جاھالەت پىرلىرنىڭ شىنجاڭدىكى تەسرى
(تارىخىي ئوبزور)
ئەزمەت رەخمىتۇللا
ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۆتكەن خوجا - ئىشانلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاپتور بەزى مەسىلىلەردە ئالجىپ قېلىپ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىمۇ تەنقىتلەپ تاشلىغان. بىر قىسىم خوجا - ئىشانلارنىڭ رىياكارلىق، كاززابلىقىنى پاش قىلماقچى بولۇپ، «مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»، دەپ ئىسلامدا تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن خۇجا - ئىشانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىت تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىسلامىيەتتىكى سوپىزمنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە ماھىيىتى توغرىسىدا
سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنى يەككە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىدىغان مۇرەككەپ، دىنىي پەلسەپىۋى ئېقىمدىن ئىبارەتتۇر... كېيىنكى زامانلار چۈشەنچىسىدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن موللا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۇچارى بىلەن موللا توختى خەلپەت قەشقەرىلەرنىڭ ھىجرىيە 1226- يىلى قەشقەردە بىرلىشىپ يېزىپ قالدۇرغان «تەزكىرە پىر ياران» (پىر يارانلار بايانى) دېگەن پارىسچە قول يازمىسىدا بۇ ئېقىمنىڭ كېيىنكى زامان يەشمە تەرىپىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان (چۈشەندۈرگەن): «سوپى يارانلار: بۇ ئالەم جۈملىدىن بۇ ئالەمدىكى جەمىكى مەۋجۇدات (جانلىق، جانسىز تەبىئەتنى دېمەكچى - ئا) شەك - شۈبھىسىز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئىنسان ئەنە شۇ مەۋجۇداتتىكى تىرىكلىكتىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تىرىكلىك جەريانى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا بىرىكىپ كېتىش، ھەمدۇ سانا ئېيتىش، مۇتلەق، دائىما، شەك - شۈبھىسىز قۇلچىلىق قىلىپ تۇرۇش، تەۋبە - ئىستىغپاردىن خالى بولماسلىق ئۈچۈندۇر... ھەر بىر بەندىنىڭ تەقدىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى «ئەتتەقدىرو ۋەل قەلەم» (بەندىنىڭ تەقدىرى، زۇۋۇلىسى ئۆزى يارىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىقاچان پېشانىسىگە پۈتۈپ قويۇلغان بولىدۇ، دېمەكچى - ئا) دۇر. «ئاللاھتىن بېئىزنى (ئاللاھنىڭ دىققىتىسىز) قىل تەۋرىمەيدۇ...» دېگۈچى ماشايىخلار (چوڭ ئىشانلار - ئا) دۇر..»
دېمەك، سوپىزم ئېقىمى - شەك - شۈبھىسىز بىر يۈرۈش خۇداگۇيلۇق نۇقتىئىنەزەرلەر ئېقىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يولغا قويىدىغان ۋە داۋام ئەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى: مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
سوپىزمنىڭ تارىختىكى ئىجادچىلىرىدىن بىرى ― مىلادى 12- ئەسىردە ياشىغان بەلخلىق مەشھۇر سوپى خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «... دۇنيانىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى ئىزدىگەن سوپى ئەمەس، ئۆز ھاياتىنى بەختسىزلىك ۋە غۇربەتتە تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي سوپىدۇر...» دېگەن تەلىمىمۇ بۇ پىكرىمىزنىڭ تارىخىي مىسالىدۇر.
بۇ مەزھەپنىڭ تۈپ ماھىيىتى توغرىسىدا تارىخشۇناس ئى. ئا. كىرىۋىلوۋ «دىن تارىخى» دېگەن كىتابىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «بۇ سىستېما شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەنگەنكى، ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يەنى مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان قارىسىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە چوقۇنىدىغانلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تېۋىنغان ئىمامغا ھەم ئۇنىڭ قەۋملىرىدىن بولغان تەرغىباتچىلىرىغا ھېچقانداق شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ئادەتلەندۈرۈش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما بىر ئوچۇم ۋىجدانسىز شۆھرەتپەرەسلەر قولىدىكى قارىغۇ قورالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.» شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ مەزھەپ تەلىماتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ۋىجدانسىزلارچە ئالداشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنداق ئىكەن، سوپىزم ئىنسانلارنى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈ تەركى دۇنيا ۋە ئەبەدىي مۇتەئەسسىپ ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان، باشلايدىغان، مەۋجۇد ئالەم مۆجىزىلىرىنى، ئىجتىمائىي تىرىكچىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» «مىزانى» بىلەنلا ئۆلچەيدىغان، ھاياتقا، پەنگە زىت، تارىختا پەيدا بولۇپ، تارىختا يوقالغان خىيالىي خۇدايى قۇلچىلىق تەسەۋۋۇرەت ئېقىمىدىن ئىبارەتتۇر.
سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا
سوپىزم مەزھىپىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا پەيدا بولۇش، تارقىلىش، كېڭىيىش جەريانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ.
مىلادى 632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئورۇق - تۇغقانلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئورنى (ئىز باسارلىق) نى يەنى خەلىپىلىكىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى بىرىنچى قېتىم خەلىپىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەم بىر نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى: «پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشى كېرەك» دەپ قاراپ، ئابابەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىم خەلىپىلىككە ئولتۇرغان ساھابە ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، خەلىپىلىكنى ئىگىلەيدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ (ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر نەسىل نەسەب ئەمەس ئىدى) تەرەپدارلىرىغا قارشى ئەلى پەرەسلەرنىڭ «شىئە ئەلى» تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «چاھاريار»لىق سەلتەنىتىدە بولغان تۆت ساھابىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ «چاھار يار» لىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ساھابىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ مىلادى 661 - يىلى كۇفە دېگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، «شىئە»چىلەرگە قارشى ئۆزلىرىنى «سۈننىي» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىنى تالاشقان ئوغلى ئىمامى ھۈسەيىنمۇ يەزىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا خەلىپىلىك تالىشىشنى چۆرىدىگەن مەزھەپ كۈرىشى شەكىللىنىپ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ، مۇرەسسەسىزلىشىدۇ. بارا - بارا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىنىي يېتەكچىلىرى ئارىسىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىماتى (قۇرئان) بىلەن ئىسلامنىڭ پەيغەمبەر تەكىتلىگەن ئەھكام، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئەنئەنىلىرىنى ھەر كىم ئۆز مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر - بىرىگە زىت تەپسىرلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. «شىئە ئەلى» چىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننى شەرھلەشتە؛ قۇرئاننىڭ «باتىن» (ئاخىرەتلىك، يوشۇرۇن) ھەم «زاھىر» مەنىلىرى بار. «باتىن» مەنىسى بەندىلەرنىڭ شەرتسىز، شەك - شۈبھىسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ «ھەقىقەت» سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن «ئەخبار» ناملىق چوڭ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. «سۈننىي» لەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىمۇ قۇرئاننى شەرھلەشتە: قۇرئاننىڭ «زاھىر»، «باتىن» مەنىلىرى بار، «زاھىر» مەنىسى ― بەندىلەرنىڭ شەرتسىز ھەم شەكسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ ھەقىقەت سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ساھابىلىرىنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن «سۈننىي» ناملىق چوڭ كىتاب (قۇرئان تەپسىرى) نى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن يانداش ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئۆلىمالىرى ئەقىدىلىرىنى ئەنە شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ «شىئە ئەلى» لەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسىنى ئاساس قىلىپ «زاھىرى» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بارلىقىنى (ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، پائالىيەتلىرىنى) «باتىن ئالەم» ئۈچۈن، ئۇ «دۇنيا» ئۈچۈن بولغان خۇدايى قۇلچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بىلىپ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى بېقۇۋۇل ئۆتكۈنچى مەخلۇق دېگەن دەۋالىرىدا چىڭ تۇرۇش يولى ئارقىلىق، ئۆز مەۋقەلىرى بويىچە تۇتقان يولىنى «ئەھلىي تەرىقەت» (تەركىي دۇنيالىق يولى) دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. «سۈننىي» چىلەرنىڭ پېشۋالىرىمۇ قۇرئاننىڭ مەۋجۇد ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقىي، يېگانە دەستۇر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كائىنات ھادىسلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي غايە، كۈرەش ئىنتىلىشلىرىنى (ئاللاھنىڭ مەۋجۇد دۇنيانى بەندىلەر ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى)، ئاخىرەتنىڭ («باتىن» ئالەمنىڭ) «زاھىرى» ئالەم ئۈچۈن قوشۇمچە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم مەۋقەلىرىنى (يولىنى) «ئەھلى شەرىئەت» (زاھىرى ئالەم يولى) دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام - «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرى بويىچە ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەملەشكەن مۇسۇلمان قەۋملىرى بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى بايراق ئاستىغا بۆلۈنۈپ (ئۇيۇشۇپ) ئىچكى جاڭجال، مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ.
تۇنجى تۈركۈم «سوپى - زاھىت» لار گۇرۇھنىڭ ئىراندا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا
مىلادى 8- ئەسىرگە كەلگەندە «شىئە ئەلى» لەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىراندا تۇنجى قېتىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى - بەشىنچى ئىمام زەئىد ئىبنى ئەلىنى بايراق قىلغان بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى (پادىشاھلىقى) تىكلىنىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئىلاھىي ۋە دۇنياۋى ھاكىمىيەت ھېسابلايدۇ ھەم خەلىپىنى «ئىلاھىي شەخس» دەپ بىلىدۇ. ئۇ، مەيلى زالىم بولسۇن، مەيلى ئىستىبدات بولسۇن خەلق ئۇنىڭغا ھامان شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەككى، ھېچ كىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا ھەققى يوقلۇقى توغرىسىدا تەقىب خاراكتېرلىك پەرمانلار چىقىرىلىدۇ. خەلىپىلىك پەۋقۇلئاددە ئىستىبداتلىشىدۇ. خەلق ئۈستىدە زۇلۇم كۆپىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلام پېشۋالىرى ئارىسىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدىن چوڭ ھوقۇقنى يەنىلا كىم ئىگىلەش مەسىلىسى كېلىپ چىقىپ، «شىئە» لەر ئارىسىدىكى دەسلەپكى بىر مەزگىللىك بىرلىك پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بەنى ھاشىم بۇ خىل ۋەزىيەت ئىچىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەبىدى ساقلاپ تۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۆز قەۋملىرى ئارىسىدىن (ئۆزىگە شان - شەرەپ كەلتۈرگۈچى «ئىشان» ۋە قەيسەر تەقۋادار «شىئە» لەر) دىن «سوپى - زاھىت» (تەرىقەت تەقۋادارلىرى) «پىرقە» سى (پارتىيىسى) نى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ «پىرقە» نىڭ ئەزالىرى تارىختا «بەنى ھاشىم سوپى - زاھىدلىرى» ياكى «سوپى ھاشىمىلەر» نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. «تەزكىرە پىر ياران» دا «سوپى - زاھىت» لار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەزرىتى بەنى ھاشىم - ھەزرىتى خوجام روسۇلىللا (مۇھەممەد پەيغەمبەر - ئا) نىڭ بۇ ئالەمدىكى ئۈممەتلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئەۋلادى، بەرھەق ۋەكىلى ئىدى، ئەھلى ئىسلامنىڭ پاناھى، ئىقلىمگىرى (جاھانگىرى - ئا) ۋە نىجادچىسى ئىدى. شۇڭا خوجام، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە خاس تۇتۇپ، لىباس ئېھرام (مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا ئىمامەتچىلىك قىلغاندا تاشقى كىيىمى ئۈستىدىن يۆگىنىپ ئالىدىغان ئاق رەخت - ئا) كىيىپ، مۇرىتلىرى بولسا «لىباس تەۋەرۇكات» كىيىشىپ، باشقىلاردىن ئەلپار، تۇرۇق، سالاپەت، سۈپەت پەرقلىرى بىلەن پەرقلىنىپ، ھۆرمەت دەرىجىلىرى بويىچە سوپىزاتلىق تەلقىنلىرى (ئىبادەت مەۋقەلىرى) دە تۆۋە ئىستىغپارنى تىللىرىدىن چۈشۈرمەيتتى...»
بىزگە مەلۇمكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «لىباس تەۋەرۇكات»، «ئەلپار»، «تۇرۇق»، «سالاپەت»، «سۈپەت» دېگەن سۆزلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرچە كىيىنىپ، سالاپەتلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇپ، يۈرۈش - تۇرۇش، مەشغۇلات قىلىپ (پەيغەمبەرگە ئوخشاپ) تۇرغۇچىلار دېگەنلىكتۇر. بەنى ھاشىم سوپىلىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەينى چاغلاردا (مىلادى 600- يىلدىن 632- يىلغىچە) تىجارەت ۋە پەيغەمبەرلىك پائالىيەتلىرىدە بولغاندا كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن تۆگە چەكمىنىدىن تەييارلانغان ياقىسىز، قوش ئېتەكلىك ئۇزۇن مەللە توننى «لىباسى تەۋەرۇكات» دەپ ئاتىشىپ، شۇ خىل رەختتە، شۇ خىل كىيىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ سوپىلىق بەلگىسى قىلىپ ئېلىشقان ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىجەز، تۇرۇق ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنىمۇ ئۆزلىرىچە «پەيغەمبەرچە ئەخلاق»، «پەيغەمبەرچە ئەلپاز - مىجەز»، پەيغەمبەرچە «تۇرۇق - سالاپەت» تە «بولغۇچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچى تۇنجى سوپىلار تۈركۈمىدۇر. تارىختا بىرىنچى قېتىم شۇ شەكىلدە پەيدا بولغان، ئۆزلىرىنى «بەرھەق پەيغەمبەر ئەۋلادى - سەئىد» نامى بىلەن نىقابلىغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كېيىنكى زامانلارغىچە ھەتتا ھازىرقى زامانلارغىچىمۇ پەيغەمبەرنىڭ نام، سۈپەتلىرىنى ئەكسىچە سۇيىئىستېمال قىلىدىغان، ئىشلىمەي چىشلەش (دىنىي نىقاب بىلەن دۇئا كويلۇق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش) نى كەسىپ قىلىۋالغان، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يۈرۈۋاتقان ھارام تاماق سوپىلارنىڭ تۇنجى «پىرى» (ئۇستاز) لىرىدىن ئىبارەتتۇر.
مىلادى 9- ئەسىردە بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى مۇسۇلمان قەۋملىرى (ئاساسەن «سۈننىي» لەر) نى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلىغان ئەرەب پادىشاھى خەلىپە ئابدۇل مۈلۈك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بەنى ھاشىم گۇرۇھىغا ئەگەشكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەلى ئەۋلادلىرى قىرغىن قىلىنىدۇ، زىندانلارغا تاشلىنىدۇ، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىدۇ. بۇ خىل پاجىئەلىك قىرغىندىن چۆچۈگەن بەنى ھاشىم سوپىلىرى ئىراندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مۇسۇلمان رايونلىرىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قېچىپ كېتىشىدۇ. بۇ خىل ھالەت، مەزھەپ ئۇرۇشلىرى توختىماي، يېڭىش - يېڭىلىش، چىقىش - چۈشۈش بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان تارىخىي زامانلار جەريانىدا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئۆز ھەرىكەتلىرىدە مەغلۇپ بولغان تەرسا سوپىلارنىڭ قېچىپ كېتىش نۇقتىلىرى يەنىلا يۇقىرىقى جايلاردىن ئىبارەت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن قاچان سوپىلار بارغان - تۇرغان يەرلىرىدە يەنىلا ئۆز ھەرىكەتلىرىنى زادىلا توختاتمايدۇ.
8- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا شىرۋان (ئىراننىڭ ھازىرقى ئەزەربايجان رايونى)، بەسىرە (ئىراقنىڭ بىر رايونى)، پارس (ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى)، شىراز (ئىراننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى)، ھەمەدان (ئىراننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر)، ھىرات (ئافغانىستاننىڭ بىر شەھىرى)، ھازىرقى سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىيە، ماراكەش، بەھرەيىن، بۇخارا، سەمەرقەند... قاتارلىق جايلاردا ئاشكارا، يوشۇرۇن، ھەر خىل نام، شەكىللەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چوڭ - كىچىك سوپى - زاھىدلار گۇرۇھلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە بارا - بارا بىر بىرىگە قوشۇلۇپ (مەلۇم چوڭ ماشايىخلار يېتەكچىلىكىگە بىرىكىپ) دىنىي، ئىجتىمائىي كۈچلەر سۈپىتىدە سوپىلىق تەرىقىتىنى كېڭەيتىش كۈرەشلىرىنى قاناق يايدۇرۇشىدۇ. بەزى ئىسلام تارىخلىرىدا «قوۋمى سۈلۈك داھىلىرى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج، شەيخ نەجمىدىن باغدادى، يۈسۈپ ھەمەدانى، خوجا ئابدۇخالىق، سانايى، ئەتتارى، رۇمىي... پىرقىلىرى ئەنە شۇ خىل سوپى - زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ بۆلۈنمە ناملىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە خاس ئاسىيالىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا بىر - بىرىگە باغلانمىغان چوڭ - كىچىك سوپى - زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارا سۈلۈكلىرى 99 غا، «پىر» لىرى 101 گە يەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.
سوپىزم ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مەنئى قىلىنغان مەزھەبتۇر
مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرى (تۇنجى قېتىم ئىران) دا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي سېستېمىلىشىش، جامائەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى تەركىبىگە قىستۇرۇلۇپ، ئايرىم مۇسۇلمان قەۋملىرىنىڭ سەجدە ئىخلاسلىرىدا ئېتىقاد شەكلىگە كىرگەن سوپىزم - كېيىنكى چاغلار (تەخمىنەن مىلادى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان چاغلار) دا ئايرىم مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلامىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە ۋە قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان بەزى قىلمىشلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ دۇنياۋى ئىسلام مەھكىمىلىرى بىلەن ئىسلام دىن ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ھەم قارىلانغانىدى.
سوپىزم شۇ زامانلاردىكى ئىسلام ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە، قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئومۇمەن مۇنۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشەتتى:
سوپىزم يېتەكچىلىرى ئەزەلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ «پەيغەمبەر ئەۋلادى (ئىمام)» دېگەن تەمەننا ۋ نوقۇل تەرىقەت بېكىنمىچىلىكى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسى بويىچە ئىسلامنى تەرىقەتلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى سوپىلاشتۇرۇش مەقسىتى يولىدا شۇ زامانلاردىكى ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنلۇق داھىلىرى (ئىسلامغا قۇرئان بوىيچە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېتەكچى ئۆلىمالار) قولىدىن ئىسلامىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش كۈرەشلىرىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. بۇ كۈرەشلەردە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئورنىنى كۆتۈرۈش («دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق مەزتىۋىلىرىنى تىكلەش)، ئۆزلىرىنى چۆرىدىگەن «دىنىي مەركەز» لەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكۈچى كۈرەشچى مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى (سوپى مۇرىتلىرى) نى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم بۇ كۈچلەردىن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار يەنە «دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلۈش مۇددىئالىرى بىلەن ئۆزلىرىچە قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىش مىزانى، ئەنئەنە پرىنسىپى بولۇپ كەتكەن بەزى دىنىي ئەھكام، ئەركانلار (دىنىي پرىنسىپ، مەجبۇرىيەت، قائىدە، ئەنئەنىلەر) دىن ۋە قۇرئاندا تەكىتلەنگەن ئايەتلەردىن چەتنەپ، بەزى غەيرىي دىنلارنىڭ يەنى بۇددا، ھىندى - بىراھمان، يەھۇدىي دىنلىرىغا مەنسۇپ سوپىزمچىلارنىڭ() نەرسىلىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ ياكى ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ، بار نەرسىلەرنى يوق قىلىپ (قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەرگە ئۆز قاراشلىرى بويىچە مەنە بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرۈپ)، ئۇنى بىر خىل «دىنىي تەلىمات» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي مەركەز» لىكىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقانىدى.
19- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئالىم سۇلتان باي ھاجىم (قاغىلىق ناھىيە گوساس ئازغانساللىق ئۇيغۇر) ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم سوپىلىق «تەلىمات» ىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان «خوپپە سۈلۈكى» نىڭ ئىجادچىسى، شاملىق مەشھۇر سوپى بەنى ھاشىم «سۈلۈكى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «... تارىختا سۈلۈك يولىدا يۈرگەن (سوپىلىق يولىنى تۇتقان دېمەكچى - ئا) تەرىقەتچى ماشايىخلار ئۆزلىرىنى <پىر> (دىنىي يېتەكچى - ئا) دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ <... مۇسۇلمان بەندىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبىرىمنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئەقىل - پاراسەتلىرى بىلەن قايىل بولۇشى، ئىمان كەلتۈرۈشى، ئىبادەت بىجا قىلىشلىرى زۆرۈدۇر...> دېگەن تەلىمىنى <... ئىمان - تىل ھەم دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بۆلۈكلىرى بىلەن ئورۇنلاش يەنى ئىمانغا بەدىنى بىلەن كىرىشتۇر...> دېگەن «تەلىم» گە ئۆزگەرتىپ، «ئىنسان پەقەت جىسمانىي بەدىنى (مەۋجۇدلۇقى) بىلەنلا ئىنساندۇر، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھەر ئىككىىلا ئالەمدە ئىنسان ۋابال - ساۋابنىڭ شاھىتى، ئاجرالماس ھەمراھىدۇر» دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ، «پەتىۋا» لىرىنى يەنى «ئۇلۇغ» لىرىنىڭ (يېتەكچىلىرىنىڭ) مىيىت - جەسەتلىرىنى «تەن ئاساس»، «تەن مەڭگۈ»، ئۆزلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس ئۇلۇغ مۆجىزات» قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاللاھقا بولغان مۇسۇلمانچىلىق قەرزلىرىنى شۇ خىل «مازار»، «مۆجىزات» لارغا سەجدە قىلىش، ئۆز مۇرىتلىرىنى سەجدە قىلدۇرۇش، بىلەنلا تۈگىگەن قىلىشاتتى. بۇ خىل قىلمىش تۈپ نىيەتتىن ئالغاندا «خۇدادىن خۇدالىق»، «پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرلىك» دەۋا قىلغانلىق، ئاللاھ بىلەن بەندىلە ئوتتۇرىسدا مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشقا يەنە بۆلەك «ۋاسىتىچى زات» پەيدا قىلغانلىق ئىدى... بۇ بىر «كاززاپ» لىق بولاتتى.» (مۇئەللىپ بۇ سۆزنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «كاززاپ» ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ پەيغەمبەردىن «پەيغەمبەرلىك» دەۋاسى قىلغان قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان - ئا).
بىزگە مەلۇمكى، قۇرئان: ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا «يەنە بىر زات بار» دېگەننى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بارلىق «مۇقەددەس مۇرىت»، «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس مۆجىزات» دېگەنلەرگە «تاۋاپ» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇ خىل «تاۋاپ» قىلىشلارنى - بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تۆۋەنلەتكەنلىك، ئەۋلىيالار، ساھابىلەر، دانىشمەنلەرنىڭ توپا - تۇپراقلىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك... تۇپراق بېشىغا قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش قاتارلىقلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسى بىلەن ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا مۇنداق گۈمبەز، قەبرە ياساشلار يوق ئىش بولۇپ، پەقەت قەبرە بېشىغا تاش قويۇپ بەلگە قىلىپ قويۇلاتتى. بۇ قەبرىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولاتتى...
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە: كېيىنكى دەۋرلەردە قەبرىلەر ئۈستىگە تۈرلۈك بىنالارنى سېلىش ۋە تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇش ئىشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ نەرسىلەر قارىغان ئادەمگە خۇددى بۇتقا ئوخشاشلا كۆرۈنەتتى... مىيىتنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ قەبرە بېشىغا كېلىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە مەككە موشرىكلىرىنىڭ بۇتخانىلاردا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا بولۇپ، ئاخىرەتكە ئائىت ئىشلاردا روسۇلىللا قىلمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن بىر قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دىنىي ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار...» دېگەنىدى.
دۇنياۋى ئىسلام جامائەت پىكرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك توغرا ھۆكۈم ۋە ھەق ئاساسلار بىلەن رەت قىلىنغان سوپىزم ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ كېيىنكى داۋامىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مىلادى 12- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنياۋى ئىسلام كۈچلىرى بەسىرە، شىراز، ھەمەدان، خۇراسان قاتارلىق سوپىزم نۇقتىلىرىدا سوپىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەشھۇر «پىر» لىرى، - بەسرەلىك سوپى نەجمىدىن باغدادى، شىرازلىق سوپى يۈسۈف (خەتمە ئەزەم)، مەۋلانە سەرۋەرى، ھەمەدانلىق سوفى مۇھەممەد ئەزەم (بالاگەردان پىرىم)، خۇراسانلىق سەئىدئاسىپ ئەزىزى (پىرى ئەزىزان) قاتارلىق ماشايىجلار (چوڭ سوفىلار) نى «ئىسلام دىن ئاسىلىرى» ئەيىبى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. «تەزكىرە پىر ياران» دا بۇ ئەھۋال: «بۇ پىرلار ئۆزلىرىنى <خوجام روسۇلىللا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىگەر ئەلچى>، <پىر ئىنەلھەق> (ھەق ئاللاھنى كۆرگەن پىر - ئا) <غايىبنى بىلگۈچى> (كارامەتچىلەر) دېگەن كۇپىرلىق دەۋالىرى بىلەن باشلىرىدىن ئايرىلغان...» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى - ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دېگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
دېمەك سوپىزم - تارىختا يۇقىرىقىدەك ئىسلامغا زىد قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئېتىبارىدىن چۈشۈپ، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ رەقىب مەزھەپلىرى تۈركۈمىگە مەنسۇپلىشىپ كېتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بۇ مەزھەبنىڭ بىرەر قېتىممۇ بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قەبىلە، بىرەر جەمئىيەتتە دىنىي سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىگە كىرىپ باقمىغانلىقى، يېتەكچى دىنىي مەزھەپ بولۇپ نوبۇز تىكلەپ ئۆتۈپ باقمىغانلىقى ئەنە شۇ خىل پرىنسىپلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىندۇر.
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشتە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە) ھەر خىل زامانلارنىڭ تۈرلۈك ھادىسە، قىسمەت، پېشكەللىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۈرت، ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پاناھلىق ئىزدەپ شىنجاڭغا كېلىپ قالغان ھەر خىل كەچۈرمىشلىك مۇساپىر ئىنسانلارغا ئۆز ئارىلىرىدىن تۇرۇشقا ئورۇن، ياشاشقا يول ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىلتىپاتپەرەسلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەنمۇ ۋەتىنىمىزدە ھەر قايسى زامانلار بويىچە ھەر خىل غەيرىي مىللىي تەركىب ۋە ياكى غەيرىي ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆپىيىشى، ئورۇن ئېلىشى، يەرلىشىشى، سىڭىش - سىڭىشىشتەك تەقدىرى - قىسمەتلىرىنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىن تىكلىنىشىگە سەۋەب بولۇشقان. تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي زامانلار جەريانىدا ۋەتىنىمىزگە چەتتىن «تىنچ» ئېقىپ كىرگەن (مۇساپىرەتچىلىك سەپىرىدە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ياكى نەسەب، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن) بۇ خىل سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ خېلىلا بىر قىسمى ئىران، ئىراق، ھىندى، ئافغان، بۇخارا، كاسان قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزگە قېچىپ كەلگەن كۆچكۈن سوپى، ئىشانلارغا مەنسۇپ «ئەھلى دىن پەقىرلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ماكان تۇتۇشقاندىن كېينلا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىن بەندىلەرگە <پىر>، <ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن» لەر دېيىشىپ، بارا - بارا ئەجدادلىرىمىزغا «ئۇلۇغ پىرلىق»، «ئۈلۇغ سەئىدلىك»، «ئۇلۇغ زاتلىق»، «خىسلەت»، «كارامەت» لىرى بىلەن دىنىي، روھىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل باشلىنىشلار نەتىجىسىدە شۇ زامانلاردىكى، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز تەدرىجىي: يۇرت بىزدىن، خەلق بىزدىن، بايلىق، مەئىشەت، ئىلتىپات، سۈكۈت، بويسۇنۇش، «سەۋرى»، «تەقدىرگە تەن بېرىش» بىزدىن، «پىرلىق»، «دىنىي يېتەكچى» لىك، ئەگەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، يېتەكلەش ئەنە شۇ «ئۇلۇغ زاتلار» دىن بولىدىغان جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ پەقەت بويسۇنۇشقىلا يارىتىلغان، كۆنۈك، مۆمىن «ئىمانى كامىل» لىرىدىن بولۇپ كېتىشكەن.
ئەسلى تېمىمىزدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ھەم تېخىمۇ ياخشىراق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى تارىخىي ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن، يۇقىرىدا تەرىپلەنگەن سوپى - ئىشانلار ئىچىدىن ئەينى زامانلاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەرلىشىپ، ئابرۇي تېپىپ، باش كۆتۈرۈپ (ئەجدادلىرىمىزغا «پىر»، «خوجا»، «ئىشان» لىق قىلىپ) مەلۇم دەۋرلەر بويىچە ئىش تەۋرىتىپ، تارىخىمىزدا بىزگە تۈرلۈك ئېچىنىشلىق سەلبىي ئىزلارنى ھەتتا ئەڭ ھالاكەتلىك تارىخىي زەبۇنچىلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەكىللىك خاراكتېرى چوڭ، تەسىرى كەڭ، تېخى ھازىرغىچىلىكمۇ بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد ئىشەنچ - ئېتىبارلىرىدا «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن يادلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۆۋەندىكى ئاتاقلىق يەتتە «ئۇلۇغ پىر زات» توغرىسىدا بىر - بىرلەپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
«خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» توغرىسىدا
تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇمدۇركى، تارىختا شىنجاڭغا مۇساپىرچىلىق بىلەن كېلىپ، بىزدىكى ئۆمرىدە «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن داڭ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىزنى سوپىلىق يولىغا باشلاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سوپى - زاھىدلاردىن بىرى - ئىرانلىق سەرگەردان خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئىسىملىك سوپىدۇر. بۇ كىشى ئەسلىدە مىلادى 12- ئەسىردە ياشاپ ئۆزىنى «ھەپتە مۇھەممەدان» (مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 7- ئەۋلاد نەۋرىسى) دەپ ئېلان قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىرانلىق مەشھۇر سوپىزم تەرغىباتچىسى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەدانىنىڭ 15- ئەسىردىكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولۇپ، خۇراسان ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن «خۇدالىق دەۋاسى قىلغان» گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان يېرىدىن ھىندىستان ئارقىلىق يەكەنگە قېچىپ كەلگەن. يەكەندە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىپ، يەكەن، قەشقەر تەۋەلىرىدە يەتتە - سەككىز يىل سوپىزمنى تەشۋىق قىلىش، تارقىتىش، كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى مازارلارغا شەيخلىق قىلغان. 1565- يىلى يەكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىلادى 1807- يىلى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى پۇشتى، يەكەن ۋاڭى - يۇنۇس ۋاڭ تەرىپىدىن قەبرىسى «مازار» قىلىپ قاتۇرۇلۇپ «خوجا مەشپىرىم» (خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم) نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ مازار يەكەندە «ھەزرىتى پىر» دېيىلىپ كەلمەكتە. بۇ «پىر» نىڭ تارىختا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بەزى «پىر» لىق «تۆھپە» مىراسلىرى (قىلمىش - ئەتمىشلىرى) نى قولىمىزدىكى ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن تۆۋەندىكىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز:
خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەنگە كېلىپلا ئۆزىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23- بوغۇم نەۋرىسى» دەپ ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە: «پۈتۈن دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەسەبلىرىگىلا خاستۇر» دېگەن «پەتىۋا» بىلەن يەكەننىڭ ھەممە دىنىي ئىشلار ھوقۇقىنى يەرلىك ئۆلىمالار بىلەن ئەھلى شەرىئەت مۆتىۋەرلىرىدىن تارتىۋالىدۇ. 1534- يىلى سەئىدىيە خانلىقىىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر خانى ئابدۇرەشىدخان جەمئىيىتىنىڭ «باش شەيخۇلئىسلام» لىقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئايماق، يۇرتلاردا دەرىجىلەر بويىچە دىنىي مەھكىمىلەر (قازىخانا ۋە سوراقخانىلار) نى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقى (ئاساسەن سوپىلىق تۈزۈمى) نى خانلىق نامى بىلەن كېڭەيتىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ. ئابدۇرەشىدخاننى «مۇرىت» لىققا قوبۇل قىلىپ «پىر» لىق «سالاپىتى» بىلەن تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان: «... ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپكە قول بېرىپ مۇرىت بولىدۇ. شۇ تارىخىي شارائىتتا ئابدۇرەشىدخاننىڭ شۇنداق قىلماسلىققا ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا (سولتان سەئىدخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ دادىسى - ئا) كەڭ ئەۋج ئالغان سوپىلار پىتنىسى ئابدۇرەشىدخانغا تۈرلۈك تۆھمەت - بەدناملارنى چاپلاش بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپ بىلەن مازارلارغا بېرىپ، خانىقالاردا تۈنەپ، «ياھۇ - يامەنھۇ» دەپ جار سېلىپ يۈرگەن سوپىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەسكەرلىككە ئېلىشى، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشى لازىم ئىدى... ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ كەيىنىگە كىرىپ، ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بوغراخان مازىرىدا بىر نەچچە كۈن يېتىپ، مازارغا تاۋاپ قىلىپ سوپىلاردىن قوشۇن توپلىدى......»
