كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 3

پىكىر چېقىنلىرىدىن تۆت پاراڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
128
تۆھپە
53
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىكىر چېقىنلىرىدىن تۆت پاراڭ



مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



ئۈلگە ھەققىدە



    ئەدەبىياتچىلار ئېيتىدۇ: ئىدىيە تېرىساڭ،ئۇنىڭ ھوسۇلى ھەرىكەتتۇر. ھەرىكەت تېرىساڭ ئۇنىڭ ھوسۇلى ئادەتتۇر.ئادەتنى تېرىساڭ ئۇنىڭ ھوسۇلى خارەكتېر بولىدۇ.ئەگەر خارەكتېرنى تېرىساڭ،ئۇنىڭ ھوسۇلى تەغدىر بولىدۇ.
     ئۈلگە— كۈچ،ئەينەك،بايراق!



ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە


ھەرقانداق تۈزۈمدە ،ئۆتمۈشتە  ياكى بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا بولسۇن،ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە نورمال ۋە باراۋەر قاتنىشالماسلىقى پۈتكۈل جەمئىيەت ئەقىل جوغلانمىسىنىڭ يېرىمىنى يوقاتقانغا باراۋەر.ئەرلەرنىڭ قەدىرلەنمەسلىكى بولسا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانغا تەڭ.

تور ھەققىدە



تور مەنىۋى ئاشقازىنى كۈچلۈكلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولسا،ئاجىزلارنىڭ ئىچىنى سۈرىۋەتتى...قۇلاقنىڭ ۋە كۆزنىڭ بېسىمى ئاشتىكى،چوڭ مېڭىنىڭ بېسىمى يېنىكلىمەسىتن ئەكىسچە ئېغىرلىدى.

قىسقىراش ۋە ئۇزىراش



ئەقلىيلىك قىسقىرىغاندا،ھېسسىيلىق ئۇزاردى. خەت قىسقىرىغاندا،تېلفۇندا سۆزلىشىش ۋاقتى ئۇزاردى. كىيىم-كېچەك قىسقىرىغاندا، گۇناھنىڭ سادىر بولۇش ۋاقتى ئۇزاردى. تىببى ئىلىم تەرەققىي قىلغانچە ئۆمۈر ئۇزاردى،لېكىن، ئۆمۈرنىڭ خۇشال چاغلىرى قىسقاردى. سىگنال قىسقارغانچە،ئارىلىق ئۇزاردى.گەپ-سۆز قىسقىرىغانچە،ئۇرۇش-تالاش،يالغۇز يۈرۈش ۋاقىتلىرى ئۇزاردى. تۇنۇشۇش ۋاقتى قىسقىرىغانچە، ياتسىراش ۋە ئۆچمەنلىشىش ۋاقتى ئۇزاردى. ياش چوڭايغانچە ۋاقىت قىسقاردى،ۋاقىت قىسقارغانچە خىيالچان تۈنلەر ئۇزاردى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 21:32  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
460
تۆھپە
211
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى بەك مۇرەككەپتەك ئويلاپ قالدىم،ئەجەپ دۆتكەنمە

Rank: 6Rank: 6

تىللا
766
تۆھپە
485
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركيار بۇرادەر ، قەلىمىڭىز خېلى كۈچلۈككەن جۇمۇ .
ياخشى پاراڭكەن ، ساقلاپ قويدۇم ، ئالدىرىماي ھەزىم قىلىپ باقاي .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق بولۇپ  يازغىڭىز  كېلىپ قالدى ،،،تىلى ،،دىلى خېلى كۈچلۈك  بوپتۇ،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:01, Processed in 0.069394 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991