كۆرۈش: 3417|ئىنكاس: 8

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
40
UID
14948
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:21:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە


ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي


    دۇنيادا مۇئەييەن تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىنىڭ بارلىقى بىلەن مەۋجۇد. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمنى ئالەم قىلغان ئاشۇ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىدىن ئىبارەت ئۈچ قېرىنداش. پاكىت شۇكى، تۈنۈگۈن ــ بۈگۈننىڭ ئانىسى، بۈگۈن بولسا، ئەرتىنى تۇغىدۇ. شۇڭا بۈگۈننىلا تونۇپ، ھازىرنىلا ئويلاپ، تۈنۈگۈننى قارىلاش، ئەرتىنى قارغاش ئاقىللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بەزىلەر: «تۈنۈگۈن ــ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ئۇنتۇپ كېتىڭ» دەيدۇ. بىراق ئالدىڭغا قاراپ باق، ئەنە ئاشۇ سەن سۈپسۈزۈك سۈيىنى ئىچىۋاتقان قۇدۇق بۈگۈنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنى دەسلەپ سېنىڭ بوۋاڭ كورلىغان. كېيىن داداڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىرىنى ئېلىپ، كۆزىنى قايتىدىن ئاچقان. ھالبۇكى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېلىپلا مەزكۇر قۇدۇقنى كورلىغۇچىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولامدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟! دۇرۇس، سەن دېگەندەك بوۋاڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشىغان، ئەجدادىڭ بۈگۈن سەن ئېرىشكەندەك ئوچۇقچىلىققا، يورۇقلۇققا مۇيەسسەر بولالمىغان بولغىيدى. بىراق، ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ بوۋاڭ، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە نىشانسىزلا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ يەردە ئۇ «ھالال ئەمگەك» ماركىلىق ھايات مەشئىلىنى يورۇتقان، ئىجاد مېتىنى بىلەن جاھالەت ئۆڭكۈرىنى تېشىپ، بۈگۈنكى ئوچۇقچىلىق ۋە يورۇقلۇققا يول ئاچقان.
راست، داداڭنىڭ نادانلىق تۈنىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمۇ باردۇ. بىراق، ئۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رايى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سادىر قىلغان ئاداققىي گۇناھى ئەمەس، ماقۇل، ئۇ شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانمۇ بولسۇن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان تەجرىبىسى ھېچبىر ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ؟
تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك. تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە خەزىنىسى. ھەتتا، تۈنۈگۈنكى ئەلەم، جاپا ۋە قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ بۈگۈن ئۈچۈن تىلغا ئېلىش، ئەسلەش، ساۋاق ئېلىش، ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە. چۈنكى، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق بۈگۈنكى غالىبىيەتنىڭ ئۆز ئانىسى، تۈنۈگۈنكى جاپا-مۇشەققەت بولسا، بۈگۈنكى راھەت-پاراغەتنىڭ ئىبرەت تانىسىدۇر. دەرۋەقە، «يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى» چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىپ، «يىللارنىڭ ئۆمۈرنى ئوغرىلاپ، ئارقىسىغا قارىماي يورغىلاپ مېڭىپ، ‹ھايت-ھۇيت› دېگۈچە قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال سوۋغا قىلىۋېتىدىغان» ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈن تولىمۇ قەدىرلىك، تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. خۇددى مۇتەپەككۇر لى داجاۋنىڭ: «بۈگۈن ــ ھاياتتۇر. بۈگۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، بۈگۈن ــ ئىجادىيەتتۇر. مېنىڭچە، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بۈگۈن، ئەڭ ئاسان مەھرۇم بولىدىغان نەرسىمۇ بۈگۈن. ئۇ بەك ئاسان قولدىن كېتىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەڭ قىممەتلىكتۇر» دېگىنىدەك. شۇڭا، بۈگۈننى قەدىرلەش، بۈگۈننى ئۇلۇغلاش، ئىمكان قەدەر بۈگۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر.
بۈگۈننى قەدىرلەش ئىش يۈزىدە، بۈگۈندىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىتنى، بۈگۈنكى ئەمگەكنى ۋە بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۈگۈنكى ۋاقىت قەدىرلىك، چۈنكى، ئۇ تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئەرتە مەۋجۇد بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۈگۈننى ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن ئۆتكۈزمىسەڭ، بۈگۈننىڭ كۈنى تاغنىڭ كەينىگە پاتقاندا، ئەپسۇس لېۋىڭنى ھەسرەت چىشىڭ بىلەن چىشلەپ قالىسەن.
بۈگۈنكى ئەمگەك قەدىرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈننىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش جانلىنىدۇ، شۇڭا، سەنمۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئەمگەك قىل، بۈگۈنكى ئەمگەكلەرنى قەدىرلە. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيىتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلغان بولىسەن.
بۈگۈنكى ئادەملەر قەدىرلىك. چۈنكى، بۈگۈنكى ھايات مۇشۇ بۈگۈن ياشاۋاتقان سەن، مەن ۋە ئۇلار بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلە، بوۋاڭ ئېيتقان: «ئۆلگەندىن كېيىن ‹ياسىن› ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ نەق شۇ.
بىراق، بۈگۈننى قەدىرلەش ھەرگىزمۇ كەينىدە تۇرغاننى تېپىش، ئالدىغا كەلگەننى چىشلەشنىڭ باھانىسى، ھەممىنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشنىڭ نەزەرىيە دەستىكى، «بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەرتىگە خۇدايىم بار» دەيدىغان ھورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلەش تۇمارى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، يەنە سەمىڭگە سالاي: بۈگۈننىڭ ئانىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈندىن تۇغۇلۇر ئەرتە ھەم ئۆگۈن! بۇ ئالەم مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كېلەچەك مەۋجۇد، ئەرتە مەۋجۇد. ئىنسانلار ئەقىل ۋە ئاڭ كۈچى ئارقىلىق، مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇلاردا كېلەچەكنى كۆزلەش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىش يۈزىدە، ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ چېكىنى ئەبەدىيلىك، ئېنىق ئايرىغان. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق رەڭدار، كۆركەم ۋە مۇشۇندق قوۋناق ھالغا كېلىشى ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلاردىكى ئاشۇ كېلەچەكنى ــ ئەرتىنى كۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ سەمەرىسى.
ئەرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مىڭ تۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئەۋزىلى ئۇنىڭ بۈگۈندىنمۇ ياش، رەڭدار ۋە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بولۇشىدا. تۈنۈگۈن بولۇشى ئەقىلغا سىغمايدىغان، بۈگۈنمۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈرلۈك تۈمەن مۆجىزاتلارنىڭ ئەرتە مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن. مانا بۇ – كېلەچەكنىڭ نېمەت مەۋقەسى؛ مانا بۇ – ئەرتىنىڭ قىممەت مەنبەسى. شۇڭا، ئەرتىگە تەلپۈن، ئەرتە ئۈچۈن چېلىش، شۇنداقلا، ئەرتىدىن نېسىۋە كۆرۈشكە تىرىش!
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىلەردە يېگانە خاسىيەتلەر جىلۋە قىلىدۇ: تۈنۈگۈن ــ ئەڭ ئەستلىك؛ بۈگۈن ــ ئەڭ قىممەتلىك؛ ئەرتە بولسا، ئەڭ جازىبىلىك ۋە سېھىرلىكتۇر.
بۈگۈننىڭ قۇياشىنى كۆرۈپلا تۈنۈگۈنكى كۈننى تىللىما، تۈنۈگۈنكى كۈن بۈگۈنگە سېلىشتۇرغاندا ھەرقانچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ساڭا ھايات بېغىشلىغان داداڭ بىلەن بوۋاڭنىڭ قەدەم ئىزلىرى بار. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، شۇ ئىزلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنگە ئۇلاشقان يول بولمىغان بولاتتى.
بۈگۈنكى نەتىجە، شاراپەت ۋە سائادەتلەر بىلەن مەست بولۇپ كېتىپ ئەرتىنى ئەرزىمەس چاغلىما؛ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن مەيۈسلىنىپ، تەركىيدۇنياچىلىق كەمىرىنى بېلىڭگە باغلىما. دۇرۇس، بۈگۈن بىلەن ئەرتىنى – كېلەچەكنى سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ئەرتىنىڭ قۇياشى بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پارلاق؛ ئۇنىڭدىكى ھايات بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ قايناق. ئۇنىڭ سەندىن تەمە قىلىدىغىنى تىرىشچانلىق، ھالال ئەمگەك ۋە غەيرەت؛ ساڭا ئاتا قىلىدىغىنى بولسا، ئۈمىد، پۇرسەت ۋە كۆڭۈلدىكى نۇسرەتتۇر!
(«شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ 1994-يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى)
مەنبە : ئوكيان تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:21:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18 يىل بۇرۇن يىزىلغان بۇ ئەسەرنى قايتا يوللاپ بىزگە زوق ئاتا قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر !!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
176
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 08:22:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆنۈگۈنكى ئىش ئۈچۇن ئازاپلىنىپ يۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، ئەڭ مۇھىمى بۈگۈننى، ھازىرنى چىڭ تۇتۇش.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
798
تۆھپە
313
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 11:40:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈننى قولدىن بىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم، ئۆتكەن كۈن ئۆتۈپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنى يوق

