ئالىملار قانداق يېمەكلىكلەر يەرگە چۈشۈپ كەتسە يېيىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى] تېمىسى: 3 سېكۇنت قائىدىسىگە ئىشىنەمسىز؟
كىم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى تېرىۋېلىپ ، قولغا ئېلىپ بىر پۈۋدەپ بولۇپ ، ئۇنى يېگەندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ؟
ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، قەدىمىي ساختا پەننىي «3 سېكۇنت» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئۆز–ئۆزىمىزگە «يېمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يېسە ھېچ ئىش بولمايدۇ» دەيمىز ، بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى تۇغما تەبىيئىتىمىزدىن ئىبارەت.
كۆپ يىللاردىن بېرى ، كىشىلەر ئەگەر يېمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كەتسە، تېزلىكتە تېرىۋالسا ئۇنىڭ ھېچقانداق بۇلغىنىشقا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىسپات يوق ئىدى.
بىراق ، ھازىر بۇ خىل شۈبھە يوقالدى ، چۇنكى ئالىملار بۇ خىل نەزەرىيەگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىل ئادەتنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بايقىدى .
مانچېستېر شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 5 خىل يېمەكلىككە قارىتا تەجرىبە ئېلىپ باردى . بىز 3 سېكۇنتلىق ئۇسۇلنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
تەتقىقاتچىلار يۈزىگە مېۋە مۇرابباسى سۈرتۈلگەن بولكا ، پىششىق ئۇن يېمەكلىكى ، سۈرلەنگەن سان ، پېچىنە ۋە قۇرۇق مېۋىنى يەرگە تاشلىۋىتىپ ھەمدە يەردە 3 سېكۇنت ، 5 سېكۇنت ، 10 سېكۇنت تۇرغازدى.
يۇقىرقى يېمەكلىكلەرنى تاللاشتىكى سەۋەب بولسا ، كىشىلەر دائىم بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ ، شۇنداقلا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ سۇ تەركىبىنىڭ ئاكتىپلىق دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ ، مانا بۇ مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەردىن تېرىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى 3 سېكۇنتتا باكتېرىيەلەر بىلەن بۇلغانغان ياكى ئەمەسلىكىدىكى مۇھىم ئامىل .
ئاندىن كېيىن زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىككە يۇققان ياكى ئەمەسلىكىنى بايقاش ئۈچۈن، بۇ يېمەكلىكلەرگە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
تەتقىقاتتا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يۇقىرى تۇز ، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى تېرىۋېلىپ يېسە ، تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقى بايقالدى . چۇنكى زىيانداش باكتېرىيەلەر بۇ يېمەكلىكلەردە ھايات قېلىپ پۇرسىتى ئىنتايىن تۆۋەن.
گەرچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ نۇرغۇن يامان تەرەپلىرى بولسىمۇ ، بىراق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەردىن تېرىۋېلىپ ئىستېمال قىلسا ، باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىتا خەتىرى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى بۇ خىل يېمەكلىكلەردىكى قەنت ۋە تۇز تەركىبىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقىدا.
تۇز تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان سۈرلەنگەن گۆش ۋە قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان مېۋە مۇرابباسى بولكىسىنىڭ تەجرىبىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى . 3 سېكۇنت ئىچىدە بۇ يېمەكلىكلەرنى يەردىن تېرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلاردىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈش ئىپادىسى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇق مېۋە ۋە پىششىق ئۇن يېمەكلىكلىرىدە 3 سېكۇنتتىن كېيىن ، كرېبىس تاياقچە باكتېرىيەسى بايقالدى . بۇ خىل باكتېرىيە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ، قان چىرىش كېسەللىكى، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ يۇقۇملىنىش قاتارلىق بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
پېچىنىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن ، يەرگە چۈشۈپ كېتىپ 3 سېكۇنت ، 5 سېكۇنت، 10 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، يېسىمۇ نىسبەتەن بىخەتەر بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى .
مانچېستېر شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخنىكا باشقۇرۇشىغا مەسئۇل كەيسى لىسبۇرن مۇنداق دېدى : پېچىنىدە ھېچقانداق مىكرو ماددىلار توپى بايقالمىدى . پىچىنىنىڭ تەركىبىدىكى سۇنىڭ ئاكتىپلىق دەرىجىسى ۋە يېپىشىش كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن. سۈرلەنگەن گۆش بولسا تۇز ۋە نىتراتلار بىلەن تۇزلىنىپ تەييارلانغان گۆش يېمەكلىكى ، تۇز ۋە نىترات كۆپلىگەن باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنى توسايدۇ . پىششىق ئۇن يېمەكلىكلىرى 5 سېكۇنتتىن ئۆتكەندىن كېيىن ، فېرمىنت ئومۇمىي سانىدا كۆپىيىش بولىدۇ، 3 سېكۇنت ، 5 سېكۇنت ، 10 سېكۇنتتىن كېيىن ، تەكشۈرۈپ چىقىلغان كرېبىس تاياقچە باكتېرىيە مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن.
قۇرۇق مېۋىدە 5 سېكۇنت ۋە 10 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، كرېبىس تاياقچە باكتېرىيەسى بايقالدى . فېرمىنت ئومۇمىي سانى بولسا ئىنتايىن كۆپ.
لىسبۇرن مۇنداق دېدى : مېۋە مۇرابباسى بولكىسىنى يەردىن تېرىۋالغاندىن كېيىن ، ھېچقانداق باكتېرىيە بايقالمىدى ، بۇ بەلكىم مېۋە مۇرابباسى تەركىبدىكى يۇقىرى قەنت مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ھەم بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭدا باكتېرىيە ئۆسۈشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن
|