خوجا مۇھەممەد شىرىپ يۇقىرىقىدەك چارە - ئاماللارنى قوللىنىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە، دىنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىگە قول تىقالايدىغان، دېگىنىنى قىلالايدىغان بىردىنبىر ھۆكۈمران «پىر» بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. ئابدۇرەشىدخان تەۋەلىكىدە (كەشمىر، ھازىرقى پاكىستان، شەرقىي ئافغانىستان، شىمالىي تىبەت، قازاق يۇرتلىرى (ئالتاي تاغلىرى)، ئىسسىق كۆل، بالقاش كۆلى ۋادىلىرى، پەرغانە ۋە ئارا يۇلتۇز (ھازىرقى شىڭشىڭشىيا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئىدىيە خانلىقى تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا) سوپى، ئىشانلىق ھەرىكىتىنى كۈچەپ قاناق يايدۇرۇۋېتىدۇ. يەنى نام، مەنپەئەت ۋە دىنىي «شەپقەت» چىلىكنى ۋەدە قىلىش، تەرغىبات مەدداھلىقى بىلەن ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇرىت بىلەن مۇرىت، سوپى بىلەن سوپى، ئىشان بىلەن ئىشان كۆپەيتىپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە مەلۇم جامائەت قاتلاملىرىنى، خەلق كۈچلىرى توپلىرىنى پەيدا قىلىپ ۋە ئۆزىگە تارتىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنى ئۆزىنى مەركەز قىلغان سوپى، ئىشانلار شېرىكچىلىكىدىكى (ئۇلارنىڭ ھالاكەتلىك تەسىرلىرىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان) ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تارىختىكى جەددە پۇشتى، ئىران ھەمەدانلىق مەشھۇر سوپى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەداننىڭ سوپىلىق يولى - «ئىشقىيە سۈلۈكى» نى خانلىق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەل قىلىدىغان دىنىي مىزانى، ئىدېئولوگىيە پرىنسىپى قىلىپ، جەمئىيەتتە بۇ سۈلۈكنى يولغا قويۇش، كېڭەيتىش كويىغا چۈشىدۇ. ئۇ «پىر» ئەجدادلىرىمىزنى باشلاپ كىرگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» - نىڭ ئىبادەت پرىنسىپى مۇنداق ئىدى: «ئىشقىيە» چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز سۇلۇكىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى «ئىبادەت» دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ. مۇرىتلىرىنى تەركى دۇنيا بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلارنى جاھاندىن قول ئۈزۈپ، ئۆي - جاي تۇتماي، خوتۇن ئالماي، بالا - چاقىلىق بولماي، بىر جايدا ماكانلاشماي، جايدىن جايغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، جاھاننى كېزىپ، بۈگۈن تاپقاننى ئەتىگە قالدۇرماي قولدىن چىقىرىۋېتىپ ياكى يەپ تۆگىتىپ، ھايات كەچۈرۈشنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ مۇرىتلىرى توپلانغان جايلىرىدا ياكى يەككە - يېگانە يۈرگەندە قانغىچە چىلىم تارتىپ نەشە چېكىشنى «ئىبادەت دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئارقىلىق «خۇدا» غا ئاشىقلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، ساراڭلارچە ھاياتقا قەدەم قويغانلىقىنى - «خۇدانىڭ ئىشقىغا ئۆزىنى پىدا قىلغانلىق» دەپ قارايدۇ، ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى «خۇداغا يېقىنلىشىش» دەپ بىلىپ، ئۆزلىرىگە مۇرىت توپلاپ، ئۇلارغا ئالدى بىلەن توۋا - ئىستىغبار (توۋانامە) ئېيتقۇزۇپ، ئۆزلىرىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى، داۋملىق «پىر» نى ياد ئېتىپ تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ يولدا ئوبدانراق خىزمەت قىلغۇچى سوپىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تەيىنلەپ، مۇرىت توپلاش ئۈچۈن جايلارغا ئەۋتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.....
دېمەك «خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» 16- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى (كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا مەلۇم ئىجتىمائىي ئىلغارلىقى، مىللىي خاسلىقى ھەم ئالاھىدە كۈچ - قۇدرىتى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقىرىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئابدۇرەشىدخان يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەت) نى ئەنە شۇ خىل تەركى دۇنياچىلار «جەمئىيىتى» گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. تارىختا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، يەنىلا شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن تەرىقەتچى سوپى، ئىشانلارنىڭ كونا قەبرە ۋە ئۆلگەن ئورۇنلىرىنى تېپىپ، ئۇنى «مازار» قىلىپ تىكلەپ، «ئۇلۇغلۇق تەزكىرە» لىرىنى تۇرغۇزۇپ، «خاسىيەت» ھەم «كارامەت» لىرىنى تەرىپلەپ، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزغا «تاۋاپ»، «ئىستىقامەت» قىلىپ تۇرىدىغان «مۇقەددەس مازار»، «ئۇلۇغ جاي» لارنى تىكلەپ، بەلگىلەپ بەرگەن.
19- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئۇيغۇر ئۆلىما سۇلتان باي ھاجىمنىڭ «بۇرقۇم ئەۋلىيا ھەققىدە» دېگەن قوليازمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە: خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەندە دەۋران سۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىدا 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراننىڭ ھەبدە دېگەن يېرىدىن يەكەنگە قېچىپ كېلىپ، يەكەندە ئۆلۈپ قالغان مەشھۇر سوپى ھەبدە مۇھەممەدنىڭ «مازىرى» نى ياسىتىپ، ئۇنى «چىلتەن ئەۋلىيا» دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇمدۇر. بەزى تارىخىي پاكىتلاردىن بىلىشىمىزچە، «چىلتەن» دېگەن بۇ «مازار» ئەمەلىيەتتە مىلادى 1500- يىللاردىن بۇرۇن (مىرزا ئابابەكرى زامانىدا) ئوبۇ تالىپ سەبەرەستە ۋەلى دېگەن بىر كىشىنىڭ لەۋزى بىلەنلا «مازار» ئاتىلىپ قالغان ئورۇن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قايسى زاماندىكى قايسى «ئۇلۇغ زات» نىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. «تەزكىرە پىر يارانلار» دە يەنە خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ بۇ مازارنى ياسىتىش ئۈچۈن، ئابدۇرەشىدخان خەزىنىسىدە بىر چارەك نەق ئالتۇن ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە شۇ تەزكىرىدە: «... بۇ زاتى، بەرىكات ئۆز ئىلپات، ئەمرى - پەرمانلىرى بىلەن خۇدايى تەرىقەت ئىبادىتى ئۈچۈن، بۇ دىياردا 700 <رۇكۋار> (ئېھتىمال مازار بولسا كېرەك - ئا)، 148- خانىقا، 47 <پىرلىك ھەمدان> (سوپىلار مۇرىتلىرى بىلەن جەم بولۇپ <ئىبادەت> قىلىدىغان مەخسۇس ئورۇن، مەيدان - ئا) بىنا قىلدىلەر...» دېيىلگەن.
خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك «پىر» لىق ئىمتىياز، ئىناۋەتلىرىدىن، مۇرىت، يارانلىرىدىن ۋە ئىغۋاگەر كەسىپداشلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك غايە، ھەرىكەت، ئىنتىلىشلىرىگە زەربە بېرىش، خانلىقنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى تولۇق ئىگىلەش كويىغا چۈشىدۇ. بىرىنچى زەربىنى دەل ئابدۇرەشىدخان ھوزۇرىدىن باشلايدۇ. ئۇ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ خوتۇنى مەشھۇر مۇقامچى، شائىر ۋە ئەخلاقشۇناس ئاماننىساخاننى «شەرمەندە، شەرمىساز» لىق گۇناھى بىلەن قاتتىق ئەيىبلەپ (خوجا مۇھەممەد شىرىپ سوپىلىرى خەلق مەشرەپلىرىنى «شەيتان سورۇنى»، خەلق نەغمىچىلىرىنى «شەرمىساز» لار، خەلق ئۇسسۇلچىلىرىنى «شەرمەندە» لەر، بۇ ساھەدىكى ھەر خىل ئىجادىيەتچىلەرنى بولسا «ئازازۇل مۇرتەد» لەر دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇشقانىدى)، ئۇنىڭ «ئەخلاق جەمىلە»، «شەرھۇلقۇلۇب» قاتارلىق نۇرغۇن ئىجادىي مۇزىكىلىق ئەسەر ۋە مۇزىكا ئىجادىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئاماننىساخان ۋاپاتىدىن كېيىنلا «پەتىۋا» چىقىرىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئاماننىساخاننىڭ ئۇستازى، ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىنىڭ ئىلمىي ئەربابلىرى - مەشھۇر مۇقامشۇناس قېدىرخان، خەتتات غازى ھەبىبۇللا سەردار، تارىخچى مىرزا مۇللا مۇھەممەد يار ئاخۇن قاتارلىق توققۇز كىشىنى «مۇرتەد» (دىندىن چىققان) لىكتە ئەيىبلەپ، ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوردا ئەھلىنىڭ بىرلىك - ھەمدەملىك ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ، ئىغۋا كۆپەيتىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەۋدا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب ۋە داخىلدار بولىدۇ.
«ئۇلۇغ پىر» - مەخدۇم ئەزەم توغرىسىدا
مىلادى 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ ۋە ياكى تەسىر ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىزنى سوپىلىق تەرىقىتىگە باشلىغان ھەم شۇ زامانلاردىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «تەرىقەت ئۇستازى» لىق، «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن داڭ چىقىرىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر سوپىلارنىڭ بىرى - مەخدۇم ئەزەم يەنى خوجا ئەھمەد كاسانى ئىسىملىك كىشىدۇر.
تارىخىي خاتىرىلەردىن بىلىشىمىزچە، بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمى - سەئىد ئەھمەد ئىبنى سەئىد جالالىدىن بولۇپ، مىلادى 1471- يىلى ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھىرىدە سەئىد مۇھەممەد كالان ئوغلى سەئىد جالالىدىن ئىشان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىلادى 1500- يىللاردا ئىراننىڭ ئەھرار دېگەن يېرىدە باش كۆتۈرگەن خوجا ئەھرار نەقىشۋەن (ئەسلى ئىسمى باھاۋىدىن) دېگەن كىشىدىن سوپىلىقنى ئۆگىنىپ، سالاھىيەتنامە (ئىرشاتنامە) ئېلىپ «پىر» لىققا كۆتۈرۈلگەن. شۇ چاغلاردىكى پەرغانە پايتەختى كاسان شەھىرىدە ئۇزاق مۇددەت سوپىلىقنى تەتقىق قىلىپ ۋە سوپىلىقنى شەرھلەش، تارقىتىش، كېڭەيتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «مەخدۇم ئەزەم»، «ئەزەم ۋەلىئۇللا» (مەشھۇر «پىر»، «ئەۋلىيا» مەنىلىرىدە) دېگەندەك ناملارنى قوللانغان. ئۈچ يېشىدىن تارتىپ تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 68 يىللىق ھاياتىنى كاساندا ئۆتكۈزۈپ ھەم شۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر تەرىپىدىن «خوجا ئەھمەد كاسانى (كاسانلىق خوجا ئەھمەد) دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 1541- يىلى 70- يېشىدا سەمەرقەندتە ئالەمدىن ئۆتكەن. جەسىتى شۇ يەرنىڭ «باغى بەلەند» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. مىلادى 1543- يىلى ئۇنىڭ قەبرىسى ئوغۇللىرى تەرىپىدىن «مازارىل ئەزەم ۋەلىئۇللا» (مەخدۇم ئەزەم ئەۋلىيا مازىرى) غا ئۆزگەرتىلىپ، چوڭ گۈمبەز، كاتتا قەبرىلەر بىلەن نەسەب مازارى تۈسىگە كىرگۈزۈلگەن. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا: ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىدە ئالتە نىكاھلىق بولۇپ، تۆت ئوغۇل، يەتتە قىز پەرزەند چوڭ قىلغانلىقى، بەلخ، بۇخارا، سەمەرقەند، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا سوپىلىقىنى تارقىتىش، كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەم 41 مازار، 18 شەھەرنى زىيارەت تاۋاپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خوجا ئەھمەد كاسانى مىلادى 1520- يىللىرى بىر قىسىم مۇرىدلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەرىقىتىگە باشلاش، شىنجاڭنىڭ دىن ۋە دىنىي ئىشلار ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈمىدى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە، خوجا ئەھمەد كاسانى قەشقەر تەۋەسىگە كېلىپلا ئۆزىنى ئاشكارىلىماي، ئالدى بىلەن ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىغا چۈشۈپ، ئۆز ھەمراھلىرىدىن خوجا مەككە باشلىق يەتتە كىشىنى جايلارغا ئەۋەتىپ، ئۆزى زۆرۈر دەپ قارىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئۇقۇشقان. 40 كۈن ئېتكاپتا (مەخپىي ئىبادەتتە) ئولتۇرۇپ،41 - كۈنى ھەمراھلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى «ۋەلى» (مىللىي ئەۋلىيا) ئېلان قىلىپ، شۇ چاغلاردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانى - ئېمىر ۋەلى (ئېمىر ۋەلى - شۇ چاغلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ باش ۋەزىرى ھەم قەشقەر ۋالىسى ئىدى) ھۇزۇرىغا بۇ مۇبارەك نام شەرىپىنى مەلۇم قىلغان. دېمەك، ئاتالمىش بۇ «ئۇلۇغ زات» - شىنجاڭغا تارىختا پەيدا بولغان «ئۇلۇغ پىر» «زات» لار ئىچىدە ئۆزىنى تۇنجى قېتىم «ۋەلى» (مىللىي ياكى يەرلىك ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان، ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۇلۇغ كارامەت ئىگىسى»، «ئۇلۇغ تەلىماتچى» لىق سالاپىتى بىلەن مەشھۇرلارنغان بىرىنچى «زات» دۇر.
مەخدۇم ئەزەم قەشقەرگە كىرىپ بۇ يەردىكى بىر قىسىم ھۆكۈمران شەخسلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەن ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن، يەرلىكتە دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىدېئولوگىيە، تەشكىل ۋە ئورۇن جەھەتلەردىن پايدىلىق ئاساس ھازىرلىغان؛ سوپىزمنى تەشۋىق قىلغان، تارقاتقان، مۇرىت ئالغان، كۆپەيتكەن، خانىقا، ھەمدانلارنى بەرپا قىلغان. شۇنداق قىلىپ قەشقەرىيىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچى دىنىي ئىدىيىسى سۈپىتىدە «مەخدۇم ئەزەم يولى» (مەخدۇم ئەزەم دىنىي ئىدىيىسى) نى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ «يول» بىلەن مۇسۇلمانچىلىق قىلىشقا دالالەت قىلىپ يېتەكلىگەن.
«مەخدۇم ئەزەم يولى» نىڭ ئەقىدە، پرىنسىپى: «كىشى بۇ دۇنيادا قانچە ئازابلانسا، ئۇ دۇنيادا شۇنچە راھەت كۆرىدۇ... كىشىلەرگە بۇ دۇنيادا كېلىدىغان ھەر خىل كەچۈرمىش ئىنساندىن ئەمەس، تەقدىردىندۇر....» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ «دىنىي پرىنسىپ» نى مەخدۇم ئەزەمنىڭ مۇرىتلىرى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا «كەبرۇيە»، «ئىسھاقىيە»، «رەبوردىيە»، «دۇۋانىيە»، «نېمتىيە» قاتارلىق ئون نەچچە خىل «سۈلۈك» شەكلى بىلەن خېلى زامانلارغىچە جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. «مەخدۇم ئەزەم يولى» نىڭ «كەبرۇيە» سۈلۈكى توغرىسىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇللا مۇسا بىننى ئىيسا سايرامى ئۆزىنىڭ «تاىخىي ئەمىنىيە» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغانىدى: «.... بۇلارنىڭ بەزىلىرى (مۇئەللىپ بۇ يەردە ئۈچتۇرپاننى كۆزدە تۇتۇپ يېزىۋاتىدۇـ ئا) ئۆزلىرىنى كەبرۇيە سۈلۈكىدە بىز دېسە، يەنە بەزىلىرى دۇۋانىيە سۈلۈكىدە بىز دەپ، خىلمۇ خىل سۈلۈكلەرنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشەتتى... كەبرۇيە سۈلۈكىدىكى كىشىلەر ئەر - خوتۇن بىر يەرگە يىغىلىپ، يوغان قازانغا جىق كۆك چاي سېلىپ، نەچچە - نەچچە چارا، تاۋاقلاردا قايماقنى قۇيۇپ قاينىتىدىكەن. ئىناۋەتلىك، مۆتىۋەر ئادەمدىن بىرنى ئۇسۇپ بېرىشكە تەيىن قىلىدىكەن. ئۇ كىشى غۇسلە، تاھارەت قىلىپ، چۆمۈچنى تۇتۇپ قاچا - قۇچىلارغا ئۇسۇپ «تەۋەررۈك»، «تەۋەررۈك» دەپ بېرىدىكەن. باشقىلار ناھايىتى تەزىم تاۋازۇ بىلەن ئېلىپ ئىچىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نەغمە باشلىنىپ، ئەر - خوتۇن ئۇسۇلغا چۈشىدىكەن. گاھى يىقىلىپ، گاھى قوپۇپ، مەست ۋە بىھۇش بولۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ ھۇزۇر قىلىشىدىكەن. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ھۇشىلىرىغا كەلگەن بولۇپ «ئۇھ» تارتىپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرۇشىدىكەن. مۇنداق قىلىقنى «كەبرۇيە سۈلۈكى» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ پۈتۈنلەي شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت...»
مەخدۇم ئەزەم مەلۇم تەييارلىق كۆرگەن ۋە شارائىت ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قول بەرگەن يەرلىك مۇرىت، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئاقسۇ، كوچا، ئۈچتۇرپان، قەشقەر، يېڭسار قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ يەرلىك دىن ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن ئاقسۇدىكى «كۇسەند» - كوچا ئۆلىمالار باش جەمئىيىتىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنىمۇ كونترول قىلغان. جايلارغا ئۆزىنىڭ «ۋەلى» لىك «خاسىيەتلىرى» نى ئېتىراپ قىلغۇزۇش غەرىزىدە ھەر خىل غەيرىي قىلىق ۋە غەيرىي پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان بۈگۈر يېڭسارلىق ئۇيغۇر شائىر، تارىخچى مۇللا غۇلامىدىن ئۆزىنىڭ 1891- يىلى يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دېگەن قوليازما ئەسىرىدە مەخدۇم ئەزەمنىڭ شۇ چاغدىكى ھىجرەت (سەپەر) سالاھىيىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغانىدى: «... بۇ زاتنىڭ ئاشكارا سالاھىيىتى خۇدايى تەرىقەتنى جارى قىلدۇرۇش، ئىچكى (يوشۇرۇن دېمەكچى - ئا) سالاھىيىتى بولسا، ئۇستاتلىق بىلەن جاھان تۇتۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇددىئا - غەرەزلىرىگە بويسۇندۇرۇش بولغان ئىدىلەر....»
مەخدۇم ئەزەم قەشقەرىيىگە كېلىپ يۇقىرىقىدەك چارە - ئاماللار بىلەن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭغا غەربىي تۈركىستاندىن (ئاساسەن بۇخارا، ماۋرا ئۈننەھرى، سەمەرقەندە، كاسان تەرەپلەردىن) مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن «تەرىقەتچى پەقىرلەر» ياكى «خۇدا يولىدا يۈرگەن ئاشىق» لار ئارقا - ئارقىدىن، تۈركۈم - تۈركۈملەپ مەزگىلسىز، سوراق - سوئالسىز، ئىستەك - ئاتاقسىز، تارقاق، قالايمىقان ئېقىپ كىرىۋېرىپ شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپەت خاراكتېرلىك «دىنىي تەرتىپسىزلىك» ۋە كەلگۈن شەكىللىك «لەنىتى مېھمان»، «لەنىتى مۇرىت» لار ئاپىتى پەيدا قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىل «تەرىقەتچى پەقىرلەر» نىڭ تولىسى ـ كەسپىي قەلەندەرلەر، تاماگەر ئۇششۇقلار، سەۋدايى بەڭگىلەر، ئالدامچى، تېجىمەل - جېدەلخور، كاززاپ، يەنى ئىشلىمەي چىشلەشكە كەسىپلەنگە ھارام تاماق، تىرىكتاپ زىيانكەش شەخسلەردىن ئىبارەت بولغان. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئالدى بىلەن قەشقەرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، چوڭراق بازار، يۇرت، مازار، سەيلىگاھلاردا تۈنەكخانىلارنى، چوڭ داشلىق (چوڭ قازانلىق) خانىقالارنى، «ھەمدان»، «ئېتىكاپخانا»، «خەتمە - ئىستىغىپارخانا» لارنى يەنى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئالغاندا «ئىمان يېڭىلاش»، «توۋا ئىستىغىپار ئوقۇتۇش» ۋە «پىرغا قول بېرىش» ئورۇنلىرىنى پەيدا قىلىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنى «ئىمان» لىرىنى «يېڭىلاش» قا، «گۇناھ» لىرىغا «توۋا قىلىش» قا، «پىرلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولۇش» قا ئۇيۇشتۇرۇشقان ۋە باشلاشقان. نەتىجىدە بىر قىسىم جايلاردا ھەر بىر «پىر» نىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئەتراپنى چۆرىدەپ غۇژمەك يىغىلىپ تاۋۇش چىقارماي جىم ئولتۇرۇپ، بۇ ئالەمنىڭ ھەممە مەشغۇلات ۋە ئىنسانچىلىق ھەۋەسلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ ئايەت ئوقۇپ، ئاھۇ - زارلىرىنى ئاللاھقا بىلدۈرۈپ، خاس ئاللاھتىنلا رىزقى - ئىلتىپات تىلەپ ۋە كۈتۈپ، توۋىنى تىلىدىن چۈشۈرمەي، پىرىم ئۈچۈن ھەر قاچان، ھەر قانداق نەرسىدىن يانمايدىغان، جانلىرىنى ئايىمايدىغان «ئىبادەت» چى جامائەت تۈركۈملىرى پەيدا قىلىنغان.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ بۇ خىل «ئاشىق» مۇرىتلىرى قەشقەرىيە تەۋەسىدە يەنە ھەر خىل سوپى، ئىشانلار مەھەللە - كوچىلىرىنى، تەركى دۇنياچىلار تۇرالغۇ جايلىرىنى مەسىلەن: قەلەندەرلەر كوچىلىرىنى، «ئاشق» لارنىڭ دالاك گۈلەخلىرىنى، خۇدايى سەرگەردان مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىكچىلىك «خانە» لىرىنىمۇ پەيدا قىلىشىپ، ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكەن مۇرىت، يارانلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا «گۇناھسىز»، «ئىللەتسىز» كەتكىلى بولىدىغان «پاك ئورۇنلار» ئەۋرىشكىلىرىنى تىكلەپ ۋە كۆرسىتىپ بېرىشكەن. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1950- يىللارغىچە ئۇ يەر، بۇ يەردە نام ياكى شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ كەلگەن ساھىل (قەلەندەر) كوچا، مەھەللىرى «ئاشىق» لار گۈلخانلىرى، تەركى دۇنيا سەرگەردان مۇسۇلمانلار گۈلەخلىرى، ھەر خىل خۇراپات مەنبەلىرى ئەنە شۇ خىل مەخدۇم ئەزەمچىلەر زامانىدىن بىزگە قېپقالغان «مىراس» لارنىڭ داۋامى ھېسابلىناتتى.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوتتۇرا قاتلام مۇخلىسلىرىمۇ قەشقەرىيىنىڭ بارلىق ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرىنى، دىنىي ۋە جامائەت مۇئەسسەسىلىرىنى دېيەرلىك ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ سوپى، ئىشانلىق ئەقىدىسىنى تارقىتىدىغان نوقۇل سوپى - ئىشانلىق ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقان.
مىلادى 1533- يىللاردا مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى بىلەن خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئىشان مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق مەزھەپ كۈرىشى يۈز بېرىپ، ئاخۇنلۇقۇم، تېرەك لەڭگەر، شۇر دۆڭ دېگەن جايلاردا (بۇ جايلار ھازىر پەيزىۋات، يەكەن، مەكىت ناھىيىلىرىگە قارايدۇ - ئا) سوپىلار سوقۇشى يۈز بەرگەن؛ مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ھەمراھى، مەسلىھەتچىسى «ئۇزۇن قۇلاق زات» دەپ نام چىقارغان مەككە خوجا ئۆزىنىڭ 40 مۇرىتى بىلەن شوردۆڭ دېگەن يەردە (مەكىت تەۋەسىدىكى بۇ يەر ھازىر «شەھىددۆڭ» دەپ ئاتىلىدۇ) خوجا مۇھەممەد شىرىپ سوپىلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىپ تاشلانغان. ئاقسۇ، كوچا، باي، مارالبېشى قاتارلىق جايلاردىمۇ مەخدۇم ئەزەمچىلەر خەلقنىڭ غەزىپى بىلەن تۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىشقان. ئاخىرى بۇ ئىشلارنىڭ تەسىرى بىلەن مەخدۇم ئەزەم ئۆز يېرىگە «ئۆزىچىلا» كېتىپ قالغان. «مەخدۇم ئەزەم يولى» مۇ بىر مەزگىل كاساتلاشقان.
لېكىن بىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەجدادلىرىمىز يەنىلا شۇ «مەخدۇم ئەزەم يولى»، «مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى»، «مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى» ھېسابلىنىدىغان سوپى، ئىشانلار ياكى خوجا «پىر» لارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاھالەتلىك زامانلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن، ھەتتا كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن نادانلىق (جاھالەتلىك) ئەسلىمە خاتىرىلىرىنى قالدۇرۇشۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىش ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇشۇپ ئالەمدىن ئۆتۈشكەن. تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شىنجاڭدا سوپىلىق تەرىقىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلغان، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى تەۋەرتكەن ۋە بىر قىسىم تارىخىي پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەشھۇر «زات» لارنىڭ ئىنتايىن كۆپچىلىكى ئەنە شۇ مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى ۋە مەخدۇم ئەزەمچىلەردىن ئىبارەتتۇر.
خوجا ئىسھاقى ۋەلى توغرىسىدا
«.... ھەزرىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلى يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇدا بولۇپ 12 يىل دەۋران سۈردىلەر، خەلقنى ئاراستىگە (دىنى تەرىقەتكە - ئا) باشلاپ، دىنىمىغا راۋاج بەردىلەر. كىشىلەرنى ساھىبى كامال قىلدىلەر...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن)
ئەينى زامانلاردا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۈستىدە 12 يىل دەۋران سۈرگەن، «دىنىمىز» گە راۋاج بەرگەن ۋە ئەجدادلىرىمىزنى تەرىقەتكە باشلاپ، «ساھىبى كامال» قىلغان بۇ «زات» زادى كىم؟
بۇ «زات» - مەشھۇر سوپى مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 16- ئەسىردە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزىنى «ۋەلى» - (يەرلىك ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «ئىسھاقىيە تەرىقىتى» نى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا يۈرگۈزگەن ھەم بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئۆزىنىڭ يەنە باشقا سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەنمۇ داڭ چىقىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، تارىختىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ مەشھۇر «پىر ئۇستازى»، «ئىسھاقىيە» سوپىلىرىنىڭ «داھىيسى»، ئەۋلادى دىنىي سەرگەردان - ئىسھاق ئىسمىلىك بىر سوپىدۇر. بۇ سوپى تەخمىنەن مىلادى 1506- 1507- يىللىرى ئارىلىقىدا كاسان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 20 يېشىدىن تارتىپ سوپىلىق تەرىقىتىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، 7-8 يىل ئىچىدە غەربىي تۈركىستان، ئىران، ئىراق، ئافغان زېمىنلىرى (بۇخارا، سەمەرقەند، قازان، ھىرات، ئەھرار، كەدان، نىشاپور، بەسرە، شىراز قاتارلىق شۇ چاغلاردىكى مۇتەئەسسىپ رايونلار) دا سوپىلىقنى ئۆگەنگەن. «جاھان كەزگەن» ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەردىن كېيىن، دادىسىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ (ئېرشاتنامە ئېلىپ) «پىر» لىققا كۆتۈرۈلگەن. مەلۇم يىللاردىن كېيىن قەشقەرىيىگە كېلىپ يەكەندە ئۆزىنى «ۋەلى» - (مىللىي ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ھەم قەشەرىيە خەلقىگە 12 يىلدىن جىقراق «پىر» لىق قىلىپ ئاخىرىدا قاتىللىق، قانخورلۇقنى مەقسەت قىلغان پىتنىخورلۇق قىلمىشى بىلەن پاش بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى - مۇھەممەدخان تەرىپىدىن كەلگەن يېرىگە قوغلىۋېتىلگەن. تەخمىنەن مىلادى 1588- 1589- يىللىرى 82- يېشىدا پەرغانىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇ يەرنىڭ «باغى بەلەند» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان (بەزى يەرلىك خاتىرىلەردە بۇ كىشىنىڭ يەكەندە ئۆلگەنلىكى، جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم» مازارىدا قويۇلغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان، مېنىڭچە، بۇ قاراش تارىخىي پاكىتلارغا ئانچە ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك).
خوجا ئىسھاق ۋەلى بۇخارالىق چوڭ سوپىلاربىلەن بولغان مەزھەپ ماجىرالىرى (چوڭ سوپىلار ئارا داۋام قىلىۋاتقان ئىمتىياز تالىشىش ھەرىكىتى) دا يېڭىلىپ، شۇ چاغلاردىكى بۇخارا ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن تۇرالغۇسىز سۈزگۈن قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا قەشقەرىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇدا بىر نەچچە يىل پەقىر - بىچارىلەر قاتارىدا، قەشقەر، يەكەنلەردە مازار كەزدىلىك، دەرۋىشلىك بىلەن كۈن ئالغان. يەنى خۇددى «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلگەندەك، «كۆزلىرىدىن نۇر ياغقۇزۇپ، ئاغزىدىن ئوت - ئاتەش چېچىپ، تىللىرىدىن دۇرۇت. قوللىرىدىن تەسۋى چۈشۈرمەي، ئۇلۇغلارنىڭ باشلىرىنى تاشلىماي (مازارلارنى تاۋاپ، دېمەكچى - ئا)، بىتاھارەت زېمىنغا دەسسىمەي، دۇنيانىڭ ھەممە مەئىشەت ۋە ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى تۇرۇپ، پەقەت مۆمىن بەندىلەرنىڭ ئىككىلا «ئالەم» لىك «غېمى» نى يەپ يۈرگەن ... »مىلادى 1560- يىللارغا كەلگەندە دىنىي ئىشلاردا باش كۆتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى ئابدۇكېرىم خان ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر قىسىم (ئاساسەن ھازىرىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى) جايلارنىڭ ئەڭ چوڭ «دىنىي» زومىگىرى بولۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان. يەنى ئۇ - ھەممىدىن بۇرۇن دادىسىنىڭ «پىر» لىق ئورنىنى تەڭ ئىگىلەش، تەڭ باش كۆتۈرۈش كويىدا ئۆزى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىۋالغان بىر تۇغقان ئىنىسى خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان (ئىمامى كالان) نى باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ «شەك - شۈبھسىزكى»، شىرىكسىز بىرلا «ۋەلى» لىك ئورنىنى «كاپالەتلەندۈرگەن». نەتىجىدە قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدا خوجا ئىسھاق مۇرىتلىرى بىلەن خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسدا ئۆزئارا سۈركىلىش، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى شەكىللىنىپ، بارا - بارا قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە ئۆزلىرىنى «ھەر قانداق ئىنساندىن چوڭ، خۇدادىن كىچىك» سانايدىغانلارنىڭ دىنىي مالىمانچىلىقى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن.
قەشەرىيە خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئابدۇكېرىم خان (بۇ كىشى بەزى تارىخلاردا «ئادىل خان»، «ئۇلۇغ خان» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ) خانلىقنىڭ ئەنئەنىۋى نورمال جاھاندارچىلىقى (شۇ چاغلاردىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئاقارتىش، ھەربىي، ئىشلەپچىرىش، تۇرمۇش، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، دىنىي پائالىيەت، دۇنياۋى مۇئامىلە... قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بۇ ئىككى چوڭ ئىشان مۇرىتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خوجا ئىسھاقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، ئارىلىشىشى، تەھدىتى ۋە مالىمانچىلقىغا دۇچ كەلگەن. خوجا ئىسھاقمۇ قەشقەرىيىنىڭ خانلىق ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇكېرىمخان ھاكىمىيىتى خوجا ئىسھاقنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا جازا ۋە زەربە بېرىش پەيتىگە چۈشكەندە خوجا ئىسھاق يەنىلا قول ئاستىدىكى سوپى - ئىشانلارغا قول بەرگەن ئوبۇل ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ئابدۇكېرىمخاننى بارچۇق (ھازىرقى مارالبېشى) دا شىكار ئۈستىدە پىچاقلاپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مۇرىتلىرىدىن بولغان قۇرەيىشنى (تارىخلاردا قۇرەيىش سولتان دېيىلىدۇ) ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئورنىغا چىققۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى بىر مەزگىل ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالغان.
ئابدۇكېرىمخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى - دادىسى ئابدۇرەشدخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بۇ خانلىقنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مىللىي داھى خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇلۇغ زات ئىدى. ئۇ زات توغرىسىدا «تارىخىي رەشىدى زەيلى» دېگەن كىتابنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ 104- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن" «ئابدۇكېرىمخان كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان ئادىل پادىشاھ ئىدى. ئوردا ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇراتتى. ھەر قانداق مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلاتتى. ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، ئازنە كۈنلىرى ئوردىدا ئولتۇرۇپ خەلقىنىڭ ئەرزى - ھاللىرىنى ئاڭلايتتى، ھەل قىلاتتى. داۋاگەر ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئىشى شەرىئەتكە تېگىشلىك بولسا مۇپتى، قازىلارغا، ۋەزىرلەرگە تېگىشلىك بولسا ئەربابلارغا بۇيرۇيتتى. مەدىنىدە «ئابدۇكېرىمخان ئادىلى» دەپ شۆھرەت قازانغانىدى. مەككىدە بولسا، ھەر كۈنى «ئادالەتلىك ئابدۇكېرىمخاننىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، دەپ دۇئا قىلىشاتتى...»
خوجا ئىسھاق ئۆز ئورنىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاخىرىسىدا سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، يەكەننى مەركەز قىلغان «ئىسھاقىيە خانلىقى» نى تىكلەش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭ (ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ) دا ئۆز ئەتراپىغا مۇرىت توپلاشنى تېزلەشتۈرگەن، ئۆزىنىڭ «سۈلۈكى» - (ئىسھاقىيە تەرىقىتى) نى رەسمىي «دىن» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنى ئەبەدىي، ئاخىرقى، مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان چەكسىز ئۇلۇق دىنىي ئەقىدە سۈپىتىدە يولغا قويۇشقا كىرىشكەن، كېڭەيتكەن. بۇ «سۈلۈك» نىڭ ئىبادەت ئۇسۇلى مۇنداق ئىدى: سوپىلار ھەر كۈنىلا مۇرىتلىرىنى يىغىپ بىر يەرگە قاتار چۆرىدەپ ئولتۇرغۇزۇپ، دۇرۇت (ئايەت) ئوقۇيدۇ، ئاندىن خەتمە تامام قىلىپ جەرە - ساما باشلايدۇ. ساماچىلار باشلىرى قايغۇچە، ھوشىلىرىدىن كەتكۈچە «ياپىرىم - ھۈم، ھۈم، ئاللاھۇ ئاللاھۇ، ھۈم، ھۈم» دەپ ئۆرە تۇرۇپ، بىر ئىزدا ئالدى - ئارقىغا تەڭ قايرىلىپ بىر خىل ۋارقىرىشىپ، ھېرىپ توختاپ، يىغازارى بىلەن يەنە دۇئا قىلىشىدۇ. ئۆتكەن «ئەۋلىيا»، «پىر»، «مازاريى - ماشايىخ» لار ھەققىدە دۇئا - تەكبىر ئوقۇشىدۇ. ئۇلار بارا - بارا پىردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان، گېپىگە كىرمەيدىغان، كۈن بويى تائەت - ئىبادەت بىلەن بولىدىغان، توپلىشىپ مازار چۆگۈلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسھاقىيە سوپىلىرى ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغۇخى ساددا، تۈز كۆڭۈل خەلقلەرنى جىسىمدىن تارتىپ روھىغىچە بولغان بارلىق تەئەللۇقاتى بىلەن ئۆزلىرىگە بېقىندۇرۇپ كەتكەن. ئۇلار ژىدلاپ (پۇراپ - تېمسقاپ، ئىزدەپ - ئا) يۈرۈپ ئالىدىغانلىكى نەرسە بولسا ھەر خىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ يۇلۇپ ئېلىپ تۇرىدۇ... سەھرالاردىكى كىشىلەردىن تارتىپ ئوردا مەھكىمىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك «ئىسھاقىيە» سوپىلىرىغا مۇرىت بولۇپ كېتىشكەن. بۇلار تاپقان، تۈگكەنلىرىنى دۇئا قىلدۇرۇپ، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىپ ئۆزلىرى بولسا مازار، خانىقا... (گۈلەخ، ھەمىدان، غەمخانىلاردىنمۇ - ئا) لاردا دۇئا - تالاۋەت، خەتمە - ئىستىقپار، يىغا - زارى بىلەن «ئاخىرەت» غېمىدىلا خارىزار - ۋەيرانلىقىنى مەزمۇن قىلغان تەركى دۇنيا كۈن كۆچۈرۈشكەن...».
