كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 7

يېشىل نۇسقا(ئېرىمنى ئۆيلەپ قويىمەن)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
897
تۆھپە
246
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېرىمنى ئۆيلەپ قويىمەن



    تۆنۈگۈندىن بۇيان كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋاتىمەن. كاللام قۇپقۇرۇق، تاماققا كۆڭلۈم تارتمايدۇ يا ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، كومپيۇتېرنى مەيدەمگە قويىۋېلىپ تور بەتلەرنى مەقسەتسىزلا كېزىمەن. بىچارە ئۈسكۈنە ئەگەر ئاغزى بولغان بولسا چوقۇم ماڭا بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتار بولغۇيتتى. ئەپسۇس ئۇ دېيەلمىگەچكە ئارام ئېلىش نىسىپ بولمايۋاتىدۇ. ئاخىرى تور بەتلەردىن زېرىكتىم. كۆزلىرىمنى ئاسما چىراققا تىكتىم. ئاللا نېمىدېگەن مەينەت،  توۋا قىلدىم خۇدايىم، تېخى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا سۈرتكەندەك قىلغانىدىم، نەدىن كەلگەن چاڭ-توزاندۇر بۇ. كىيىم ئىشكاپلىرى، تېلېۋىزورنىڭ ئەينەكلىرى، ھەتتا كىيىم ئاسقۇچنىڭ ئىلمەكلىرىگىچە توپا قونۇپ كېتىپتۇ. ھەممە يەردە قالايمىقان تاشلانغان كىيىم-كېچەكلەر چېچىلىپ ياتىدۇ. نېرۋام يەنە ئۆرلىگەندەك  بولدى، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يېتىپ باقتىم، يەنە بولمىدى، بايىقى كۆرۈنۈشلەر يەنىلا مېنى ئوراپ تۇراتتى.
  ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ ئارقىدىن بىر قاچىدا ئاش، پىيالە-چەينەكلەنى كۆتۈرگەن يولدىشىم كىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكىنى كارۋات يېنىدىكى تومپۇچكىغا قويۇپ ئۈن-تۈنسىز كەينىگە بۇرۇلۇشىغا، قاچىنى يەرگە قانداق ئاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم.
   -ھەي! تاماقتا نېمە گۇناھ،  يېمىسەڭ قويۇپ قويساڭ بولمامدۇ؟
   -يوقىلە ماڭ!
   -نەگە؟
   -مەن دەپ بېرەيما؟
   - ياق بولدى. خاپا بولمىغىنە، مەن كۆزۈڭگە كۆرۈنمىسەملا بولدىغۇ! سېنى تاماق يەۋالسۇن دەپ بىر مۇنچە ئىشىمنى قويۇپ كىرىپتىمەن.
   -يۇغان ئىش قىپسەن.
   -ھەي بەك ئاشۇرىۋەتمە ھە! كەچۈرۈم سورىدىمغۇ. يەنە قانداق قىلسام بولىدۇ! نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرەي دېدىم،  كۆڭلۈڭ خالىغان يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتاي دېدىم. تولا يالۋۇرۇپ ئاغزىمنىڭ تېرىسى چۈشۈپمۇ كەتتى مانا،  سەن يەنە جاھىللىق قىلىۋاتىسەن، مېنى دېمىسەڭمۇ بالىلارنىڭ يۈزىنى قىلساڭ بولاتتى!
   -سۆزلىمە، ئاڭلىغىم يوق،-بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم،-چىقىپ كەت، ئارامىمدا قوي،  سېنى كۆرسەملا ئەقلىمدىن ئېزىۋاتىمەن. يوقال!!!
بەلكىم غەزەپلەنگەن تۇرقۇم بەكمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ چۆچۈپ كەتتى.
   -ماقۇل... ماقۇل... مەن كۆزۈڭگە كۆرۈنمەي، ۋارقىرىما، كانىيىڭ يىرتىلىپ كەتمىسۇن يەنە.
   -ئۇ چىقىپ كەتتى. سىرتنىڭ ئىشىكى جاڭڭىدە يىپىلىشى بىلەن ئۆي يەنە جىمجىتلىققا چۆمدى. مېنىڭ ئەسلى يەنە نېمىلەرنىدۇر دەپ ۋاقىراپ جارقىرىغۇم،ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەز سوقۇشۇپ ئىچىمنى بوشاتقۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، ئۆز خاھىشىمغا خىلاپ ھالدا ئۇنى قوغلىۋېتىپ تېخىمۇ بۇرۇقتۇرمىچىلىققا چۆكۈپ كەتتىم.
ھەي، نېمىسىنى دەي،  بەلكىم ئۆزۈمدىمۇ باردۇر، مىجەزىم شۇنداق ئوسال، ئاۋازىم كاناينىڭ نەق ئۆزى، ئۆزۈمنىڭلا راست دەيمەن. ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ يول قويمايمەن. خىيالىمغا كەلگەننى قىلىمەن، ئاغزىمدىن ھەممە گەپ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا چىقىدۇ. ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي دېگەندەك، ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە كىمدىنمۇ يامانلاي ئەمدى! مانا بايامقى بىر ئوبدان ئاشنى يەرگە ئاتقىنىمنىڭ ئۆزىمۇ ئوساللىقىمنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟
    خىيالىم شۇ يەرگە يەتكەندە گىلەم تۆپىدە چېچىلىپ  ياتقان نارىنغا قاراپ سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. يېقىن ئەتراپتا بۇنداق تاماق قىلىدىغان ئاشخانا يوق، بەلكىم بۇ ئۇنى كونسول كوچىسىدىكى بىرەر تىز تاماقخانىدىن قىلدۇرۇپ كەلگەن بولسا كېرەك. مەن نارىنغا ئامراق بولغاچقا مۇشۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمنى ياندۇراي دېگەندۇ.
