇ بىر تەشۋىقات خاتالىقى ئەمەسمۇ ؟ ھۆكۈمىتىمىز مەخسۇس كىشى قويۇپ ،جىددى ھەم كەسكىن چارە قوللانمىغان بولسا بۇ بازار مالىمانچىلىقىنى ئوڭشىيالمىغان بولاتتى . ئەمىلىيەتتە ،ئەسلى بار بولغان زاپاس تۇز ئالتە ئاي تۇز ئىشلەپچىقىرىلمىسىمۇ بەھەزۇر يىتەتتى . يىغىنچاقلىغاندا، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ، مال باھا تارماقلىرى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىش تۇتۇپ ، بىرەر كىمنىڭ ئەرز ئېيتىپ ئالدىغا كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي ، ھەرمىنۇت ، ھەر دەقىقىدە ، ھەر جايدا جىددى ھەم كەسكىن چارە قوللىنىپ ، چىكىدىن ئاشقان ھايانكەشلەرنىڭ تويماس نەپسىگە توختاتماي پوق كەپلەپ تۇرۇشى كېرەك . ھۈكۈمىتىمىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قاتار بىمەنە تەشۋىقاتلارغا قاتتىق چەك قۇيۇشى كېرەك ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن .
مەنبە:
ئابدۇكېرەم راھمان ئالىپ يازمىسى http://www.yuksel.me/1755.html |