ئاتا-ئانىلىق ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئىللەتلەر
مىللەتنىڭ ھەر بىر بوغۇنىدىكى رېئال ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئىللەتلەر ئاساسلىقى ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئەر-خوتۇن(ئاتا-ئانا) گەۋدىسدىكى ئىللەتلەردە كۆرۈلىدۇ.
ئىمىرسۇن:<<تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي بەلگىسى بايلىق ئەمەس، بەلكى شۇ ئۆلكە باغرىدا تەلىم ئالغان ئىنساننىڭ مەنىۋى قىياپىتىدۇر>> دېسە، چىرنشوۋېسكى:<<مىللەتنىڭ مۇھىم بايلىقى خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدۇر>> دېگەنىدى. نادانلىق مەيلى ئائىلە ياكى جەمئىيەت ئۈچۈن بولسۇن، ئەڭ ئېغىر ئىللەت ۋە پاجىئەلىك كۈلپەتتۇر.
بالىلار تەربىيىسىدە كۆرۈلىۋاتقان ئاتا-ئانىلىق ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان بۇ ئىللەتلەر:
1-تەلەپ كۆپ،غەمخورلۇق ئاز بولۇش ئىللىتىدۇر.
2-ماددىي قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىش كۆپ،روھىي ھالەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ئاز، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئائىلىگە غەمخورلۇق قىلىش كۆپ، ئايالىغا كۆيۈنۈش، ئايالىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، سىردىشىش ئاز بولۇش. بۇ <<ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى بىرلەشمەسلىك ئىللىتى>> دۇر، يەنى<<مەنىۋى شىپاخانا بولالماسلىق ئىللىتى>>دۇر.
3-ئائىلە سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش كۆپ، ئائىلە ئىچى مۇلازىمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئاز بولۇش. بۇ << ئائىلە چېرىغىنىڭ مايسىراپ قېلىش ئىللىتى>> دۇر.
4-ئەر-ئايال ھەر قايسىسى ئۆز ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۆپ، ئائىلىدە باشقا ئەزالار، پەرزەنتلەر تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى، روھىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئاز بولۇش ئىللىتىدۇر.
5-يۇقىرى ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلىنى زىننەتلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش كۆپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۈزۈلمىسىنى بېيىتىشقا كۆڭۈل بۆلۈش ئاز بولۇش. بۇ << ئائىلىنى قۇرۇق باراڭ قىلىش ئىللىتى>> دۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىگە چات كىرىۋېلىش، ھەممىدە ئۆزىنى چەتكە تارتىۋېلىش، پۈتۈن كۆڭۈلسىزلىكنى بىر تەرەپكە ئارتىپ قويۇش، ئاساسسىز كۈنداشلىق قىلىش، ئايالىدىن زېرىكىش، تولا خوتۇن يەنگۈلەشلەپ پەرزەنتىنى يېتىم قالدۇرۇش....قاتارلىقلار.
مۇھەببەت جاننى ۋە قەلبنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرىدىغان ئۇلۇغ جەيراندۇر. ئەر-ئايالنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەسەبىيلىكىدە، ئەسەبىيلىك قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ قەلبىدىكى ئېھتىراملىق ئورنىغا ئوت قويۇپ، ئۆز جېنىنى ئۆز غەزىپىدە ئۆلتۈرىدۇ. ھاقارەتلەنگۈچى ئۆز ھاياتىنىڭ پاجىئەلىرىدىن ھەسرەت چېكىدۇ.
تاتار ئالىمى رىزائىدىن ئىبنى پەخرىدىن: << ئەرنىڭ پېقىر-گادايلىقى ئۇنىڭ نۇقسانى ئەمەس، ئەرنىڭ بايلىقىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پەزىلەت ئەمەس. ھۇرۇنلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە سەلبىي خۇلق ئەرنىڭ پاجىئەلىك ئىللەت نۇقسانى ھېسابلىنىدۇ. بىلىش كېرەككى، دۈشمەننىڭ سۆزلىرىگە ئەر چىدىسىمۇ، بۇ خىل سۆزنى ئۆز خوتۇنىدىن ئاڭلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خوتۇننىڭ ئۆز ئېرىنى مەسخىرە قىلىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتۇر. تەربىيىلىك خوتۇن باشقا خوتۇنلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ مەنسەپ، بايلىغى، كىيىم-كېچەك، زىبۇ زىننەتلىرىگە يەڭگىلتەك خوتۇنلاردەك ھەۋەس قىلىپ ئۆز ئېرىنى ئازاپلىمايدۇ>> دىگەنىدى. قىسقىسى ھەقىقىي چىن ئادىمىيلىككە ئىگە ئەر-خوتۇن ئۆز ھەمراھىنىڭ كەسپىي قىزىقىشى، ئىجادىيىتىگە يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئەقىللىق، كۆيۈمچان، مەدەنىيەتلىك ئەر-خوتۇنلاردۇر.
پايدىلانما:پەرزەنت ۋە پەزىلەت ناملىق كىتاپ (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى)