كۆرۈش: 4981|ئىنكاس: 7

زامانىمىز كىشىلىرىدىكى بىر قانچە خىل خاتا پىسخىكا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 14:04:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىمىز كىشىلىرىدىكى بىر قانچە  خىل خاتا پىسخىكا

ئەلقۇت يازمىسى

پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىياتى، ئىنتېرنىت تورى ۋە كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرنىڭ قاپلىنىشىنىڭ كېڭىيىپ، دۇنيا ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ تېزلىشىشى، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل، ئېرىق، مىللەت ، قەۋىملەر ئوتتۇرىسىدا روشەن سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىش پۈرسىتىنى ھاسىل قىلدى. يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى، سىياسى ۋە تەبىئى كىرزىسلار تۈپەيلىدىن، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل قەۋىملىرى ئارىسىدا ئۆزىنى قايتا ئاپارەتسىيە قىلىش، ئانالىز قىلىش، ئۆتمىشى، ھازىر ۋە كەلگۈسى ئۈستىگە ئويلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەر قايسى دۇنيا ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىك،تەدرىجى ئاشكارلاندى. سېلىشتۇرما بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ شامماللىرىغا ئوخشاش، جامىئە تۈسىنى ئالغان، پارتىلاش خارەكتىرىدىكى  ئىستىلا ھەركەتلىرى پەيدا بولدى. ئۆز قەۋمىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۇستىدە ئىزدىنىش، باش قاتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ قەۋمىمىز كىشلىرى ئارىسىدىمۇ ماس ھالدا ئۆز – ئۆزىنى ئاپارەتسىيە قىلىش، ئانالىز قىلىش، كەلگۈسى ئۇستىدە ئويلىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىشى مۇقەررەر. ئۇزۇن يىللىق فىئودال ئىدىيە ۋە كۈچلەرنىڭ  تۈزۇلمىسىدە، باشقۇرۇلۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، بىكىنمىچىلىك، مۇستەبىتلىك،نادانلىقنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتقان، سىياسى بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە تۇنجۇققان قەۋمىمىز، ئالا  بۈگۈنگە كەلگەندە، كەڭ دۇنيا ئۇچۇرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش، ئۇچرىشىش، خەۋەردار بولۇش پۈرسىتىگە ئېرىشتى. دۇنيانىڭ كەڭلىگىنى، تەرەققىياتنىڭ زورلىغىنى، تەرەققى تاپقات ئەللەرنىڭ پەن –تېخنىكا ئاسمىنىدا مەنىۋى ۋە ماددى يۈكسەكلىكنى ئىزدەپ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىغىنى تونۇپ يەتتى.
روشەنكى تەرەققىياتىكى بۇنداق يېڭىلىق، بۇنداق روشەن سېلىشتۇرما قەۋمىمىزدىكى زور كۆپچىلىك كىشىلەرنى، ئۆز تەقدىرى ئۇستىدە قايتا ئويلىنىشقا، ئۆزلىگىنى ئىزدەش ۋە يارىتىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلاپ كىرىدى. نەتىجىدە كەڭ ئامما ئىچىدە ھەر خىل چۈشەنچە، كەيپىيات ۋە ھىسىيات شەكىللەندى. بۈگۈن مەن ھازىرقى كىشىلىرىمىزدە ئومومى يۈزلۈك شەكىللەنگەن بىر قانچە  خىل خاتا پىسخىكا ئۇستىدە توختالماقتىمەن.
1.        چۈشكۈنلۈك، ئەيىش ئىشرەتكە بېرىلىش، بىپەرۋا بولىۋىلىش، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش پىسخىسى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماددى ، مەنىۋى، ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشلەر ئارقا كۆرىنىشى ئاستىدا ئۆز قەۋمى باشقا قەۋىملەرنى سېلىشتۇرما قىلىپ كۆرگەن بىرقىسىم قېرىنداشلىرمىزدا ئۆز تەقدىرىدىن ئۈمدسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، بۇرۇقتۇرمىلىق ھىس قىلىش، ئەنسىرەش، قورقۇش پىسخىسىكىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىرادىسى بوش، مەيدانى تۇراقسىز، ھاياتلىق نىشانى خىرە قېرىنداشلىرمىز، چۈشكۈنلۈكتىن ئەيىش ئىشرەتكە بېرىلىش، ئۆزىنى قەستەن بىپەرۋا قىلىۋىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش پىسخىكىسى شەكىللەندى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كەيىپ ساپا، ئەيىش ئىشرەت