خوجا ئىسھاقنىڭ يۇقىرى قاتلام بولۇۋالغان يېتەكچى سوپىلىرى، ئۆز مۇرىتلىرى جەمئىيەتە گۇناھ ئۆتكۈزسە ئۇلارنى سوراقچى ئالدىدا قوغداپ قالالايىدىغان (جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان) ھەم ئۇلارنى خالىغان چاغدا، خالىغان ئىشقا، خالىغان مەقسەت بىلەن سالالايدىغان، باشتۇرالايدىغان مەھەللىۋى مۇتلەق ھۆكۈمرانلاردىن بولۇۋېلىشىپ، جاھانغا سىغمايدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ھەتتا تېخىمۇ ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، قەشقەرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە «زۆرۈرى ئىسھاقىيە» (ئىسھاق زۆرۈرىيەتلىرى - ئا) دېگەن يېڭى «دىنىي قائىدە» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى، ئىجتىمائىي، دىنىي، سىياسىي تۈزۈم ۋە قائىدىلىرىنى بۇزۇشقا باشلىغان. مەسىلەن: سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ يەى شەكلى دىن، مەزمۇنى ئىجتىمائىيەت - (ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغىنى جەمئىيەت) تىن ئىبارەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا ئۇلار شەكلىمۇ دىن، مەزمۇنىمۇ دىن، ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغنىمۇ دىندىن ئىبارەت پۈتۈنلەي تەرىقەت جاھالەتچىلىكىنىڭ «زۆرۈرىيەت» قۇرۇلمىسىنىلا دەسسىتىشكەن. تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە بۇ توغرىلىقى مۇنداق يېزىلغان: «بىزنىڭ مەدرىسلىرىمىزدە ئەلمىساقتىن بېرى ئىمام ئەززەم يولى («سۈننىي» مەزھىپى تارمىقى) دىكى مەكتەپلەر جارى ئىدىلەر، ئوغۇل يەتتە، قىز بەش يېشىدىلا بۇ مەكتەپلەرگە جېنى خۇدانىڭ، تېنىنى تۇپراقنىڭ، ئۇستىخىنى ئىگىسىنىڭ دەپ ئوقۇشقا تۇتۇپ بېرىلەر ئىدىلەر. بۇ ئىشتا ھېچ كىشىنىڭ ھېچ كىشى بىلەن، پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرا بىلەن ھېچقانداق دەخلىچىلىكى يوق ئىدىلەر... ئوقۇش - ئوقۇتۇش خۇدا ئۈچۈن ئىدىلەر. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدە ئارزۇسى ھەم مۇدەرىسلەرنىڭ خاھىشى بويىچە تالىپلار بۇ مەدرىسلەردىن ئاخىرى ئىمامى ئەززەم يولى بولغان كەسپىي تىجارەتنىڭ ھۈنەر، جاھانسازلىقنىڭ ۋە خۇدايى بەندىچىلىكىنىڭ ھەممە رىسالە، ھالال يوللىرىنى بىلىپ چىقۇر ئىدىلەر... ۋەھالەنكى، ئەزەلدىن ۋاجىب بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنە ھەزرىتى ئىسھاقى ۋەلى زامانلىرىغا كەلگەندە زۆرۈرى ئىسھاقىيە قائىدىسى بىلەن ئۆزگەرتىلدىلەر. قىز بالىلار ئۆيلەردە پاك بۇۋىلەردىن ئوقۇپ، ھەر قانداق جىنسىي نامەھرەمگە كۆرۈنمەي (ئەر كىشىدە ئوقۇماي دېمەكچى - ئا) بولغۇسى روزىگاھى (بولغۇسى يولدىشى - ئېرى) نىڭ يېرىم خۇدالىقىغا تەن بېرىپ، پىرىسىز يۈرمەي، كارامەتلىك بۈۋى (بۈۋەم) لەردىن بولۇپ چىقىدىغان بولدىلەر... ئوغۇللار ئەمدى ئىمامى ئەززەم يولىنى ئەمەس، مەخدۇم ئەززەم يولى (تەرىقەت يولىنى ئوقۇپ تەرىقەت ئۈچۈنلا دۇنيادىن ئۆتىدىغان - ئا) نى تۇتىدىغان. بۇ يولدىن چىققانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئىمانىدىن ئايرىلغانلار دەپ قارىلىدىغان بولدىلەر...» دېمەك قەشقەرىيىدە ئەزەلدىن ئەھلى كاسىپلىقىنى چىقىش قىلغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىراقلا ئەھلى سوپىلىق (سوپى يېتىشتۈرۈش جەمئىيەتنى سوپىلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىش) قا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. يەنە مەسىلەن: خوجا ئىسھاق سوپىلىرى بەزى جايلاردا «زۆرۈرى ئىسھاقىيە» «قائىدىسى» بويىچە «نوسەندە» لىك (خەت يېزىشنى ئۆگىنىشكە ياكى مىرزىلىق) كە قارشى بەزى ھالاكەتلىك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە تەلتۆكۈس ئاممىۋى نادانلىقنىڭ ۋە ئاممىۋى ئەقلىي مەغلۇبىيەتچىلىكنىڭ ئۇلىنى ھازىرلاشقان. «بورقۇم ئەۋلىيا» نىڭ «قولسىز نوسەندە» دېگەن قىسمىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق بىر مىسال خاتىرىلەنگەن: «سابىر ئىسپىھان (ئىسپىھان - گۇمىنىڭ بىر كەنتى - ئا) ئاتلىق بىر مۆمىن كىشى بار ئەردى. ئىسھاقىيىنى پىر تۇتقان ئىدىلەر. ئالتە يىل مازار كېزىپ مۇرىتلىقتا ئىبادەت قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قەغەرگە بېيت قىلىپ پۈتۈپ چىققان ئىدىلەر. بۇ قىلىق پىر - زادىلەرنىڭ كارامەتلىرىدىن خالى قالالمىدى، زۆرۈرى ئىسھاقىيە ھۆكۈمالىرى بۇنى نوسەندىلىك دېدىلەر. خان شاھىدىخان - (ئىسھاق خوجىنىڭ چاپارمەن مۇرىتلىرىدىن بىرى - ئا) بۇ نوسەندىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ، ئەھلى ئىسلامغا ئىبرەت قىلدىلەر.... ئۇزات: «قەلەم نوسىبىتى (قەلەم تۇتۇش ئامىتى - ئا) خاس ئۇلۇقلىرىمىزغىلا مەنسۈپتۈر. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا قەلەم تەۋرەتكەن ھەر قانداق ئەھلى مۇسۇلماننىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق، يېگىنى زوقۇم، كەيگىنى كېپەن بولغايلەر... » دەپ سابىرنى دۇئاسى بەند قىلىپ (قاغاپ - ئا) قولسىز نوسەندە قىلىۋەتتىلەر...».
خوجا ئىسھاقچىلارنىڭ بۇ خىل جاھالەت پەرەستىلىك قىلمىشلىرىگە دۇچ كەلگەن قەشقەرىيە خەلقى مىلادى 1582- يىللار ئەتراپىدا خوجا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭ مورىت، ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىشى كەسكىن كۈرەشلەرنى باشلىۋەتكەن. ئاقسۇ خەلقى خوجا ئىسھاقنىڭ «پىر» بولۇۋالغان ئىككىنچى ئوغلى خوجا شاھبازنى ئۇر - ئۇر قىلىپ، ئاقسۇدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا ئىسھاقنىڭ قەشقەرگە قويغان باش خەلىپىسى - ئۇشتۇر خەلىپىمۇ قەشقەرلىقلەر تەرىپىدىن تۇرپاندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يېڭىسار، خوتەن، يەكەنلەرگە قويغان قاسىم، يۈسۈپ، خوجا شادى خەلىپىلەرمۇ يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. پۈتۈن قەشقەرىيىدە خوجا ئىسھاق سوپىلىرىغا قارشى داغدۇغىلىق ئاممىۋى جامائەت ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم جىنايىتى ئېغىر چوڭ سوپىلارنىڭ ئەدىپى بېرىلگەن. سوپىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇلغان. ئاخىرى خوجا ئىسھاق خەلقى ھەرىكىتىدىن قورقۇپ مۆكۈپ - چۆكۈپ يۈرۈپ سەمەرقەندگە قېچىپ بېرىپ، كەلگۈسىدە قەشقەرىيىنى بۇخارا خانلىقىغا تەۋە قىلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن بۇخارا خانى ئابدۇللاخاندىن 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئېلىپ (باشلاپ)، قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. قەشقەر خەلقى بۇ قانخور خوجىنى باشلاپ كەلگەن لاۋۇ - لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ قاتتىق جازالاپ، قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە سۇلتا ئابدۇرەشىد خاننىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان (خاقانى ئەزەم) خانلىقى قايتىدىن تىلىنىپ، تىنچلىق ئورنىتىلغان. سوپى، ئىشانلار ھەرىكىتى بىر مەھەل بېسىلغان.
خاقانى ئەزەم ئىسھاقىيە خوجىلىرى پەيدا قىلغان جاھالەت ئىزلىرىنى، قاراڭغۇلۇقنىڭ تۇمانلىرىنى تۈگىتىشكە كىرىشكەن.
ئاپئاق خوجا توغرىسىدا
ئۇرغىلى بولماس خوجىنى،
تىللاشقا بولماس خوجىنى.
مۇسۇلماننى خار قىلغان.
خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى.
(تارىخ قوشاقلىرىدىن)
ئاپئاق خوجا كىم؟
بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.
ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» ـ «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»()«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»() دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىسھاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارىسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.
ئاپئاق خوجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى
ئاپئاق خوج مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىسھاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ - قەشقەرىيدە بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى - «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىسھاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن() مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىسھاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنى ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن:
1 ئۆزىنى «سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋارس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق قەشقەرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەنى ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئۇرنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام (ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى - ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە <پىر>، <ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن <ئەۋلىيا> دۇر... »، «پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر <پىر>، <ئەۋلىيا> غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرپىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئاپئاق خوجىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغا مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيىدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئالدامچىلىق ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىرەر تارىخ ياكى ئىسلام تەلىماتى، ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدا تەكىتلەنگەن بىرەرمۇ پاكىت - ئاساس يوقتۇر. دېمەك ئاپئاق خوجا تەشۋىقاتچىلىرى (مۇرىتلىرى) مۇشۇنداق بىر شەخسىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ (ئۇنىڭ غايىبىنى بىلىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ» لىقىنى تەرىپلەپ، «خوداغا رام» لىقى بىلەن ئاخىرىدا ئۇنى قەشقەردە «ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلىياسى»، «ئۇلۇغ پېشۋاسى»، «سەئىد» دېگەن تاج ئاستىغا ئېلىپ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىندۈرۈشكىچە بېرىپ يەتكەن.
2 خۇددى «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇئا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق <بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن> دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەسھابول كەئەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شېيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسىلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان بۇنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىسھاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىسھاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان («ئىشقىيە» چىلەر جىقراق بولغان) ھازىرىقى قەشقەر شەھىرىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلقلىرى ئاق تەقىلىقلارنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. ئەبەيدۇللا خوجا («ئىسھاقىيە» چىلەر) نىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغلىق، خوتەن تەۋەلىرىگە قاراشلىق جايلارنىڭ خەلقى قارا تەقىلىقلەرنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تاكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ، ئىككى خوجىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان ئاق تەقىلىقلەر، قارا تەقىلىقلەر كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان («ئاق تەقى»، «قارا تەقى» ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى بويىچە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېيىلىپ كەلمەكتە). گەرچە ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر - بىرىدىن پەرق قىلمىسىمۇ قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى يەنىلا سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامچىلىرىدىن بولغان ئىسمائىلخاننىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى گۇرۇڭنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تىنچ ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئاپئاق خوجىنىڭ «ئاق تاغلىق» سوپىلىرى 1670- يىلى بىر ئىچىدىلا يېڭىسار، مەكىت مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، قاغلىق قاتارلىق جايلاردا «قارا تاغلىق»، «پىر» سوپىلاردىن 80 نەچچىنى تۇتۇۋېلىپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 40 نەچچە «سوپى» نىڭ پېيىنى قىرقىپ، قول، پۇتىنى كېسىپ، ئاختا قىلىپ (ئەرلىك تۇخۇمىنى ئېلىۋېتىپ) «كېرەكسىز مۇردا» ھالەتكە ئەكېلىپ، «قارا تاغلىق» لاردىن «ئۆچ» ئالغان. «ئىسھاقىيە» چى «قارا تاغلىق» سوپىلارمۇ قەشقەرىيىنىڭ خوتەن، يەكەن تەۋەلىرى (ھازىرقى كېرىيە، چىرىيە، لوپ، ئىلچى، قاراقاش، گۇما، قاغلىق، مەكىت، يەكەن، پوسكام ناھىيىلىرى تەۋەلىرى) دە «قىلمىشلىرى ئېغىر»، «ئاق تاغلىق»، «پىر»، «سوپى»، ئىشانلاردىن بەزىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، مەخپىي ھالدا قول - پوتىنى باغلاپ چىقالمايدىان چۆللەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ ياكى قول، قۇلاقلىرىنى كېسىۋېلىپ (ئەن سېلىپ قويۇپ) ھەيدىۋېتىپ، ياكى گاچا - گاس قىلىپ تاشلاپ، بەدەل ھېسابىدا ئۆچ ئېلىپ تۇرغان. 1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېرىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجىرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان. ئىسمائىلخان 17- ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار بېسىپ ئالغان شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونلىرى (ئۈرۈمچى، ئىلى، قۇمۇل، ئالتاي رايونلىرى) نى قايتۇرۇۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن.
ئاپئاق خوجىنىڭ دالاي لامادىن تىزلىنىپ مەدەت تىلىشى
ئاپئاق خوجا قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىققۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە بىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئا كويلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان. لامانىڭ پەشلىرىنى سۆيۈپ، ئىتەكلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، يىغلاپ مەدەت تىلىگەن. دېمەك، بۇ زاتنى ئۇلۇغ تەڭرى ئەنە شۇ چاغدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن بۇ خىل رەزىل قىلمىشقا دۇچار قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىدا قىيناپ، جاپا - مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرىگە ئۇچرىتىپ، ئاھۇ نادامەتنىڭ لايلىرىغا يۇمۇلۇتۇپ، پۇشايمان ئوچاقلىرىدا كۆيدۈرۈپ، خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىقنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە كۈچۈكلىپ باش قويىدىغان، خەلق، مىللەت ۋە ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان تارىخىي خائىن، لەنىتى ئىنسان، دەۋزىخى مۇسۇلمان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوقتۇر. خۇددى ئىت ئۆز ئىگىسىنى «خودا» دەپ بىلگەندەك، ئاپئاق خوجىمۇ دالاي لامانى بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە تونۇپ، ئىسمائىل خان ئۈستىدىن دەردىنى تۆككەن، ئەرز قىلغان ھەم ئۇنىڭدىن ئىسمائىل خان ھاكىمىيىتى (قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان. بۇ توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»
«بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: « بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر» دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى: «... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسمائىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»
ئاپئاق خوجا دالاي لامانىڭ قېشىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالى، ئىسمائىل خاننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى، ئىچكى ماجرالار، تىبەت - قەشقەرىيە چېگرىسىدىكى تاغ، داۋان، يول، جوداق (بۇتخانا) لار توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. شۇ زامانلاردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ياكى شۇ زامانلار توغرىسىدا كېيىنرەك يېزىپ قالدۇرۇلغان بەزى ئۇيغۇرچە، تاجىكچە يازما خاتىرىلەردە مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا»، «لەنىتى رەھمەت» دېگەندەك قوليازمىلاردا كۆرسىتىلىشىچە: دالاي لاما ئاپئاق خوجىغا ئۆز يەرلىرىنى ئىسمايىلخاندىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە دائىم ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپ، گېپىگە كىرىپ، ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، لامالارغا دۇئا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى شۇلار دېگەندەك قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، مىلادى 1677- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (دالاي لاما 5 نىڭ لامالىققا ئولتۇرغان 1- كۈنىنى ئەسلەش ئىبادىتى بولغان كۈنى) ئاخىرقى دۇئاسىنى بېرىپ «ئەركتە» (مەخسۇس لاما ھارىقى) تۇتۇپ مېھمان قىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ شىڭ جىڭ خوپۇلاما بىلەن قوشۇپ 15 قوتاز بېرىپ، غالدان قۇنتەيجى ھۇزۇرىغا - غۇلجىغا يولغا سېلىۋەتكەن. ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.
غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت - ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.
ئاپئاق خوجا قىرغىنچىلقتا
ئاپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسمائىل خاننىڭ ئوغلى باباق سولتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئىسمائىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىر باشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى «تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدەرسنىڭ 360 خانىلىق ھۇجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسمائىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ («بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغا شەرتسىز بىردەك ئىتائەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىزلىكى» تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق «قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىسھاقىيە» چى خوجا، ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چاتاپ ماڭغۇزۇپ. ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيىدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشىپ ھەم بىر بۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدا يوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭ سەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، ئگەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر، گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرۇيى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»، «ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجا ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر.
ئاپئاق خوجا «خان» لىق تەختتە
ئاپئاق خوجا يۇقىرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسمائىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيىگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاق خوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى - ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان (ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغار كۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋا قىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ، تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ، قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغان سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرىلىشىپ، قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىيى فېئودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.
غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيىگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپ تۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋە يا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدا يېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...»
بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت» - ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا قەشقەرىيىدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىر ھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دۇختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتوپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار (ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلا دېمەكچى - ئا) ... سائەتەن بىسائەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ (نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...»
ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەئىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىئەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە «دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قانائەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز، شەرتىسز، تەخىرسىز، دائىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭىدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.
ئاپئاق خوجا «تەخت»كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز «خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە «خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەسھابۇل كەئەب»، كوچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىق مازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا سوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرىگە ياكى بۇ مەزھەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوئارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىئەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان، تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا، ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي، نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلار تەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتىسىز، قارىغۇلارچە ئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەئىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشى چىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوئار ھەم پائالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن، زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوئال - سوراقتىن، بالادىن قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇئادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ()» دېگەن ئىلتىجالىق دۇئا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامىلىرىدۇر. بىز بۇ دۇئا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، ئەلۋەتتە.
دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى - قەشقەرىيىنى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھا پەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت، ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شېيخلار، قەلەندەرلەر، ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.
ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيىدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەك بارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپە ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلار تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈ جەمئىيەتتە دۇئا - تالاۋەت، خەتمەن ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ» ىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.
ئاپئاق خوجا «ھاكىمىيىتى» نىڭ يىمىرىلىشى
ئاپئاق خوجا 1694- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىسھاقنىڭ كۈكۈن نەۋرىسى (ئابدۇللا خوجىنىڭ ئوغلى) شۇ ئەيپ خوجىنىڭ قاتىلى سۈپىتى بىلەن ئابدۇللا خوجا جەمەتلىرى تەرىپىدىن يەكەندە مەخپىي زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى ئاپئاق خوجىمۇ ئۆز ۋاقتىدا «تەخت» كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بولغان كۈرەشتە يېڭىلىپ كەشمىرگە قېچىپ كېتىۋالغان «قارا تاغلىق» «ئىسھاقىيە» چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى - تۆتىنچى ئەۋلاد تۇغقىنى شۇئەيىب خوجىنى كەشمىرگە خەت يېزىپ ئالداپ ئەكەلگۈزۈپ تىزناپ بويىدا سوپىلىرىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈرۈۋەتكەنىدى. بۇ بەدەل ھېسابىغا ئاپئاق خوجا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش جىدىلى كۆتۈرلگەن. ئاپئاق خوجىنىڭ كىچىك خوتۇنى مۆھتىرىم خېنىم ئۆزىنى «خانىم پادىشاھ» ئېلان قىلىپ، ئوغلى خوجا مەھدىنى «تەخت»كە ئولتۇرغۇزۇپ، «پادىشاھ ئىشان» لىق تونىنى كېيگۈزگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خوجا يەھيا (ئاپئاق خوجىنىڭ مەكىتلىك چوڭ خوتۇنىدىن بولغان، مۇھتىرەم خېنىم ئۆگەي چوڭ ئوغلى) «تەخت» تالىشىپ ئوردىدا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. نەتىجىدە «ھاكىمىيەت» نىڭ نۇقتىسى تۇتۇۋالغان «خانىم پادىشاھ» ئۆز ئەتراپىدىكى كۈچلىرى بىلەن خوجا يەھيانى ئىككى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ تەرەپدارى قەشقەر ھاكىمى ئىمىن بەگ قاتارلىق بىر مۇنچە چوڭ ئەربابلارمۇ يەنىلا «خانىم پادىشاھ» تەرىپىدىن قىزغىن قىلىنغان. «تارىخىي نادىرىيە» دە خانىم پادىشاھ توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «... خېنىم پادىشاھ ۋاقتىدا شۇنداق خۇنرىزلىق (خۇنخۇرلۇق - ئا) يولىدىكى ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ كىرسە، ھەر ئىككىسىنىلا ئۆلتۈرەر ئەردىلەر. ئۆزىنىڭ بىر سىڭلىسى بولۇپ x x خېنىم دەرئەردىلەر. بىسيار ساھىبجامال (بەك چىرايلىق - ئا)، تۇغمىغان ئەردى. ئۇنى ھەم رېشىكتىن (كېچىرگىسىز گۇناھكار دەپ - ئا) قايناق ياغقا تاشلاپ ياغدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردىلەر. ھەممە خەلق ئۇنىڭدىن ۋەھشە تىناك (ۋەھشىلىكتە سەسكىنىپ - ئا) بولۇپ، ئۇنى «جاللات خېنىم» دەپ ئاتىدىلەر( )...» جاللات خېنىم 1697- يىلىغىچە «خان» لىق قىلىپ، شۇ يىلى كۈزدە يەكەندە مەكىتلىك سوپىلار (ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ خوتۇنىنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن خوجا يەھيانىڭ قىساسى ئۈچۈن) تەرىپىدىن يوشۇرۇن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى ئۈچتۇرپان تەرەپتىن مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ ئىنىسى جاللات خېنىمنىڭ ئاكىسى ئاقباش ئىشان (ئارسلانخان) يەكەنگە كېلىپ سىڭلىسىنىڭ «قىساسى» ئۈچۈن خۇددى «تارىخىي نادىرىيە» دە: «... سوپىلارنىڭ چوڭلىرىدىن 1000 كىشىنى تۇتقۇزۇپ، بىرىنى بىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قويدەك بوغۇزلاپ قېنىدا تۈگمەن چۆرۈتۈپ، ئۇن تارتىپ يېدىلەر...» دېيىلگىنىدەك چوڭ قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان. قەشقەر سوپىلىرى خوجا يەھيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خوجا ئەھمەدنى قەشقەرگە «خان» قىلىپ، جاللات خېنىم تەرىپىدىن قەشقەرگە قويۇلغان ھاكىم موللا شەۋقى خوجىنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا مەھدىمۇ مۇرىت، مۇخلىسلىرىنى يىغىپ «قارا تاغلىق» لارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن خوجا مەخسۇد باشلىق بىر قانچىسىنى «چالما كېسەك» قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا خوجا ئىسھاقچىلار تەرىپىدىن سەپەر ئۈستىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنداق قىلىپ 1678- يىلىدىن 1697- يىلىغىچە قەشقەرىيىدە 19 يىل داۋام قىلغان ئاپئاق خوجا «خان» لىقى ئاخىرى ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر بىلەن ئىسھاقىيە خوجىلىرى («قارا تاغلىق» خوجىلار) نىڭ يېتەكچىسى - دانيال خوجا تەرىپىدىن تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
دانيال خوجا ھەققىدە
خوجىنىڭ غوجىسى بار،
چامغۇرنىڭ ئورىسى.
مىلادى 1690- يىللاردىن 1780- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەرىيە خەلقىنىڭ دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىدا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى پەيدا قىلغان. تەۋرەتكەن يەنى بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا جاھالەت ئۇرۇقى - «ئىسھاقىيە سوپى» لىقىنى چاپقان، كېڭەيتكەن ۋە قەشقەرىيىنىڭ بىر مەھەل «خان» لىق تەختىنى ئىگىلىگەن، چوڭ يېتەكچى سىياسىي سوپىلارنىڭ بىرى - دانيال خوجىدۇر.
تارىخىي خاتىرىلەردىن بىلىشىمىزچە، دانيال خوجا مىلادى 1659- يىلى ھازىرقى سوۋېت ئۆزبېكىستاننىڭ خوجەنت رايونىدا (خوجا ئىسھاقى ۋەلىنىڭ ئوغلى - چوڭ سوپى - خوجا ئابدۇللا ئائىلىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. 1683- يىللىرى ئەتراپىدا دادىسى خوجا ئابدۇللا ئىشانغا ئەگىشىپ يەكەندە پەيدا بولغان. مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن، بىر مەزگىل يەكەن، قاغىلىق، گۇما، خوتەن، كېرىيە، چەرچەن، ئاقسۇ، كورلا، كوچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا دەرۋىشلىك، «قۇرئىلىق» (پالچىلىق)، «ئاشىق» لىق «ھەرىكەت» لىرىدە يۈرۈپ، جاھاندارچىلىق قىلغان، «ئىش ئۆگەنگەن»، 1690- يىللار ئەتراپىدا دادىسىدىن سوپىلىقنى ئۆگىنىپ (ئېرشاتنامە ئېلىپ) «ئىسھاقىيە» سوپىلىقى بويىچە «پىر» لىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. يەكەن، قاغىلىق، گۇمىلاردا خاتىپ، قازى رەئىس، قازى، قازى كالان، مۇدەررىس بولغان، كېيىنرەك «ئىسھاقىيە» سوپىلىر ئارىسىدا (يەكەندە) ئۆزىنى «سەئىد»، «ۋەلى»، «دىنىي يېتەكچى»، «بالا گەردان پىر» (بالا - قازاغا مۇئەككىل پىر) ئېلان قىلغان ياكى بۇ خىل ناملارنى قوبۇل قىلغان. قوللانغان. 1693- يىللىرى ئەتراپىدا «ئىسھاقىيە» سۈلۈكىنىڭ باش «داھى» لىقىنى، «قارا تاغلىق» لارنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى، يەكەن، خوتەنلەرنىڭ بىر قىسىم دىنىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. يەكەندە بىر مەھەل «ئامان خوجا» (ئامانلىق ساقلىغۇچى باش ھۆكۈمران) بولغان. 1694- يىلى يەكەندە ئاپئاق خوجىنى مەخپىي زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئاخىرى پۈتۈن «ئىسھاقىيە» سوپىلىرىنى تەشكىللەپ، باشلاپ، 1697- يىلى ئاپئاق خوجا «خان» لىقىنىڭ كېيىنكى داۋامى ھېسابلىنىدىغان خانىم پادىشاھ يەنى «جاللات خېنىم» (ئەسلى ئىسمى - مۆھتەرەم جېنىم. ئۈچتۇرپانلىق - ئا) «ھاكىمىيىتى» نى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يەنىلا جۇڭغارلارنى ئارقا تېرەك قىلغان قەشقەرىيە دانيال خوجا «خان» لىقىنى قۇرغان. 1734- يىلغىچە بۇ «خان» لىقنىڭ «خانى»، بەزىدە گۆرەدىئى «خانى» ياكى «تۈلەكتىكى خان» (جۇڭغار خانلىقى ئالدىدىن كېتەلمەيدىغان نەزەربەند قورچاق «خان» بولۇپ، 1734- يىلى قىشتا تۇيۇقسىزلا يەكەندە ئۆلۈپ قالغان. جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇن مازار» غا دەپنە قىلىنغان.
دانيال خوجا يەكەندە «خان» لىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، قەشقەرىيىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە زادىلا بولمىغان. ئاپئاق خوجىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى خوجا مەھدى، قىلىچ بۇرھان خوجا، ھەسەن خوجا، ئابدۇسەمەت خوجا قاتارلىق ئاپئاق خوجىنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ قەشقەردە دانيال خوجىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، دانيال خوجىنىڭ يېقىنلىرىدىن مەخسۇت ئىشان باشلىق ئون نەچچە «قارا تاغلىق» چوڭ خوجىنى قەشقەردە چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خانىم پادىشاھنىڭ ئاكىسى ئارسلانخان (ئاقباش خان) مۇ قەشقەردە كۈچ توپلاپ دانيال خوجىغا قارشى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت باشلىغان. يەكەن، ئاقسۇ، خوتەنلەردىمۇ جۇڭغار خانلىقىنىڭ جۈملىدىن جۇڭغارلارغا تايانغان ھۆكۈمران خوجىلارنىڭ زۇلۇم - زۇرلۇقلىرىغا، مىللىي ساتقۇنلۇققا، مۇنقەرزلىككە قارشى خەلق ھەرىكەتلىرى كۆتۈرۈلگەن. «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» سوپىلارنىڭ ئۆزئارا زىددىيەت - سۈركىلىشلىرىمۇ راسا ئەۋجىگە چىققان. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت ئىشان (ئاپئاق خوجىنىڭ نەۋرىسى يەنى خوجا يەھيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى) دانيال خوجىغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قەشقەر، ئاتۇشلارنى ئاساس قىلغان قەشقەرىيە خوجا ئەھمەدخان «خان» لىقىنى قۇرۇۋالغان. نەتىجىدە قەشقەرىيىدە بىر مەزگىل ئىككى «خان»، ئىككى «ھاكىمىيەت» ۋە ئىككى «سەپ» توقۇنۇشى پەيدا بولغان. 3- «سەپ» ئېچىپ بىر پۈتۈن قەشقەرىيە «خان» لىقى «قۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئارسلانخانمۇ ھىندىستاندىن ياردەم سوراش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئاخىرى ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن پامىر - مىڭ تېكە ئەتراپلىرىدا قارا ئاپىتىگە يولۇقۇپ تۈگىشىپ كەتكەن.
شۇنداق قىلىپ جۇڭغارلارنىڭ ھامىلىقى بىلەن پەيدا بولغان قەشقەرىيە دانيال خوجا «ھاكىمىيىتى» ئاخىرى بېرىپ جۇڭغار خانلىقىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمايدىغان (ھەر يىلى تۆلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك 100 مىڭ سەرلىگەن كۈمۈشلۈك سېلىقىنى ۋاقتىدا تۆلەپ تۇرالمايدىغان، 1000 تۆگىلىك ئەتىۋارلىق كىيىم - جابدۇق، بىساتلارنى ھەم ئۇنىڭغا «چاكار چوكان»( )، غۇلچا (غالچا) لارنى قوشۇپ ھەر يىلى ئىلىدىكى قالماق چوڭلىرىغا «سوۋغا» قىلىپ چىقىرىپ تۇرالمايدىغان، ھەتتاكى قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «خان قالماق» لارنىڭ «ئامانلىقى» نىمۇ قوغدىيالمايدىغان)، جۇڭغار خانلىقىغا پايدىسىز «ھاكىمىيەت» كە، دانيال خوجا بولسا تەدبىرسىز «خان»، ھۆرمەتسىز پىداكارلارغا ئايلىنىپ قالغان.
قەشقەرىيىىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيىتىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ پايدىسى ھېسابىغا ئۆزگەرتىپ (قەشقەرىيىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن قايتىدىن تولۇق تىكلەپ)، بۇ يەرنى جۇڭغارلارنىڭ «مەڭگۈلۈك زېمىنى» ھەم زاپاس كۈچ - قورغىنى قىلىپ تۇتۇش ئۈچۈن، جۇڭغار خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى باش ھۆكۈمرانى سېۋان رابدان (تولۇق ئىسمى - سېۋىن ئاربىد - ئا) 1716- يىلى قەشقەرىيىگە چوڭ قوشۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەربىي يۈرۈش باشلاپ، قەشقەرىيىنى قايتا يويسۇندۇرۇش، خەلقنى «توۋا قىلدۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. يەكەندىن دانيال خوجىنى، قەشقەردىن ئەھمەتخان خوجىنى ۋە بۇ ئىككى «خان» نىڭ بارلىق ۋەزىر - ئەززەم، ئەل جەمەت، تۇغقان - يارانلىرىدىن يۈردىن ئارتۇق كىشىنى ئىلىغا ھەيدەپ كەتكەن ھەم ئۇلارنى ئىلىدا گۆرەدىكى «خان»، گۆرەدىكى «چوڭلار» قىلىپ تۇتۇپ (ئانىسىنى تۇتۇۋېلىپ، بالىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قوللىنىلىپ)، قەشقەرىيىدە «ۋەقە چىقماس» لىقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغان. بىر پۈتۈن قەشقەرىيىىنى بولسا، مەمۇرىي جەھەتتىن ئالتە شەھەر، 13 كىچىك شەھەر( )، 16ئايماق، 16 مىڭ كەنت (يېزىغا تەڭ مەمۇرىي بىرلىك) كە بۆلۈپ، ئالتە شەھەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئىنىلىرىدىن بىردىن قالماقنى «ئېركەخان» (دوتەي - ۋالىي - ئا)، 13 كىچىك شەھەرگە ئۆز پۇشتىلىرىدىن 13 قالماقنى «ئامبۇن» (ئامبال - ئا) قىلىپ تەيىنلەپ، قەشقەرىيىنى سېپى ئۆزىدىن قالماقلار قولى بىلەن تۇتۇشقا، ئىدراە قىلىشقا باشلىغان. مانا بۇ بىزدىكى«ئالتە شەھەر» سۆزىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇش جەريانىدۇر. 1727- يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش (بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش، جىمقتۇرۇش) كۈرىشى كېلىپ چىقىپ، ئاخىرى جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەختىدە غالدان سىرىن ئولتۇرغان. ئۇ خانلىققا ئولتۇرغان چاغ ـ قەشقەرىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن («ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ئارىسىدىكى جەڭگى - جېدەل بەكمۇ ئۇلغايغان ۋە ئەڭ مۇھىم قەشقەرىيە خەلقىنىڭ خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئەۋج ئالغان) بىر چاغقا توغرا كەلگەن. بۇ چاغدا يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭغارىيىدە (ئاساسەن قۇمۇل، ئۈرۈمچى، جىمسار، گۇچۇڭ، مورى ئەتراپلىرىدا) جۇڭغار خانلىقى بىلەن مانجۇ خانلىقى (غالدان سىرىن قوشۇنلىرى بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى) ئۇرۇشى قوزغالغان. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا جۇڭغار خانلىقى قەشقەرىيە خەلقىنى يەنىلا خوجا - ئىشانلارنىڭ قولى (ئۆز يېغى بىلەن ئۆزىنى قورۇش چارىسى) بىلەن تۇتۇش يولىغا ئۆتكەن. دانيال خوجىنى گۆرەدىكى «خان» لىقتىن چىقىرىپ قەشقەرىيىىنىڭ باش «خان»، «دىنىي داھىيسى»، «ئۇلۇغ خوجا» ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم قەشقەرىيىد دانيال خوجا «خانلىقى» نى كۈچەيتكەن. قەشقەرىيىدە چاتاق چىقماسلىققا مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە يەنىلا دانيال خوجىنىڭ ئوغلى جاھان خوجا (ئەسلى ئىسمى ياقۇپ خوجا - ئا) باشلىق قەشقەرىيىلىك چوڭ خوجا - ئىشانلاردىن 48 كىشىنى «مىرزا قاماق» (نەزەر بەند) قىلىپ، ئىلىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، قەشقەرىيە خەلقىنىڭ مەڭگۈ «ياۋاش» بولۇشىغا «دۇئا - تەكىبر» قىلغۇزۇپ تۇرغان. يەنى چوڭلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كىچىكلىرىنى غىڭ قىلدۇرماسلىق تاكتىكىسى بىلەن ئىش كۆرۈپ تۇرغان. 1734- يىلى دانيال خوجا يەكەندە ئۆز ئۆيىدە تۇيۇقىسزلا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىقى ئىلىدا «مىرزا قاماق» تا ياتقان خوجىلار دىن دانيال خوجىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى ياقۇپ خوجىنى (جاھان خوجا) «خان» قىلىپ بېكىتكەن. دانيال خوجىنىڭ ئىنىلىرىدىن يۇسۇپ خوجىنى قەشقەرگە، ئەييۇپ خوجىنى ئاقسۇغا، ئابدۇللا خوجىنى خوتەنگە كىچىك «خان» (ۋالىي - ئا) قىلىپ بەلگىلەپ (ئۆزى بىلەن ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسى قوللىنىپ)، بۇ ھالەتنى تاكى 1745- يىلى - غالدان سىرىن ئۆلگۈچە بولغان يېرىم ئەسىر ۋاقىت داۋام ئەتكۈزگەن.
