ئاسما ئوكۇل ئېسىلغان دەرەخ
ماي بايرىمىدىكى ئارام كۈنىمدىن پايدىلىنىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى لۇساۋگۇ يېزىسى ئەتراپلىرىغا بېرىپ ، سۈرەت تارتقاچ يازنىڭ ئىللىق ھاۋاسىدىن ھوزۇرلۇنۇپ ، بۇلاقتاغ رايونىغا كەلگىنىمدە دەرەخلەرگە ئاسما ئوكۇل ئېسىپ قويغان بۇ مەنزىرە مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . يېقىن بېرىپ قارۇغۇدەك بولسام بۇ دەرەخلەر يېڭىدىن يۆتكەپ كۆچۇرۇلگەن بولۇپ ، خۇددى دوختۇرلار بىمارلارغا ئوكۇل سالغادەك ، قۇۋۋەت سۇيۇقلۇقى ئوكۇل قىلىنىپ ئۇرۇلۇۋېتىپتۇ . قارىغاندا تۇپراقلىرىمىزدىكى قۇۋۋەتنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك ...
