كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 3

ياشاش-ئالىي ھوقۇق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1839
تۆھپە
554
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياشاش-ئالىي ھوقۇق

ئىككى شېرىكى بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلدى، ماشىنا بۇلىدى.بۇلاڭچىلىق قىلىۋېتىپ ئوق چىقاردى، ئادەم ئۆلمىدى. تۇتۇلدى، سوت قىلىندى، ئۆلۈمجازاسى ھۆكۈم قىلدى. نارازى بولدى. ئالىي سوت نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلدى. ئەمدىھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ، مىلتىق بىلەن ئاتامدۇ، دارغا ئاسامدۇ ياكى چاپامدۇ، ئىشقىلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ب د ت دېيىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بارلىقىنىبىلدى. ب د ت نىڭ قۇرۇلتىيىدا «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارائەھدىنامىسى» ماقۇللانغاننى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى، دەپ ئاتىلىدىغان بىرئاپپارات بارلىقىنىمۇ بىلدى. شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، ئەرز سۇندى. «بۇلاڭچىلىققىلىۋېتىپ ئوق ئاتتىم، ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، مەن قايىلئەمەس، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەكتى»، دېدى. ئەرزى قوبۇلقىلىندى.

ئەرزىيەتچى زامبىيەلىك ئىدى، زامبىيە ھۆكۈمىتى جاۋابقايتۇردى: بۇيەردە قۇراللىق بۇلاڭچىلىق بىر ئاپەت، بۇلاڭچىلىق قىلغاندا قۇرالئىشلەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش قانۇنىمىزدا بەلگىلەنگەن، ھۆكۈمنىلاياقەتلىك سوت چىقارغان، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: «ئەھدىنامە»دەئەڭ ئېغىر جىنايەتكىلا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن، ئەرزىيەتچىبۇلاڭچىلىق قىلغاندا ئوق چىقارغان، ئادەم ئۆلمىگەن، يارىلانمىغان. جازا ئۆلچەشتەبۇنى ئويلىشىش زۆرۈر ئىدى، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىدى،سوت قانۇن بويىچە جازا ئۆلچىگەندە بۇ تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغان.ئەرزىيەتچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش «ئەھدىنامە»دىكى ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقائائىت ماددىسىغا خىلاپ.

بىگۇناھ پۇقرانى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇن قىلغۇچىلار يوشۇرۇنىدىغانئۆي مەلۇم بولدى، ساقچىلار ئوقتەك بېرىپ ئۆينى ئاختۇردى، ئادەم تېپىلمىدى. ئۆيگەيوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇردى. يەتتە ئادەم كەلدى، ئارىسىدا بىرى ئايال ئىدى، ئىشىكتىنكىرىپلا ئوققا تۇتۇلدى.

ئايالنىڭ ئېرى ئەرز قىلدى. ساقچىلار يوللۇق قوغداندۇق،ئاۋال بىزگە ئوق چىقاردى، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى. يالغانچىلىق ئاقمىدى، ئۆلگەنلەرنىڭئوق چىقارمىغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇنداقتىمۇ ساقچىلار گۇناھسىز، دېيىلدى، تۇتقۇنقىلغۇچىلارنى توسۇش ۋە تۇتۇشتا ساقچىلار ئوق چىقارسا بولىدۇ، دېيىشتى. بۇ ئىشكولومبىيەدە بولغان ئىش ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: ھاياتلىق ئەڭئالىي ھوقۇق، ئىنساننى ھاياتىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.ساقچىلار ئاگاھلاندۇرمىغان، تەسلىم بولۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن، تۇتقۇق قىلغۇچى دەپگۇمانلانغان يەتتە ئادەمنى قەستەنمۇ-قەستەن ئېتىۋەتكەن، دۆلەت ھەرقانچە چوڭخەتەرگە يولۇققان، جىددى ھالەت يۈرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پۇقرانى ھاياتىدىن مەھرۇمقىلىشنىڭ باھانىسى بولماسلىقى كېرەك. ئەرزىيەتچىگە ئايالىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۆلەمبېرىلىشى كېرەك.

مۇئەللىپ زامبىيەگە، كولومبىيەگە بارمىغان، بۇ ئىشلارنىكۆزى بىلەن كۆرمىگەن، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغان، كىتابلاردىنلا ئوقۇغان. بەزىلەرئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنەبەزىلەر ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىدۇ. بۇنداق ئىشلار مۇئەللىپنىڭ ئەتراپىداپات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ:

پالتا-پىچاقلارنى ئېلىپ بازارغا باردى، بازارچىلارغاپالتا چاپتى، پىچاق تىقتى، بىرمۇنچە ئادەم ئۆلدى-يارىلاندى، ئۇلار ئۆزتىرىكچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئاۋام-پۇقرا ئىدى. ساقچىلار كەلدى، ئوق ئالدىداپالتا-پىچاق كارغا كەلمىدى، ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئۆلمىگىنى تۇتۇلدى، سوت قىلىنىپئېتىلدى.

سۇ تالىشىپ ئۇرۇشتى، كەتمەن بىلەن چانىدى، ئۆلدى.

خوتۇنى يامانلاپ كەتتى، ئارقىسىدىن بېرىپ، قېيىنئانىسىبىلەن تۇتۇشتى، خوتۇننىمۇ، ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈردى.

ئادەملەر توپىنى ماشىنا بىلەن سوقتى، موتسېكىلتنىپارتلاتتى، بىر مۇنچە ئادەم ئۆلدى...

«جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان». ياشاش-ئالىيھوقۇق. ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقانلار چۈشىنەرمۇ؟...


ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1596
تۆھپە
899
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن   بىراق  خەتنى ئايرىپ يېزىشقا  دىققەت قىلسىڭىز  بوپتىكەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1839
تۆھپە
554
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 16:44
ياخشى تىما ئىكەن   بىراق  خەتنى ئايرىپ يېزىشقا  دىققەت ق ...

بۇ تېمىغا دىققەت ئاغدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەسلىدە خەتلەر ئايرىپ يېزىلغان ئىدى، ۋوردتا يېزىپ كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا خەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇلىنىپ چىقىۋاپتۇ. باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويالارمۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
460
تۆھپە
211
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىقنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك،ھاياتلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ،كىشىلەر يۈرەك
ئالماشتۇرۇش،مىڭە ئالماشتۇرۇش دىگەندەك شۇنداق ئوپىراتسىيەلەرنى قىلدۇردىكەن،ھەممە ئادەمگە جان تاتلىق،بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرۈۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ تەلەي  ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، باشقىلارنىڭ جىنى بىلەن ئويناشقان ئادەم  جىنىغا تويغان ساراڭكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:05, Processed in 0.072575 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991