دانيال خوجا - تارىخىتا زالىملىق، جاھالەتپەرسلىك ۋە دىنىي ئالدامچىلىق بىلەن داڭ چىقارغان مەشھۇر سىياسىي شەخسىدۇر. دانيال خوجا ۋە دانيال خوجىلارنىڭ تارىختا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ئاسىيلىقلىرى بىلەن دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ:
1 دانيال خوجا بىلەن ئۇنىڭ بىر بۆلۈم زالىم شېرىكلىرى قەشقەرىيىدە «ھاكىمىيەت» نى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن قەشقەرىيىدە، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا «ئىسھاقىيە» سوپىلىقىنى «بىردىنبىر شەكسىز، ئانا قانۇن»، «خانلىق» نىڭ دىنىي دەستۇرى، «مۇسۇلمانچىلىق مىزانى» ھەم «مۇسۇلمانلار ئادەت قىبلىنامىسى» ئېلان قىلىپ، ئۇنى «خان» لىقنىڭ دىنىي، مەمۇرىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي زورلاش كۈچى ۋە «ھاكىمىيەت» بېسىمى بىلەن يولغان قويۇشقا كىرىشكەن. يەنى «ئىسھاقىيە» چىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەقدىرىنى سوپىلىق تەرىقىتى بېكىمچىلىكى ئىچىدە، مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزنى بولسا، خوجا، ئىشان، سوپىلار «مۇرىتلىقى» ئاسارىتىدە - ياۋاشلىق ئۈلگىلىرى، پەقەت بويسۇنۇشنىلا بىلىدىغان «خۇدايى قۇل» لار ئورنىدا تۇتۇپ، ئىدارە قىلغان. «خانلىق» نىڭ «خەۋپلىرى» نى «تازىلاش تۇرۇش»، «جەمئىيەت پاكلىقىنى قوغداش» دېگەندەك ئويدۇرما سەۋەبلەر بىلەن دائىما دېگۈدەك «جىدىت» لەر، «مۇرتەدلەر»، «داستارلار»، «ئاسىي» لار، «ئازغۇن»، «مۇناپىق»، «خائىن»، «دىنىدىن چىققان»، «تۇزكور»، «لەنەتگەردى»، «دۇئاسى بەند» ۋەھاكازا دېگەندەك دەككىلەنگۈچى «دۈشمەن» لەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، كاردىن چىقىرىپ تۇرۇشنى زادىلا توختىمىغان. «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» تە كۆرسىتىلىشىچە، دانيال خوجا «تەخت» كە چىقىپ، قەشقەرىيىدە «قارا تاغلىق» خوجىلار باش كۆتۈرگەن يىللار جەريانىدا دانيال خوجىچىلار تەرىپىدىن پەقەت قەشقەرىيىدىلا چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشىكە مەجبۇرى قىلىنغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ھەر خىل ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قول - پۇتسىز، كۆزسىز، تىلسىز (كېرەكسىز تەن) قىلىپ تاشلانغان، پىچىۋېتىلگەن ئەر - يىگىت «دۈشمەن»، «داستار» لار بىلەن «جىدىت» لەرنىڭ سانى بىر تۈمەندىن جىقراق بولغان، سۈرگۈن، تۇتقۇن ۋە پالاندى قىلىنغان «دۈشمەن جەمەتلىرى»، «چاكار چوكان»، «غۇلجا گەردەنكەش» لەرنىڭ سانىمۇ يىلمۇ - يىل ئۆرلەپ تۇرغان. كورلا، ئاقسۇ، كوچا، يېڭىسار، قۇمۇل، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى «داستار»لار بىنالىرى، «جىدىت» لەر سورۇنلىرى (ئەمەلىيەتتە بۇرۇن «ئاق تاغلىق» ئىشان، سوپىلار پەيدا قىلغان مەسجىت، تۈنەكخانا، «قەدەم جاي»، «مازار»، زاراتلىقلار، «جىدىت» لەر (يېڭىلىقچىلار) پەيدا قىلغان ياكى باشقۇرغان مەكتەپ، ئىجتىمائىي پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى) «ھۆددىگەر ھامىيلىرى» بىلەن قوشۇپ بۇزۇۋېتىلگەن، يوق قىلىۋېتىلگەن. مەسىلەن: بەزىبىر تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورلىنىڭ بوستان دېگەن يېرىدە 1695-1696- يىللىرى ئەتراپىدا «داستارلار» تەرىپىدىن ياسالغان ئاتالمىش «ئاپئاق خوجا مازىرى» 1702- ۋە 1703- يىللىرى ئەتراپىدا دانيال خوجىچىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلىپ، مازار ھامىيلىرى (ئېھتىمال شېيخلار بولسا كېرەك - ئا) دىن بىر قانچە كىشىنىڭ كۆزى ئويۇپ تاشلانغان. قارشىلىق قىلغان ئون نەچچە كورلىلىق مۆتىۋەر «داستار مۇرتەد» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇلۇپ ھەم يەكەنگە پىيادە ھەيدەپ كېتىلىپ، دانيال خوجا «پايتەخت» نىڭ «كوربەندە» لەر ھەپسىلىرى (زىندانلىرى) دا «كور» لۇق (ھەقىقىي «پىر» نى «تونۇمىغان» لىق) «ئەيىبلىرى» بىلەن «توۋا» قىلدۇرۇلغان ھەم ئاخىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئەلگە ئىبرەت» ھۆكمى بىلەن «چالما - كېسەك» قىلىپ يەرگە كۆمۈۋېتىلگەن.
دانيال خوجا ۋە ئۇنىڭ ياندىماچ شېرىكلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋاقىت جەريانىنى ئۇزارتىش، جاھالەت ئۇرۇقى - «ئىسھاقىيە» سوپىلىقنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ يىراقلارغىچە كېڭەيتىش ئۈمىدى بىلەن قۇمۇلغا ئەجدىھا نىياز سوپى باشچىلىقىدىكى «پىر ياران» لار توپى (گۇرۇھى) نى ئىلىغا راھمان قۇلى، پەرمان قۇلى، ئابدۇرېھىم قاتارلىق «خۇدا قۇلى»، «خەلىپە» (ئىز باسار) لارنى، قازاق، قىپچاق دالالىرىغا مەكىتلىك توختار خوجا، ئابدۇللا بەگ ئىشان باشلىق «خۇدايى ھىجرەتچى» پىدائىلارنى، تۇرپان - ئەسھابىلىرىم تەۋەسىگە ئۇرۇش زەخمىدارى - رەھمىتۇللا توكۇر ئىشاننى ئەۋەتىپ ياكى تەيىنلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇمۇلدا قارا ئۆتۈك، ئاستانە، ئىلىدا قاش، قاينۇق، تۇرپاندا قاراغوجا، قازاق، قىرغىز دالالىرىدا «خۇدايى جولى» سۈلۈك مەركەزلىرىنى پەيدا قىلىپ يۇقىرىقى جايلاردىمۇ «ئىسھاقىيە سوپىلىقى يولى» نى كېڭەيتىشكەن، سوپىلىق «تەرتىپلىرى» نى تۇرغۇزۇشقان، «ئاق تاغلىق داستارلار»، «جىدىت» لەر، «ئاسيى»لار، «دىندىن چىققان» لارنىڭ «ئەدىپى» نى بېرىشنى قانات يايدۇرغان.
2 دانيال خوجا ۋە ئۇنىڭ «ئەڭ ئالىي ئۆلىما» لىرىنىڭ بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئۆز نۆۋىتىدە تارقاتقان، جارى قىلدۇرغان «دىنىي نۇقتىئىنەزەرلىرى»، «تەلىم»، «پرىنسىپ» لىرى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، ئىسلامىيەت چۈشەنچىلىرى (قۇرئان ۋە قۇرئان تەپسىرى) گە زىد، ھەتتا پۈتۈنلەي قارشى، يامان غەرەز، ئالدامچىلىق مەنبە قىلىنغان ئويدۇرمىلاردۇر. مەسىلەن: خوجىلار زامانىدا ئۆزىنى دانيال خوجا «ئالىي ئۆلىما» سى - رىيازەتكار، يېتىشكەن سوپى، پىرى دانيالنىڭ تىلى، ۋەكىلى، دوستى ھېسابلىغان يەكەن كاچۇڭلۇق خوجا جەڭگىزخان (جەڭگىزخان خوجا) تەرىپىدىن 1891- يىلى يەكەندە يېزىپ قالدۇرۇلغان «تەربىيەتنامە» دە دانيال خوجا توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلۇغ پىر ھەزرىتى دانيال ۋەلىيگە، خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللا نەسەبلىرىگە قول بەرمەي (مۇرىت بولماي) ئۆلگەن ھەرقانداق ئەھلى ئۈممەت دوزىخىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى، ۋەكىل بولغان بۇ <زات> لارغا بەيئەت قىلمىغان (بويسۇنمىغان ياكى بويۇن تاۋلىق قىلغان) ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىككىلا ئالەملىك قارادۇر. پىرلار - مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنى <جەننەت>، <دوزاخ> قا <ئايرىغۇچى> لاردۇر. پىرلار <كەلىمەھۇللا> يەنى ئاللاھ بىلەن <سۆزلەشكۈچى> لەردۇر. پىرلار ئاللاھنىڭ تىلى، ئۆزى ۋە جامالىدۇر. پىرلار قىيامەت كۈنى بەندىلەرنى سوراق - سوئال قىلغۇچىلاردۇر.... ئىنسان بەخت (جەننەت) كە ئېرىشىش ئۈچۈن پىرى دانيالغا، پىرى ئىسھاقىيلەرگە قول بېرىش شەرتتۇر... مۆمىنلەر پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھارام دۇنيا، ئازغۇن ئالەم ۋەسۋەسىلىرىدىن خالى تۇتۇپ، پۈتۈن مېھرىنى پىرى - ئۇلۇغلار ئىختىيارلىرىغا ئاتاشلىرى، ئۇلارنىڭ مۇبارەك <تەلىم> لىرىدىن ئايرىلماسلىقلىرى ۋاجىبدۇر...»
بۇ رىياكار سوپى ئاپتورنىڭ دانيال ۋە دانيال خوجىنى مەركەز قىلغان «ئىسھاقىيە» چى «پىر» لارغا بەرگەن تەرىپ - تەسۋىرى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ تەلىمى بىلەن پۈتۈنلەي زىدتۇر. يەنى: «بارچە مەدھىيە ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھنى مەدھىيلەيمىز، ئاللاھتىن مەدەت تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ئازدۇرغىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھىدايەت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى: يالغۇز بىر ئاللاھتى باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر... مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر...» («مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرجىمىھالى» 443- بەت) دېگەن تەلىمى بىلەن پۈتۈنلەي زىدتۇر. بۇ خىل «تەربىيەتنامە» نىڭ ئاپتورلىرى بىلەن دانيال خوجىچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئەمەلىيەتتە مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» چۈشەنچىسىگە، ئىسلام يولى، ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپەن يول تۇتقان، يەنى تارىختا ئىسلام دىنىنى ئۆز مەقسەتلىرى يولىدا خالىغانچە خاتا بۇرمىلاپ پايدىلانغان، ھەتتا دىننى زالىملارنىڭ، ئانتى ئىسلام (ئىسلامغا قارشى) كۈچلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرىش، چېپىش، بۇلاش، ئېزىش، خورلاش، ۋەتېنىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك تارىخىي جىنايەتلىرى ئۈچۈن يوپۇق - «قىسمەت»، «تەقدىر»، «پەتىۋاسى» سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان قورالىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەن ۋە تارىختا خەلقىمىزنىڭ، شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى بۇزغان ئاسىيلار تۈركۈمىگە تەۋە لەنەتكار «زات» لاردۇر. ئۇلارغا «ئەگەشكەن»، «ئېتىقاد قىلغان»، «مۇرىت»، «ياران» بولغان بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز بولسا، پەقەت تارىختا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەنبەسىز ئېتىقادچىلار ياكى جاھالەتنى، نادانلىقنى ئېتىقاد مەنبەسى قىلغان، «خۇدايى قۇل» چىلىققا ئادەتلەنگەن، گۆدەكلەرچە ئىشنىۋېرىشكە ئۆگىتىلگەن جاھالەت قۇربانلىرىدۇر. بۇ - تارىخىمىزنىڭ سەلبىي تەرىپىدۇر.
بۇرھانىدىن خوجا ھەققىدە
خودادىن كەلسە كەلسۇن،
خوجىلاردىن كەلمىسۇن.
18- ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىشلىرى تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سىياسيى ئىشانلاردىن بىرى ـ ئاپئاق خوجىنىڭ پەر نەۋرىسى، ئاپئاق خوجا مۇىتلىرىنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى «پىر»، «ئۇستاز» لىرىدىن بىرى، تارىخىي خائىن بۇرھانىدىن خوجىدۇر.
«تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇرھانىدىن خوجا مىلادى 1711- يىلى قەشقەردە ئاپئاق خوجىنىڭ نەۋرىسى (خوجا يەھيانىڭ ئوغلى) خوجا ئەھمەت ئىشان (ئاپئاق خوجا سوپىلىرى بۇ كىشىنى كېيىنكى چاغلارغىچە «ئالىي خوجام»، «پادىشاھ خوجام»، «ئۇلۇغ خوجام» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ، قەدىرلەپ كەلگەن - ئا) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1761- يىلى ئەتىيازدا 50 يېشىدا، ئۆزى خىزمىتىدە بولغان مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قانخور قوماندانى جاۋخۇي تەرىپىدىن كورلىدا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلۈپ، بېشى بېيجىڭغا - چيەنلۇڭ خان ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن. پەرزەنت، تۇغقانلىرىدىن ئون نەچچە كىشى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلىپ نەزەر بەنتتە تۇتۇلغان.
بۇرھانىدىن خوجا ھەققىدىكى بەزى ساختا، ئويدۇرما تەرىپلەر توغرىسىدا
«داستارىيە» سوپىلىرىنىڭ تارىختا ئۆتكەن بىر قىسىم مۇئەللىپلىرى ئۆز زامانلىرىدا ئاپئاق خوجا بىلەن بۇرھانىدىن خوجا ۋە ئۇلارنىڭ بەزىبىر «كارامەت» لىك «ئەۋلىيا» شېرىكلىرى توغرىسىدا بىزنىڭ بىر قىسىم ئازغۇن، گول ئەجدادلىرىمىزغا دەستۇر قىلىپ، ئاجايىپ - غارايىب ساختا ئويدۇرما تەرىپلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشۇپ ئالەمدىن كېتىشكەن ئىكەنلەر. مەسىلەن:«بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازما خاتىرىنىڭ «خوجا بۇرھانىدىن شاھ» دېگەن قىسمىدا، شاھ نەزەر خاراباتى ئىسىملىك بىر مۇئەللىپنىڭ بۇرھانىدىن خوجا ھەققىدىكى تەرىپى مۇنداق خاتىرىلەنگە: «... بۇرھانىدىن باھادىر شاھ خوجام ھەزرىتى خوجام روسۇلىللا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلى - نەسەبلىرىدىندۇر. ئەھلىي مۇسۇلمانلارنىڭ پىرـ ئۇستازىدۇر. پاك، بىغۇبار ۋەلىيسىدۇر (يەرلىك ئەۋلىياسىدۇرـ ئا) ۋە جەننەتكە ئايرىغۇچىدۇر... بىرەر مۇسۇلمان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەقىدىلىرىنى ئادا قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زاتقا ئەگەسمىسە، ئىشەنمىسە، شەك كەلتۈرسە گۇناھكار بولغاي. پىرسىز يۈرگۈچىلەر - دىنىدىن ئېزىپ يۈرگەنلەردۇر... بۇ زات - غازاتىل ئىسلام يولىدا (ئىسلام ئېچىش ئۇرۇشلىرىدا - ئا) يا ئۆلۈش، يا ئۆلتۈرۈش يولىدىن يانمايدىغان كۈچتۈڭگۈز زاتتۇر...»
«ئۇلۇغلارنىڭ نەپەس مۇبارەكلىرى توغرىسىدا» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كونا پارىسچە سوپىلىق رىۋايەتلىرى توپلىمىدا بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئەينى زامانلاردا ئۆز مۇرىت - جامائىتىگە بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋەز - نەسىھەتلىرىنىڭ بىر قىسمى مۇنداق خاتىرىلەنگەن:
«پىرلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكە، قارغىش ئالغان، پىرىنى ئۇنتۇغان، پىرسىز يۈرگەن كىشىلەر ناپاكلاردۇر. ئۇلارنىڭ ھەر خىل تۈركۈملىرى بەرھەق دوزاققا مەھكۇمدۇر.... يەنى ھاياتلىق ئۆمرىدە خۇدايى قۇلچىلىقىنى نىسابىگە يەتكۈزەلمىگەنلەر (تولۇق قىلالمىغانلار - ئا) دىنسىزلار، ھايات ۋاقتىدا مەزلۇملارغا زوراۋانلىق قىلغانلار، دىنغا، ۋەتىنىگە، ئىگىسىگە ئاسىيلىق قىلغانلار، نەسىلىنى ساتقانلار، گۇناھىنى يۇيالىماغانلار، جىنسىي گۇناھ قىلغانلار، رەھىمسىز جازانىخورلار، ئوغرىلار، خىيانەتچىلەر، ئەيش - ئىشرەتچىلەر، زالىم ئەمەلدارلار، لۈكچەكلەر، قەھرى غەزەپلىكلەر، خۇنخورلار، تۇزكورلا، تۆھمەتخور، پىتنە ۋە ناھەق غەۋغا قىلغانلار، ئادالەتسىز، ئىنساپسىز، ھاياسىزلار قاتارىدىكى بىتەھقىق دوزىخىلەردۇر...»، «... بىز ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىمىز، ئىسلامنىڭ ئۆرنىكىمىز، مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانچىلىقتا بىزنى ئۈلگە تىكلىشى، بىزنى ئەگىشىش، بىزدىن نەمۇنە ئورنىدا بىلىم - تەلىم ئېلىشى قەرز ۋە پەرزدۇر...»
پاھ، بۇ نېمىدېگەن ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك ۋە نېمىدېگەن سرلىق، خاسىيەتلىك نۇقتىئنەزەر - ھە! تارىختا پاك دىل مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزغا، يۇرتىمىزغا ۋە تەقدىرىمىزگە تۈگىمەس - پۈتمەس ئازاب - ئوقۇبەت، خار - زارلىق، قاراڭغۇلۇق، ئىسلامغا نۇقسان، ھاقارەت، ئەلگە دەر - ئەلەم، جاھالەت قۇللۇقىدىن باشقا ھېچقانداق تۆھپىسى بولمىغان، ئىسلام دىن ئاسىيسى، تارىخىي خائىن، خۇنخور بىر ئىنساننى بۇ خىل پەردازلاش، بوياپ كۆرسىتىش، ئىسلام دىن ئېتىقاد ئۇقۇمىدىن ئالغاندا، ياراتقان ئاللاھقا شەك كەلتۈرۈش - خۇدادىن خۇدالىق، پەيغەمبىرىمدىن پەيغەمبەرلىك تالاشغۇچى ئەھلىي دوزىخىلەرگە ياندىشىش دېگەنلىكتۇر. قارا يۈزلۈك، خۇشامەتنى ئېتىقاد مەنبەسى قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ بۇ خىل يامان مۇئەللىپلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ («بېھىشكە بېلەت، دوزاخقا دوزاخ خېتى كېسىمىز» دېگۈچى ناپىسەنت «ناتىق» دىن ساختىپەزلىرى ھەم ئالدامچى مەلئونلارنىڭ - ئا) ياتقان جايىنى تاقىيامەتكىچە دوزاخنىڭ تۆرىدە، ئەلەم بوسۇغىسىدا، تۇرقىنى دەل شۇلار ئۆزىنىڭ قولىدىكى قەلەملىرىدەك دائىم بېشىنى تۆۋەن، يۈزىنى قارىلىق ئىسكەتىدە ساقىلغاي. («... مۇئەللىپ خائىن بولسا، خائىننىڭ مۇئەللىپىدۇر...» «تەزكىرە پىر ياران» دىن)
بىز تارىختىكى بۇرھانىدىن خوجا مۇئەللىپلىرىنىڭ ھازىرقى زامان رەقىبلىرى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەرىپلىرىگە ئۆزىمىزنىڭ مۇنۇ زىد، توغرا تەرىپمىزنى ھەم قوشۇپ قويۇشنى راۋا كۆرىمىز: ئاپئاق خوجا ھەم بۇرھانىدىن خوجا قاتارلىق «زات» لارنى ھېلىھەم سېغىنىپ، «يولى» دا مېڭىپ، ئالدىنىپ ئۆتۈۋاتقان بەزىبىر مۇھتەرەم يارانلىرىمىزنىڭ بۇ تەرىپىمىزنىمۇ ئوقۇپ، ئويلاپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىزنىڭ تەرىپىمىز: تارىختا ئۆتكەن بۇرھانىدىن خوجا ۋە ئاپئاق خوجا ۋە ئۇلارنىڭ سېتىلما، زالىم، قانخور شېرىكلىرى بىزدىكى ئۆمۈرلىرىدە زۇلۇمنى كەسپىي ئادەت قىلىپ، بۇزغۇنچىلىقنى دوست تۇتۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەن لەنەتگەردى - ھايات رەقىبلىرىدۇر. ئۇلار خۇددى «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» دېگەن ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن نائەھلىي زالىملار تەركىبىگە مەنسۇپ قارا نىيەت «مۇسۇلمان» لاردۇر. بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇنغان. خەلق پەرىشان بولسا، ئۇلار شۇنچە خۇشال، خاتىرجەم بولغان، ئۇلارنىڭ دەستىدىن ئاۋات جايلار ۋەيرانىغا ئايلانغان. كەپتەرنىڭ كوۋىكى ھوقۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مەسجىتنىڭ پەشتىخى قويۇلغان، بېشىغا مېھراپنىڭ ئەگمىسى كىيدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا تولا چاغلىرىدا قان تۆكۈشنى بىرىنچى ساناپ تۇرغان. شۇڭا ئۇلار بار يەردە جېنى بارلىكى ئىنسان ئۆلۈمدىن دەككە - دۈككىدە ياشىغان. ئامما ياقتۇرغان نەرسە، ئۇلارغا يارىماس نەرسە بولۇپ كۆرۈنگەن. ئۇلارغا كۆپ خىزمەت قىلغان، ساداقەتمەن بولغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرەر قېتىملىق يېڭىلىش بىلەنلا تۈگىشىپ كەتكەن. ئاز - پاز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ھەممە نەتىجە، تۆھپىلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تولۇق يوققا چىقىرىلىپ، بىر تىيىنگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ چاغلىرىدا ئابى ھايات (ھاياتلىق سۈيى) نى زەھەر دېسە، راست دېمىگەن كىشى گۇناھكار، قۇياشنىڭ نۇرىنى قاراڭغۇ دېسە، راست دېمىگەن كىشى ئەيىبكار بولۇپ تۇرغان. ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلار بولسا، ھەر بىر تامچىسى بىر دەريادەك ھۆرمەتلەنگەن. بىرەر زەررىچىسىمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاق قولىدىكى قىممەتلىك ھېسابلانغان. خالايىقنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن مال - مۈلكى بىر تىيىنگە ئەرزىمەس نەرسە دەپ قارالغان. ئەزىز جېنىنى خەلققە، ۋەتەنگە پىدا قىلغان كىشى بىر چىۋىنچە ئېتىبار كۆرمىگەن. راست سۆزلىگەن كىشىنىڭ جېنى خەتەرلىك، ياخشىلىققا، ئادالەتكە باشلىغان ئادەمگە ئۆلۈم خەۋىپى كېلىپ تۇرغان. ھەقىقەت ناھەقچىلىك دەپ قارالغان. ئەقىللىقلار نادان ھېسابلانغان. زالىملار خەلققە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۆز ئۆچمەنلىكىنى كۆڭۈللىرىنىڭ بىر خەزىنىسى، خۇشاللىقى دەپ بىلىشكەن. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جانلىرىنى پىدا قىلىشقان. ئەلنىڭ جان ۋە مېلىنى ئوۋلاش ئۇلارنىڭ ھۇزۇرى ۋە مۇرادى دەپ بىلىشكەنلەردۇر. بىز بۇ تەرىپاتىمىزنى تۆۋەندىكى تارىخىي پاكىتلىرىمىز بىلەن ئاساسلاپ ئۆتىمىز:
1. بۇرھانىدىن خوجىنىڭ سىياسىي تارىخىي توغرىسىدا
مىلادى 1739- يىلى جۇڭغارىيە (ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ) نىڭ بەزى جايلىرىدا جۇڭغار خانلىقى بىلەن مانجۇ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا جۇڭغارىيىنى يەنى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنى تالىشىپ قاتتىق ئۇرۇشلار باشلىنىپ، جۇڭغار خانى سويۇن رابدان بەزى جايلارنى مانجۇلارغا تارتتۇرۇپ قويىدۇ. بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. قەشقەرىيگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تازا قاتتىق يۈرگۈزەلمەيدىغان پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1750 يىللىرىغىچە بولغان ئون نەچچە يىل ئارىلىقىدا دانيال خوجا ئەۋلادلىرىدىن بىر نەچچىسى دانيال خوجىنىڭ ئوغلى ياقۇپ خوجا (جاھان خوجا) باشچىلىقىغا بىرىكىپ قەشقەرىيىدە جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىنى تۈگىتىپ، مىللىي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 1752- يىلى جۇڭغارلار ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش تۈپەيلىدىن ئىككى چوڭ گۇرۇھ يەنى موڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسىدىن داۋاج گۇرۇھى، چۇراس قەبىلىسىدىن ئامور سانا گۇرۇھى پەيدا بولۇپ، داۋاچتىن يېڭىلىپ قاچقان ئامورسانا مانجۇ پادىشاھلىقى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن داۋاچنى يوقىتىدۇ. مانجۇ قوماندانى جاۋخۇي 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن جۇڭغارىيىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئامورسانانى جۇڭغارىيىگە قورچاق «خان» قىلىپ تىكلەيدۇ. مانجۇلار ئامورسانانىڭ ماسلىشىشى، كۈچ چىقىرىشى بىلەن قەشقەرىيىىنى ئىشغال قىلىش پەيتىگە چۈشىدۇ. جاھان خوجا قەشقەرىيىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، گېزى كەلگەندە جۇڭغارلارنىڭ بارلىق تەسىرىنى قەشقەرىيىدىن تولۇق تازىلاپ چىقىرىش، سەئىدىيە خانلىقى زېمىنىنىڭ ئەسلى پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قوماندان جاۋخۇي ئامورسانانىڭ قولتۇقىغا كىرىپ ئالغان بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلاردىن قەشقەرىيىنى «قارا تاغلىق» خوجىلاردىن تارتىۋېلىشنىڭ مەسلىھىتىنى سورايدۇ. «.... جاۋخۇي جاڭجۈن قەشقەرىيىگە ئەسكەر ماڭدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتقاندا، ئاپئاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭغارلار ئاقسۇدا <ۋالىي> قىلىپ ئىشلەتكەن ئابدۇۋاھاپ خوجا، ئۈچتۇرپانغا <ھاكىم> قىلىپ ئىشلەتكەن خوجىس خوجىلار مەسلىھەت كۆرسىتىپ: بىر ئىش بار، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرلەرنى ئالماق ئاساندۇر؛ ئىلىدا خوجا ئەھمەتنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئەردىكى، ھەممىلىرىنىڭ پېشىۋاھلىرىدۇر. ئەلەپپوسوس (ئالاھازەل دېمەكچى - ئا) قەشقەرىيە خەلقىنىڭ خوجىلىرىدۇر. ئەگەر چىن لەشكەرلىرى بىرلە ياكى قالماق لەشكەرلىرى بۇ ئىككى خوجىدىن بىرىلا قېتىلىپ لەشكەر بېشى بولۇپ بارسا، ئۇلار تەرەپلەردە ئىلى ئىچرە تۇرغان خوجىلار خان بولدى دەپ شۆھرەت بېرىلسە، سۆز تارقىتىلسا تامام ئاق داستارلار (ئاپئاق خوجىچى «ئاق تاغلىق» لار - ئا) بىجەڭ (جەڭ قىلىماي - ئا)، بىجىدەل (جېدەل چىقارماي - ئا) بۇلارنىڭ ئىتائەتلىرىگە كىرەرلەر. شەھەرلەر (قەشقەرىيىدىكى شەھەرلەر - ئا) مۇسەخغەر بولغاندىن كېيىن (ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن - ئا) بۇ خوجىلارنىڭ تۇرار - تۇرماسلىقىنى خان تۆرەم بىلۇرلەر ... دېدىلەر» («تارىخىي نادىرىيە» دىن). جاۋخۇي مۇشۇ مەسلھەتكە بىنائەن ئىلىدا ئامورسانا ئادەملىرى قولىدا گۆرە ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇرھانىدىن خوجىنى گۆرەدىن «ئازاد» قىلىپ، ئىلى تەرەپلىردىن قەشقەرىيىنى بېسىپ ئېلىشقا ئەۋەتىدىغان مانجۇ - موڭغۇل (جاۋخۇي، ئامورسانا) قىسىملىرىنىڭ «سەردارى» يەرلىك «قوماندانى» قىلىپ تەيىنلەيدۇ. دانيال خوجا ھاكىمىيەت تۇتقان چاغلاردا قەشقەر، قاغىلىق، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كوچا، سايرام (باي)، مەكىت قاتارلىق جايلاردىن قېچىپ ئىلى - جۇڭغار خانلىقى پاناھلىقىغا كېلىۋاتقان 90 «ئاق تاغلىق» خوجا، بەگلەرنىمۇ بۇرھانىدىن خوجا بايرىقى ئاستىغا جەم قىلىپ بېرىدۇ. بۇ خوجا، بەگلەر مانجۇ قىسىملىرى تەرىپىدىن كەلگۈسىدە تۆھپىسىگە قاراپ بېرىلمەكچى بولغان قەشقەرىيە يۇرتلىرىنىڭ ئەمەل، مەنپەئەتلىرى تەماسى بىلەن بەند بولۇشۇپ، مانجۇلاردىن ھېچقانداق نەرسىنى يوشۇرمايدىغان، ئەستايىدىل خىزمەت كۆرسىتىدىغان ساداقەتمەنلەردىن بولۇپ كېتىشكە ئالدىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1754- يىلى كۈزدە بۇرھانىدىن خوجا باشلاپ كېلىۋاتقان مانجۇ قوشۇنلىرى ئوش (ئۈچتۇرپان) غا ھۇجۇم قىلىدۇ. جاھان خوجا ئۆز قىسىملىرى بىلەن ئۈچتۇرپان شەھىرىگە بېكىنىپ ئېلىپ، ئۇلارنى شەھەرگە زادىلا يۇلاتمايدۇ ھەم خوجا بۇرھانىدىنگە خەت چىقىرىپ، ئۇنىڭ مانجۇلاردىن قول ئۈزۈپ قەشقەرىيىگە، ئۆز يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۆتۈنىدۇ. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«.... بىزلەر بولساق، ئەۋلادى پەيغەمبەردۇرمىز. بىزلەرگە ئەھلىي كۇپارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەك جايىز ئەمەستۇر. باباڭىز ھەزرىتى ئاپئاقمۇ دۇنيادىن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ ئۆتتى. بۇ يۇرتقا قالماقلارنى باشلاپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈپ، مۇسۇلمانلارغا ھېچبىر كاپىر سالمىغان زۇلۇملارنى سالدى. ئاقىۋەت خودانىڭ قەھرى غەزىپىگە دۇچار بولۇپ دۇنيادىن كەتتى. تا ھازىرىغىچە خەلق نەپرەت قىلماقتا. ھازىر سىز ھەم باباڭىزنىڭ ماڭغان يولىغا مىراسخور بولۇپ ماڭدىڭىز. مۇسۇلمانلار ئۈستىگە كاپىرلارنى باشلاپ كەلدىڭىز، ئالەم خەلقىدىن ئۇيالمىدىڭىز، خۇدادىن قورقمىدىڭىز، ھېلىھەم بولسا، پۇرسەت باردۇر. كاپىرلاردىن يۈز ئۆرۈپ قايتىپ كەلسىڭىز، بىز ئاكا، سىز ئۇكا، ئەگەر مۇشۇ سۆزىمىزنى قوبۇل قىلىسىڭىز مانا تەخت - سەلتەنەت. بىز تەخت - سەلتەنەتنى سىزگە تاپشۇرۇپ، سىزگە مۇبارەك بادلىق قىلۇرمىز. بىز بىر بۇلۇڭدا جانابى ھەقنىڭ ئىبادىتىنى قىلىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشلە رازىمىز. مېنىڭ يېشىم 70 تىن ئاشتى. ئەگەر شەيتاننىڭ نۇقتىسدىن ئاجرىماي شەقىقىلىق بىلەن تۇرسىڭىز، ئۇرۇشىمەن دېسىڭىز، بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدۇر، بىزمۇ تەييار. ئەر كىشىنى ئاللاھ تائالا جەڭ ئۈچۈن ياراتقان...» (بۇ خەت قەشقەر «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقات خەۋىرى» دىن كۆچۈرۈلدى).