مۇشۇ سوغاقتا ئۇنىڭ ئاشنى ئسسىق ئەكىلىمەن دەپ ئالدىراۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆڭلۈم ئېرىپ قالغاندەك بولدى.
بىز ئاياللار ئاشۇنداق ئۆچكە يېغى كېلىمىزكەن. كىچىككىنە بىرەر ئىشمۇ بىزنى ياغدەك ئېرىتىۋېتەلەيدۇ. تېخى تۆنۈگۈنلا يۈز بەرگەن ئىشلا ھازىر كىچىككىنە بىر قاچا ئاشنىڭ ئالدىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىنغىلى تۇردى مانا.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ گىلەمدە چېچىلىپ ياتقان چۆپلەرنى تازىلىۋەتمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇنى تازلاۋېتىپ ئاشنى ئېتىشىمدىكى سەۋەپ كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ يەنە جەھلىم قاتتى.
   -نۇمۇس قىلمايدىغان! دەۋاتقان گېپىنى‹سېنىڭ ئاغزىڭ ئىتتىك، مىجەزىڭ قەرەلسىز بومبىغىلا ئوخشايدۇ، ئۆيدىن رايىم يېنىپ كەتتى، شۇڭا ئېزىپتىمەن› دەيدا! توغرا، ئۇنى بىزار قىلغۇدەك مىجەزىمدىن باشقا كۆڭلىنى ئالغۇدەك يەرلىرىم يوقمىكىنا، كىمنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر نۇقسانلىرى بولمايدۇ. ئەجىبا ئۇنىڭ مەن سەسكەنگىدەك يەرلىرى يوقمىدۇ؟ ئاشنىنى ئۆزى تۇتۇپ يەنە گۇناھنى ماڭا ئارتىدىغۇ؟ ‹ئۇ نېمىشقا مىجەزىنى ئىتتىك قىلىدۇ؟ نېمىگە بۇنچە چېچىلىدۇ؟ مەن قانچىلىك؟› دېگەندەك سۇئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ باقمايدۇ؟
قېنى، ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى بارماق پۈكۈپ ساناپ باقايچۇ؟ بەلكىم ئىككى قولۇمنىڭ يەتمەي، باشقىلارنىڭكىنىمۇ ئارىيەت ئالارمەن.
ئويلىغانسىرى تېخىمۇ تېرىكىپ كەتتىم. تۇرمۇشنىڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدە ھەجەپ بىلىنمەپتىكىنا ئاشۇ ئوسال مىجەزىم، ئەمدى ئازىراق خاتىرجەم بولغاندەك قىلىۋىدۇق، بىرسى ئىككى بولۇپ كۆرۈنگىلى تۇردىغۇ.
توۋا! باياتىن مېھرى-مۇھەببەتنىڭ سىمۋولىدەك تۇيۇلغان ئاش ئەمدى مەسـتنىڭ قۇسقىدەك كۆرۈنگىلى تۇردى. چاققان-چاققان يىغۇشتۇرۇپلا ئەخلەت سېۋىتىگە تۆكۈۋەتتىم.
مەن بىلەن ئاجراشماسمىش، بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلغۇسى يوقمىش، ئەمما مېنىڭ ئۆكتەملىكىمگە چىدىماپتىمىش.
خۇش قېنى، قانداق ئوساللىق قىلدىم؟ قانداق ئۆكتەملىك قىلدىم؟
مېنىڭ ئاشۇ كاناي ئاۋازىم، ئوسال مىجەزىم، ئۆكتەملىكىمدىن باشقا نۇقسانلىرىمنى ساناپ بېرەلەرسەنمۇ؟   سەندىن سوراپ باقاي!
ئاسماننىڭ قەھرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرگە قاراپ تۇمىقىڭ چۈشۈپ قالغاندىن خەۋەرسىز سائەت-سائەتلەپ تۇرساڭ،  مەن ئوساللىق قىلماي كىم ئوساللىق قىلسۇن! ئاۋۇ شەھەردە مال باركەن ماۋۇ شەھەردە مال باركەن دەپ يۇرتمۇ-يۇرت ئەسلى-ۋەسلىڭنى ئۇنتۇپ مەيدەڭگە مۇشتلاپ
تۆت ھوشۇقنى قوغلاپ چېپىپ يۈرسەڭ...مەن ئۆكتەملىك قىلماي كىم ئۆكتەملىك قىلسۇن! بىزگە بۇ ئۆي لازىم ئەمەسمۇ؟ ئۇ قىلغانلىرىڭ يەتمىگەندەك ئەمدى تۇيۇقسىزلا جەمئىيەت داشقىلىدىن بىرلا موللاق ئېتىپ چوڭقۇر تەسەللىگە مۇھتاج، قەلبى يارىدار، ئائىلە مېھرىگە تەشنا زىيالىغا ئايلىنىۋاپسەن؟ توۋا مۇشۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنى ئوبراز يارىتىشقا ئۇستا دەيدۇ، لېكىن سېنىڭ قۇلۇڭغا سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ جۇمۇ!
    ئويلىغانسىرى چاچلىرىم تىكلىشىپ، ئۆزەمنى ئىچىمگە سىغدۇرالمىغىلى تۇردۇم. قېرىشقاندەك قورساق كوركىراپ ئاچقىلى تۇردى، توڭلاتقۇنى ئاچسام يېگۈدەك بىرەر نەرسىمۇ قالماپتۇ. قاچانلاردىن بۇنچە قۇرۇپ كەتتىكىن. تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزۈمنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سوپۇنلاپ يۇيدۇم. مۇزدەك سۇ تۆنۈگۈندىن بېرى كومپيۇتېرنىڭ تەسىرىدە مايلىشىپ چارچاپ كەتكەن تېرىلىرىمگە بىر خىل ھۇزۇر بېغىشلىدى. ئالدىرىماي يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ، تۇيۇقسىز تازا بىر يۇيۇنۇش نىيىتىگە كېلىپ قالدىم. ۋاننىغا سۇ توشقۇزۇپ، ئەلەمدىن پۇچىلىنىۋاتقان جىسمىمنى سۇغا چىلاپ، كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن، ئىش قىلىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ ئايال بولۇپ تۆرۈلۈپ قالغىنىمدىن شۇنداق ئۆكۈندۇم.