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5678
تۆھپە
2895
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:22:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقتا بۈگۈننى قولدىن بېرىپ قويۇش  ھۆددەس سېزىلمەيدىغان ئىش ئىكەن! ساچ-ساقالغا ئاق ئارىلىغاندا بۈگۈننىڭ قەدرى بەك ئۆتۈلىدىكەن!
ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:51:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆددەس دىگەن نىمە گەپ؟
ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
6
UID
12036
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 22:04:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆتمۈش كەلگۈسى ۋە بۈگۈنگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بۈگۈن ھەم كەلگۈسىگە! لېكىن ، ئۆتمۈش بۈگۈن ۋە كەلگۈسىنىڭ دەسمىيىسى ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بۈگۈن ۋە ئەتىگە تۇتاشقا پەلەمپەي. بۈگۈنىگە باھا بېرىش ۋە كەلگۈسىنى پىلانلاشتا شۇ ئۆتمۈش بولمىسا يەنە بولمايدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈش، كەلگۈسىمىزگە توغرا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئۆتمۈشىمىزنى چۈشەنمىسەك تېخىمۇ بولمايدۇ. دېمەك، تارىخ كەلگۈسىنى يارىتىشتا بىلمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئىلىم. http://www.uqur.net

Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
40
UID
14948
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 23:34:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pahrim يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 08:22
تۆنۈگۈنكى ئىش ئۈچۇن ئازاپلىنىپ يۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، ئە ...

توغرا

Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
40
UID
14948
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 23:37:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 16:40, Processed in 0.077928 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991