بۇرھانىدىن خوجا جاھان خوجىنىڭ بۇ خېتىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ: جاھان خوجىنى ھەم ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى قوي بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلايدىغانلىقىنى، قىلچە رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە بۇ خەتكە جاۋابەن مۇنۇ خەتنى يازىدۇ:
«.... بۇ ياركىندا ئىسھاقىيىلىرى خىيالى خام بىرلەن بۇ يەرگە تەشرىپ ئەيلەپتۇرلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىداتىنى بىلمەيدۇرلەر. ئامورسانا تۆرە خاقانى چىن قېشىغا بېرىپ خىتايدىن (مانجۇ خانلىقىنى دېمەكچى - ئا) لەشكەر كەلتۈرۈپ ئىلى ئۈزرە تۆرە بولۇپ تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇردىلەر. داباچنى تۇتۇپ سالائەغلال بىرلەن نەزەر بەند ئېتىپ، خاقانى چىنغا ئىبەردىلەر. ئىلە ئىچرە جابېجا (تەقمۇ - تەق، جايى - جايىدا، دەخلىسىز، خاتىرجەم دېمەكچى - ئا) بولۇپ نىزام تاپتىلەر. بۇرۇنقى ئالتە ئايلىقچىلىك كەڭ قالماقلار يۇرتى ھەممىسى سەرەمجان تېپىپ بەر قارار بولدى. (مانجۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تىنجىتىلدى دېمەكچىە - ئا) خىتاي لەشلەرلىرى مۇھەيياردۇر (تەڭداشسىز غالىبتۇر دېمەكچى - ئا). خاقانى چىن باشلىغان ئامورسانا ئۇ يۇرتلارنىڭ تەخت - سەلتەنەتىنى (قەشقەرىيىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى دېمەكچى - ئا) ۋە خوجىلىقىنى بىزلەرگە ئىلپات ئەيلىدى. ئىسھاقىيە خوجىلىرىنى بۇ يۇرتلاردىن پاراكەندە ئەيلەپ، ئەدەپلەپ، ئىلى ئۈزرە چىقىرۇر بولدىلەر... ئەندى سىلەر خاقانى چىنغا ئامورسانا يارلىقى بىرلەن بۇ يۇرتلارنى قويۇپ بېرىپ (بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تەسلىم بولۇپ دېمەكچى - ئا) ئىلىغا چىقىپ ئامبال، جېسەكلەردىن (ھۆكۈم چىقارغۇچى، ھوقۇقدار ھەربىيلەردىن دېمەكچى - ئا) ئۆلۈم گۇناھلىرىنى تىلىسۇن. يوق ئېرىسە ھالا بىزنىڭ دان جىن جېسەك بىر مىڭ قالماق لەشكىرى بىرلەن كەلدى. تۇرۇمتاي دارىن تۆت يۈز خىتاي لەشكىرى بىرلەن ئەلچى ئورنىدا كەلدى. بەش مىڭ تاغلىق چىرىك كەلدى. يەنە تۆت مىڭ قالماق لەشكىرى ئاقسۇغا ئاتلاندى. خاقانى چىن ئامورسانانىڭ يارلىقى بىرلەن بۇ لەشكەرلەرنى جەم ئەيلەپ، بۇ خوجىلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكىلىرىگىچە قويدەك بوغۇزلاپ قەتلە ئەيلەمىزدۇر. بۇ سۆزدە خىلاپلىق قىلساق (بۇ سۆزدە تۇرمىساق دېمەكچى - ئا) خاقانى چىن ئامورسانانىڭ قولىدا غەزەپكە قالغۇمىزدۇر...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن).
(بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى يەنى بۇرھانىدىن خوجىنىڭ مىرزىسى بۇ خېتىدە شۇ ۋاقتىدا جۇڭغارىيىنى بېسىپ ئالغان مانجۇ قوماندانى جاۋخۇينى «خاقانى چىن»، جۇڭغارىيىدە مانجۇلار قولىدىكى ھاكىمىيەتنى «ئامورسانا» دەپ ئاتىغان ۋە شۇنداق تەرىپلىگەن - ئا).
بۇرھانىدىن خوجا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا جاھان خوجىنىڭ ئەلچىلىرىدىن توختى ئىشان، نىياز بەگ ئىشان، بەھرەم بەگ ئىشانلارنى ئەمەل ۋەدىسى بىلەن سېتىۋېلىپ، قورغاننى ئىچىدىن پارچىلاشقا چارە ئىزدەيدۇ. «تارىخىي نادىيرىيە» دە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «... ئەگەر سىزلەرنىڭ دالالىتىڭىزلار بىرلەن ئول تەرەپنىڭ لەشكەرلىرىدىن خاھى قىرغىز، خاھى يەرلىك (ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى - ئا) بىزنىڭ لەشكەرلەرگە قوشۇلۇپ يار بەرسىلەر (ياردەملەشسە دېمەكچى - ئا) خانغا، تۆرىگە خەت سۇنۇپ تامام ئەلنى سىلەرگە تاپشۇرايلى. بالىدىن بالىغا قالغۇدەك مەنسەپ بېرىپ بەگ قىلايلى...» دېمەك، بۇ قېتىمقى ئەلچىلىك ئۇچرىشىشىدا جاھان خوجىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن يۇقىرىقى ئۈچ ئىشان ئەلچى خوجا بۇرھانىدىنگە نېسى ئەمەل ئۈچۈن سېتىلىپ خائىنلىق قىلمىشى بىلەن قايتىپ كېلىشىدۇ. بۇنى جاھان خوجا بىلمەيدۇ. ئاخىرى مەشھۇر ئۈچتۇرپان ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ئىشاننىڭ خائىنلىقى بىلەن جاھان خوجا قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قەشقەر تەرەپكە سۈرۈلىدۇ. خوجا بۇرھانىدىن باشلىغان مانجۇ قوشۇنلىرى ئاقسۇنى، كېيىنرەك قەشقەرنى ئىشغال قىلىدۇ. جاھان خوجا يەكەندىن كۈچ توپلاپ، جۇڭغارلارنى قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، قەشقەردە «ئاق تاغلىق» خوجىلار خوجا جاھانغا قارشى چىقىپ يەنىلا خوجا بۇرھانىدىننىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلشىدۇ. لېكىن جاھان خوجىمۇ بۇرھانىدىن خوجا باشلىغان مانجۇ قىسىملىرى بىلەن ئەڭ ئاداققىچە ئېلىشىدۇ. يەكەن شەھىرى مانجۇ قىسىملىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ ئاھالىلەر ئاچارچىلىق، تۇرمۇش خارابىچىلىقى كۈلپىتىگە دۇچار بولغان ئېغىر ئەھۋال ئاستىدىلا جاھان خوجا 500 كىشىلىك بىر ئەترەت بىلەن قامالنى بۆسۈپ چىقىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يەكەندىن قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى قوشىراپ، چۇپان رايونلىرىغا چېكىنىدۇ. مانجۇ قىسىملىرى قاتتىق قىرغىنچىلىق يولى بىلەن يەكەن شەھىرىنى بېسىپ ئالىدۇ. بۇرھانىدىن خوجا جاھان خوجىنى قوغلاپ تۇتۇش، جازالاش ۋە ئىسھاقىيىچى «قارا تاغلىق» لارنىڭ ئەدىپىنى بېرىشنى ئۆزى بىۋاسىتە زىمىسىگە ئالىدۇ، 2000 كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇننى ئارقىسىغا سېلىپ، جاھان خوجىنى قوغلاپ يولغا چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى قېچىش، قوغلاش ۋەقەسى توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلگەن: « .... جاھان خوجىنى قوغلاپ ماڭغانلار سۈبھى تاڭ مەھەلى بىلەن قاچقانلارغا يېتىشىپ ئالىدۇ... ئەمما مۇھەببى خاندانلار (ھىمايىسىز زاتلار - ئا) سوغۇقتا توڭۇپ بەزىسى سۇغا غەرق بولۇپ، بەزىلىرى بالىلىرى بىلەن بولۇپ، بەزىلىرى قولىدا بالىسى بار ئەھلىي خانىشى بىرلەن ئاتقا مىنگەشكەن پېتىدە ۋە بەزىلىرى ئۇشبۇ تەرىقىلىق ھالەتتە دۈشمەنلەرنىڭ تۆت تەرەپتىن قورشاپ ئېلىشغا دۇچار بولۇشتىلەر...» بۇرھانىدىن خوجا قىسىملىرى قورشاپ ئالغاندا جاھان خوجىنىڭ خوتۇنى شەرىپە ئاغىچا شۇ قورشاۋ ئىچىدە تەۋەللۇق قىلىدۇ (تۇغىدۇ). زەرەپشان دەرياسىنىڭ چالا، نېپىز مۇز تۇتقان ئېقىندىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇمكىن بولمىغان پەۋقۇلئاددە بىئەپ مۇھىت ئىچىدە جاھان خوجا: «قازايى ئاسمانغا چارە ئىزدىمەك ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەستۇر. سىزلەر قازايى مۇئەللەقتىن سۆز قىلۇرسىزلەر، ئۇنىڭدىن قاچماق راۋادۇر. ئەمما قازايى مۇتلەقتىن قېچىپ قۇتۇلۇپ بولماس. ئاڭا تەسلىم ۋە رىزادىن ئۆزىگە چارە يوق...» دەپ بىر قىسىم چوڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن تەسلىم بولىدۇ. نامەرد، خۇنخور بۇرھانىدىن تەسلىم بولغان جاھان خوجا كىشلىرىنى بىر - بىرلەپ باغلاپ، تۇمشۇق ساراي دېگەن يەرگە توپلاپ، جاھان خوجا باشلىق 17 كىشىدىن باشقا بارلىقىنى كېرەكسىز مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ، يەنى بەزىلىرىنىڭ پۇت، قولىنى كېسىپ، بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ ئېلىپ، بەزىلىرىنىڭ تىل، بۇرۇن، قۇلاقلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ ۋە بەزىلىرىنى ئاقتا قىلىپ پىچىۋېتىپ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ياغ قۇيۇپ پىلىك سېلىپ ئوت يېقىپ، قارا چىراغ شەكىلىگە ئەكېلىپ قىيناپ، يوق قىلىشقان. «... خوجا جاھان باشلىق 17 ۋەتەنپەرۋەنى (بۇنىڭ ئىچىدە جاھان خوجىنىڭ يېڭى تۇغۇتلۇق خوتۇنى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك ئوغلىمۇ بار، ئەلۋەتتە - ئا) يەكەنگە ئەكېلىپ بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ، ئىشىك - تۈنۈكلىرىنى ئېتىپ، كاكۇل بىلەن (سۇۋاي لېيى بىلەن) سۇۋاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكەن» (قەشقەر «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقات خەۋىرى» دىن. شۇنداق قىلىپ مىلادى 1757- يىلىنىڭ قىش ئايلىرىدا قەشقەرىيە جاھان خوجا ھاكىمىيىتى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇلۇپ، قەشقەرىيىدە بۇرھانىدىن خوجا ۋاستىچىلىق قىلىۋاتقان مانجۇ خاندانلىقنىڭ ھاكىمىيىتى تىكلىنىدۇ. بۇرھانىدىن خوجا ئۆز خىزمىتى بەدىلىگە قەشقەرىيىنىڭ «خان» لىق تەختىگە قويۇلىدۇ.
«... بۇرھانىدىن خوجا نام ئاپئاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن بىر كىشى ئەردى. ئاقسۇغا داخىل بولدى. ئاقسۇدىن ئۈچتۇرپانغا بېرىپ، تەسەررۇپ قىلدى. كاپىرلار (مانجۇ قوشۇنلىرىنى دېمەكچى - ئا) ئارقىلىرىچە بېرىپ قەشقەرنى ئالدى ۋە ئۇندىن ئۆتۈپ بېرىپ يەكەن، خوتەنلەرنى ئالدى. بۇ يەتتە شەھەر (بۇ يەردە خوتەن، قاغىلىق، يەكەن، قەشقەر، كوچا، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ - ئا) خاقانى چىنغا تابىئە ۋە مۇنتىقات بولدىلەر...» («تارىخىي ھەمىدىيە» ئۇلانما 14 – بەتتىن).
بۇرھانىدىن خوجا «ھاكىمىيەت» بېشىغا چىققاندىن كېيىن، قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجىنىڭ «ئىشقىيە» ياكى «داستار» سوپىلىق سۈلۈكى («ئاق تاغلىق» لارنى يولى) نى قايتىدىن «ھاكىمىيەت دىنى»، قەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىن يولى قىلىپ بېكىتىپ، قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، پۈتۈن قەشقەرىيە بويىچە «ئىسھاقىيىچى قارا تاغلىق» لارنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋېتىدۇ.
مانجۇ خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيىدە بىردەك تىكلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز «ھاكىمىيىتى» نىڭ مانجۇلارغا تولۇق بېقىنىپ تۇرىدىغان «ھاكىمىيەت» ئىكەنلىكىگە چىدىماي، پۇشايمان قىلغان ئامورسانا 1757- يىلى ئۆز خوجايىنى - مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىلىدا چوڭ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. جۇڭغارىيىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ، مانجۇ قىسىملىرىنى قوغلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگەشكەن بۇرھانىدىن خوجىمۇ 1758- يىلى قەشقەرىيىدە مانجۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، بۇ تەۋەگە ئۆزى باشلاپ كەلگەن مانجۇ كۈچلىرىنى قىزغىن قىلىدۇ ۋە ئاخىرى ئۆز مۇرىت - يارانلىرى (ئاساسەن «ئاق تاغلىق» لار) دىن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۈزۈپ يەكەندە «باتۇرخان دۆلىتى» نى قۇرۇپ، قەشقەرىيىدە «داستارلار» ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش غەرىزىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى مانجۇ خانى چيەنلۇڭ خان قوماندان جاۋخۇينى 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، شۇ يىلى ئامورسانا ئىسيانىنى تارمار قىلىدۇ. قەشقەرىيىگە - بۇرھانىدىن خوجا ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ. بۇ قوشۇن ئەينى چاغلاردا بۇرھانىدىن خوجىدىن زەربە يەپ چيەنلۇڭ خان ھۇزۇرىغا قەشقەرىيىدىن قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن «قارا تاغلىق» يەتتە چوڭ خوجىنىڭ (قۇمۇللۇق يۈسۈپ خوجا، تۇرپانلىق ئىمىن خوجا، كۇچالىق ئۇداي خوجا، سايراملىق (بايلىق) سېيت ئابدۇللا خوجا، ئۈچتۇرپانلىق خوجىس خوجا قاتارلىقلارنىڭ - ئا) ياردىمى بىلەن 1760- يىلى بۇرھانىدىن خوجا «ھاكىمىيىتى» نى تەلتۆكۈس تارماق قىلىدۇ. بۇ يەتتە خوجىغا كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە يۇرتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىش بەدىلىگە «ۋاڭ» لىق، «گۇڭ» لۇق، «تەيجى» لىق، «بەيسى» لىك ئەمەل. ئۇنىۋانلىرىنى بېرىدۇ. ھەمراھلىرى بىلەن بەدەخشانغا قېچىپ كەتكەن بۇرھانىدىن خوجىنى بولسا، بەدەخشان خانى مىرزاخاندىن سوراپ ئالغۇزۇپ، 1761- يىلى ئەتىيازدا كورلىغا ئەكېلىپ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بېشىنى چيەنلۇڭ خانغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. «... ھەر كىمەرسىكى ئەر ئۆمرىدە ھەر كىمەرسىگە قانداق، قانچىلىك تالاپەت (زەخمە - زىيان، بەختىسىزلىك - ئا) كەلتۈرگەن بولسا، ئاخىرى ئۆزىمۇ ئۇنىڭدىن ئېغىرراق تالاپەت (زەخمە، بەختىسزلىك، ھالاكەت) بىلەن خاراب بولغاي...»، «... زالىم زالىمنىڭ، خائىن خائىننىڭ قولى بىلەن ھالاك بولغاي...»، «... ئەلقىساسۇل مىنەل ھەق» (كىشىنىڭ قىساسى كىشىدە قالماس - ئا)، «... خۇدا زالىمغا زاۋال بەرگۈچىدۇر» («بورقۇم ئەۋلىيا» دىن)
شۇنداق قىلىپ، شىنجاڭدا شىنجاڭنى جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيىگە بۆلۈپ 100 يىلغا يېقىن ئىدارە قىلىپ كەلگەن جۇڭغار ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرىلىشىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭ تەلتۆكۈس مانجۇ خانلىقى قولىغا ئۆتىدۇ.
2. بۇرھانىدىن خوجا ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم «يېقىن ياران» لىرىنىڭ تارىختىكى بەزىبىر قەبىھ قىلمىشلىرى توغرىسىدا
بۇرھانىدىن خوجا قەشقەرىيىدە «ھاكىمىيەت» نى قولغا ئېلىش جەريانىدا ۋە قولغا ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىسلامنى پاكلاشتۇرۇش (ئەمەلىيەتتە سوپىزمنى ئاپئاق خوجا يولى بىلەن داۋاملاشتۇرۇش - ئا) «ئىسھاقىيە» چىلەر بىلەن «جىدىت» لەرنى يوقىتىش، ئەدىپىنى بېرىشنى ئالاھىدە مەسىلە (خىزمەت) قىلىپ تۇتىدۇ. ئاتالمىش مۇسۇلمانلچىلىقنىڭ يېڭى «قائىدە» لىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭى قائىدىسى: مۇسۇلمانلارنى دائىم ئالەمدىن ئۆتكەن خوجا، ئىشان، سوپىلارنىڭ توپا - تۇپراق باشلىرىغا بېرىپ سەجدە، دۇئا قىلىپ، «ئۇلۇغ» مازارلارغا تاۋاپ قىلىپ تۇرۇشقا، رىياكارلىق بىلەن توختىماي ئىبادەت قىلىشقا، خانىغا ئىلاھىيەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، تۇپراق بېشىغا چىقىپ تۈرلۈك غەيرىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشكە، غايىبنى بىلىشكە، تەقدىرگە تەن بېرىشكە، پالغا ئىشىنىشكە، بېشارەت، ئالامەتلەرگە ئىشىنىشكە چاقىرىش ۋە كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ يېڭى «دىنىي قائىدە» نىڭ ئەڭ مۆتىۋەتر يېتەكچى «جامائەت» تۈركۈملىرىمۇ پەيدا قىلىنىدۇ. بۇلار ئەمەلىيەتتە بۇرھانىدىن خوجا ئوخرانكىلىرى (ژاندارما جاللاتلىرى - ئا) بولۇپ، ئۇلارنمىڭ تۈپ ۋەزىپىسى: «خۇدا يولىدا» «دىن دۈشمەنلىرى» نى (ئاپئاق خوجىچىلار بىلەن بۇرھانىدىن خوجىچىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشمىگەن، ئۇلارغا مۇرىت بولمىغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى - ئا) جازالاش، ياۋاشلىتىش، توۋا قىلىدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا رەھىمسىز مانجۇ قوشۇنلىرىغا تايانغان بۇ «جامائەت» توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «.... ئاقسۇلۇقلارنى ياركىند، خوتەن، قەشقەرغە، قەشقەرلىقلەرنى ئاقسۇ، كوچا، ئۈچتۇرپانغا، يەكەن، خوتەنلىكلەرنى قەشقەرغە قىستاپ، زۇرلاپ كۆچۈرۈپ ۋەيران قىلدىلەر... نارازى بولغۇچىلارنى قىرىپ، چېپىپ، قۇرۇتتىلەر... ئۇنىڭ زۇلمىنى قەلەم يېزىپ تۈگەتكىلى بولماس ئىدىلەر... كىشىلەرنىڭ يۇرتتىن يۇرتقا بېرىپ كېلىشىنى مەنئى قىلدىلەر...»، «... خوجا بۇرھانىدىن ھەزرەت سىپاھىگەرچىلىكتە غەزىپى زىيادە زات ئىدىلەر... خان يولى ساي لەڭگەر (قاغىلىق بىلەن گۇما ئارىلىقىدىكى ھازىرقى چولاق خارابىلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ - ئا) دېگەن جايغا بارغاندا، يۈز ئىسھاقىيە خوجىسىنى قوللىرىنىڭ بېغىشلىرىن كېسىپ، چولاق قىلىپ قانغا بوياپ، چۆلدە كۈنگە قاخلاپ، روھسىز ھالسىرىتىپ ئۆلتۈردىلەر... شۇندىن بېرى بۇ يەر <چولاق> دەپ ئاتالدىلەر... كوچا شەھىرىنى پەتىھ قىلغاندا 1000 مۇسۇلمان رەقىبىنى تىغىدىن ئۆتكۈزۈپ، باشلىرىنى تەنلىرىدىن جۇدا قىلدىلەر...»
«زەپەرنامە» نىڭ تەرجىمە نۇسخا 4- بېتىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: «شۇنداق رىۋايەتلەر قىلىندۇلەركىم، بۇرھانىدىن خوجا ئىلىدىكى ئامورسانا - مانجۇ تائىپلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئىسھاقىيە خوجىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن سەككىز شەھەر () خەلقىدىن ئامورسانانىڭ ھۆكمى دەپ، سەكسەن مىڭدىن ئارتۇق بىچارە پۇقرانى <سەنلەر يۈسۈپ خوجا، جاھان خوجىنىڭ ياردەمچىلىرى> دەپ تۇتۇپ ناھەق ئۆلتۈرۈپ، مال - مۈلكىنى كۇپارلارغا بۇلاتقۇزۇپ ۋەيران قىلىۋەتتىلەر...» بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە بۇرھانىدىن خوجا مانجۇ قىسىملىرىغا قارشى جەڭلەردە قۇربان بولغان قەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تېخى بالاغەت ئۆمرىگە كىرمىگەن گۇناھىسز ئەۋلاد، ۋارىسلىرىدىن (يېتىم - يېتىسرلەر، تۇل خوتۇن ۋە ھەر خىل پاناھسىز بىچارىلەردىن - ئا) 12 مىڭدىن ئارتۇقنى بىر نەچچە قېتىم ئىلىغا توپلاپ ھەيدىتىپ، كۆپ قىسمىنىڭ پىيادىلىك، ئاچلىق، سوغۇق زەخمىتى بىلەن ئۇزۇن سەپەر ھالاھەتچىلىكىدە قىرىلىپ كېتىشلىرىگە سەۋەبكار بولغان. ئون مىڭدىن ئارتۇق «ئىسھاقىيە» چىنى يىغىپ، تۇتۇپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
«... ئاپئاق خوجىنىڭ سەككىزىنچى بوۋىسى مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئۇستازى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەبەيدۇللا ئەخرارنىڭ ئۆز زامانىسىدا قولغا كىرگۈزگەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى يەرلەرنى ھەيدەشتە قۇللارنى قوشقا قېتىپ داڭ چىقارغان ... ئاپئاق خوجىنىڭ ئاتىسى ھۇھەممەت يۈسۈپ خوجىمۇ يالغۇز قەشقەردىلا 42 جايدا مېۋىلىك چوڭ باغ ئىگىلەپ، ھېسابسىز مال - دۇنيا تاپقان بولسا، ئاپئاق خوجىنىڭ بۇ پەر نەۋرىسى بۇرھانىدىننىڭ ئىگىلەپ ئالغان مېۋىلىك چوڭ بېغىمۇ 31 گە يەتكەن..» («جۇڭغارلارنى تىنجىتىشنىڭ ئۇسۇل - تەدبىرلىرى» دېگەن خەنزۇچە ماتېرىيالدىن) «بىزگە دۇنيا كېرەك ئەمەس، ئىنسانىي مېھرىبانلىق كېرەك» دېگەندەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى پەردازلاپ كەلگەن بۇرھانىدىن خوجا ۋە شۇ خىل خوجىلار «خوجا» لىق قىلغان، «ھاكىمىيەت» تۇتقان چاغلار توغرىسىدا 18- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەد سادىق قەشقىرى ئۆزىنىڭ «زەپەرنامە» داستانىدا مۇنۇلارنى يازغانىدى:
بىراۋنىڭ كۆڭلىنى قىلسا جاراھەت،
تېپىپ جىسمى پاراغەت، روھىي راھەت.
ئەگەر يەتكۈزسە ئول مەزلۇمگە ئەزار،
بولۇبان ئول ئىشىدىن خەندانە سەرشار( ).
بەھرىتۇر ئەتسە بىر ئاجىزنى رەنجۇر( )،
بولۇبان ئول ئىشىدىن شادە مەسرۇر( ).
ئاناسى قىزى سارىغا () باقماي،
ئاتاسى ئوغلىنى ئىستەپ تاپالماي.
بىر - بىرىگە مۇھبىب - مۇشپىق() بۇرادەر،
بولالماي بىر - بىرىگە يارۇ - ياۋەر( ).
ھەم ئۈلپەت - دوستلىرى بىر - بىرىگە باقماي،
كۆرەرگە بىر - بىرىنى ۋاقىت تاپماي.
بېناكى بىر - بىرىنى كۆرسىلەر ھەم،
چۈشۈپ ھەر بىرىگە يۈز تۈمەن غەم.
بۇلار بىر - بىرىگە ھېچ ئىشەنمەي،
دېينىكىم پەھلىگە ھېچ ئىنەلمەي( ).
خوتەن ئەھلى قاچىبان ياركەنگە،
كېتىپ ياركەن ئەھلى قەشقەرگە.
چىقىبان قەشقەرلىقلەر بۇخارا،
قاچىبان خالايىقلار كوھە، سەھرا( )،
بىرى ھەج سارىغا ئەيلەپ سەپەرنى،
بىرى كەشمىرگە ئەيلەپ مەقەرنى( ).
باھانە تاپسا ھەركىم ھەر سارىغا،
بۇ غۇربەتتىن تېپىپ ئەل يۈز - ھالاۋەت،
ھالاۋەت دېمەيىن يۈز مىڭ پاراغەت،
ياد ئەتمەي كۆڭلىگە يارۇ - ۋەتەننى.
نە يەركەن، نە قەشقەر، نە خوتەننى.
بولۇبان كۆڭلى ئۇ ۋەتەن قەيتىدىن ئەزار،
كى بۇ ئازارلىقتا يۈز تۈمەن شار.
........
بۇ بابتۇر قىيامەتتىن ئالامەت،
ئالامەت دېمەيىن بۇدۇر قىيامەت.
.................
مەشھۇر دىنىي ئۆلىما، تارىخچى، مەرىپەت تەرغىباتچىسى، ۋەتەنپەرۋەر ھۆرمەتلىك مەرھۇم شائىر ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم بۇ خىل جاھالەتپەرەس «ئۇلۇغ» لارغا دارىتما قىلىپ، يېپىق تەگكۈزۈپ ئۆز زامانىسىدا مۇنۇ قۇرلارنى يازغانىدى:
پۇقرالارنى ئالدايدۇ باخشى بىلەن داخانلار،
«سۈپ - كۈچ» قىلىپ يالغاندىن خەلق مالىنى ئالغانلار،
توسقۇنچى تەرققىغە مەدداھ، خوجا - ئىشانلار،
مازارغا قاداپ تۇغنى گوللايدۇ بۇ شەيتانلار.
.................
ئەل كۆرمىدى نۇرلۇق زامان ئۇلار قالاق دەۋرانىدا،
ھەسرەت بىلەن غۇربەتتە خەلق دەردمەن بولۇپ ھەيرانىدا،
يۇتلار جاراب، تارقاق ماكان تۇرغان بۇ ئەل ۋەيرانىدا،
ئالۋان - ياساق، سانسىز چىقىل زالىمنىڭ پەرمانىدا،
.................
قەدرى بىلمەس «زات» لىنىڭ قولىدىن ئىچكۈنچە مەي،
ئىت يالاقىغا قۇيۇلغان قىپقىزىل قان ياخشىراق.
قەدىرى بىلمەس ئادىمىنىڭ گۈل - چىمەنلىك باغىدىن،
دەشت - باياۋان كەڭ دالا، جاڭگالە - مەيدان ياخشىراق.
قەدرى بىلمەس كىبىرى مەغرۇرلۇق تەمەننا ئەھلىدىن،
بىر ۋاپادار ئىت بىلەن ئۈلپەتكە ھايۋان ياخشىراق.
شەخسىيەت، نەپسانىيەتلىك «ئىلىم بىلگەن» زاتلىدىن،
بولسا كەمتەركىبىرسىز ئەخلاقتا نادان ياخشىراق.
................
كىم قورساقنىڭ بەندىسى يۈرسە ھاياتىي قارنى توق،
قوي گۆشى بىرلە ئېشەكنىڭ گۆشىن تېتىشقا پەرقى يوق.
قاغىلارغا ئۇچرىسا ئالتۇن تاۋاقتا قەنت - گېزەك،
پەرقى يوقتۇر قاغىلارغا قىغدا تۇرغان توڭ تېزەك.
ۋەلىخان خوجا توغرىسىدا
جاھالەت ئەھلى بىلەن قىلما سۆھبەت،
يېتەر ھەر دەم بۇ ئىشتىن جانغا زەخمەت.
ناسىر خىسراۋ
19- ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى تالاشقان ۋە بىر مەزگىل قەشقەر دائىرىسىدە «ھاكىمىيەت» تىكلەپ، پەۋقۇلئاددە جاھالەت ئەسەبىلىكى (ياۋۇزلۇق، خۇنخورلۇق قىلمىشى) بىلەن بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئاپئاق خوجىنىڭ 19- ئەسىر سوپىلىق ئىدىيىسىنى («ئىشقىيە» تەرىقىتىنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن (يۈرگۈزگەن، كېڭەيتكەن) ھەم ئۆزىنى كېيىنكى زامانلاردىكى ئۇلۇغ زات - «ئەۋلىيا ھەزرەت» دەپ ئېلان قىلغان مەشھۇر سوپى - زاھىدلاردىن بىرى - ۋەلىجان خوجىدۇر.
تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلىخان خوجا ئاپئاق خوجىنىڭ پەر نەۋرىسى خوجا باھاۋىدىن ئىشاننىڭ ئوغلى بولۇپ، 1807- يىللىرى ئەتراپىدا قوقاندا دۇنياغا كەلگەن. 1827- يىلدىن 1850- يىللارغىچە (قوقان خانى مەدەلىخان ۋە خۇدايارخانلار زامانلىرىدا) دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھەربىي ئىشلار بويىچە تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەنسەپ، دەرىجىلەردە ئىشلەپ، 1850- يىللارغا كەلگەندە، «ئىشقىيە» سۈلۈكىنىڭ «پىرى»، ئاپئاق خوجىنىڭ «يېڭى ۋارىسى» سالاپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. 1852- يىللىرىدا ئەتراپىدا شۇ چاغلاردىكى قوقان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى جىدەللىرىگە چېتىلىپ مەغلۇپ بولغان تەرەپلەرنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن غالىب گۇرۇھلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ئارىلىقىدا قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ، بىر مەزگىل ئاپئاق خوجا مازارىدا پاناھلانغان. 1856- يىلىغىچە قەشقەر، يەكەن، قۇمۇل، تۇرپانلاردا، ھازىرقى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ۋە مەككە، ئىستانبول، كابول قاتارلىق چەت ئەل شەھەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ، ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنى بازارغا سالغان ھەم قەشقەرىيىنىڭ بىر پۈتۈن سىياسىي ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەش كويىدا ھەرىكەتلەنگەن. 1857- يىلى 4- ئايدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قوقانلىق سىياسىي شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەردىكى ئەگەشكۈچى ئاق تاغلىق سوپى - مۇرىتلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەرنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ - «قەشقەر ۋەلىخان خوجا خانلىقى» نى قۇرغان. قوقانلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ «خان» لىقنىڭ شۇ چاغلاردىكى تەۋەلىكى ھازىرقى قەشقەر كونىشەھەر، يېڭىشەھەر، پەيزىۋات، ئاتۇش، يوپۇرغا، مارالبېشى دائىرسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، قەشقەرىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەر بۇ خوجىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلغان (خالىمىغان). نەتىجىدە ئاخىرى بۇ يېتىم «خانلىق» كېڭىيىپ داۋام قىلالماي، شۇ يىلى 9- ئايغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى كۈچلىرى تەرىپىدىن قەشقەردە تەلتۆكۈس تارمار قىلىپ تاشلانغان. ۋەلىخان خوجا بىر قىسىم شېرىك، چاپارمەنلىرى بىلەن بىرلىكتە قوقان تەرەپكە قېچىپ يوقالغان. مانجۇ قىسىملىرى ئەينى چاغلاردا بۇ خوجا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە خاتا ئەگىشىپ قالغان قەشقەر مۇسۇلمانلىرىدىن كۆرگەن تالاپەتلىرى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە قاتتىق ئۆچ ئالغان. خۇددى «ئەشئار دۇرنات خازىكەنت خوجا پادىشاھ» دېگەن ئەسەردە كۆرسىتىلگەندەك: مانجۇلار «خەلقنىڭ مال - چارۋىلىرىنى، ئاشلىق، مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان، مەسجىت، خانقالارنى كۆيدۈرگەن. تارىختا ئۆتكەن خوجىلارنىڭ قەبرىلىرىنى تېپىپ ئېچىپ، جەسەتلىرىنى چىقىرىپ كۆيدۈرۈپ، كۈللىرىنى كۆككە سورۇۋەتكەن. خوجىلار تەرەپدارلىرى دېگەن باھانە - سەۋەبلەرنى دەستەك قىلىپ، بىگۇناھ مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنى تەكرا - تەكرا قىرغىن قىلغان ھەم بەزى مۆتىۋەر مۇسۇلمان شېشىۋالىرىنىڭ باشلىرىنى كېسىپ قەپەزلەرگە سېلىپ، ئۇزۇن بادرىلارنىڭ ئۇچلىرىغا ئىلىپ - سانجىپ، بېكىتىپ، قەشقەرنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىغا، كوچا دوخمۇشلىرىغا، رەستە - چاسلىرىغا ئېسىپ، ئەلنى چۆچۈتۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقان. بۇ خىل پاجىئەدىن چۆچۈگەن قەشقەر ئاھالىلىرىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى شۇ يىلى تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ پېتىراپ، چۆل - جەزىرىلەردە ئاچارچىلىق، يول ئازابى ۋە ھەر خىل پاجىئەلىك كەچۈرمىشلەر بىلەن ئۆلۈپ تۈگەشكەن».
جوھۇت ۋە مۇسۇلمان قىلاتتى جاڭجال،
سۆزلىرىدىن كۈلكەم ئۆرتەندى شۇئان.
«جوھۇت بولاي ئەگەر، خۇدا ۋەندە،
ئەھدىم چىن بولمىسا» دەيتتى مۇسۇلمان.
جوھۇت دەر: «تەۋرەتتىن ئىچەي مەن قەسەم،
سەندەك مۇسۇلمان بولاي، ئەھدىم بۇزغان ئان».
يەر يۈزىدە ئەقىل يوقاپ كەتسىمۇ،
ھېچكىم دېمەيدىكەن ئۆزىنى نادان.
سەئىدى شىرازى
بۇ - خوجا - ئىشانلار تارىختا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنى گىرىپتا قىلغان سانسىزلىغان پاجىئەلەردىن پەقەتلا بىر بۆلىكىدۇر. يەنى بۇ - خوجا - ئىشانلار ئىخلاسمەنچىلىكىگە قارىسىغىلا كۆتۈپ كەتكەن، جۈملىدىن ۋەلىخان خوجىنىمۇ «ئەزىزانە ۋەلى»، «پىرىم ۋەلئۇللا» دە تىللىرىدىن چۈشۈرمەي، دىللىرىدىن ساقىت قىلماي، پايى - قەدەملىرىگە يانداشىپ، «خوجام ئۈچۈن»، «ئاخىرەت ساۋابى ئۈچۈن»، «جەننەت ئۈچۈن» جېنىنى ئاتاپ يۈرگەن بىر قىسىم ساددا، ئالدانغان ئەجدادلىرىمىز يولۇققان پاجىئەلەردىن بىرىدۇر.