ئامالسىزمەن، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، بېشىمنى ئېلىپلا چىقىپ كېتەي دېسەم، مەسۈم، سەبى كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرغان ئىككى پەرزەنتىمگە چىدىمايمەن. ئۇلارنى تاشلاپ قويغىلى تېخى بولمىسا،ئېلىپ كېتەي دېسەم دادىسىز بويۇن قىسقان ھالىتىنى كۆرگىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى. يا ئايرىلىپ چىدىمىسام، يا ئېلىپ كېتىپ چىدىمىسام.
ھەممىگە چىداپ بالام دەپلا ياشاي دېسەم بۇ جاھان تېخى ئۇزۇن. غورۇرۇمنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا يەنە قاچانغىچە چىدىيالايمەن،  بۇنى بىلمەيمەن. ئىچكى ھېسسىياتىم شۇنچە مۇرەككەپ، ئۆز-ئۆزۈمگە غوتۇلداپ نۇرغۇن غەيۋەتلەرنى قىلدىم. بىر چاغدا مۇزلاۋاتقىنىمنى سەزگەندەك بولدۇم، سۇ سوۋۇپ كېتىپتۇ، ئۆزۈممۇ خېلى سەگىپ قالغاندەك... سۇدىن چىقىپ قاتتىق نەچچىنى چۈشكۈرىۋەتتىم.
قاتتىق سىلكىنىپ چۈشكۈرۈشتىن ئەسلىمگە كەلدىم، كۆز ئالدىم پاللىدە يورىغاندەك بولدى، مۇنچىدا باللىلىرىمنىڭ ساپما كەش، يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقى دېگەندەك نەرسىلىرى چېچىلىپ تۇراتتى. توۋا مەنمۇ ئانىمۇ؟ دادا ئېزىپ ئەقلى دۈمبىسىگە ئۆتكەن ۋاقىتتا، مەن ئانا بۇلغۇچى
"چىدىمىدىم "دەپلا ئاشۇ نارسىدىلەرنى يىتىملىق گىرداۋىغا ئىتتەرسەم توغرىمۇ؟ئۇلار گۇناھسىز لېكىن بىزنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزغا پۈتكۈل بالىلىقىنى قۇربان قىلىپ، ئانا ياكى دادا مېھرىدىن مەھرۇم بولۇپ تۇرۇپ بەدەل تۆلىسۇنمۇ؟
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بىزدىن باشقا نېمىسى بار؟
بىچارىلەر ئىككىمىزنىڭ جىدىلىدىن قورقۇپ، بىر بىرسىنى چىڭ قۇچاقلاپ بىر بۇلۇڭدا زار-زار يىغلىغۇدەك نېمە گۇناھ قىلغان بۇلغىيتتى.
تېخى يېقىندىلا تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئوغلۇم ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان ئاتكىرىتكىنى ماڭا سوۋغات قىلغانغۇ،  يۇمران قوللىرى بىلەن 60 بېسلىق ئاكاردىئوننى تىللىرىنى راۋان بېسىپ، يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ بەرگەنغۇ، قىزىم چۈچۈك تىللىرى بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ دادىسى تىلغىۋەتكەن كۆڭلۈمنى ئالغانغۇ. ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ھارپىسىدا شۇنچە ئالدىراش كىرىپ "ئالىدىغىنىڭ مۇشۇمۇ" دېگەندەك قىلىپ بىر تۇتام پۇلنى ئالدىمغا تاشلاپ بېرىپ، قانداقتۇر چۈشىنىكسىز تىجارەت باھانىسىنى ئىزىپ ئىچكۈزىۋېتىپ، ئالدى ئارقىغا قارىماي چىقىپ كەتكەندە، مۇشۇلار ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ئۆزەمنى بەخىت قۇچىغىدا ھېس قىلدۇرغانغۇ.
ئەگەر قەتئىي ئاجىرىشىمەن دېسەم، بەك شەخسىيەتچى بولۇپ قالغىدەكمەن، بالىلىرىمنىڭ يۈرىكى سۇ مۇشۇ تاپتا. ئاخشام ئوغلۇم ئاپامغا:
   -ئانا! ئاپامنىڭ مىجەزى يوق، بىزنىڭ قۇرسىقىمىز ئېچىپ كەتتى، تاماق ئەتتىڭىزمۇ؟-دەپ ئاستا ئوغۇرلۇقچە تېلفۇن قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۆز ھالىم بىلەن ياتتىم!
ئىنىم بالىلارنى ئالغىلى كېلىپ ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى بولغاي:
   -ئاچا،  ئىككىسىنى مەن ئەكەتتىم ئەمسە، سەن ئوبدان ئارام ئېلىۋال!-دەپ قويۇپلا ماڭغاندا نېمە ئۈچۈن زۇۋان سۈرمىدىم! ئۇلاردىن شۇنچە بىزار بولغانمىدىم؟
ياق ئەقلىم توشماپتۇ، ئۆزۈمنىلا ئويلاپتىمەن.
   ئۆي ئىچى بەئەينى ئېشەك ئېغىلىنىڭ ئۆزى. شۇنچە مېھرى سوغۇق.
