كۆرۈش: 2516|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرچە ئوبۇنتۇ 12.04مەشغۇلات سېستىمسىنى ئىشلىتىشتىن تەسىرات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
12
UID
5885
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 14:18:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورى  باشچىلقىدىكى ئوت يۈرەت ئەزمەتلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىسدا تەرجىمە قىلىنىۋاتقىلى مانا ھازىرىغىچە تەخمىنەن 4 يىلىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى.مىللەت سۈيەر بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچىنى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ بۇخىل رۇھىى ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئۈلگە قىلىشقا ۋە ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن مەن بۇ يەردە ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى خالىس تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە يېقىدىن ياردەمدە بولغان بارلىق مىللەت سۈيەر قىرىندشلىرىمىزغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ قېتىم يەنى 4 -ئاينىڭ 26 -كۈنى تارقىتىلغان ئوبۇنتۇ سېستىمسنىڭ يېڭى نۇسخىسدا ئىلىگىرىكى نەشىرىلىرىگە قارىغاندا تەرجىمە ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلىگىرلىگەن ھالدا مۇككەممەلەشكەن ۋە تۇلۇقلانغان. بۇقېتىم گەرچە ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ تەرجىمىسى تۇلۇق تاماملانمغان بولسىمۇ(ھازىرىقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسىمى 96%) لىكىن مۇھىم رايۇنلارنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى ئاساسەن تاماملانغان.ھازىرىقى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


رەسىمدىن شۇنى كۈرۋىلىشقا بۇلىدۇكى يەنە پەقەت 4% تەرجىمەسىز جايلا قالغان .بۇنىڭدىن ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى  تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان كىشلەرنىڭ بۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە تىرشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.بۇ قېتىم تارقىتىلغان ئوبۇنتۇ 12.04 سېستىمسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بۇ تەرەپلەرنى تېخمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلدىم.

ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ بۇ قېتىم تارقىتىلغان نۇسخىسدا قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرتىل-يېزىقى بىلەن تاماملىنىدۇ.قاچىلاش جەرياندا ئۇيغۇرچە قاچىلىغان بولسىڭز(تور ئۇلانغان شارائىت ئاستىدا) قاچىلاش داۋامىدا فونىت ئاپتۇماتىك قاچىلىپ كىتىدۇ .بۇ سىزنىڭ سېستىما خىتنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولمايدىغانلىقىڭزدىن دىرەك بىرىدۇ.مەن بۇ قېتىمىقى نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن شۇنى چۇڭقۇر ھىس قىلىدىمكى بۇ قېتىم تارقىتىلغان سېستىما سېستىمىنىڭ ئىلگىركى نۇسخىلىرغا قارىغان كۆركەم ھەم سۈرئىتنىڭ تېخمۇ تىزىلىشىپ بارغانلىقىنى بىلدىم. قېنى ئەمسە تۇنجى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مەشغۇلات سېستىمسىدىن تۇتۇلغان رەسىملەردىن بىر قانچە پارچە كۈرۈپ باقايلى بۇ يەردە داڭلاۋەرسەم مېنى بۇ سېستىمىنى بەك داڭلاپ كەتتى دەپ كايىپ كەتمەڭلار يەنە.........................



قېىنى سېستىما ئۈزىدىن تۇتۇلغان رەسىملەردىن كۈرۈپ باقايلى...............
بۇ سېستىما نۇرمال قوزغالغاندىكى كۈرۈنمە يۈزى ۋە ئالاقە قۇراللىرى


قاتتىق دىسكىغا بۈلۈنگەن رايۇن




5 جىلىق ھەقسىز  بۇلۇت بوشلۇق


سېستىما دېتاللار مەركىزى(قاچىلىماقچى بولغان دېتاللار مۇشۇ يەردىن قاچىلىنىدۇ)


سېستىما تەڭشىكى رايۇنى(سېستىمغا قارىتا ھەرخىل تەڭشەكلەر بۇ يەردىن ئىلىپ بىرىلىدۇ)


سېستىمىغا قاچىلانغان دېتاللار رايۇنى(قاچىلانغان دېتاللار بۇ يەردىن قوزغىتىپ ئىلىتىلىدۇ)


ئىكىران كۈرۈنمە يۈز تەڭشەش رايۇنى


تور تىلىۋىزىيىسى رايۇنى(ماڭ ئەڭ يارغان يەر مۇشۇ يەنى بۇ يەردىن ھەرخىل فىلىملارنى كۈرۈشكە بۇلىدۇ ،بۇ رايۇن سىناق باسقۇچىدا )


ئەگەر سېستىمىنى قاچىلاپ كۈرۈپ راستنىلار ياراپ قالسا ئەتراپىڭزدىكى دوستلىرڭزغا مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ بارلىقنى تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىڭزنى ئۈمىد قىلىمەن.
5-ئاينىڭ 1 -كۈندىن باشلاپ بىلوگىمىزدا ھەر 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە  بىر قېتىم بىر قېسىم ئوبۇنتۇ غا ئائىت سىن دەرىسلىك يوللىنىدۇ.دەرسلىك ئوبۇنتۇنى 0 دىن باشلاپ ئشىلەتكۈچىلەنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلىدۇ.شۇڭا ئوبۇنتۇغا قىزققۇچىلانىڭ بىلوگىمىزدكى يازما ۋە دەرسلىككە ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.دەرسلىك مەزمۇنىغا قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.

ئوبۇنتۇ سېستىمىغا ئائىت چ چ توپ نۇمۇرى:187649616
توپقا كىرشتە مەن ئۇيغۇر دېگەننى ئەسكەرتىڭ.

ھۆرمەت بىلەن بىلوگ يازغۇچىسى:قۇتبەگ



يازما ئەسلى ئادىرېىسى: قۇتبەگ بىلوگى

http://www.qutbeg.com/?p=666

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
415
تۆھپە
134
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:18:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبونتو دىگەن نىمىش قىلىدىغان يۇمشاق دىتال؟ماڭا بۇ دىتال توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
409
تۆھپە
222
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 23:00:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمتال ئەمەس، سىستىما ئىكەن دوستۇم. ۋىندوۋوسقا ئوخشاش، باشقا يۇمتاللارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇپا.
مەن بۇ سىستىمىنى سىناب باقاي دىگەن ئىدىم. ئەمما تىما ئىگىسى قالدۇرغان توپ توشۇپ كىتىپتۇ. بەزى مەسىللەرنى سورىۋىلىپ ئاندىن ئىشلىتەي دىگەن ئىدىم.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 01:47, Processed in 0.072740 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991