يامانغا قوشۇلساڭ بولارسەن يامان،
يۇقتۇرار قاراسىن دائىما قازان.
يامانغا يولۇقساڭ بالاسى يۇقار،
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار.
ئۇيغۇر خەلق ماقالىلىرىدىن
ۋەلىجان خوجا 1865- يىللىرى ئەتراپىدا خۇدايارخان ھاكىمىيىتىنىڭ تىنىمسىز رەقىبلىرى قاتارىدا يەنە ئەيىبلىنىپ، تۇتۇلۇش پەيتىدە خۇدارياخان ھاكىمىيىتىدىن چۆچۈگەن كاتتا خان تۆرە باشلىق 7000 ھەربىي سەرگەردان بىلەن بىللە قوقاندىن قەشقەرگە قېچىپ كېلىۋالغان. 1865- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغان ياقۇپ بەگ بۇ قوقان قاچقۇنلىرىنى جۈملىدىن ۋەلىخان خوجىنىمۇ ياخشى كۈتۈپ، ئورۇن بەرگەن. لېكىن ۋەلىخان خوجا يەنىلا «پىر» لىق «ھۈنىرىنى» ئاشكارىلاپ، خۇددى «تارىخىي ھەمدىيە» نىڭ 347- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «زاماننىڭ زامانى ۋەلىخان تۆرەمنىڭ زامانى» دەپ كوچىلاردا جار سېلىپ، ناغرا - كانايلارنىڭ شادىيانىگە سوقۇشقا باشلىغان... ياقۇپ بەگ بۇ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ، ئىككى پانساتنى ياردەمچىلىرى بىلەن بۇيرۇپ، ۋەلىخاننى بارگاھقا ئېلىپ كېلىپ، غەزەپ بىلەن قاتتىق سۆكۈپ: «بىزلەر بۇ يەردە خىتاي شەھىرىنى ئالالماي، بىر مۇنچە جاپا - مۇشەققەتلەر چېكىپ، ھەر نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمىز، سىز بولسىڭىز بەش - ئوندەك باشباشتاقنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆزىڭىزچە بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق ئىشتىياقىنى قىلىپ يۈرۈپسىز. ئىلگىرى كېلىپ قەشقەرنى تۇتالماي، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن كاللا مۇنارىلەرنى ياساپ، كۆپ ناھەق قانلارنى تۆكۈپ، نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ خۇنلىرىغا زامىن بولۇپ، قېچىپ كەتتىڭىز. ئەمدى بىز خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرغان ۋاقىمىزدا، سەن نېمە ئادەم دېيىشكە ئاغزىڭىز بارماي، شەھەرنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىلىق قەست قىلىپىسىز» دەپ قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ، غەزەپ - ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چاپقىلى تەمشەلگەن.... كېيىن ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى ھېچكىم كۆرمىگەن ھەم بىلمىگەن (يەنە شۇ كىتاب 348- بەت). بەزى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلىخان خوجا ياقۇپ بەگ كۈچلىرى تەرىپىدىن 1866- يىلى 2- ئايدا يېڭىساردا تامغا باستۇرۇۋېتىلگەن. جەسىتىڭمۇ يېڭىسارلىق مەنسەپدارلار قەبىرىگاھلىقىدىن يەرلىك بېرىلمىگەن (ئاللاھ زالىملارغا زاۋال بەرگۈچىدۇر - تەپسىرىدىن).
كىمكى تىغ كۆتۈرسە بىراۋ جانىغا،
زامان تەشنا بولار ئۇنىڭ قانىغا.
ئوبۇلقاسىم پىردەۋسى
بەزىبىر جاھالەت ھامىيلىرى يەنى سوپىلىق ئەسەبىلىكىدە ئالجىغان، نادان، يالغانچى ۋايىزلار (غايىبانە ئىخلاسمەنچىلىك ئاسارىتىدە تۇرۇپ كەلگەن بىھۇدە ئېتىقادچىلارمۇ ھەم) تەرىپىدىن «ئۇلۇغ» لۇقتا «تەڭداشسىز زات» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن بۇ خوجىنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ماھىيىتىنى يەنى قىياپەت، قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز:
1 ۋەلىخان خوجا - قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشلىرىدىن كاللا مۇنارىلەر ھاسىل قىلغان «پىر» دۇر
«جازالاشنىلا ھالاۋەت بىلگەن، كۆڭلى قاتتىق، زاتى قوپال، قاپىقى يامان، ئەقلى كەم، ئاداۋەتنى دوست تۇتىدىغان، ئالاھىدە شۇم غەرەز، شەپقەتسىز، مىجەزى سۇس، قارا بىس، خۇنخۇر ئىنسان ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغۇچى ھەم ھاياقتا رەقىب ئىنساندۇر...» («بورقۇم ئەۋلىيا» دىن).
ۋەلىخان خوجا قاتتىق قىرغىنچىلىق بىلەن قەشقەرنى بېسىۋالغان ۋە بىر مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن «كامالەتلىك دىندار» لىرى، «ئۇلۇغ ئالىم ئۆلىما»، «غازىلىق مەرتىۋىسىگە يېتىشكەن» ئالاھىدە ھەربىي، مۈلكى ئەمنىيەت چوڭلىرى (سوت، تەپتىش، ساقچى ئەمەلدارلىرى) ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا تۇنجى ئىش سۈپىتىدە - «ئىسلامنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش» (ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلىش، «دىننىڭ پاكلىقىنى ئەسلىگە ئەكېلىش» (ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىنىڭ «ئىشقىيە» تەرىقىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش)، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى «پاسىق»، «بۇزۇق»، «مۇرتەد»، «بىدئەت»، «دىنىي زىيانداش» لارنىڭ ئەدىبىنى بېرىش - توۋا قىلدۇرۇش، «جەمئىيەتنى پاكلاش» (ئەمەلىيەتتە بۇ خوجىنىڭ قانخور «ھاكىمىيىتى» گە ۋە خوجا كۈچلىرى قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشكەن، قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى، يەرلىك ئالىم، ئۆلىما، مەرىپەت ئەھلىلىرىنى، يېڭىلىق ئىجادچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆلتۈرۈش، كاردىن چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ھاكىمىيىتى» نى مۇستەھكەملەش) ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. نەتىجىدە قەشقەر جەمئىيىتىدە پەۋقۇلئاددە ئەسەبىلەشكەن جاھالەت كۈچلىرى يەنى خۇددى «بورقۇم ئەۋلىيا» دا تەرىپلەنگەندەك: «ئەۋلىيا ھەزرەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان، خاس قاتىللىقنىلا كەسىپ قىلغان بىر بۆلۈم نادان، رەھىمسىز قىرغىن كۈچلىرى...» يامراپ كەتكەن. بۇ كۈچلەر ئەمەلىيەتتە ۋەلىخان خوجىغا ۋە ئۇنىڭ «پىر» شېرىكلىرىگە مۇرىتلىق مەجبۇرىيىتى بىلەن باغلىنىپ تۇرغان، «پىر» غا سادىق بولۇشقا، «پىر» ئۈچۈن ئۆلۈش، ئۆلتۈرۈشكە، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاش، رەھىمسىزلىككە ئۆگىتىلگەن قارام، ياۋۇز كۈچلەر ئىدى. «بورقۇم ئەۋلىيا» دىن بىلىشىمىزچە، ۋەلىخان خوجا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئەنە شۇ خىل قارام كۈچلەرنىڭ كۈچى بىلەن 1857- يىلى 4- ئايدىن 9- ئايغىچە ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان قەشقەر زېمىنىدىن يەنى شۇ چاغلاردىكى قەشقەر شەھىرى (قەشقەر كونىشەھەر، يېڭىشەھەر بىلەن قوشۇلۇپ)، ئاتۇش، پەيزىۋات، مارالبېشى، يوپۇرغا.... تەۋەلىرىدىن «99 گۇناھ» بىلەن بالاغەت ۋە سالاھىيەتتە بېتىشكەن 4000 مۇسۇلماننىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا ئەيلىگەن. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىدىغان ئەھلى مۆمىن «سۈننىي» مۇسۇلمانلاردىن (نامرات، ئاقكۆڭۈل، جاھان ئىشلىرىدىن خالى، ئەھلى كاسىپ، دېھقان، باغۋەن، مالچى، تىجارەت ئەھلىلىرىدىن) ئىبارەت بولغان. ۋەلىخان خوجا كۈچلىرىنىڭ بۇ خىل پاجىئەلىك جىنايەت تارىخى توغرىسىدا 19 – ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان باي - سايراملىق ئۇيغۇر تارىخچىسى، مەشھۇر تارىخچى، شائىر، ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇللا مۇسا بىننى مۇللا ئەيسا سايرامى ئۆزىنىڭ «تارىخىي ھەمدىيە» دېگەن ئەسىرىنىڭ 156- 157- بەتلىرىدە توختىلىپ مۇنداق يازغانىدى:
«.... ۋەلىخان تۆرەم قەشقەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق، بۇزۇق... لارنى قەتلى قىلىپ، جەسەتلىرىنى ئىت ۋە قاغا - قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. يامان، پاسىق مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئەر - ئايال زىناخورلارنىڭ بېشىنى كېسىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تۆت كاللا مۇنارى ياساپتۇ. مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇلەر... ئۇنىڭ ئۆزى (ۋەلىخان تۆرىنىڭ ئۆزى - ئا) بەڭ چېكىش، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھېچقانداق ئۆزىنى تارتىپ، ئېھتىيات قىلمايدىكەنلەر.... كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شاپىگەر تۆمۈرچى (قىلىچ سوققۇچى - ئا) بىر قىلىچ تەييارلاپ، تۆرەمگە كۆرۈنۈش بېرىپ، دۇئالىرىنى ئېلىپ بىر زىيارەت قىلىپ كەلسەم دېگەن نىيەت ۋە ئارزۇدا 17-18- ياشلاردىكى تېپىلماس بىر ئوغلىنى ھەمراھ قىلىپ، تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ، كۆرۈنۈش بېرىپ نەزەردىن ئۆتۈپتۇلەر. بۇ چاغدا تۆرەم: «ئەي ئۇستا، قىلىچىڭىز كېسەمدۇ؟ دەپ سورىغاندان ئۇستا: (بەك ياخشى كېسىدۇ) دەپ جاۋاب بېرىپتۇلەر. تۆرەم: «ئەي ئوغۇل، ماڭا يېقىن كەل» دېگەن ئىكەنلەر، بۇ بالا يېقىن بېرىشى بىلەنلا قىلىچ بىلەن ئۇ بالىنىڭ گەدىنىگە ئۇرغانئىكەن، بالىنىڭ بېشى سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇلەر. تۆرەم: <كېسىدىكەن، ئۇستىغا تون ئېلىپ چىق> دەپ بىر چىت تون بېرىپ چىقىرىپتۇلەر. ئۇستا يىغلاپ - يىغلاپ بالىسىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كېتىپتۇلەر...»
يىلاننى قانچىكى قىلساڭ تەربىيەت،
بىر كۈنى زەھىرىنى سالىدۇ ئەلبەت.
پەس كىشىمۇ خۇددى يىلان مۇجەزدۇر،
يامان دىداردىن يىراق بول غايەت.
ئەبۇ ئابدۇللا روداكى
زالىم ۋەلىخان خوجىنىڭ تۆت ئايلىق قانلىق «ھاكىمىيىتى» جەريانىدا قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېسىلگەن باشلىرىدىن تىكلەنگەن كاللا مۇنارىلەر ئىچىدە روزى، ناماز، ئۆشرە - زاكات قازا قىلغان «گۇناھ» لىرى ئۈچۈن، «زىنايى ھارام»، «غەيۋەت»، «بىدئەت ئىشلار»، «گۇناھ» كارلىقى ۋە باشقا «ئىللەت» لەر سەۋەبلىرى بىلەن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ باشلىرى، ئىنتايىن جىق نىسبەتنى تەشكىل قىلغان. «ئەشئار دۇرنات خازىكەنت خوجا پادىشاھ» دېگەن ئەسەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلىخان خوجىنىڭ «ھۆكۈما» لىرى بىلەن «چوڭ پېشۋا» لىرى 1857- يىلى 6- ئايدا (رامىزاننىڭ 30- كۈنى يەنى ھېيت ھارىپىسى كۈنى)، ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا «گۇناھ» قىلغان، مەسىلەن: رامىزان ئېيىدا زىنا قىلغان، بەڭ، تاماكا تارتقان، روزى، ناماز، ئۆشىرە - زاكات «قازا قىلغان»، «پىر» نى ئۇنتۇغان، «ئۇلۇغ» لارغا تىل تەككۈزگەن، نامەھرىم يۈرگەن... دېگەندەك «ئىللەتلەر» ئارتىلغان 900 ئادەتتىكى ئەھلى مۇسۇلماننى يەتتە جايدا ئۆلۈمگە بۇيرۇپ ئىجرا قىلغۇزۇپ، كاللا مۇنارىلەرنىڭ 4- سىنى تىكلەپ، قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنى چۆچۈتۈش بېشارىتى، تەھدىت دەبدەبىسى كۆرسىتىشكەن.
قانخور ۋەلىخان خوجا بىلەن ئۇنىڭ ياندىماچ ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانلىق قوللىرىنى شۇ چاغلاردا قەشقەرىيە زېمىنىدىن يول ئېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىغا سەپەر قىلىۋاتقان چەت ئەل ئالىم - ساياھەتچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكىچە سوزۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىتىكى خەلقئارالىق ئىناۋەت ئاساسىغا ئاپەت خاراكتېرلىك زىيانلارنىمۇ يەتكۈزۈپ كەلگەن. 1857- يىل 7-ئاينىڭ 9- كۈنى ۋەلىخان خوجىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن گېرمانىيىلىك ئاكا - ئۇكا ئۈچ نېمىس ساياھەتچى ئالىمنىڭ ۋەقەلىكى بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ۋەقە 1947- يىلى ئىلىدا نەشر قىلىنغان «كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ 8- سانىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «... گومبولت ئوردىسىنىڭ ۋەكىلى ئالىم نېمىس ئادولفوس، شىلاگىنتۋېت يېتەكچىلىك قىلغان ئۈچ ئاكا - ئۇكا ساياھەتچى نېمىس قەشقەر زېمىنىغا كەلگەندە قەشقەر ۋەلىخان تۆرىنىڭ قاتتىق ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى. بۇ چاغلاردا قەشقەرگە باسقۇنچىلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. قەشقەرلىكلەردىن بىر قانچىسى بۇ ياۋرۇپالىق ساياھەتچىلەرنى باسقۇنچىلاردىن ئۆز يەرلىرىنى مۇداپىئە قىلىشتا پايدىسى تېگەر دېگەن ئۈمىد بىلەن تۇتۇپ، ۋەلىخان خوجا ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ۋەلىخان بۇ ساياھەتچىلەردىن قەشقەرىيىگە كىرىش توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق خەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلدى. بىز، دېدى ساياھەتچىلەردىن گىنتۋېت ئەدەپ بىلەن، - بومبايدىن خاس خىتاي خانىغا مەنسۇپ مەخسۇس خەت بىلەن كېلىۋاتىمىز. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولىمىزدىن كىشىلەر بىزنى سىزگە ئەكەلدى، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋابتىن غەزەپلەنگەن ۋەلىخان خوجا خانلىق گېلىمىدىن سەكرەپ تۇترۇپ جاللات چاقىردى. ساياھەتچىلەر ئۆز ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى سەزدى - يۇ، ئەتراپقا تويۇنۇپ قارىۋېلىشتى. جاللاتلار ساياھەتچىلەرنى تار كوچىدىن ھەيدەپ يېڭى مەسجىت ئەمىدانىغا (مەسجىت مەيدانىغا - ئا) ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئەمىداندا كىشىلەر باشلىرىدىن ياسالغان يوغان باش دۆۋىلىرىنى كۆردى ھەم ئالتە شەھە ھاۋاسىدا ئاداققى دەملىرىنى ئالدى. جاللاتلارنىڭ قىلىچلىرى كۆتۈرۈلدى، ساياھەتچىلەرنىڭ باش سۆڭەكلىرى، ياسالغان دۆۋىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا قويۇلدى...»
2. ۋەلىخان خوجىنىڭ «دىنىي مەۋقە» سى ۋە مۇسۇلمانچىلق «خىسلەت» لىرى توغرىسىدا
ۋەلىخان ۋە ۋەلىخان خوجا سوپىلىرىنىڭ كېيىنكى چاغلار ئەقىدىچىلىرىدىن بولغان بەزى سوپى - زاھىت مۇئەللىپلەر يازمىش «ئىناۋەتنامە» لەردە ۋەلىخان خوجىنىڭ ئۆز ئۆمرىدە مۇرىت - يارانلىرىغا «ئىسلام ئەقىدىلىرى» دىن «تەلىم بەرگەن» دە ھەر دائىم: «تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، جىھاد (جەڭ - ئا)، پىر، (ئىمام - ت)، <ساۋاب> نى مۇسۇلمانچلىقىنىڭ ھەممە ئەھكاملىرىدىن ئالاھىدە يۇقىرى قويۇشنى تاپىلاپ - جېكىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ھەتتا بۇ خىل مۇئەللىپلەر يەنىمۇ پاسىقلىشىپ (ئىسلام دىنى ئەقىدىۋىلىكىدىن خېلىلا چەتنەپ) قانداقتۇر: «... بۇ زاتنىڭ مەۋجۇد مۇبارەك تۇرقى - ئاللاھنىڭ تىنىقى، ئاللاھنىڭ قولى، ئاللاھنىڭ يۈزى، ئاللاھنىڭ يېنى، ئاللاھنىڭ تىلى ۋە ئاللاھنىڭ دىلى بىلەن بىر ئىدى... بۇ زات مۇسۇلمانلاردىن گۇناھ - ساۋاب ھېسابىنى ئالغۇچى، جەننەت، دوزاخقا ئايرىغۇچى، توغرا يول، توغرا نىيەت، توغرا ئەقىدە ۋە توغرا ھەقىقەت مۇئەككىلى ئىدى... بۇ چۈشەنچىدىن كەچكەنلەر <ئىسلام دىن پاسىقلىرى>، <مۇرتەد> (دىندىن چىققان - ئا) <كاپىر> لار قاتارىدا ئۆلۈمگە ياكى مەڭگۈلۈك نەپرەت، سازايى رەسۋاچىلىق، خورلۇققا مەھكۇمدۇر...» («تەزكىرە پىر بايان» دىن) دېگەندەك ئويدۇرمىلارنى پەيدا قىلغانىدى. مانا بۇ خىل «دىنىي مەۋقە» ۋەلىخان خوجىنىڭ مەيلى «خانلىق» ۋە مەيلى «پىرلىق»، «خوجىلىق» تارىخىدىكى دىنىي مەۋقەسىدۇر. بىزگە ئايانكى «قۇرئان كەرىم» دە ۋە باشقا دىنىي قىبلىنامىلەرنىڭ ھېچبىر سەھىپىلىرىدە مۇسۇلمانلارغا «تاھارەت»، «جىھاد»، «پىر تۇتۇش»، «ساۋاب» دېگەندەك نەرسىلەر ياكى شەكىللەرنىڭ «پەرز» قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. پەقەت روزا، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ئىماننىڭ پەرزلىكى مۇقىم ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ خىل پەرزلەرنى ئورۇنداپ كېتەلمىگەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىش، مەڭگۈلۈك نەپرەت، سازايى رەسۋاچىلىق، خورلۇققا مەھكۇم قىلىۋېتىشمۇ زادىلا تەكىتلەنمىگەن. مەسىلەن، زورا تۇتۇش مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: «روزا تۇتقۇچىلار بەدنىيەتلىك قىلماسلىقى، پاك بولۇشى، ئېھتىياتچان بولۇشى، ناتوغرا ئىشلارنى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىشى لازىم. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەممەيلەن شۇنداق قىلغاندىلا، تۇتقان روزىسى ئاندىن قوبۇل بولىدۇ...» («جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1985- يىلى 4- سان 27- بەت).
ۋەلىخان خوجا يۇقىرىقىدەك «دىنىي مەۋقە» سىنى چىقىش قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرى تەركىبىگە ئۆزىنىڭ «تاھارەت»، «جىھاد»، «پىر تۇتۇش»، «ساۋەب تېپىش» لىرىنى سىغىداپ ئارىلاشتۇرۇپ، «پەرز» قىلىپ بېكىتىپ، مۇشۇ خىل «ئاساسىي» بىلەن ھەر خىل «دىنىي پەتىۋا»، «دىنىي تەدبىر» لەرنى ئىسلام نامىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىغان. ئۆزىنى «ئاللاھ بىلەن بىرگە» پۈتۈن بېھىش، دوزاخلارغا مۇئەككىل دىنىي ئادالەت ھاممىسى ھېسابلاپ، توغرا ئەنئەنىۋى ئىسلام شەرىئىتىنى، ئىسلام ھەقىقىتىنى ۋە ئىسلام يولىنى خالىغانچە ئۆزگەتكەن، بۇزغان، ئاياغ - ئاستى قىلغان. تاھارەت، روزا، ناماز، زاكات، جىھاد، ھەج، پىر تۇتۇش، ئىبادەت، ساۋاب تېپىش... مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان ياكى «دىنىي پەرزلەرنى» ئادا قىلمىغان دېگەندەك «سەۋەب»، «باھانىلەر» بىلەن ئەنە شۇ چاغلاردا قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىدىن تىكلەنگەن تۆت كاللا مۇنارىنىڭ قەۋەت - قاتلاملىرىدىن تامچىپ تۇرغان مۇسۇلمان قانلىرى ئەنە شۇ «ئەۋلىيا زات»، «ئۇلۇغ پىر» لارنىڭ يۇقىرىقىدەك «دىنىي مەۋقە» لىرىدىن تۆكۈلگەن ھېسابسىز قانلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. تارىختا مۇشۇنداق «ئۇلۇغ پىر» لارغا ئەگەشكەن. ھەتتا ھېلىھەم ئۇلارنى قارىغۇلارچە ياد ئېتىپ، يوللىرىنى تۇتۇپ بەندىچىلىك قىلغان، قىلىۋاتقان نادان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى بىز مۇشۇنداق «ئۇلۇغ پىر» لاردىن ھېلىھەم پەخەس بولۇشقا، پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشكە، پاك، توغرا مۇسۇلمانچىلىق يولى بىلەن بېرىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.
ۋەلىخان خوجا ۋە شۇ خىل خوجىلارنىڭ «زامانى» ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىق خىسلەتلىرى توغرىسىدا تارىخچى ئۇستاز مۇللا مۇسا بىننى مۇللا ئەيسا سايرامنىڭ يازغان مۇنۇ تەرىپىنى جامائەتچىلىكىمىز سەمىگە تەقدىم قىلىمىز: «... ئۆزىنى مۇسۇلمان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، خالايىقنى ئازغۇنلۇق، زالالەت ۋە جاھالەتكە باشلايدىغان جاھىل، نادان، ئىپلاس سوپىلار ناھايىتى كۆپەيدى، ئەگەر ئىسلامى شېرىپنىڭ قەتئىي دەلىللىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار دەيدىغان بولساق بۇ ئادەملەر پەقەت جاھىل سوپى ۋە ئالدامچى ماشايىقلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەي خۇداۋەندە كېرىم! مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ئەمەللىرىنى بۇ خىل ئالدامچى ماشايىخ ۋە سوپىلارنىڭ يامانىلقىدىن ساقلاپ ئامان قىلغايسەن...»
ۋەلىخان خوجىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچى «پىر» لىرىنىڭ مۇسۇلمانچىلىق «خىسلەتلىرى» توغرىسىدىمۇ «تارىخىي ھەمدىيە» نىڭ 156- بېتىدە مۇنداق بىر تارىخىي مىسال خاتىرىلەنگەن: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەھرالىق بىر قېرى مەزلۇم نان - توقاچ، قېتىق، قايماقلارنى ئېلىپ خوجانىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. ياساۋۇل بېشى: <ئەي ئانا نېمە ئەرزىڭىز بار؟> دەپ سورىغاندا، ئۇ موماي: <خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم. ئۇنىڭدىن بىلەك ئەرزىم يوق> دەپتۇ. ياساۋۇل بېشى: <ئەنجاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىمانلىرىمىزنى تامامەن ئادەملەرگە ئىنئام قىلىپ بەردۇق، ھالبۇكى، خوجامدا ياكى بىزدە ئىمان قالمىدى. ئەنجاندىن ئىمان ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نەچچە ئات چىقاردۇق. ئىمان كەلگەندە مەن خەۋەر قىلاي شۇ چاغدا كېلىپ ئىماننى ئېلىپ كېتىڭ> دەپ ئۆز زامانىغا لايىق ۋە ئاقىللارچە ئاجايىپ ياخشى جاۋاب بېرىپتۇ....»
ئىمانسىزدىن ئىمان سورىما،
ۋىجدانسىزدىن ۋىجدان.
ئۇيغۇر خەلق ماقالىلىرىدىن
جاھالەت كۈچىلىرىنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى قىسمەن ۋە ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا
ۋەلىخان خوجا «ھاكىمىيىتى» يىمىرىلگەندىن كېيىن، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ قەشقەرىيىنى، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمران كۈچلىرى خېلى بىر مەزگىل قەشقەرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خوجا - ئىشانلارنى سۈرۈشتۈرۈش، جىمىقتۇرۇش، تەقىبلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەينى چاغلاردا ۋەلىخان خوجىغا ۋە باشقا خوجىلارغا ئەگىشىپ ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى يول تۇتقان ھەتتا كېيىنكى چاغلاردا يەنىلا يول تۇتۇش ئېھتىمالى بولغان «پەيلى يامان»، «نەسلى ئىسيانچى» بىر قىسىم چوڭ، ئوتتۇرا خوجا - ئىشانلار يېتەكچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. تەقىبلىگەن، جازالىغان ۋە ئۆلتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ خوجا - ئىشان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا قايتىدىن سىياسىي، ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان، چەكلىگەن. شىنجاڭغا چەتتىن كېلىدىغان خوجا - ئىشانلارنى كەلتۈرمەيدىغان بولغان. يەنە بىر قىسىم «ياۋاش» خوجا، ئىشانلارنى بولسا ئۆزلىرىگە تارتىپ «ئەل» قىلىپ، ئەتىۋارلاپ خانلىق ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىدىغان ساداقەتمەن كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇۋالغان. يەنى خوجا بىلەن خوجىنى، ئىشان بىلەن ئىشاننى، «پىر» بىلەن «پىر» نى، «مۇرىت» بىلەن «مۇرىت» نى يەنىلا «دىندار» لار بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ، باغلاپ، ئۆزلىرىگە مۇسۇلمانلاردىن، ئاتالمىش «دىن» چىلەردىن كېلىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرغان.
19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئىچىدە قەشقەرىيىنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلىپ ئىدارە قىلغان ياقۇپ بەگ كۈچلىرىمۇ قەشقەرىيىدە يەنىلا خۇددى مانجۇ كۈچلىرىگە ئوخشاشلا يول تۇتۇپ، ئۆزلىرىنى ئۈچۈن خەۋپلىك، «ۋاپاسىز» دەپ ھېس قىلىشقان بىر قىسىم «ئۇلۇغ» خوجا - ئىشانلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئىجرا قىلىپ تۇرغان. 1868- يىلى ئىراق تەرەپتىن قەشقەرگە كېلىپ ئۆزلىرىنى «ئىمام مەھدى ئاخىر زامان»() ئېلان قىلىپ قەشقەرىيىىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىگە تەرەدۈتلەنگەن چوڭ سوپى - پىرزادىلەردىن شېيىخ مۇھەممەد بىلەن شېيىخ ئەھمەتلەرمۇ ياقۇپ بەگ كۈچلىرى تەرىپىدىن: «شەرىئەت ۋە مىللەتنىڭ توغرا ۋە پاك ھۆكۈم، يوللىرى» بىلەن قەشقەردە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيىنى بېسىۋېلىشتا «باشلىقى»، «تۆرىسى» بولۇپ بەرگەن بۇزرۇكخان (ئاپئاق خوجىنىڭ كۆكۈن نەۋرىلىرىدىن بىرى - ئا) خوجىمۇ رولىنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ياقۇپ بەگ كۈچلىرى تەرىپىدىن قەشقەرىيىدىن قوغلىۋېتىلگەن. مەشھۇر سىياسەتچى، ھەربىي ئۇستاد خوجا كاتتا خان تۆرىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئاقسۇ، كوچا، خوتەن، يەكەنلەرنىڭ «خان» خوجىلىرىمۇ ئۇستادلىق بىلەن بىر - بىرلەپ بېسىتقۇرۇۋېتىلگەن. شۇنداقلا ياقۇپ بەگ كۈچلىرى يەنە زور بىر تۈركۈم خوجا - ئىشان، سوپى «ئۇلۇغ» لارنى ئۆز «ئىلتىپات» لىرىغا ئەل قىلىپ «ئىشىنىپ ئىشلىتىپ» (مۇسۇلمان يۇرت، مەھەللە كويلىرىغا «خوجا بەگ»، «خوجا ئاقساقال»، «خوجا ئامان» ۋە «خوجا پاششاپ»، «خوجا مىرشاب» يېتەكچىلەردىن قىلىپ تەيىنلەپ) يەنىلا «پىر» نىڭ قولى بىلەن «مۇرىت» نى تۇتۇش، خوجىنىڭ قولى بىلەن يۇرتنى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق سەنئىتىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرغان.
بۇ - 16- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە شىنجاڭدا سوپىزم ئېقىمىغا، خوجا - ئىشان كۈچلىرىگە («ئۇلۇغ چوڭ پىر»، «ۋەلى» - ئەۋلىيالارگە) تۇنجى قېتىم تەگكەن سىياسىي زەربە، قاتتىق ئىجتىمائىي دەككە ۋە تازا قاتتىق تېگىش - چېقىلىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇ چاغلار تەبىئىيكى شىنجاڭدىكى جاھالەت ئېقىمى - «مۇقەددەس» سوپىزم ئېقىمىنىڭ ھەم ئۇنىڭ «دەخلىسىز، ئۇلۇغ» يېتەكچىلىرى بىلەن پىداكار قوۋم - سەپداشلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى «دەخلىسىز ئىناۋەت» لىرىدىن ئايرىلىپ، شەرمەندە، شۇم پېئىل - ئېتىبارلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ «ئىززەت - نەپىسى»، «ھۆرمەت دەبدەبىلىرى» دىن چۈشۈپ، ئەل نەزەلىرىدىن قېلىپ، ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا بىچارىلەشكەن. ئوساللاشقان چاغلىرى ئىدى. شۇنداقلا بۇ - ئەجدادلىرىمىز دىنىي، روھىي، ئىدىيە، جىسمانىي، تىرىكچىلىك جەھەتتە بىر مەزگىل ۋەھىمىلىك ۋەز - تەشەببۇس، بېسىم ئىختىيارسىزلىق كىشەنلىرىدىن ئاراملانغان، يەڭگىللەنگەن چاغلار ئىدى.
لېكىن سوپىزم كۈچلىرىنىڭ بۇ قىسمىتى ھامان ئۇزاق داۋام قىلمىغان. شۇ زامانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى يەنىلا بۇ «مۇقەددەس ئەقىدە» نى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن يېڭى «پىر يېتەكچى» كۈچلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشىپ، ئۆز مەقسەتلىرى يولىدا تېپىلماس قورال سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا باشلىغان. يەنى زامان ھۆكۈمرانلىرىغا نىسبەتەن يېتەكلەش رولىدىن يېتەكلىنىش، بويسۇندۇرۇش رولىدىن بويسۇنۇش مەۋقەلىرىگە چۈشۈپ، زالىم كۈچلەرنىڭ بۇيرۇق، قوماندانلىقلىرى ئاستىدا زامانغا بېقىپ قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن بۇ بىر بۆلۈم يېڭى خوجا - ئىشان «پىر» زادىلار قەشقەرىيە زېمىنىدا قايتىدىن يامراشقا، دەۋران سۈرۈشكە باشلىغان. يېڭىچە ئۇسۇل، يېڭىچە نام، يېڭىچە شەكىل بىلەن مەيدانغا چىقىشقان بۇ «دىنىي كۈچ» لەر (يۇقىرىغا قاتتىق بېقىنىپ، تۆۋەننى قاتتىق بېقىندۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى ياللانما كۈچلەر) خۇددى 19- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر تارىخچىسى، مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مۇللا موسا سايرامى تەسۋىرلىگەندەك: «بىر - بىرىگە ھەسەت، ئاداۋەت قىلىشىپ، بىرى بىر ئىشانغا ئىتائەت ۋە ئىنابەت قىلىپ، يەنە بىرسىگە ئىنكار ۋە ئاداۋەت كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت، زالالەتكە سېلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، بۇنداق ئەقىدە ۋە نالايىق ئىشلارنى ئۆزلىرىگە لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ يامان - شۇملۇقىنى، مۇسۇلمان ئەھلىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلماي - ئەسلىمەي ئۆز نەپسى - ھالاۋەتلىرى ئۈچۈن توغرا، ھەق دىنىي ئەقىدىلەردىن چەتنەپ، مۇسۇلمانلارنى خار - زار قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرۇشىدىغان نەرسا، ۋاپاسىز، مەككار، ئەسەبى ياللانما خوجا - ئىشان تۈركۈملىرىدىني ئىبارەت ئىدى». ئۇلار يېڭى يېتەكچىلىرىنىڭ مۇددىئا، تەلەپ - تاپشۇرۇقلىرى بويىچە قەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا سوپىزم مۇجادىلەرنى (سۈركىلىشلىرىنى - ئا) قايتىدىن راسا ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك، تەپرىقىچىلىك ئۇرۇقلىرىنى بولۇق چېچىپ «دىنىي»، ئىجتىمائىي زىددىيەت، رىقابەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «خان ئامانلىقى»، «يۇرت ئامانلىقى» ۋەزىيەتلىرىگە پايدا يەتكۈزۈشۈپ تۇرۇشقا باشلىغان. مەسىلەن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەشقەرىيە تەۋەلىرىدە كۆتۈرۈلگەن «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار سۈركىلىشلىرى، «لىك»، «لىق» چىلىق ئىللەتلىرىنىڭ ئۇلغايتىلىپ، پالانى يەرلىك، پالانى جايلىقلارنىڭ بىر - بىرىگە زىد، تەنە، ھېس، تۇيغۇ، خىياللار بىلەن خىرىسلىشىدىغان، قوۋلاشماي «جاھان تۇتۇش سۇخەنچىلىكىدە» بولۇشىدىغان «ئەل كەيپىياتى»، «خەلق مىجەزلىرى» يېتىشتۈرۈلگەن ۋە «پىرغا قول بېرىش»، «پىر» تۇتۇش، «ئاخىرەتلىكىنى كۆزلەش»، «تەقدىرگە تەن بېرىش»، «خانغا ئامانلىق تىلەش»، «جاھانغا ئامانلىق بېرىش»، «پىر»، «ئۇلۇغ» لارغا ئاسايىشلىق تىلەش تەرغىباتلىرى ئەۋج ئالدۇرۇلغان. بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى 10- يىللىرىغىچە يەرلىك خوجا - ئىشانلارنىڭ قۇتراتقۇلۇقى، باشلامچىلىقى ئاستىدا قەشقەرلىك «ئاق تاغلىق» لار بىلەن يەكەنلىك «قارا تاغلىق» لار، مەكىتلىك سوپىلار بىلەن قاغىلىقلىق سوپىلار، يەكەن ئېلىشقۇلۇق سوپىلار بىلەن بازارلىق سوپىلار، يەكەن قوشراپلىق «پىر» لار بىلەن قاغىلىق چوپانلىق «مۇرىت» لار ئوتتۇرىسدا ئىنتايىن قەبىھ «مەزھەپ» جىدەللىرى كېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن «مۇرىت»، «پىر» لار خانلىرىدىن ئايرىلغان، ئۆمرى زەخمىدارلىققا گىرىپتار بولۇشقان. قاراقاش زاۋىلىق خوجىلارنىڭ «تەزكىرە ناملىق قول يازمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1898- يىلدىن 1908- يىلغىچە بولغان ئون يىلدا مەكىتلىك سوپىلار بىلەن قاغىلىقلىق سوپىلار ھەر قايسىلىرى ئۆز «پىر» لىرىغا يان بېسىپ مەكىتنىڭ «قۇم قۇسار» دېگەن يېرىدە تۆت قېتىم، قاغىلىقنىڭ «لالمىلار» دېگەن يېرىدە تۆت قېتىم چوڭ «غازات» ئېچىپ (سوقۇشۇپ) سەككىز قېتىمدا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 20 ئادەم قازا تاپقان. قاغىلىقلىق سوپىلار «ئۆچ ئېلىش» ھېسابىدىن قاغىلىق زېمىنىدىن مەكىت زېمىنىغا سۇ بارىدىغان تىزناپ ئېقىنىنى بىر قانچە قېتىم بوغۇپ تاشلاپ، مەكىت خەلقلىرىگە ئېغىز زىيانلارنى كەلتۈرگەن. بىز شۇ چاغلاردىكى خوجا - ئىشانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى: ئۇلار - تارىختا خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز ئارىسىغا ئىچكى تەپرىقىچىلىك، بۆلگۈنچۈلۈك، زىدلىشىش، بىرىنىڭ ئەدىبىنى بىرى بېرىپ ئۆتۈشتەك ئەڭ قەبىھ پارچىلىنىش - تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا يوقىلىشقا يۈزلىنىش ئۇرۇقىنى چاچقان، تېرىغان مەرەز كۈچلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بىز ئۇلارنى تەكرار ئەسلىگەنلىرىمىزدە تۆۋەندىكى ئەدەبىي مىسرالارنى ئىختىيارسىز سېغىنىمىز:
ئۆزىنى دانا بىلگەن ئۇ ئۈچ - تۆت نادان،
ئىشەك تەبىئىتىنى قىلار نامايان.