مەن نېمە بولۇپ قالدىم؟ ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ھەممىنى كۆرىدۇ، كۈندىن كۈنگە يېشىم چوڭىيىپ، تەنتەكلىكىم ياراشماس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئۆزەمنى دەڭسەپ، ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازابى تارتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىم كېرەك. بىر ئۆزۈمنىلا ئويلاپ قارار چىقارسام قەتئىي بولمايدۇ لېكىن قاراپ تۇرۇپ دەپسەندە بولۇش مېنىڭ خاراكتىرىمگە يات ئىش.
ئايىقى چىقماس خىياللار مېنى شۇنچە چارچاتتى، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم، نۇرغۇن پىلانلانى تۈزدۈم، ھەممىسى ئەھمىيەتسىز تويۇلۇپ خۇددى تۇماندەك تارقاپ كەتتى.
لېكىن بىر نۇقتا شۇنچە ئېنىق، قىلچە مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ بالىلارنى يىتىم قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
قانداق قىلىمەن! قانداق قىلىشىم كېرەك! تۇيۇقسىز ئالدىنقى ۋاقىتلاردا ئۇچۇر تورىدا تەنھا ئەرنىڭ قوزغىغان مۇنازىرىسى ئېسىمگە كەلدى.
توغرا، قوش نىكاھلىنىش!
ئۇنداق قازىنىغا مۇنداق چۆمۈش، بۇمۇ بولىدىغان ئامالمۇ نېمە؟  يولدىشىم مەن بىلەن ئاجراشمىسا ياكى سىرتتىن مېھرىنى ئۈزەلمىسە،  مەنمۇ بالىلارنى يىتىم قىلماسلىقنىڭ ئويىدا. ماڭا بۇ پىلان بارغانسىرى بولىدىغاندەك تۇيۇلغىلى تۇردى. ئىسلام ئەقىدىسىدە بىر ئەرگە تۆت خوتۇن راۋاكەنغۇ، چوڭ خوتۇن رازى بولسىلا، خوتۇنغا تويمىغان خوتۇنپۇرۇچلار خالىغىنىنى قىلسا بولىدىكەن.  يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە بۇنداق ئىشلار ئاۋۇپ قالدى، بەزىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆردۈم. ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك، خۇددى مايمۇن بىر نەرسىنى دورىغاندەك،  ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى لېكىن ماڭا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى قالمىغاندەك قىلىدۇ. سىناپ باقاي! ئۆيلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تۈجۈبىلەپ تازلىدىم. بالىلار ئاپامنىڭ ئۆيىدە، ھازىرچە قايتۇرۇپ كېلىش خىيالىم يوق، يولدىشىم بەلكىم بۈگۈنمۇ قايتمايدۇ. يالغۇز جېنىمغا قازان ئېسىپ يۈرمەي تاماقنى سىرتىنلا يېدىم، قايتىپ كىرىپ كومپيۇتېرنى ئېچىپ قويدۇم. مۇشۇ مەزگىللەردە بۇ مېنىڭ بىردىن بىر كۆڭۈل خوشۇم بولۇپ قالغان ئىدى.  مۇنبەرلەرنى كۆرسەم بەزىدە مۇڭداشقۇلارنى ئېچىۋېلىپ مەۋھۇم بىر دۇنيادا كۆڭۈلسىز رېئال تۇرمۇشىمنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇيمەن. شۇنداق قىلىپ بۇ سىرداش دوستۇم بىلەن ھەپىلىشىپ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قاپتىمەن. تاڭ سۈزۈلۈپ، ئۆي ئىچىگە يورۇقلۇق ئاستا سىڭىپ كىردى، يەنە بىر كۈن باشلاندى.
ئەمدى كومپيۇتېرنى ئۆچىرەي دەپ تۇرسام تېلفۇن سايراپ قالدى، ئالسام "ئۇ"كەن!
   -سەن ئۆيدە بارمۇ؟
توۋا يوق بولۇپ نەگە كەتسەم بۇلاتتىكىن.
   -ھەئە. مەن بار.
ئىمكان بار ئاۋازىمنى سىلىق چىقاردىم.
   -نەدە سەن؟ يەنە كەلمىدىڭغۇ؟
   -مېنى كۆرۈپ يەنە چېچىلىپ قالمىسۇن دەپ بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم.
بۇ گەپ راستەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئويۇن تاماشادا بولسا ھەرگىز بۇنچە بالدۇر تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۆيگە تېلېفۇن قىلمايدۇ. مەن توختىماي ئىزدەپ، قايتا-قايتا تېلېفۇن قىلغاندىن كېيىن، ئاران دېگەندە بىرەر قېتىم ئۇچۇرىنى بېرىپ قويۇپلا يوقايدۇ، قاچان بىكار بولۇپ سورۇنى تۈگىگەندە ئاندىن يانىدۇ.
   -ھە... قايتىپ كېلەمسەن؟
   -مەن كېلىپ بولدۇم، ناشتىلىق ئەكىرەيمۇ؟
   -ئىختىيار!
   -بىلدىم، سەل تۇرۇپ كىرىمەن، چاي قاينىتىپ قوي.
   -ماقۇل.
ناشتىنى جىملا ئولتۇرۇپ قىلدۇق، ناشتىدىن كېيىن قارىسام بىر چىرايلىق كىيىملىرىنى يۆتكەپ يەنە سىرتقا چىقماقچى بولۇپ جابدۇندى.
   -نەگە؟
   -قىلىدىغان ئازىراق ئىشىم بارتتى.
   -باشقا ئىشىڭنى قوي، ساڭا دەيدىغان گەپ بار.
   - يەنە شۇ جىدەلنى باشلاي دەمسەن، گېپىم بىر، ئاجراشمايمەن.
   -كىم سەن بىلەن ئاجرىشىمەن دەپتۇ؟ ئەمدى سەن ئاجراشماقچى بولساڭمۇ مەن ئۇنىمايمەن.
   -ئەمسە يەنە نېمە گەپ.
   -ئولتۇرغىن، گەپ دېگەن تولا.
