تەڭرىتاغ
(‹‹ت›› ھەرىپىلىك سۆز ئويۇنى)
سۆز ئويۇنى
ياسىنجان توخنىياز توغراق
تەڭرىتاغ تارىختىن تارتىپ تىللاردا تەرىپلىنىۋاتقان تاغدۇر. تەڭرىتاغنىڭ تەقدىرى تەقدىرىمىزگە تەقدىرداش. تەڭرىتاغنىڭ تۆھپىسى تىللاردا تەنتەنە. تەڭرىتاغ تالاي تالاپەتلەردە تەۋرەنمىگەن. تەڭرىتاغ تاشقورغان تاغلىرىدىن تارتىپ تۇمشۇق، تاغلاق، تېرەڭ، تۆشۈك تاغلاردىنمۇ تەدرىجىي تەرتىپلىك تارقالغان.
تەڭرىتاغدىكى تەبىئىيلىك تەڭداشسىزدۇر. تەڭرىتاغنىڭ تومۇر تالالىرىدىكى تەبىئىيلىك تەرەقىياتىمىزنىڭ تەمىناتىدۇر، تۆھپىسىدۇر. تەڭرىتاغنىڭ تىك ‹‹تۆمۈر تۆپىسى›› تاغ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەلپۈنىدىغان تەختىدۇر. تەڭرىتاغ تەۋەيىمىزدىكى تاغلارنىڭ تەڭداشسىز تاجىسىدۇر. تەڭرىتاغ تېررىتورىيەسىدە تاللانتلىق تۆھپىكارلار تەربىيەلەنگەن. تاللانتلىق تېخنىكلار، تىلشۇناسلار، تىلماچلار، تەھرىرلەر تەقدىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تاۋلانغان تۆھپىلىرىنى تەمىنلىگەن.
تەڭرىتاغقا توپلانغان تاللار تەبىئەتنىڭ تەڭرىتاغنى تارتۇقلىغان تارتۇقىدۇر. تەڭرىتاغ تەۋەسىدىكى توپ-توپ تايچاقلار، تۆگە-تايلاقلار تېنىمىزنىڭ تەملىك تەمىناتىدۇر.
تەقدىرىمىز تەڭرىتاغقا تومۇرداش، تەڭرىتاغ تەبىئەتنىڭ تەبىئىي توسىقى.
ئاپتور: ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
مەسئۇل مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي