كۆرۈش: 2346|ئىنكاس: 3

ھورۇنلۇق-ھاياتلىقتىكى يوشۇرۇن قاتىل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
14618
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:52:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھورۇنلۇق-ھاياتلىقتىكى يوشۇرۇن قاتىل



ھورۇنلۇق ئادەملەردىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،ھازىرقىغا شۈكۈر قىلىپ،ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىنتىلمەيدىغان بىر خىل ئىددىيەۋى خاھىش.پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ھورۇنلۇق-ئادەملەردىكى بىر خىل زېرىكىشلىك روھى ھالەت بولۇپ،ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى خىلمۇ-خىل بولىدۇ.مەسىلەن،چېكىدىن ئاشقان سۆرەلمىلىك ۋە يەڭگىل دەرىجىدىكى ئىككىلىنىش قاتارلىقلار.تەشۋىشلىنىش،سەپرالىق،ئەيمىنىش،ھەسەتخورلۇق،بىزار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھورۇنلۇقنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بەزى كىشىلەر ھورۇنلۇقنى ھارغىنلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ھورۇنلۇق بىلەن ھارغىنلىقنىڭ خاراكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.ھەقىقىي ھورۇنلۇق ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتە ئەمەس،بەلكى پىسخىك جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؛سالامەتلىك جەھەتتە ئەمەس،بەلكى كۆزقاراش ياكى ھىسسىيات جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.ھورۇن ئادەم ھىچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ،بەلكى ھېمىشە ھورۇنلۇقتىن قۇتۇلالمايدۇ.ھورۇنلۇقنىڭ ماھىيتى كىچىككىنە خۇشھاللىققا ئىنتىلىش ياكى كىچىككىنە ئازاب-ئوقۇبەتتىن قېچىش بولۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەركىتىنى تىزگىنلەش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ غايىسى ۋە پەزىلىتىنى تۇيدۇرماي ئاجىزلاشتۇرېۋىتىدۇ.ئېھتىمال بەزىلەر ئۆزىنى ھورۇن ئەمەس دەپ چاغلىشى مۇمكىن،ئەمما، ماھىيەتتە ھورۇنلۇق ھەرقانداق ئادەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.مەيلى بىزنىڭ زېھنىمىز ھەرقانچە ئۇرغۇپ تاشسۇن ۋەياكى كاللىمىز ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسۇن،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئويلىنىدىغانلا بولساق،ئۆزىمىزدىكى ھورۇنلۇق تەرەپلەرنى بايقىيالايمىز.
ھورۇنلۇق خۇددى شەيتاندەك مەككار بولۇپ،ئۇ بىزنى نىقابلاشقا،ئازدۇرۇشقا ۋە ئالداشقا ئىنتايىن ماھىر.شۇڭا،بىزنىڭ ئاڭ-تەپەككۇرىمىز مۇئەييەن دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەن تەقدىردىمۇ،ئۇنىڭ ماھىيتىنى تولۇق چۈشنىپ كېتەلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش قىلالىشىمىز ناتايىن.
ھورۇنلۇق ھەممىمىزدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ئورتاق ئىللەت بولۇپ،ئۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبتۇر؛ھورۇنلۇق بىر خىل قورقۇنچلۇق سەلبىي كۈچ بولۇپ،بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۇيدۇرماستىن توسقۇنلۇق قىلىدۇ.شۇڭا بىز پەقەت ھورۇنلۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىسەكلا،باشقا ھەرقانداق كۈچ بىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.ئەگەر ھورۇنلۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمىسەك،باشقا شەرت-شارائىتىمىز ھەرقانچە مۇكەممەل بولغان تەقدىردىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز!بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ھورۇنلۇقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتراپ قىلىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرشىمىز لازىم.

پەيزاۋات ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى
  نىجات ئىبراھىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:46:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇنلۇق دورا بىلەنمۇ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كىسەل، ئەھمىيەتلىك بوپتۇ، شۇغىنىسى كىچچىككىنە تەكلىپ بار، تەھرىرلەپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولغۇدەك، ئوڭ تەرەپكە توغۇرلاپ قويسىڭىز خەتلەرنى  


Rank: 1

تىللا
66
تۆھپە
8
UID
8273
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:50:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، ھورۇنلۇقتىن ساقلىنىشنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:06:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:45, Processed in 0.071365 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991