   -ماقۇل، دېگىنە ئاڭلاپ باقاي.
ئۆزۈمنى قاتتىق بېسىۋالدىم، يىغلاپ-قاقشىماسلىقىم، ۋاقىراپ- جارقىرىماسلىقىم كېرەك، بۇ سۆھبەتتە چوقۇم مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىشىم شەرت.
   -ئاخشامدىن جىق ئويلاندىم، سەن نېمە ئويلىساڭ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، ئاجراشمايمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم مېنىڭ دېگىنىم ھېساب، شەرتسىز بوي سۇنىسەن.
   ئۇ جىممىدە تۇراتتى، ئەلپازىدىن گەپلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
   -نەچچە ۋاقىتتىن جىدىلىمىز بېسىقمىدى ياكى سەن ئوڭشالمىدىڭ ياكى مەن يول قويمىدىم. بۇنداق كېتىۋەرسەك ئىككىمىزلا تۈگىشىمىز، بىزغۇ مەيلى لېكىن بالىلارغا ئۇۋال بولدى، مەن چىدىمىدىم، بولدى سەن يەڭدىڭ. مەن ساڭا يول قويىمەن، خالىغىنىڭنى قىل، ساڭا توسالغۇ بولمايمەن لېكىن بىر شەرتىم بار چوقۇم قوشۇلىسەن!
   -قانداق شەرتكەن ئۇ؟
   - مېنى سەن ئارلىشىۋاتقان ئايالنىڭ ئالدىغا ئاپىرىسەن.
   -يوق گەپنى قىلمىغىنە!
   -خاتىرجەم بول، جىدەل چىقارمايمەن، چىرايلىق سۆزلىشىمەن،ئويلىغىنىم بار.
   -نېمىنى ئويلىدىڭ؟
   -ئاپارساڭ دەيمەن.
   -ئاپارمىسامچۇ؟
   -ئاپىرىسەن، چوقۇم ئاپىرىسەن، بولمىسا ماۋۇلارنى ۋاقتىدا تارقىتىسەن!
ئۇنىڭ ئالدىغا ئاخشامدىن تەييارلاپ قويغان بىر تۇتام نەزىر باغىقىنى ئاتتىم.
   -نېمەڭ بۇ؟
   -باغاق.
   -ساراڭ، بارامسەن زادى؟!
   -بارىمەن!
   -ماڭەئەمسە، تەييارلىنىپ چىق، نېمە خىيال قىلىدىغانسەن، قېنى قانداق ئويۇن ئوينايسەن بىر كۆرۈپ باقاي!
    يولدا گەپمۇ قىلمىدىم، بىر چاغدا كۈندىشىمنىڭ جەلىپكار كۆلبىسىگە يېتىپ كەلدۇق. ئىشىك ئېچىلىپ تۇرغان جايىمدىن مىدىرلىيالمايلا قالدىم، غەزەپتىن تىتىرەپ كەتتىم. كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئۆي نەق مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئەسلى كۆچۈرۈلمىسى ئىدى. ئۆيگە ئىشلىتىلگەن جاھازىلەردىن تارتىپ دېرىزە پەردىلىرى، ھەتتا پولغا سالغان گىلەملەرگىچە ئۆز ئەينى ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى. مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى كۆز ئالدىمدىكى مۇنۇ ئاۋاقنىڭ ئۇچىسىغا ئارتىۋالغان ئۇخلاش كىيىمى بولدى. مەن تېخى بۇ كىيىمنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن ماۋۇ كاساپەت بىلەن بىللە چىقىپ سىتار كوچىسىدىن سېتىۋالغانتىم. كاللام جايىدا ئەمەس، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، تېخى بىرەر قېتىممۇ ئۇچامغا ئەپلەپ كىيىپ  باقمىغانتىم. ئوغامنى قاينىتىپ بۇ قارا قۇمچاق نېگىر پەرى پۇرلەشتۈرۈپ مەيدىلىرىنى شالداما قىلىپ سۆرەپ كىيىۋاپتۇ. ئۆي ئىچىدىن بىر خىل   ئەتىرنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ، دېسەم-دېمىسەم بۇ مەن دائىم ئىشلىتىدىغان ئەتىرنىڭ پۇرىقى، ئاللىقانداق زەي ئارلاشقان تىنجىق ھاۋادا خورلانغاندەك پۇراپ تۇرىدۇ.
ئۆزۈمنى زور غەيرەت بىلەن بېسىۋېلىپ بوسۇغىدىن ئاتلىدىم، كەينىمدىن ئاۋۇ نوچىمۇ سوڭداشتى. نېگىر پەرى بولسا ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ كەينىگە داجىدى، ئۇنىڭ ئۆڭگەن تەلەتىگە قاراپ ئۆزۈمنى غەلبە قىلغاندەك ھېس قىلدىم. قەدىمنى رۇسلاپ ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىمدە قاراپ قويۇپ  ئىچكىرلەپ ماڭدىم. ئۈستەل يېنىغا قويۇلغان نەقىشلىك ئورۇندۇقتا تەككەللۇپسىزلا ئولتۇردۇم، يولدىشىممۇ  گەپ-سۆزسىز ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى.
  خېنىم جىممىدە تامغا يۆلۈنۈپ تۇردى، بەلكىم يىقىلىپ چۈشكىدەك بولسام تام يۆلىۋالىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. بىردەم تىۋىشسىز بىر-بىرسىمىزنى تىڭشاپ تۇرۇشتۇق. ئاخىرى بۇ جىمجىتلىقتىن ئىچىم سىقىلىپ گېلىمنى قىردىم، يولدىشىم ئورنىدا سەل قىمىرلاپ قويۇپ جىمىپ قالدى، تامنى يۆلەپ ھەيكەلدەك تۇرغان كۈندىشىم سەل ھوشىغا كەلگەندەك بولۇپ، دەرھال ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ پىيالە-چەينەكلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى. تاۋى يانغان چايدىن بىر پىيالىدىن قۇيۇپ، تولىمۇ پەس ئاۋازدا:
   -چايغا بېقىڭ!-دىيەلىدى.