بۇلار سۆھبىتىدە سەنمۇ ئىشەك بول،
بولمىسا «كاپىر» دەپ قىلىشار ئېلان.
ئۆمەر ھەييام
نادانلىق دۇنيادا ئەڭ زور پادىشاھ،
جاھىلنى ئاجرىتىپ بولماس ناداندىن.
شۇنداق، ئۇ بەيد، نىجات ئەسلا كۆرۈنمەس،
نە خوجايىنلاردىن ۋە نە خۇدادىن
ئۇبەيدە زاكۈنى
شۇنداقلا بۇ خىل زەبۇنچىلىق ۋە نەسلىك تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا شۇ زامان جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن قەبىھ ئىچكى ئىللىتى، مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەقلىي مەغلۇبىيىتى ۋە خەلقىمىز تەقدىرىنىڭ قاراڭغۇ ئىسكەنجىسى ھېسابلىناتتى ئەلۋەتتە. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، شۇ زامان ھۆكۈمرانلىرى بۇ خىل ھالەتنى «خان ئامانلىقى»، «جاھان ئامانلىقى» ئۈچۈن خەۋپلىك «ئىللەت»، چېكىدىن ئاشقان سىرلىق بېشارەت دەپمۇ بىلەتتى. شۇڭا شىنجاڭنىڭ شۇ چاغلاردىكى باش ھۆكۈمرانى ياڭ زېڭشىن بۇ خىل ھادىسىلەرگە قارىتا: «يەرلىك ئەمەلدارلار دىنىي ئىشلارغا مەمۇرىيى سالاھىيىتى بىلەن ئارىلاشماسلىقى زۆرۈر، ئەمما جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش يۈزىسىدىن بەزى جېدەل - ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتمەي بولمايدۇ......»، «ئۇلار خانىقا سېلىپ يىغىلىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىش نامى بىلەن نادان خەلقنى ئازدۇرۇپ سەدىقە يىغىۋالىدۇ.... كۈندۈزى تارقاپ، كېچىسى يىغىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ... ناماز ئوقۇش، دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ئورنىغا .... ساماغا چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ (ئىشان - پىرلارنىڭ) پائالىيەت شەكلىمۇ سىرلىق، ئۇنىڭدىن ئەكسىيەتچىلەر ئاسانلا پايدىلىنىپ كېتىدۇ، چاتاق تېرىيدۇ....»() دەپ جايلارغا يوليورۇق - ئۇقتۇرۇشلارنى چۈشۈرگەن ۋە تارقاتقان. دېمەك ياڭ زېڭشىنمۇ بۇ چاغلاردا شىنجاڭ خەلقىنى ئىدارە قىلىشتا: يەنىلا خەلقنى ئىچكى پۇقرادارچىلىقتا، ئېتىقادتا ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش، نادانلىقتا، تارقاتلىقتا، ئۆزئارا زىدلىشىپ تۇرۇش ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنى جېدەل - ماجىرا چىقمايدىغان، «ئوغرى - قاراقچىلىرى» يوق، پاراكەندىچىلىك يۈز بەرمەيدىغان تىپتىنچ جەمئىيەتكە، ياۋاش ئىنسانلار ماكانىغا ئايلاندۇرۇش يولىنى تۇتۇپ، شۇنداقلا خوجا - ئىشانلارنىمۇ دىققەت - ئېتىبارىدىن پەقەت چىقارماي ئىش كۆرۈپ تۇرغانىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن بىزنىڭ خەلقىمىز بۇ پېشكەل - ساختا «دىنىي ئەقىدە» نىڭ ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن «جاھان تۇتقۇچى»، «پىر»، «خوجام» لارنىڭ ساقتا، يالغان نىقاب - ماھىيەتلىرىنى، تارىختا ئوينىغان سەلبىي روللىرى، جىنايەتلىرى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە بۇ خىل «ئەقىدە» نى ئۆز ئىخلاس - ئېتىبارلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشتەك تارىخىي ئويغىنىش دەۋرىگە قاراپ بۇزۇلۇشقا باشلىغان. 1930- يىللاردا قەشقەر، ئاتۇش، ئۈچتۇرپان، يەكەن، خوتەن خەلقلىرى بىلەن بۇ جايلاردىكى دىنىي ئولىمالار ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ئەھكاملىرىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىسلام ئەقىدىلىرى نامى بىلەن پەيدا قىلىنغان غەيرىي «دىنىي قىلىق»، «دىنىي يول - ئادەت» لەرنى چەكلەش، ئىسلامنى قوغداش تەشەببۇسلىرى بىلەن جامائەت ھەرىكىتى قوزغاپ، شىنجاڭدا يەنە يېڭىدىن دىن تارقاتماقچى بولغان چەت ئەللىك مىسيونېرلارنى، ئىسلام دىنى نامى بىلەن ئۆز غەرەز - مەقسەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچى ئىسلام دىنىي دۈشمەنلىرى - خوجا - ئىشان، «ۋەلى»، «پىر» لارنى توسقان، يەكلىگەن ۋە ھەرىكەتلىرىدىن چەكلىگەن. ھەتتا بىر قىسىم جايلاردا بۇ خىل كىشىلەرگە قارشى پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە (ھاكىمىيەتتىن پۇقراغىچە، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە) دەككە بېرىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. 1931- 1932- يىللىرى ئۆزىنى ھازىرقى زامان ئەۋلىياسى دەپ ئېلان قىلىپ يەكەنگە پەيدا بولغان «مەككە خوجا»، قاغىلىق تاغلىرىغا بېكىنىپ «ئىمام مەھدى ئاخىر زامان» بولۇۋالغان «ئاتەش خوجا» لار خەلق تەرىپىدىن كەلگەن يەرلىرىگە ھەيدىۋېتىلگەن. قەشقەر، ئاتۇش، ئۈچتۇرپان، يەكەن قاتارلقى جايلاردا شىۋىت مىسيونېرلىرىنىڭ «مۇناسىۋەتداشلىرى» بولۇۋالغان بەزى خوجا - ئىشانلارنىڭ بىر قىسمىغا قاتتىق دەككە بېرىلگەن. يەكەن، قاغىلىقلاردا ھىندى، ئافغان، كەشمىرلىك بالتىلارنىڭ كەتمەنلىرىنى چېپىپ - ھەمكارلىشىپ يەرلىك خەلقنىڭ نورمال - ئادەتتىكى دىنىي يوسۇنلىرى، دىنىي چۈشەنچە ۋە دىنىي ھەرىكەتلىرىگە «يېڭىلىق» كىرگۈزۈش، چەت ئەللىك ساھىبلارنى «پىر» تۇتۇشقا ئۈندەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقان راپىزە ئىشانلار توۋا قىلدۇرۇلغان، قاتتىق يەكلەنگەن. ئۆزىنى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 36- نەۋرىسى دەپ ئېلان قىلىپ پۈتۈن قاغىلىق، پوسكامنى بېشىغا كىيىپ، مىڭلاپ مۇرىت، سوپى، ھاپىز، خەلىپە قوبۇل قىلىپ، ئەگەشتۈرۈپ جاھاننى قايتا سوپىلاشتۇرماقچى بولۇپ مەيدانغا چىققان سىياسىي «دىندار» شەخس سابىرخان خوجىمۇ 1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا قاغىلىق يەرگە تىرىك كۆمۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. پۈتۈن شىنجاڭدا سوپى - ئىشانلارغا، سوپى - ئىشانلىققا قارشى دىنىي، ئىجتىمائىي تەشۋىقاتلار قانات يايدۇرۇلغان. نەتىجىدە شىنجاڭدا خوجا - ئىشان، سوپى، «پىر»، مۇرىت شەخسلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەزگىل ئەلدىن يىراق، يۇرتتىن سىرت، پىنھان جاي، چەت، بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا «خۇدا بەرگەننى يەپ» «دىيانىتى بۇزۇلغان» لاردىن خەۋپسىرەپ، چۆچۈپ كۈن ئالىدىغان پەقىر - «مىسكىن»، «بىچارىلەر» دىن بولۇپ كېتىشكەن.
پەرىشتە ئولتۇرسا دىۋە بىلەن گەر،
ئۆگىنەر ۋەھشىلىك، نەپرەت خىيانەت.
ياماندىن ياخشىلىق ئۆگىنىپ بولماس،
بۆرە جۇۋىچىلىقنى قىلامدۇ ئادەت؟
سەئىدى شىرازى
جاھالەت كۈچلىرى - ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي مەغلۇبىيەتلىرىگە تەن بەرمەي (ئۆزلىرى، تۇتقان يوللىرىنىڭ زاۋال ـ جاھالەت يولى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشماي) خەلقنى ئالداش، خورلۇققا، زۇلۇمغا گىرىپتار قىلىش، دۇنياۋى مەئىشەت، بايلىق، ئابرۇي، ئىناۋەت ئۈچۈن ھەرقانداق ئىپلاسلىقلارنى قىلىشتىن يانماسلىقتەك ئەسەبىيلىك ۋەقەلىرىنى «خۇدالىق ئۈچۈن» ياكى «مۇسۇلمان» لىق پەزىلەت ھېسابىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتكەن، تاشلىۋەتكەن ئەمەس. خوجا - ئىشانلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردىمۇ ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل پەيت - پۇرسەتلەردە ھەر خىل يوشۇرۇن شەكىل، چارە - ئاماللار بىلەن ئۇ يەر - بۇ يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلقىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ تۇرغان ۋە تۇرۇشماقتا. مەسىلەن 1946- يىلى بەزى خوجا - ئىشانلار كۈچلىرى تەرىپىدىن قاغىلىقتا پەيدا قىلىنغان «تاغلىق ئوغرىلار» (گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرگە قارشى قوزغالغان قوراللىق تاغ ئىنقىلابى - ئا) غا قارشى تۇرۇش «خەلق ھەرىكىتى ۋەقەلىكى» دىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئولىما مەرھۇم شەھىد خەلق قۇربانى راشىدىن مۇپتاجى ئۆلۈمى، 1940- يىللاردىن 1950- يىللارنىڭ باشلىرىغىخە چەرچەن، نىيە، چارقىلىق ناھىيىلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئەندىرىنى مەركەز قىلغان ئەۋلادى قاچقۇن ئىشان ـ «قۇشقاچ ھەزرەت» پاراكەندىچىلىكى، 1950- يىللارنىڭ باشلىرىدا، بەزى جايلاردا خوجا - ئىشانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ۋە تارىختىن بېرى بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، زامانىۋىلىشىش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش.... ساھەلىرىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىمىزگە خوجا - ئىشانلار تەرىپىدىن قىلىنىپ كەلگەن زىيانكەشلىكلەرنىڭ مىسالى خاتىرىلىرى بۇ پىكىرلىرىمىزنىڭ مەۋجۇد دەلىللىرىدۇر.
خوجا - ئىشان «پىر» لارنىڭ ھازىرقى چاغلاردىكى جاھالەتچىلىك قىلمىشلىرى توغرىسىدا
بىلىشىمىزچە شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ھازىر يەنىلا سوپىزم كۈچلىرى («خوجام»، «ئىشانىم»، «سوپۇم»، «پىرىم»، «بۈۋىم»، «ئاشىق»، «مۇرىت» ۋە باشقا «دىن» تونىغا يۆگىنىپ يۈرگەن تېجىمەل نوقانچىلار) نىڭ ھەرىكەتلىرى ساقلىنىپ تۇرماقتا. يەنى ئۇ كونا مەرەزنىڭ يېڭى تۆرەلمىسى، كونا جاھالەت شەكىللىرىنىڭ يېڭى ئەۋرىشكىلىرى ۋە ئۆتمۈش «ئەنئەنە» لىرى سۈپىتىدە «دىنىي ئىش» شەكلى بىلەن رول ئويناپ تۇرماقتا. ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەتچىلىكىنى ھازىرقى زامان جاھالەتچىلىكىنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا، ئۆز مەقسەت، ئەپئاللىرىنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى قىلىپ پەدازلاپ ۋە ئۇنى خەلقىمىز دىنىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ «ھازىرقى مەنبەسى» قىلىپ دەسسىتىشكە، «دىنىي داھى» لىق، «ۋەلى» لىق، «پىر» لىق تەمالىرى بىلەن ئىشلىمەي چىشلەپ، ئالدامچىلىق بىلەن جان بېقىشقا ھەم ئۆز «ئىستىقبال» لىرى ئۈچۈن خەلقىمىزنى ھازىرقى ئىلمىي دۇنيا مۆجىزىلىرىدىن چەتنىتىپ، غەپلەت ۋە جاھالەت ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا زوقمەن بولۇپ تۇرغان بۇ كۈچلەر بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا خەلقىمىز ئارىسىدا «ئىمانغا ئۈندەش»، «ئىمان يېڭىلاش»، «ئاغزىغا ئىمان سېلىش»، «دۇئا بېرىش»، «تۆۋە ئىستىغبار ئېيتقۇزۇش»، «كارامەت كۆرۈپ بېرىش» (پالچىلىق - ئا)، «ئۈچ قىلىش»، «ئامراق قىلىش»، «غايىبنى بىلدۈرۈش»، «پىرە ئوينىتىش»، «كۆز دۇئالىرى» تارقىتىش، «قەست قىلىش»، «قەست ياندۇرۇش»، «شىپا دۇئا ئوقۇش»، «بەند قىلىش»، «بەخت دۇئاسى قىلىش»..... بىلەن شۇغۇللىنىشماقتا. بىزنىڭ بەزى تۈز كۆڭۈل، ساددا، ئاللاھنىڭ بەرھەق دىنىغا ھېرىسمەن ئېتىقادكار يارانلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ خىل «دىن» نامى، «دىن» «قۇدرىتى» بىلەن ئەمەلگە قويۇۋاتقان سۈيىقەستلىرىنىڭ ئاڭسىز قۇربانلىرىدىن بولۇپ بېرىشمەكتە. بۇ تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا يەنىلا بىزنىڭ مىللىي تەركىبىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي كېسىلىدۇر. مىللىي ئەيىبىمىز ۋە ئەقلىي مەغلۇبىيەتچىلىكىمىزدۇر. مەن بۇ پىكىرلىرىمنى تۆۋەندىكى ئازغىنە بىر قىسىم نۇقتىلىق مەۋجۇد مىساللا بىلەن ئاساسلايمەن.
1 - ئۇلار يەنىلا جاھالەت تەرغىباتچىلىقىدا
1983- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى يەكەننىڭ چىمدۇ دېگەن يېرىدىكى بىر چوڭ مەسچىتتە: «يەكەن چىلتەنلىرىمدىن كەلدىم. ھەزرىتى ئىسھاقى ۋەلئۇللانىڭ ھازىرقى زامان نەسەبلىرىدىن بولىمەن. جەڭگىزخان خوجامنىڭ مۇخلىسىمەن....» دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەن بىر سوپى جامائەتكە مۇنداق دېدى: «ئەي مۇسۇلمانلار، غاپىللەر! ئاخىر زامان بولاي دەپ قالدى. خۇداۋەندە كېرىم بەندەم، پەيغەمبىرىم ئۈممىتىم دېسۇن، جەننەت ساۋابى تاپاي دېسەڭلار نامازـ روزا، ئۆشرە - زاكات، سەدىقە - پېتىرنى زادىلا تەرك تاشلىماڭلار. <ئۇلۇغ پىر> لارنىڭ ئەزىز ئەۋلىيا - ئەنبىيالارنىڭ مازار - قەدەم جايلىرىنى زادىلا تاشلىماڭلار، پىرسىزلىق گۇناھىدىن ساقلىنىڭلار، پىرلاردىن دائىم دۇئا ئېلىپ، قول بېرىپ مۇرىت بولۇپ، ئىمانى كامىللىققا ئېرىشىڭلار... خوتۇن - قىزلىرىڭلارنى روپاش، سەدرە (يۈزىنى يۆگەپ جەمئىيەتكە كۆرسەتمەي دېمەكچى - ئا) تۇتۇڭلار. نارەسىدە قىز، نەبىرە ۋە جىنسىيى مەزلۇم بىچارىلەرنى نامەھرەمدىن توسۇپ، بالاغەت يېشىغا تەگكەن ھامان پەرزنى ئادا قىلىۋېتىڭلار (قىزلارنى كىچىك چېغىدىغلا ئەرگە بېرىۋېتىڭلار دېمەكچى - ئا). ئويۇن - كۈلكە، مەشرەتپ، نەغمە، بەزمە، ھارام ھاۋايى - ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى كۇپىرلىقتۇر.... بۇنىڭغا ھەۋەسلەنگۈچىلەر دوزاخقا چۇچۇلا بولغۇچىلاردۇر. بەندىدىن شىپالىق، شاپائەت، رىزقى تىلەش - كۈتۈش (دوختۇردىن داۋالىنىش، جەمئىيەتتىن، كىشىلەردىن ياردەم ئېلىش، مەدەت كۈتۈشنى دېمەكچى - ئا) ئاللاھقا شەك كەلتۈرگەنلىكتۈر، شىپالىقنى، شاپائەتنى پەقەت پىر ئۇلۇقلاردىنلا كۈتۈڭلار، شۇلارغا ئوقۇتۇڭلار، پەۋا قىلدۇرۇڭلار، تەقدىرگە تەن بېرىڭلار، ھارام دۇنيانىڭ، پاسىقلارنىڭ ئېزىتقۇلۇق قىلىقلىرىدىن، سۆزلەۋزىلىرىدىن پاك ۋە خالى تۇرۇڭلار. دۇنيانىڭ ھارام نازۇ - نېمەتلىرى ئۈچۈن بىھۇدە زورۇقماي، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە، تەقدىردە پۈتۈلگەن رىزقى لوقىملارنىڭ ھەممىسىگە شۈكرى، قانائەت قىلىڭلار.... ئازنا، پەيشەنبە كۈنلىرى كۇپارلار (مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دېمەكچى - ئا) نىڭ قولىدىن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، بەرمەڭلار، سۆز قىلماڭلار، سۆزىنى ئاڭلىماڭلار، مۇئامىلىدە بولماڭلار. سولتەكلەر (كادىرلار، مائارىپچىلار، زىيالىيلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن ياشلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەنى كالتە چاپان كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار شۇنداق ئاتايدۇ - ئا) قولىدىن بىر نەرسە ئېلىش - يېيىش ھارامدۇر.... پەرزەنت، ئەۋلاد، پۇشتى نارىسىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى دىندىن دىل ئۈزمەيدىغان، ھالالچى، مۇسۇلمان، خۇاكۇي مۆمىنلەردىن قىلىپ تەربىيەت قىلىڭلار. زامان ئېزىتقۇلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار.... دىندا ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلار، مۇسۇلمان ئادەم قىلىڭلار (زامان ئىلمىدىن يىراق، نادان تۇتۇڭلار دېمەكچى - ئا)، پىر، سەئىدلەرنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، نەزەرلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرۇشنى قەرز بىلىڭلار...» مېنىڭچە بۇ خىل «ۋەز - نەسىھەت» لەرنىڭ ھازىرقى زامان تەرققىياتىدىن بىر قەدەر چەترەك قېلىۋاتقان، بەزى قارىسىغىلا ئىشىنىۋېرىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ساددا، خۇداكۇي مۇسۇلمان يارانلىرىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەن چاغلاشقا زادىلا بولمايدۇ. بۇ خىل ۋەزخانلار ھازىرقى چاغلاردا ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تەرغىباتچىسى يوق يەرلەرنىڭ تەرغىباتچىلىرى، يۇرتداچىلىقتا چوڭى يوق يەرلەرنىڭ چوڭلىرى، نازارەتتە ئىگىسى يوق يەرلەرنىڭ ئىگىلىرى، دىنىي تۇرمۇشتا يېتەكچىسى يوق جايلارنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇۋالغان دىنىي ئالدامچىلاردۇر. شۇنداقلا ئۇلار خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىدا بولۇپمۇ جاھالەتچىلىك ئادەت شەكلىگە كىرىپ كەتكەن بەزىبىر ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ دىنىي تۇرمۇش، تىرىكچىلىك، ئېتىقاد ۋە پائالىيەت، ھەرىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي داھى»، «ئۇلۇغ پىر» لىق ئورۇنلىرىنى رەسمىي تىكلەپ ئېلىشقا روھىي ھۆكۈمرانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيە، دىنىي تۇرمۇش ساھەمىزگە كۆرسىتىۋاتقان زىيانلىق تەسىرلىرىنى بىز ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە. بۇ خىل سەلبىي تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرى بىلەن 1983- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى جايلارنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم - پەن خىزمەتلىرىدە بىر مەزگىل چېكىنىش يۈز بەردى. ئاياللار خىزمىتى، نىكاھ، قانۇن خىزمەتلىرى، بەزى قانۇنلار، جەمئىيەت خىزمەتلىرى ھەر خىل دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىغان ھەتتا ھېلىمۇ ئۇچراپ تۇرماقتا. قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپان يېزىسىدا 1980- يىلىدىن بۇيان سوپى - «پىر» لارنىڭ يۇقىرىقىدەك «ۋەز - نەسىھەت» لىرى ئەدەپ كېتىپ، شۇ يېزىنىڭ 8000 دىن جىقىراق ئاھالىسى بار توققۇز كەنتتە ئەنئەنىۋى خەلق مەشرەپلىرى يوقاپ كەتكەن. پۈتۈن يېزىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىن ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرگە قىز ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن بارالمىغان. يەنە شۇ ناھىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا 1981- 1982- يىللىرى 4000 دىن ئارتۇق بالا جاھالەتچىلەر تەرىپىدىن ئاتالمىش «دىنىي مەكتەپ» لەرگە تارتىپ كېتىلگەن. گۇما ناھىيىسىدە بىر نەچچە «پىر» نىڭ «بېشارىتى» بىلەن (يوشۇرۇن قۇترىتىشى بىلەن) بەزىبىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇرۇلغان، بەزىبىر ئايال ئوقۇتقۇچىلار سىقىلىشقا ئۇپرىغان.
خەلقىمىزنى، مىللىتىمىزنى ھازىرقى دۇنيادا يەنىلا ئاتالمىش «دىنىي» يول يەنى تەركىي دۇنيا جاھالەتچىلىكى بىلەن تۇتۇپ، «ئۇ ئالەم» دىكى «جەننەت» لەرگە باشلاپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان بۇ خىل جاھالەت تەرغىباتچىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك زەھەرلىك تەرغىباتلىرى دىنىي جەھەتتىن ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «.... بىلىم تەھسىل قىلىش ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزدۇر...»، «كىشىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى خالىس خۇدالىق ئۈچۈن بولۇشى ۋە چوڭ مۇسىبەت، ۋەقەلەرگە سەۋەب بولىدىغان دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتماسلىقى لازىم...»، «بىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ تەھسىل قىلىڭلار...»، «مۇسۇلمانلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن»، «مۇسۇلمانلار بەدنىيەتلىك قىلماسلىقى، پاك بولۇشى، ئېھتىياتچان بولۇشى، مۇئامىلىدە سىلىق بولۇشى، ناتوغرا ئىشلارنى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىشى لازىم. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەممەيلەن شۇنداق قىلغاندىلا قىلغان ئىبادىتى ئاندىن قوبۇل بولىدۇ» (يۇقىرىقى سىتاتىلار «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ 31- بېتىدىن، قۇرئاندىكى «سۈرە ئال ئىمران 169- ئايەتنىڭ بىر قىسمىدىن كۆچۈرۈلدى) دېگەن تەلىملىرىگە زىدتۇر. بۇ خىل تەرغىباتچىلار يالغان ۋە ئەڭ قەبىھ گۇناھ قىلغۇچى نەپسانىيەت خىيانەتچىلىرىدۇر. مۇسۇلمان يارەنلىرىمىز خۇددى پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «ئىنسانلار پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھ، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ ۋەسۋەسە پەيدا قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» («قۇرئان كەرىم» 114- سۈرە ناس، مەككىدە نازىر بولغان 6- ئايەت) دېگىنىدەك بۇ خىل جىن، يوشۇرۇن شەيتان ئازازۇل ئالدامچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تەرغىباتلىرىغا ئالدانماسلىقلىرى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشلىرى، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەدىبىنى بىرىشلىرى لازىمدۇر.
2 - ئۇلار يەنىلا «پال» چىلىقتا
پالچىلىق (رەمبالىق، قۇرئىلىق) - ئەسلىدە ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىد، ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئىنسانلىرىنىڭ خىيالى تەسەۋۋۇرلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل خۇراپىي چۈشەنچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئىسلام ئەقىدىچىلىرى بۇ خىل چۈشەنچىنى تارىختىن بېرى بىر خىل «غەيرىي ئەقىدە» سۈپىتىدە ناھايىتى قاتتىق رەت قىلىپ، قارىلاپ كەلگەندۇر. لېكىن بىزنىڭ دىنىي تۇرمۇشىمىزغا ئارىلىشىۋالغان سوپى - ئىشانلار بۇ خىل «ئەقىدە» نى بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە تارىختىن بېرى ئىسلام ئۇقۇمى سۈپىتىدە يەنى ئۆزلىرىنىڭ «كارامەت» كارلىق «خاسىيەت» لىرىنى «ئىسپات» لايدىغان «مەۋجۇد رېئال مۆجىزە» سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇمۇ بىزگە تارىختا سوپى - ئىشانلار تەرىپىدىن يۇقتۇرۇپ قويۇلغان روھىي زەئىپلىك، روھىي بەدبەختلىقتىن بىر تۈردۇر. بۇ خىل «ئەقىدە» دىن ۋە بىزنىڭ بۇ خىل بەدبەختلىقىمىزدىن سوپى - ياران «پىر» لار ھازىرمۇ ئاجايىپ قاراملىق ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن پايدىلانماقتا. بىز بۇ ھەقتە سانسىزلىغان ئېچىنمىشلىق مىساللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆتكەن يىل ياز قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدىكى «رەمبال بۈۋىم» ساجىدە «پىر» خېنىم (يەرلىكتە «چىشى ئەۋلىيا» نامىنى ئالغان - ئا) نىڭ چىرىيە ناھىيىسىنىڭ نۇرى يېزىسىدا سادىر قىلغان مۇنۇ «رەمبال» لىق ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.
بۇ يېزىدىكى 32 ياشلىق خۇراپات رىياكارى توختى بارات يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قانچە نۆۋەت داۋالانغان بولسىمۇ ساقىيالمىغان ھەم «بۇ كېسەلدىن ساقىيالماسلىقىمدا چوقۇق باشقىلارنىڭ قەستى بار (كىشىلەر ئوقۇپ قەست قىلغان دېمەكچى - ئا) دېگەن ئويدا بولغان. ئۆتكەن يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى رەمبال ساجىدە بۈۋىنى ئۆز ئۆيىگە چىللاپ ئۆز ئويى توغرۇلۇق پال سالدۇرغان. «پالچى» ساجىدە «بۈۋىم» بىر قاتار غايىب «كارامەت» لەرنى بېشارەت قىلغاندىن كېيىن توختى باراتقا: «سىلىگە باشقىلارنىڭ قەستى بار ئىكەن، قەست قىلغۇچى ئىككى ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغان قەستىنىڭ بىرى («قەست ئايىتى» ئوقۇلغان ماددىي نەرسىنىڭ بار پارچىسى، دېمەكچى - ئا) بوسۇغىلىرىنىڭ ئاستىدا، يەنە بىرى مازاردا ئىكەن. ئەگەر ئۇ نەرسىلەر تېپىلمىسا كېسەللىرىدىن ئۆمۈرۋايەت ساقىيىپ كېتەلمەيدىكەنلا...» دېگەن. بۇ چاغدا توختى بارات قورقۇپ تىترەپ «بۈۋىم» گە بۇ نەرسىلەرنى تېپىپ بېرىشنى قاتتىق ئىلتىجا قىلىپ (يالۋۇرۇپ) تۇرۇۋالغان. «پالچى بۈۋىم» ئۇنىڭ ئوچۇق قىلتاققا رەسمىي چۈشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مەزكۇردىن كۆپرەك ئولجا ئۈندۈرۈپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىنى كولاپ بۇ يەردىن چىققان تاش - كېسەك، توپا - چالمىلارنى كۆرسىتىپ «سىلىگە قەست قىلىپ ئايەت ئوقۇپ يۈرۈپ كۆمۈۋەتكەن نەرسىلەر مۇشۇ» دەپ ئىشەندۈرگەن. توختى بارات بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ «رەمبال بۈۋىم» گە بىر تاي، بىر ئېشەك، 50 يۈەن نەق پۇل ۋە بىر يارتا قويى گۆشى «دۇئا» قىلدۇرۇپ، ئاتالمىش ئۆزىگە قەست قىلغان كىشىلەرنى تېپىش، ئۆچ ئېلىش نىيىتىگە كەلگەن. ھەم «قەست» دىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن دەرھال بىر قۇتىغا بىر پارچە گېزىت قەغىزىدەك چوڭلۇقتىكى بىر تۇمار، ھۆپۈپ تاجىسى ۋە بىر پاي ئالتۇن زىرىنى سېلىپ يېنىدا ساقلاپ «قەست» دىن مۇداپىئەلەنگەن. نېرى ئويلاپ، بېرى ئويلاپ ئاخىرى ئۆز يېزىسىدىكى سادىر قارىم بىلەن مەسۇم مۇللام دېگەن كىشىلەردىن ئورۇنسىز «گۇمان» لىنىپ ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشكەن. كېچىلىرىمۇ «قارا بېسىپ» ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ كەتكەن. ئاخىرى «قەستىچىلەر» دىن «ئىنتىقام» ئېلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سادىر قارىم دېگەن بىگۇناھ كىشىنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرغان، ئالداپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئادەم يىغىپ، باغلاپ، ئۇرۇپ قاتتىق قورقۇتۇپ قىستاپ «ئىقرا» قىلغۇزۇشتا قىلمىغان ۋەھشىلىكى قالمىغان. مەسۇم مۇللام دېگەن كىشىنىمۇ باغلاپ، تېڭىپ چىشىنى چۈشۈرۈۋەتكەن، ئاغزىنى يىرىۋەتكەن. سادىر قارىم دېگەن كىشىنىڭمۇ ئىككى چىشىنى چۈشۈرۈۋەتكەن، ئاغزىنى، گال، تامغاقلىرىنى قاتتىق زەخمىلەندۈرگەن.... شۇنداق قىلىپ «رەمبال بۈۋىم» «پال» سېلىپ توختى باراتنىڭ جىنايەت قىلمىشى، بىگۇناھ ئىككى دېھقاننىڭ قاتتىق زىيان - زەخمەتلەرگە دۇچار بولۇش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىگە، تىرىكچىلىكىگە، خاتىرجەملىكىگە زىيانكەشلىك قىلغان بۇ خىل ئالدامچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە ساقلىنىپ، ھەرىكەتلىنىپ كەلمەكتە. بەزى گول، نادان يارانلىرىمىز ھېلىمۇ يۇقىرقىدەك «سوپى»، «پىر»، «بۈۋىم» لەرنىڭ بىخوتلاشتۇرۇشلىرى بىلەن «بارىنى ئوغرى، يوقىنى رەمبال ئالىدىغان» «تەقدىر» دىن قۇتۇلمايۋاتىدۇ. بۇ خىل «دىنىي تەقدىر» دىن ۋە بۇ خىل روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ جىددىي، مىللىي قەرزىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بولۇپ تۇرماقتا.
