قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە پائالىيىتى تەشكىللىدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مەلىكە مەتتوختى خەۋىرى، فوتوسى: قاراقاش ناھيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى بىلەن ناھىيەلىك كۇتۇپخانا ‹‹1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى›› ۋە ‹‹4-ماي ياشلار بايرىمى›› مۇناسىۋىتى بىلەن 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ئالدىدىكى مەيداندا كەڭ كۆلەمدە بىر قېتىملىق فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە كىتاب كۆرگەزمىسى تەشكىللىدى.
بۇ كۆرگەزمىگە 60 پارچىدىن ئارتۇق فوتو-سۈرەت ۋە 5000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قويۇلدى. كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ سانى 3000 ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى.