مەن چايغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ سەل تۇرىۋىلىپ گەپ باشلىدىم.
   -مېنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىشىمدىكى مەقسىدىم ھەرگىزمۇ سىز بىلەن چاچ يۇلۇشۇپ ئەر تالىشىش ئەمەس، چۈنكى مەن بۇ ئەرنى نەچچە قېتىملاپ سىزگە قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولدۇم.  
لېكىن بۇ غۇجام نىزامبىللا يېقىن كەلمىدى، بۇنىڭ زادى نېمە مەقسىدى بار، بىر ئۆزىگە بىر ئاللاھقا ئايان، مەن بىلىپ بولالمىدىم. يا سىز ئۆزىڭىزنى بىلىپ قەدىمىڭىزنى يىغمىدىڭىز، ئايال كىشىمۇ سىزدەك قەدىرسىز بولامدۇ؟ دېسەم دېمىسەم بۇ ئۆي تېخى سىزنىڭ نامىڭىزغا ئۆتكىنى يوق، سىز پەقەت بۇ ئۆيدە پەسكەش بىر نام بىلەن ياشاۋاتىسىز، يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى دېگەندەكچۇ.
گەپ قىلغاچ ئۇدۇلۇمدىكىگە سوغۇق نەزەر تاشلىدىم، ئۇ جايىدىن يەنە بىر قىمىرلاپ قويۇپ بالكۇن تەرەپكە قارىۋالدى. دېمەك ئوشۇق گەپ بۇ ئىشەكلەرگە يۈك ئىدى. شۇڭا گېپىمنىڭ پوسكاللىسىنىلا ئېيتتىم،
ئاڭلاپ قويۇڭلار ! بۈگۈن ئىككىڭلارنىڭ نىكاھىنى ئۆزۈم ئۆز رازىلىقىم بىلەن ئوقۇتۇپ قويىمەن، سىلەرنىڭ قارشىلىق قىلىشىڭلار، رەت قىلىشىڭلار ئختىيارىڭلار ئەمەس.
   -نېمە دەيدۇ ماۋۇ ؟
يولدىشىم ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى. ئاۋۇ چىرايلىق تولغىنىپ كەتتى،
   -نېمە دەپتىمەن؟-مەن ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ قايتۇرۇپ سورۇدۇم.
   -ساراڭمۇ سەن، مەن ساڭا توپەڭگە خوتۇن ئالىمەن دېگەنمىدىم،
   -ئۇنداق مەقسىدىڭ بولمىسا مانى نېمىگە بېقىۋاتىسەن؟
دېمەك ۋەزىيەت ماڭا پايدىلىق تەرەپكە كېتىۋاتاتتى، ئاۋۇ خېنىم قاشلىرى تولا تېرىلىپ ساڭگىلاپ كەتكەن قاپاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، چېكىلگەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ دىققىتىنى ئارىمىزدىكى ئەرگە مەركەزلەشتۈردى.
دېمەك ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشنىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى دەڭسەيدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى.
   -نېمىگە باقاتتىم، پۇل تاپقان ئەرنىڭ ھېچ بولمىسا بىرەر كۆڭۈل خۇشى بولىدۇ. ئاشنا دېگەن ئاشنا، بۇنى ماڭا ئەپ بېرىپ ئويۇن كۆرەي دېگەنمۇ؟
   -كۆڭۈل خۇشى؟ ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ، ئۈچ يىل كۆڭۈل خۇشى قىلساڭمۇ ئېچىلمايدىغان قانداق كۆڭۈلكەن ئۇ؟
   -ھە قانداق، كۆڭلۈمنى خۈش قىلىپ ئۆتسەم بولمامدىكەن، سېنىڭ نېمەڭنى كام قىلدىم، ئارلاشمىساڭ بولمامدۇ؟
   -نېمىشقا ئارلاشمايمەن، ئارلىشىمەن تازا، سەن دېگەن مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ دادىسى. سېنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا خەق بىلەن نەس بېسىپ يۈرۈشىڭنى خالىمايمەن، بىلدىڭمۇ! سېنىڭ پەس كۆڭلۈڭ مۇشۇنىڭغا چۈشكەن بولسا، مەن چوقۇم سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن. بۈگۈن مۇشۇنى ئالغىنىڭ ئالغان، بولمىسا مەندىن كەچ. دېگىنىم دېگەن بولماي مۇشۇ بوسۇغىدىن ئاتلىساملا مېنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن.
   -جاھىللىق قىلما! ماڭ كېتىمىز، نېمە قىلىدىكىن دەپتىمەن بۇ ساراڭنى.
   -زادى مانى ئالمامسەن.
   -ماڭ دەيمەن، ئۇ تاراقشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا زەردە بىلەن ئالايدى.
   -ياق، ماڭمايمەن. زادى سېنى بۈگۈن ئاشنىغا تويغۇزىمەن يا ماڭا تۇرىسەن يا بۇنىڭغا.
باياتىن ئىنكاسسىز تۇرغان بايقۇش چىقارغاندەك بىر خىل ئاۋازدا، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلدى:
    -مېنىڭمۇ شۇنى بىلگۈم بار، جاۋاپ بېرىڭ!
مانا ساڭا جاۋاپ دەپ تازا كېلىشتۈرۈپ ئاغزىغا سالغۇم كەلدى. بىراق يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم ، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ مەينەتنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكىمنى، ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇردىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويمىسام بولمايدۇ-دە.
ئۇ بىر خىل قورقۇش ئارلاش ئىزتىراپتا تىپىرلاپ ئېرىمغا قاراپ تۇراتتى.
