كۆرۈش: 2023|ئىنكاس: 0

تاماشا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
217
تۆھپە
83
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاماشا
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

تېرە كىيگەن تۈلكىلەر يايما يېيىپ تاماشا،
ساختا مەيدە، ساختا لەۋ، ساختا كەيپ – تاماشا.
تۇرۇپ قالدىم جاناننىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ،
يىغلاپ ئېيتقان سۆزىگە بېشىم قېيىپ، تاماشا...

كىملا ئېيتسۇن قۇرۇق گەپ، بۇ پەلەكنى تەتۈر دەپ،
ئادىمىنىڭ خۇيىدا ئەسلى ئەيىپ، تاماشا.
باغلارۋەيران، كۆزلەر نەم، ۋاپاسىزلىق دەردىدە،
ئۆزۈم يالغۇز قايتماققا ئوڭ - سول تېيىپ، تاماشا.

ھىجرانلارغا سۆز بارمۇ، ماڭا باقار كۆز بارمۇ،
«سۆيگۈ» ئاتلىق ئېگەردە بەل مۈكچىيىپ تاماشا.
كىم تۆلەيدۇ ئەتىدە ياشلىقىمنىڭ قەرزىنى،
چۇچۇل تەنگە سەرپاينى سىيپاپ كىيىپ تاماشا!

مەنبەسى: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 17:03  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:21, Processed in 0.067628 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991