3 - ئۇلار يەنىلا «دۇئا» - «تىلاۋەت» ئالدامچىلىقى يولىدا
دۇئا قىلىش، ساۋابلىق ئىزدەش - مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنىي ۋە ئەخلاقى ئادەتلەر جۈملىسىگە كىرىدىغان، خالىس ۋە ئىنتايىن ھالال نىيەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر، يەنى ھەقىقىي مۇسۇلمان مەجبۇرىيىتىدۇر. ھەر بىر دۇئا كۈي - ھەقىقىي دىندار، ئەڭ ئەخلاقلىق، مۆمىن، ئىسلام ئىلمىگە سادىق، دىيانەتكارلىقى مۇسۇلمانلارغا تەسىر ەۋ توغرا ئىما - ئىشارەت كۆرسىتىپ تۇرالايدىغان، دىندارلىقى قۇسۇرسىز، مەۋقەسى سۇسلاشمايدىغان، خۇدا يولىدا چۈشكەننى يەنىلا خاس خۇدا يولىغىلا خالىس سەرپ قىلىدىغان، نامرات، شەخسىيەتسىز، ئالىيجاناب، پەس ھەۋەسلەردىن تولىمۇ خالى دىندارلاردىن بولۇش زۆرۈردۇر. قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىدا: پاسىق، جاھىل، نادان، بىلىمسىز، قىلىقى سەت، ھىيلىگەر، ئاز بىر نېمىنى دەپ كۆپكە زىيان سالىدىغان، مەنپەئەت تاماگەرلىكى ئۈستۈن سۇخەنچى، ئېتىقادى سۇس، ئالدامچىلىقنى كەسىپ قىلىۋالغان سۇيىقەستچى، تىرىكتاپ، ئۇششۇقلۇققا كۆنگەن ھەرقانداق ئەھلىي مۇسۇلماندىن دۇئا ئېلىش، ساۋابلىق كۈتۈش، ئاللاھنىڭ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن. دۇئا كوي: «.... دۇئادا ئالغان ئولجا (نەرسە) نىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتىئنەزەر ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئاللاھقا (ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت ئىشلىرىغا - ئا)، قالغىنىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، تۇغقانلارغا، يېتىم - يېسىرلارغا، نامرات، بىچارىلەرگە، مۇساپىر يولۇچىلارغا ئاتىشى كېرەك...» (قۇرئاندىكى سۈرە ئەنفال 41- ئايەتتىن) «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىراۋغا بولغان دۇئاسى (بىراۋغا بولغان ئالقىشى ياكى قاغىشى، دېمەكچى - ئا) ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ ئۈچۈن بولۇش لازىملىقىنى ئۆگىنىش كېرەك...» («مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالى» 334- بەت) دېگەن پىرىنسىپلىرىغا قەتئىي رىئايە قىلىشلىرى شەرتتۇر. لېكىن بىزدىكى بىر قىسىم «دۇئا كۈي» - سوپى - ئىشان، «پىر» لار يەنى ئاتالمىش «دۇئا» خۇنلار ھازىرقى چاغلاردا ئىسلامنىڭ «دۇئا» توغرىسىدىكى يۇقىرىقى پرىنسىپ ۋە دىنىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي جىلاپلىق قىلىشىپ، دۇئانى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەت تېپىشى، ئىشلىمەي چىشلەش، كىشىلەرنىڭ قان - تەرىنى شوراپ دۇنيا تېپىش، مۇسۇلمانلارنى ياۋاش، مۆمىن، بويسۇنغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇش، ئاخىرى خەلقىمىزنى مىللىي خورلۇق، مىللىي چۈشكۈنلۈككە ئىتتىرىشتەك قەبىھ ۋە ئىنتايىن رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن ۋە كېلىشمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى بەزىبىر ئوسال قىلمىشلىرى توغرىسىدا يېقىنقى يىللار جەريانىدا يۈز بەرگەن مىساللاردىن ناھايىتى ئازلا بىر قىسمىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇقتۇر:
1981- يىلى قاغىلىقنىڭ چوپان يېزا 2- كەنتىدە سوپى - ئىشان خۇراپاتچىلىقىغا تېۋىنىدىغان بىر دېھقان ئائىلىسىدىن 10 – سىنىپنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئائىلە چوڭلىرىنى «دۇئا» بېرىپ ئۆزىگە رام قىلىۋالغان، كېلىش مەنبەسى مەلۇمسىز بىر نائەھلىي سوپىغا «ساۋاب» لىق ئۈچۈن «دۇئا» قىلدۇرۇۋېتىلىدۇ. ئۇ قىز بۇ سوپى بىلەن ئىككى يىل «خۇداغا قۇلچىلىق» قىلىپ ياشايدۇ. بۇ سوپى تۇغۇلغان بىر بالىسى بىلەن ھەممە «ساۋاب» نى بۇ قىزغا قالدۇرۇپ بىر كېچىدىلا غايىب بولىدۇ، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى بىرەر يىلغىچە ئىزدەپ ئۇقۇشۇپ بۇ «دۇئاكوي» «پىر» نىڭ خەۋىرىنى گۇما ناھىيىسىدىكى تۈرمە كامىرلىرىنىڭ بىرىدىن ئالىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە گۇمىلىق كەسپى ئوغرى مەمەت 1970- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا 10 نەچچە يىللىق قولغا ئېلىنغا بولۇپ تۈرمىدىن قېچىپ، مۆكۈپ - چۆكۈپ ئېقىپ يۈرۈپ نۇرغۇن جىنايەتلەرنى قىلىش جەريانىدا بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ «ئولجا» غا «دۇئا» قىلغان. 1980- يىلىدىن 1982- يىلغىچە قەشقەر شەھەر ئىچىدە «دىنىي ئۆلىما» لىق قالپىقىنى كىيىۋالغان 80 نەچچە ياشلىق بىر «ئۇلۇغ زات» «دۇئا» خۇمار، «ساۋاب» قا تەقەززا بولۇپ يۈرىدىغان ئۈچ ئائىلىدىن ئۈچ كىچىك باكىر قىزغا «دۇئا» قىلىپ، مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تېگىشلىك «دۇئا» سىنى، «ساۋاب» نى بېرىپ، قىزلارنى نىكاھ زىدىسى قىلىپ قويۇپ ئاخىرى «دۇئا» نىڭ سىرى پاش بولۇش ئالدىدا، بۇ قىزلارنىڭ بىرىگە: «چۆچۈرىنى چوڭ تۈگىدىكەن» دەپ، يەنە بىرىگە: «قولى قاتتىق، ئۆزى قوپال ئىكەن» دەپ، يەنە بىرىگە: «سامسىنى يوغان ياقىدىكەن...» دەپ «گۇناھ» قويۇپ «تالاق خېتىنى» بېرىپ، ئاتا - ئانىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1979- يىلى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ قاچىلاش، چۈشۈرۈش مەيدانىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا نامەلۇم بىر «ئۇلۇغ پىر» پەيدا بولۇپ، بىر ئىشچىنىڭ ئۆيىدە بىر - ئىككى ئاي «دۇئا» ئوقۇپ «ئىمان يېڭىلاپ»، «ساۋاب» ئاتا قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ ئىشچىنىڭ ئىككى بالىلىق بولغان خوتۇنىنى «دۇئا قىلىپ» ئالداپ ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1987- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە «خەلپەت» نامى بىلەن «دىنىي زات» بولۇپ يۈرگەن جاھالەتچى مۇرتەد - تۇرغۇن ئۆمەر 1986- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاغزىغا «ئىمان» سېلىش، «دىندا ئوقۇتۇش» نامى بىلەن «دۇئا» بېرىپ چۆرىسىگە يىغىۋالغان چوڭى 11 ياش، كىچىكى 8 ياش بەش ئۇيغۇر قىزىنى گوللاپ «ساۋاب» بېرىدىغان خالى جايغا (قېيىن ئاتىسىنىڭ ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيىگە) ئاپىرىۋېلىپ ئۇلاردىن ئۈچىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن. يەنە ئىككىسىگە بەدقىلىقلىق قىلغان. خەلقىنىڭ قاتتىق غەزەپ - نەپرىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يېقىندا مۇددەتسىز تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ «دۇئاكۇي» - «ئىمان سالغۇچى» نىڭ قىلمىشىنى قانداقمۇ مۇسۇلمان قىلىقى دېيىشكە بولار؟ ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرغان گۆدەك قىزلىرىنى ئىككى قوللاپ ئەنە شۇنداق «ئاغزىغا ئىمان سالغۇچى» «مەلئۇن» «دىن» دارنىڭ قارا چاڭگىلىغا سېلىپ بەرگەن ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى تاپقان بۇ «ساۋاب» نىڭ دەردىنى ئۆمۈرۋايەت تارتماي قالارمۇ؟ بىز بۇ يەردە تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر مۇسۇلمان ئەدىب ئابدۇلمەجىد سانائىنىڭ «غاپىل ۋە جەسەت - بىر نەرسە پەقەت» دېگەن ئەدەبىي مىسراسى بىلەن ئۆز ئەپسۇسىمىزنىلا ئىچىمىزگە يۇتۇپ قالىمىز خالاس. يەنە مىساللار: جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە پەيدا بولۇپ «ئاپئاق خوجمنىڭ 5 – ئەۋلاد نەۋىسىمەن» دەپ «پىر» لىق قىلىپ يۈرگەن بىر ئىشاننىڭ مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدە «دۇئا» غا ئالغان «خوتۇن» لىرى ئون نەچچىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە «دۇئا بېرىش»، «دۇئا قىلىپ قويۇش»، «نىجات دۇئاسى»، «كۆز دۇئاسى»، «شىپالىق دۇئاسى»، «قورققاق دۇئاسى»، «ئىمان يېڭىلاش دۇئاسى»، «چۈش دۇئاسى»، «گۆدەكلەرنى مۇسۇلمان قىلىش دۇئاسى»، «ساۋاب دۇئاسى»..... دېگەندەك سانسىزلىغان «دۇئا» لارنى «ئىجاد» ۋە دەستەك قىلىشىپ يۈرىدىغان «ئۇلۇغ پىر»، «ئۇلۇغ سوپى» لار خېلىلا كۆپىيىپ كەتكەن. «دۇئا» ئالدامچىلىقى بىلەن خەلقنىڭ پۇل ۋە جېنى، مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلىدىغان، ھەتتا كىشىلەرنىڭ جېنىغا، خوتۇن - بالىلىرىغا، مال - مۈلۈك تىرىكچىلىكىگە «دۇئا» قىلىپ قويىدىغان يەنى «دىن» نى قالقان قىلىۋېلىپ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزغۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «دۇئاكۇي» قىزىلكۆزلەردىن قاتتىق ساقلىنىش، مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھازىرقى چاغلاردىكى ۋىجدانى ۋە ئىمانى قەرزىدۇر. بىز بۇ خىل «دۇئاكۇي» لارنى زامانىمىزدىكى پەم - ئىدرەكتىن خالى، ئەقىلسىز، غەيرەتسىز، ئىنساپسىز، ھاياسىزلار دەپ قارايمىز. ئۇلار خۇددى «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» تارىختا كۆرسىتىلگەندەك: «ئۇلارنىڭ كۈندۈزى ھەر يانلارغا قاتراشلىرى - ئالدامچىلىق بىلەن خەلقتىن نەرسە ئېلىش ۋە كېچىسى كېلىپ ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەر يانغا كۆز سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار كىشىلەردىن ياخشىلىق كۆرسە شۈكرى قىلمايدۇ. كۆڭۈللىرىنى رىياكار سوپىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ناخۇشلۇق قاپلىغان. ۋەج تاپسا تۈگۈنچەككە تۈگىشىدۇ، ئۇلارنىڭ تۈگۈنچەكلىرىنى ئۆلۈكىنى يۇغان كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر ئاچالمايدۇ، يېشەلمەيدۇ. ئۆلۈك بىلەن قوشۇلۇپ يەرگە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇنى تۇپراقتىن باشقا نېمە يېيەلمەيدۇ. بۇ دۇئاكۇيلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۆزىنى «قەلەندەر» دەپ ئاتايدىغانلىرى بار. ئۇلار ئادەملىكتىن يىراق، ھەتتا دىۋە، شەيتانلارمۇ ئۇلارنى تىللايدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتتىن، مۇسۇلمانچىلىقتىن يىراق بولۇپ، توڭگۇز ۋە ئېيىقلار ھاياتتا ئۇلاردىن ياخشىراقتۇر....»
يېڭى «مازار» پەرەست «ئاشىق»، «مۇرىت» لار توغرىسىدا
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تۆۋەنرەك، زاماندىن كېيىنرەك قېلىۋاتقان جايلاردىكى مۇسۇلمان ئاھالىلەر ئارىسىدا بىز يەنىلا جاھاندىن قول ئۈزۈپ، بىر جايدا ماكانلاشماي، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق، بالا - چاقىلىق بولماي، ئۇدۇللۇق تاپقىنىنى ئۇدۇللۇق يەپ تۈگىتىپ، كەلگەن يەردە يېتىپ - قوپۇپ، يۇيۇنماي، تارانماي، بۈرگە، پىت - قۇشلارغا بوغۇلۇپ، داسماقلىشىپ، نېمە تاپسا شۇنى يەپ، خۇلخۇل، قۇراق «كىيىملەر» نى كىيىشىپ، يالىڭاياغ، يالاڭۋاش، تەلەتى سەت، تەرى قورقۇنچلۇق ھەتتا كىيىم - كېچەكسىز يۈرىدىغان بەزى بىر ھەر خىل سەت قىياپەتلىك تەركىي - دۇنيا كىشىلەرنى ئارىلاپ ئۇچرىتىپ تۇرماقتىمىز. ئۇلار بەزى سوپى - «پىر» لارنىڭ نەزىرىدە «ئاخىرەت» لىكىنى تاپقان، «كۆڭلى ئاق»، «دىلى يورۇق» دەپ قارىلىدىغان، ئۆزلىرىنى بولسا «ئاشىق» لار، «مۇرىت» لار دەپ ئاتىشىدىغان بىر خىل «مۇسۇلمان» لاردۇر. ئۇلار: پالانچى «ئۇلۇغ مازار» دىن، پالانچى «ئۇلۇغ جاي» دىن كەلدۇق، پالانچى ئەۋلىيا، «پىر» «خوجام» لارنىڭ «مۇرىت»، «ياران» «ئاشق» لىرىمىز... دېگەندەك نام - ئاتاقلارنى شىپە كەلتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدا «ئاشق» لىق، «مۇرىت» لىق قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى «دىنىي مەركەز» لىرى ئاساسەن پىچاندىكى «تۇيۇق خوجام» (ئەسھابۇل كەھىف)، نىيەدىكى «ئىمامى جەپىرى سادىق مازىرى»، يەكەندىكى «چىلتەن مازىرى»، قەشقەردىكى «ئاپئاق خوجا مازىرى» قاتارلىق بىر قىسىم «سىرلىق» «مازار» لاردىن ئىبارەت بولماقتا. شۇڭا بىز بۇ خىل كىشىلەرنى زامانىمىزدىكى مەلۇم دىنىي تەرىقەت ئىدېئولوگىيىسىنى ئاساس قىلغان، «پىر»، «ئۇستاز» لىرى ئېنىق، نىشانسى تەركىي دۇنياچىلىق (دۇنيانى «دوست تۇتماس» لىق) تىن ئىبارەت بولغان، ھاياتقا قىزغىنلىقى سۇس، چۈشكۈن روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى، خاراباتى ئىنسانلار تۈركۈمىدىن تەتقىق قىلىمىز، كۆزىتىمىز. بۇ خىل «ئاشىق»، «مۇرىت» لار توغرىسىدا ھازىرچە قولىمىزدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ بىرلا پارچىسىنى يەنى نىيە ناھىيىسىدىكى «ئىمام جەپىرى سادىق مازىرى»، پىچاندىكى «تۇيۇق خوجام مازىرى» نى تولىراق شىپە كەلتۈرۈپ «ئاشىق»، «مۇرىت» يېتىشتۈرۈپ، يېتەكلەپ يۈرۈۋاتقان مەلۇم بىر «پىر» نىڭ مۇشۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ «پىر» 1982- يىلدىن 1985- يىلى يازغىچە ئالتە «ئاشىق» ھەمراھى بىلەن پىچان، سانجى، قۇتۇبى، گۇچۇڭ، مورى، جىمسار، ئۈرۈمچى، تۇرپان ناھىيىلىرى ۋە شەھەرلىرىنىڭ بىر قىسىم بولۇڭ - پۇچقاقلىرىدا «ئىمان يېڭىلاش»، «دۇئا بېرىش»، «تۆۋە ئىستىخپار قىلغۇزۇش» ۋە «ھالال - ھارام» پەتىۋاچىلىقى... بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى «ئىمانى كامىل» لىققا «يېتەكلىدى»، بەزىلەرنى «ئاشىق»، «مۇرىت» قىلدى. «ئىمامى جەپىرى سادىق»، «تۇيۇق خوجام» «مازار» لىرىنى ھەر يىل تاۋاپ قىلىپ تۇرۇشنىڭ «ئەڭ ئۇلۇغ»، «ئەڭ ساۋابلىق»، «ئەڭ خاسىيەت» لىك «ئەھمىيەت» لىرىنى كۈچەپ كۈشەندۈردى. ھەتتا كىشىلەرنى ئىبادەت ئۈچۈن مەككىگە بارماي شۇ يەرلەرگە بېرىشقا چاقىردى. ئۇ «ئىمامى جەپىرى سادىق مازىرى» توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مازار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سەجدە گاھى - ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە - نەسىبى - ئىمامى جەپىرى سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى قويۇلغان تەۋەررۈك جايدۇر( ). مەن بۇ <ئالەم> نىڭ بارلىق ھارام ھەۋەسلىرىدىن خالى ۋە پاك تۇرۇپ، بۇ مازاردىن ۋەھى - بېشارەت ئېلىپ <پىر> لىق دەرىجىسىگە ئېرىشىپ، ئىككىلا دۇنيالىقىمنى تاپتىم. <پىر> لارنىڭ ئارقىلىرىدىن قالماي، <پىر> لىق رىشتىگە سادىق بولۇپ، دېگەنلىرىنى شەرتسىز، شەكسىز، تەخىرسىز ئورۇنداپ تۇرغانلار تاڭلار مەھشەر كۈنى بەرھەق ئىمانى كامىل، <ئەھلى جەننەتلەر> قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ...». بۇ خوجا ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكى (ئاپئاق خوجا تەرىقىتى - ئا) گە خاس ھەم سادىق ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: «ئىنسان ئەگەر بۇ سۈلۈككە كىرسە ئورنى بارغانسېرى ئاشىدۇ، ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ. مەڭگۈ ئىمانى كامىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن يىراقلاشمايدۇ. ساۋابى مەڭگۈ ئەبەدىلشىدۇ....»، «... بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى بىۋاپا دۇنيادۇر، مۇسۇلمان ئاخىرەتلىكىنى كۆزلەش لازىم...» دەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «نەسەبنامە» سىنى تەسۋىرلەرپ ئاخىرى: «ھەزرىتى شاھابىدىن خوجامنىڭ نەۋرە نەسەبىدىن بولىمەن» دەيدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى شاھابىدىن خوجا - مىلادى 1850- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋەلىخان خوجىنىڭ ئاتالمىش «قازى رەئىسى» بولۇپ، ئۇ، خۇددى «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلگەندەك: بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ ناھەق كېسىلگەن باشلىرىدىن كاللا مۇنارىلەر ياساشقا قاتناشقان تارىخىي قاتىل «زات» دۇر.
بۇ خوجا كەينىگە سېلىۋالغان ئالتە «ئاشىق» ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە شۈيمۇگۇ، لوخانگۇ، يامالىق تاغ مەھەللىلىرىدىن قوشۇلغان ئۈچ يېڭى «ئاشىق» يەنى بىز يېڭىدىن تويۇشقان توققۇز ئۇيغۇر «ئاشىق» توغرىسىدا شۇنى ئېيتىش كۇپايىكى، ئۇلار بەئەينى ھېلىقى «خوجام» نىڭ ھازىرقى زامان تىرىك قوراللىرىدۇر. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇلارـ بەزىبىر دىندارلار ياكى «پىر» پەرەس تەقۋادارلار ئائىلىلىرىدىن مەلۇم سەۋەب، پېشكەللىك ياكى كۆڭۈل ئازارلىقى سەۋەبلىرى بىلەن قاڭقىپ چىقىپ كېتىپ (تۇرمۇش مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ)، ئۆزلىرىنى «خۇداغىلا» ئاتىۋەتكەن دىنىي «يېتىمچى» - بىچارىلىكتىن بۇ «پىر» گە باغلىنىپ قالغان بېقۇۋۇل دىنىي سەرگەردانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ھازىرقى دىنىي تۇرمۇش، ئىنسانلىق كەيپىياتلىرى، تىرىكچىلىكلىرى ئومۇمەن مۇنداق:
(1) ئۇلار مۇسۇلمانچىلىقنىڭ «بەش پەرز» ىنى، ئىسلامنىڭ ئەسلى ئەركانلىرى - تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقىلارنى ئورۇنداشقا قىزىقمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، ناماز، ئوقۇمايدۇ، تەرەت ئالمايدۇ، زاكات بەرمەيدۇ، خاس ئۆز «پىرى» دىن باشقا ھەر قانداق «دىنىي داھى»، «دىنى قۇدرەت» نىڭ بارلىقىنى خىياللىرىغا كەلتۈرۈشمەيدۇ. ھەر جۈمە كۈنى دېيىشكەن جايلىرىغا جەم بولۇپ ياكى بىردىن - ئىككىدىن بۆلۈنۈپ قانغۇدەك نەشە چېكىپ مەستۇمۇستەغرەق بولۇشۇپ، ئۆزلىرىچە بۇنى «خۇداغا ئاشىقلىقىنى ئىپادىلىگەنلىك» دەپ بىلىشىدۇ. چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، ئەرۋەك - سەرۋەك يۈرۈپ «خۇدانىڭ ئىشقىغا» ئۆزلىرىنى «پىدا» قىلىشقان بولۇشىدۇ. ئۇلاردىن مۇسۇلمانلىق خىسلىتى، مۇسۇلمانلىق تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىنسانچىلىق تەبىئىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. نە ئەقىل، نە ھايا، نە تەمكىنلىك يوق. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىشەنچسىزلىك، ناپاكلىق، نامەردلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كەتكەن. مىللىي روھ، نەسىل - نەسەب، ئادەمگەرچىلىك پەزىلەتلىرىنى يوقىتىپ قويغان. قىلىشىدىغان دائىملىق «دىنىي ۋەزىپىلىرى»: ھەر كىم ئۆزى تۇرغان يەردە كۈندە بىر قېتىم ئىككى قۇلىقىنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئاغزىدىن شال، بۇرنىدىن سۇيۇقلۇق چېچىپ تۇرۇپ: «ئاللاھ ھۇم! ئاللاھ ھۇم! ياپىرىم ئاللاھ ھۇم!...» دەپ ساراڭلاردەك ئۈنلۈك ۋارقىراپ، بىر يەردە بىر ئىزىدا توختىماي بىر خىلدا ئايلىنىپ... بېشى قايغاندا يىقىلىپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈز، بەدەنلىرىنى تاتىلاپ - تىرمىلاپ ھوشىدىن كېتىپ، ھوشىغا كېلىپ «ئىبادەت» قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىشى ئۆزى ئۆگەتكەن «ئاشىق» لىرىنىڭ بۇ خىل «ئىبادەت» چىلىك رىيارەتلىرىنى شەرھىلەپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «... مېنىڭ <ئاشىق> لىرىم بۇ دۇنيادىكى ھەممە جاپا - جەبرىلەرگە بەرداشلىق بېرىپ شۈكرى قىلىشقا، <ئاخىرەت> لىكىنى ئىزدەشتە، <ئىبادەت كامىللىقى> غا يېتىشكەنلەردۇر...».
(2) بۇ «ئاشىق» لار ئاساسەن «تىلەپ»، «دۇئا» بېرىپ، «تەسىر» كۆرسىتىپ، چۈمكەش بېقىپ «ھەق» ئېلىپ تېپىپ يەپ - ئىچىپ، كىيىپ، خەجلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشمەكتە. «مازار»، «زەراتلىق»، «سىرلىق جاي»، «سىرلىق» نەرسىلەرنىڭ، «سىرلىق ئاغرىق - سىلاق»، «خەۋپلىك تەگكەن جىن»، «شەيتان»، «دىۋە - پىرى» ۋە باشقا غايىب «كۈچ» لەردىن خالاس قىلىپ، قوغداپ (ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئالداپ) «خۇدايىم بەرگەن رىزقى» بىلەن (ئەمەلىيەتتە ھارام نىيەت ۋە ھارام تۇرمۇشتا بولۇپ) جاھاندارچىلىق قىلىشماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل «ئاشىق»، «مۇرىت» لار ھەم ئۇنداقلارنىڭ «پىر»، «ئۇستاز» يېتەكچىلىرى ھازىرقى چاغلاردا يەنىلا بىر قىسىم جايلاردا مەلۇم سالماقنى ۋە مەلۇم تەسىر دائىرىنى تەشكىل قىلىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلار تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئىسلام دىنى نامى بىلەن ياكى شۇ دىننىڭ بەزى توغرا ئەقىدىلىرىگە قىستۇرۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئىسلامغا زىد، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە خىلاپ، ھاياتقا مۇخالىپ - زىيانلىق جىنايى ۋەقەلەردۇر. بۇ خىل قىلىمىشلارنىڭ ئىجادچى «پىر» لىرى «قۇرئان كەرىم» نىڭ: «ئۆزىنىڭ روھىنى پاك يېتىشتۈرگەنلەر تەھقىق مۇرادىغا يېتۇر؛ ئۆزلىرىنى روھىنى بۇزغانلار تەھقىق مۇرادىغا يېتەلمەس...» (91- سۈرە 9-10 ئايەتلەر) دېگەن ھەدىسىدىكى «روھىنى بۇزغان» لاردۇر. «قۇرئان كەرىم» دە بۇنداقلاردىن قەتئىي ساقلىنىش توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن (ئازدۇرۇشى، قېنىدىن چىقىرىشى، ئىسكەنجىگە ئېلىشىدىن دېمەكچى - ئا)، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھرىگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغلىرىدىكى شەررىدىن، سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېگىن» (113- سۈرە فەلەق)
سەھىپىمىزگە تەۋسىيىلىك خاتىمە
ئىسلام دىنى - جاھالەت ئەمەس. ئاللاھنىڭ كالامىغا، ئاللاھنىڭ كالامىغا مەنسۇپ ھەدىس، تەلىم - ئەھكاملارغا ئاساسلانغۇچى دىنىي ئۆلىما، پېشىۋالارنىڭ ھېچبىرى زادىلا جاھالەتچى ئەمەس. بىز ئەزەلدىنلا ھەقىقىي ئىسلام دىنىنى، ئىسلام دىن ئۆلىما - ھامىلىرىنى، ۋەتەنپەرۋەر، خەلق سۆيەر دىنىي ئەربابلارنى، دىنغا سادىق پىداكار دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى سەمىمىي سېغىنىپ، ھۆرمەتلەپ، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تىرىكچىلىكىمىزنىڭ روھىي مەنبەسى، قەلبداش ھەميارانلىرى ھېسابلاپ كەلگەنمىز. بۇنداق قىلىش بىزنىڭ تارىختىن بېرى داۋام ئەتكۈزۈپ كەلگەن مۇقەددەس ئەنئەنىۋى دىنىي ئەخلاقىمىز ۋە دىنىي مەۋقەئىمىزدۇر. لېكىن بىز مىللىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ سۈپىتى، مەدەنىيىتى، تەرەققىياتى يەنىلا ھازىرقى دۇنياۋى سەۋىيىدىن ئارقىدا تۇرۇۋاتقان، دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز، تەرەققىي قىلغان ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ۋە خەلقلىرى بىلەن قاتارلىشىشىمىز تېخى گۇنۇس تۆۋەن ئەھۋالدا قېلىۋاتقان ھازىرقى ھالىتىمىزدە، ئىسلام دىنى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىىنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى دۇنياغا يۈزلىنىپ - ئۆرلەپ كېتىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا بىز تارىختا پەيدا بولۇپ تارىختا يوقالغان، ئارخىپ بولۇپ كەتكەن، تارىختا يامان - سەلبىي رول ئوينىغان ياكى ئىستېمالدىن پۈتۈنلەي قالغان زىيانلىق ئەنئەنىۋى كونا «ئېتىقاد» (دىنىي ئىدىيە)، كونا ئادەت (ئىجتىمائىي ئىدىيە)، كونا تۇرمۇش، كونا «ئەخلاق»... چۈشەنچىلىرىمىزنى يەنىلا تاشلىۋەتمەي، ئايدىڭلاشتۇرماي، ئۆزگەرتمەي، يېڭىلىماي، ئەتراپقا قارىماي «مۇقەددەس مىراس»، «مۇقەددەس ئېتىقاد» ۋە «مۇقەددەس ئادەت» «ئەجداد تەۋەررۈكى» قاتارىدا قارا قويۇق ئۆز پېتىچە ساقلاپ، جىمجىتلا ئەتىۋارلاپ تېۋىنىۋېرىپ، كېتىۋېرەلمەيمىز. نېمىنىڭ دىن، نېمىنىڭ «دىن» ئەمەسلىكىنى، كىملەرنىڭ دىنچى ۋە كىملەرنىڭ يالغان «دىن» چى ئىكەنلىكىنى، دىن بىلەن خۇراپاتلىقنىڭ پەرقىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئايرىماي، بىلمەي «شۇنداق» دەپلا يۈرگۈچى روھىي ئۆلۈك «تەلەي» پەرەسلەردىن بولۇپ كېتىۋېرەلمەيمىز. بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنى يەنىلا دىنىي خۇراپات بىلەن، «دىنىي» ئەربابلار («خوجا»، «ئىشان»، «پىر»، «سوپى»، «كارامەتچى»، «ئۇلۇغ» لار...) قولى ۋە يولى بىلەن تۇتۇشقا ئۇرۇنغۇچى ھەر قانداق كۈچنىڭ «ئىلتىپات» تەدبىرلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كېتىۋېرەلمەيمىز. بىز مۇسۇلمانچىلىق مەۋقەئىمىز بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «... توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام... ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان ئەقىدىگە ھۆرمەت قىلايلى...» («سۈرە ئال ئىمران» 64- ئايەتتىن)، «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىراۋغا بولغان مۇھەببىتى ياكى نەپرىتى ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ ئۈچۈنلا بولۇشى لازىم...» («مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» 334- بەتتىن) دېگەن ئايەت، تەلىملىرىكە ئەمەل قىلىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا بىر - بىرىنى «خۇدا» قىلىۋېلىپ («ئۇلۇغ زات»، «دىن ھاممىسى» بولۇشۇۋېلىپ)، ھەرىكەت قىلىشىۋاتقان بىر خىل كۈچلەرنى ― ئىسلام دىنىنى بۇزغۇچى جاھالەت كۈچلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر «ئىككى» لا ئالەملىك قەبىھ دۈشمەنلىرى قاتارىدا قارىلايمىز.
ئۇلار ھازىرغىچىلىك يەنىلا بىزنىڭ سەھىيە، نىكاھ، ئەخلاق، قانۇن - تۈزۈم، جەمئىيەت ئامانلىقى، ئاياللار، بالىلار خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى، دىنىي، سىياسىي خىزمەتلەر، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت، ئېتىقاد ۋە باشقا ئومۇمىي ئىشلار ۋە ھەرىكەتلىرىمىزگە زىيانلىق قىلمىش، سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن زىيانلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا. ۋەھالەنكى بىزنىڭ ھازىرقى بەزى كۈچلىرىمىز (ئايرىم كادىرلار، پارتىيە، ئىتتىپاق، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن، سىياسىي، قانۇن، دىنىي ئىشلار ۋە باشقا ساھەلەردىكى بەزى ئىسلام ئەقىدىسىدىكى كىشىلەر) ھېلىمۇ بەزى جايلاردا بۇ خىل جاھالەتلىك قىلمىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە ئەۋج ئېلىپ كېتىشى بىلەن دېگەندەك كارى بولمايۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى دىن بىلەن جاھالەتنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىيالماي، جاھالەتنى قانۇنلۇق «دىنىي ئىش»، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا، چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ دەپ قارىشىۋاتىدۇ. ئەڭ يامىنى بەزىلەر ئۇلارنى «ئەمگىكىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتىدۇ»، «ئۆز ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ پۇل، مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇۋاتىدۇ، بۇ - يامان ئىش ئەمەس، ياخشى ئىش...» دېيىشىپ، بۇنداق «دىن» چى «پىر» لارغا يار - يۆلەك بولۇشۇۋاتىدۇ. «دۇئا ئوقۇش»، «پال سېلىش»، «ئاشىق»، «مۇرىت» بولۇش، پىرە ئوينىتىش، «پىر» لىق قىلىش، «پىر» تۇتۇش، دىن نامى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئالداش، ئالدىنىش... لارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدا يوق، رەزىل غەيرىي «ئېتىقاد» ئىكەنلىكىنى يۈرەكلىك ئېيتىشالمايۋاتىدۇ. قۇرئان ۋە قۇرئان تەپسىرىگە، مۇشۇ دائىرىدىكى دىنىي دەستۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە، ئىسلامنىڭ پەرز، سۈننەت، ئەھكام، ئەقىدە - پىرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسىگە، ئۆز چۈشەنچىمىزدىكى مەزھەپ ئۇقۇمىمىز بويىچە سادىق بولغان ھالدا بارلىق مۇسۇلمان يارەنلىرىمىزنى، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىد، «پرىنسىپ» لىرى خۇنۈك، مۈجمەل، يېتەكچىلىرى مۇقىمسىز، قارا كۆڭۈل، «دىنى» ئىستىلى سۈيىقەستتىىكتىنلا ئىبارەت بولغان بۇ ئېقىمغا (بارلىق ئوسال، تىرىكتاپ، ساختىپەز ئادەملەر بېكىنىۋالىدىغان بۇ ئىپلاس قورغانغا) ۋە ئۇنى «دىن» شەكلى بىلەن بىرگە تېڭىپ كېلىۋاتقان بىر سىقىم جاھالەت ھامىلىرىنىڭ ھەممىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا، يول قويماسلىققا، چەكلەشكە، پاش قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز دىنىي زاتلىرىمىزنى، ھېلىمۇ يەنىلا غايىبانە ئىخلاسمەنچىلىككە، بىھۇدە ئېتىقادقا ئەسىر بولۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە مەلۇم ئېتىقاد ۋە ھۆرمەت ئوبيېكتىغا سازاۋەر بولۇپ تۇرۇۋاتقان «ئىمان» تونىغا يۆگىنىۋالغان يالغان «دىن» چى مەككارلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەقىقىي ئىسلام ئىستىلى بىلەن تاقابىل تۇرۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جاھالەتكە تەڭ تاقابىل تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر.
مۆھتەرەم يارەنلىرىمىزنىڭ دىققەت - ئېتىبارلىرىغا تارىختا ئۆتكەن مۇسۇلمان كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ جاھالەتچىلىكىنى سۆكۈپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن تۆۋەندىكى مىسرالىرىنى ھاۋالە قىلىمىز:
جاھالەت ئەھلى بىلەن قىلما سۆھبەت،
يېتەر ھەر دەم بۇ ئىشتىن جانغا زەخمەت.
..........................................
جاھالەت ئەھلى تاپماس ئارزۇ - ئىززەت،
بۇ خام مېۋە - يە پۇراق يوق، يە لەززەت.
..........................................
قېرىنداش بولسىمۇ جاھىل، كېچىپ كەت،
راھىتىدىن كۆپ ساڭا زىيانى - زەخمەت.
ناسىر خىسراۋ
ناداندىن زارلايدۇ ھەتتا تاغۇ - تاش،
نادانغا تەنتەنە بولمايدۇ يولداش.
نادانلىقتىن يامانلىق كېلىدۇ پەقەت،
نادانغا يولىما باسمىسۇن غەپلەت.
پاتقاقتىن خارراقتۇر جاھاندا نادان،
بىرەر ياخشىلىقتىن خالىدۇر ھامان.
پەقەت يامانلىقتۇر ناداندىن ئەسەر،
بىلىمسىز بار ياققا تاشلىما نەزەر.
ئوبۇلقاسىم پىردەۋسى
قۇل ۋە ئازادىغا مەلۇم ۋە ئايان،
دانا تىرىكتۇر ئۆلۈكتۇر نادان.
دانا سۆھبىتىدىن باش تارتسا نادان،
دەۋراندىن ياخشىلىق كۆرمەس ھېچقانداق.
ئابدۇراھمان جامى
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1987 – يىلى 3 – 4 – 5 – 6 - سانلىرى