بىچارە ئەر تولىمۇ ئوڭايسىز ھالدا ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا يانچىلىپ چېكىسىدىن تەر چىقىپ كەتتى.
تۇرۇپ ئۇنىڭغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بايقۇشقا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاز بولمىغان ۋاپا قەسەملىرىنى بەرگەن بولغۇيتتى.
بىراق ئۇنداق ئاسان بولدى قىلسام بولمايدۇ، بۈگۈن چوقۇم ئۈزۈل كېسىل بۇ ئىشنى يىغىشتۇرۇشۇم كېرەك.
شۇڭا چىرايىمغا قەتئىيلىك ياماشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قارىدىم.
   -ئالمايدىغان ئادەم ئۈچ يىل خەقنى نېمىشقا سۆرەپ يۈردۈڭ، بۈگۈن مۇرادىڭغا يەت دېسەممۇ ئۇنىمايۋاتىسەن، زادى مەقسىدىڭ نېمە؟
ئۇنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى، ئېنىقكى ئاچچىقى سەكسەنگە چىقتى،
   -ئالمايمەن دېدىمغۇ، بۇ پەقەت كۆڭۈل خۇشى، ئەمدى بۇ يولغا ماڭمىساملا بولدىغۇ، ماڭ كېتىمىز.
غەلبە ماڭا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇماق ئىككى بالامنىڭ بەختى ئۈچۈن ئالغا!
بىچارە چوكان تۈگۈشۈپلا كەتتى، چىرايى سارغىيىپ، ھالسىزلىنىپ يەنە تامغا يۆلىنىۋالدى.
ئۇنىڭغا قاراپ مېيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازدا دېدىم:
   -مانا سەن مۇشۇنچىلىك، خەقنى ئەخمەق قىلغىنىڭ ئۆزەڭنى ئەخمەق قىلغىنىڭ.  قارا بۇ ئۆيگە، بۇ ئۆي ئوغلىمىزنىڭ نامىدا. بىراق سەن بۇ بۇزۇقنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپسەن، نومۇس قىلمىدىڭمۇ، ھازىر پاچىقىڭغا يامىشىپ يۈرگەن ئوغلۇڭ ئەتىلا ئۆز بويلۇق بولىدۇ، مۇشۇلارنى بىلسەن، ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈڭدە قارايسەن؟ بۇ خېنىمنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمنىمۇ سەن ماڭا ئوخشىتىپ ئېلىپ بەردىڭ. ئۇ ئىشلەتكەن ئەتىرنىمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ بەردىڭ، نېمىشقا ئۆزۈڭنى قىينايسەن. ئاڭلاپ قوي، مەن يەنىلا مەن، باشقىلار ھەرگىز ئورنۇمنى باسالمايدۇ.
مەن بۇ گەپلەرنى ئېرىمغا ئەمەس، ئاۋۇ كۆڭلى يانماسقا ئاڭلىتىۋاتاتتىم. ئۇمۇ مۇزدەك تەرلەپ يا گەپ ياندۇرالماي كالپۇكلىرىنى مىتىلدىتىپ ئۆمچىيىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
ئېرىم بارغانسىرى بوشاپ كېتىۋاتىدۇ، مەن قەدەممۇ قەدەم تاكتىكامنى جىقايتىۋاتىمەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا يار يۆلەك، سەۋەپ ئىللىق ئائىلىگە، ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنا قوشماقلىرىم ماڭا تەلمۈرمەكتە.
تۇيۇقسىز  چوكان تەلۋىلەرچە چىقىرىۋەتتى، كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ ئېرىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.
   -سىز ماڭا نېمە دېگەن، مېنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئورنۇم مۇشۇمىتى؟ مەن سىزدىن شۇنى كۈتكەنمۇ؟
ئۇ يىغلايتتى، نېمىلەرنىدۇ دەيتتى، بىراق ئېرىم يېرگىنىچ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى ياقىسىدىن ئاجراتتى.
ئۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا:
    -بولدى قاقشىما، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، خوشنىلار ئاڭلىسا سەت بولدۇ،- دىدى.
قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالغان ئاشنىسى ئۇنىڭ يۈزىگە چاڭ سالدى. بىردەمدىلا يول يول تىرناق ئىزى... قان تەپچىپ ئېرىمنىڭ يۈزىدە پەيدە بولدى.
ئەھۋال ماڭا تېخىمۇ پايدىلىق بولىۋاتىدۇ. دەرھال ئارىغا چۈشتۈم، ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ تولۇق غەلبە قىلغانلىقىمنى جاكارلىدىم.
   -بولدى قىلىڭ، يەنە نېمىگە بۇنچە بىشەملىك قىلىسىز، ئەسلى باشتىلا مۇشۇنداق ئاقىۋىتىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەكتى.
ئايالى بار، ئىككى بالىسى بار ئەر سىزگە ھەر قانچە بولسىمۇ ئاش بولمايدۇ. ئۆز ئىززىتىڭىزنى سېتىپ، دەپسەندە بولغىنىڭىزلا قالىدۇ. مانا ئاڭلىدىڭىز، ئاياقلاشمايدىغان ئويۇن بولمايدۇ. مەن يول قويدۇم، مۇرادىڭلارغا يېتىڭلار دېدىم، بىراق بۇ ئەر سىزنى خالىمايدىكەن، ئەپسۇس، مەندىمۇ ئامال يوق.
گەپ شۇ يەرگە يەتكەندە توختاپ ئىككىسىگە  قاراپ باقتىم. ئېرىم بۇ جىدەلنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئېغىر پۇشۇلداپ يەرگە قارىۋالغان ئىدى.
ئايال ئازاپلىق بىر كەيپىياتتا ماڭا قاراپ تۇراتتى.
مەن دانە-دانە قىلىپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇ پەردىنى چۈشۈرۈش كېرەك، پىلىكلەرنى ئۈزۈپ قايتا تۇتاشماس قىلىۋېتىش كېرەك، شۇڭا كەسكىن بولمىسام بولمايدۇ.
   -مەيلى سىلەر قانچە ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېتىڭلار، بۇ سىلەرنىڭلا ئىشىڭلار. مەن ھەم باللىرىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆي ئوغلۇمنىڭ نامىدا. تاما كۈتمەڭ، بۈگۈن نىكاھلىق بولالمىغان ئىكەنسىلەر، ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرسىڭىز بولمايدۇ. ئون كۈنگىچە كۆچۈپ چىقىپ كېتىڭ، بولمىسا ئۈستىڭىزدىن ئوغلۇم نامىدا ئەرىز قىلىمەن.
مەن ئۇلارغا مەغرۇر تىكىلدىم. دېمەك ئىچىم بوشاپ تولۇق غەلبە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدىم.
ئېرىم شۇ چاغدا ئېغىر بېشىنى كۆتەردى، ماڭا قاراپ:
   -گېپىڭ تۈگىدىمۇ ماڭامدۇق،-دېدى.
بۇنىڭ مۇشۇ گېپىلا ھەممىگە يېـتىدۇ، ئاخىرقى ھۆكۈم مېنىڭ دېگىنىم بويىچە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەن ماڭدىم، خۇددى كېيىكتەك يىنىك قەدەم تاشلاپ ئىگىز پاشنىلىق ئۆتۈكنىڭ يورغىسىنى چىقىرىپ خۇشاللىق بىلەن بۇ مەينەتچىلىكتىن ئايرىلدىم، كەينىمدىن مەھبۇسلاردەك ساڭگىلاپ كېلىۋاتقان يولدىشىم  سوڭداشتى.
بىز ئىشىكتىن چىقىشىمىزغا ئۆي ئىچىدىن ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
پەرۋايىم پەلەك، مەنمۇ شۇنداق يىغىلارنى تالاي يىغلىغان.
تۇرمۇشتا ھەر قەدەمنى ئويلاپ باسمىساق بولمايدۇ، كۈلگەنلەر كۈلۈپ ئـۆتمەيدۇ، يىغلىغانلارمۇ يىغلاۋەرمەيدۇ.
كەينىمدىن كېلىۋاتقان يولدىشىمنى ساقلاپ تۇرۇپ، يانداشقاندا قولتۇقلىۋالدىم.خۇددى بىر چاغلاردا كىنوخانىدىن يېنىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىغاچ قولتۇقلىشىپ ماڭغاندەك قەدەملىرىمنى قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇپ ماڭدىم.
مۇشۇ مېڭىشىمىزدا چوڭ ئۆيگە بارىمىز، مېھرىمىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغان قوشماقلىرىمىزنى ئېلىپ ئىللىق ئۆيىمىزگە يېنىپ كېلىمىز.
يېنىمدىكى ئەر ئەينى چاغدا ماڭا بارلىقىنى بەرگەن، تولۇپ تاشقان مۇھەببەت بىلەن باغرىغا باسقان يىگىتنىڭ ئۆزى شۇ. بەختىم ئۇنىڭغا باغلانغان، گۈزەل كەلگۈسۈم ئۈچۈن تىرىشىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 10 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10 تىللا + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىق ئەسەركەن ،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
83
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1596
تۆھپە
899
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن ، بىراق مېنىڭ ئېرىم ئۇنداق قىلمىدى ، ‹‹سېنى ئالغان بولسام ئۇنىمۇ ئالغان ›› دەپ لا ئويدىن چىقىپ كەتتى


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
11
UID
170
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىنى كەچتە ئايالىمغا بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام بولماپتۇ ....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
766
تۆھپە
485
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
namsiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 16:40
ماۋۇ تىمىنى كەچتە ئايالىمغا بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام بول ...

ھاي ھاي
ئاياللارغا ئىش ئۈگىتىدىغاندىن يەنەبىرى چىقتى .
ئۇنتۇپ قالماڭ بۇرادەر ، خوتۇن كىشىنىڭ ئەركىلىگىسى كېلىپ قالسا  ئېرىنى كىنو چولپانلىرىدىنمۇ كۈنلەپ قويىدۇ ، 9-نومۇرلۇق كالاچتەك ھىجىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىسىز . سىزمۇ تېچ ، خوتۇنمۇ تېچ ، ئۆيمۇ تېچ . ھازىر دەرسنى ئۆتۈپ قويۇپ ، ۋاقتى كەلگەندە «ئېشىمدا يوق پۇرچاق ، پوقۇمدا نېمە ئىش قىلىدۇ» دېگەنگە خوتۇنىڭىز كۆنمىسە ، ئوغلىڭىز ئۈچۈن ئالغان (لېكىن ھازىرغىچە قۇرۇق تۇرغان) ئۆيگە باشلاپ ئاپارسىڭىز ،  قايسسى ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتىگە ھەق تۆلەپ بىركېچىدىلا نەگە كۆچۈرىۋەتتىڭ دەپ سورىسا،  ھا ھا ھا ھا

جاۋابىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ جۇمۇ ، بىزدەك ھەممە قازاندا قايناپ باققانلارغىغۇ  جاۋابى ئاسان ، سىزگە تەس بولۇپ قالامدىكىن .

چاقچاق قىلىپ قويدۇم


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىنى كەچتە ئايالىمغا بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام بولماپتۇ ....
   
           قىزىققۇ  سىز  نېمە  قىلاي  دېگەن ..،.ئايال  كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمىسا  بۇ ئەرلەرنىڭ  كۆڭلى  تىنمامدىغاندۇ..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:07, Processed in 0.089855 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991