كوچىسىغا تاشلاپ، ئۆز ھاياتىنى مەنىسىز، قەدىرسىز، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. قارىماققا ئۇلار  مەنىۋىيىتى باي، يېڭىلىققا ئىنتىلىۋاتقان، ئەدەبىيات سەنئەتكە ھېرىسمەن كۆرىنىدۇ ۋە شۇنداق كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار مەنىۋىيەت گادايلىرىدۇر. ئۇلار مەنىۋىيەت گادايلىقى، مەنىۋەت قۇرۇقلىقىدىن، ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەنىۋى قۇرۇقلىغى ۋە گادايلىغىنى يوشۇرۇش ، قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەيىش ئىشرەت كوچىسىدىن مەنىۋى تەسەللى ئىزدەيدۇ.
لىكىن بۇ خىل تاللاش ئۇ كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالماي قالماي، ئەكسىگە چوڭقۇر ھاڭدەك قاراڭغۇلۇققا باشلاپ ماڭىدۇ. بارغانسىرى چۈشكۈنلۈكە ئېلىپ بارىدۇ، ھاياتىنى قەدىرىسىز قېلىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە بۈگۈن مەن نىمە قىلدىم؟ مەن ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن نىمە قالدۇردۇم؟ بالىلىرىمدىن ‹‹ داداڭ كىم ؟ ئۇ نىمە ئىشلارنى قىلغان ؟ ›› دىگەن سوئاللار سورالسا نىمە دەپ جاۋاپ بېرەر ؟ دىگەن سوئالنى قويۇشتىن بەكمۇ قورقىدۇ. قورۇققانسىرى بۇ سوئال ئۇلارغا بارغانسىرى يېقىنلايدۇ. نەتىجىدە ئارقىسىغا قارىسا بىر تالاي ئەپسۇس، پۇشايمان، مەنىسىزلىك، قەدىرسىزلىك چۈشكۈنلۈك كۆرىنىدۇ. بۇ ئالامدىن ھەسرەت بىلەن كۆزى ئوچۇق ھالدا خوشلىشىدۇ.
2. قاخشاش، قارغاش، ۋايساش ،داۋراڭ سېلىش، قۇرۇق شوئار توۋلاش پىسخىكىسى .
يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بولسا، ئۇلار ھازىرقى ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ۋاقىت ئىكەنلىگىنى، مىللەت قەۋىم تەقدىرى ئۇستىدە قايتا ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، ھەركەت قىلىش ۋاقتى ئىكەنلىگى دەسلەپكى قەدەمدە ھىس قىلدى. ئۇلار قەۋمىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن باشقا ئەللەرنىڭ ھازىرىنى سېلىشتۇردى، قەۋمىمىز ئۇستىگە باش قاتۇرۇپ قەۋمىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئاجىزلىق، نۇقسانلار ئۇستە ئىزدىنىشكە باشلىدى ۋە رەتلەپ چىقتى. ئەمما دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئۇسۇلنىڭ دۇرۇس بولماسلىغى ئۇلارنى پىسخىكىسىنى خاتا يولغا باشلاپ قويدى . ئۇلار ۋايساشقا، قاخشاشقا، ئۆز قەۋمىنى كېرەكسىز، يولدىن ئازغان، ئازغۇن، ھەممىنى يوقاتقان، ھەتتا قۇنقۇزىۋالغۇسىز ھالەتتە دەپ قاراپ قالدى ۋە قەۋمىنى توختىماي تىللاشغا ۋە قارغاشقا، ئەيىپلەشكە باشلىدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلىرمىز، ئۆزىنىڭ مۇشۇ قارشلىرنى داۋراڭ قىلىپ شوئار توۋلاشقا باشلىدى، ئازگالغا چۈشۈۋىلىپ، قولىغا سۇپۈرگىنى ئېلىپ ھە دەپ سەكرەشكە باشلىدى، توۋلىدىيۇ، ھەممە ئادەمنى ئازگال سىرتىغا چىقىشقا ئۇندىيۇ، ئۆزىنىڭ ئازگالدا ئىكەنلىگىنى ھىس قىلمىدى ۋە ئۇ يەردىن چىقىشاق ئۇرۇنمىدى. خۇددى ‹‹موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ، قىلغىنى قىلما›› ، ‹‹ موللام ھەممىنى بىلىدۇ ، ئۆزى چىقىپ كۆلگە سىيىدۇ ›› دىگەندەك. بۇ بەك خەتەرلىك.
ئۇلار  ئارتۇقچىلىنى كۆرمىدى، ئۇلار ئىجدىمائى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھامان تەكشىسىز بولىدىغانلىغىنى ئۇنۇتتى. ‹‹ بەش بارماق تەكشى ئەمەس ›› دىگەن كونىلار.  بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ئالدىدا ماڭغانلارمۇ ، ئوتتۇرىدا ماڭغانلارمۇ، ۋە ئارقىدا قالغانلارمۇ بولىدۇ. سىز ئالدىدا ماڭغانلارغا كۆز تىكسىڭىز كۆزىڭىزگە ئالدىدا ماڭغان جەڭگىۋارلار كۆرىنىدۇ، ئارقىدا ماڭغانلارغا كۆز تىكسىڭىز كۆزىڭىزگە ساپلا ئارقىدا ماڭغانلار كۆرىنىدۇ. خۇددى دوختۇخانىغا كىرسىڭىز ھەممە ئادەم كېسەلدەك بىلىنگەنگە ئوخشاش. شۇڭا سىز نىشانىڭىزنى بىرلا نۇقتىغا تىكىۋالماي ھەمما نۇقتىغا تەكشى تىكىشىڭىز كېرەك. ئالدىدا ماڭغانلارىنىمۇ ، ئوتتۇرىدىكىلەرنىمۇ، ئارقىدا ماڭغانلارنىمۇ كۆرىشىڭىز كېرەك.  
كونىلار ئېيىتقان ‹‹ساراڭ دىمەڭ ، بىر چىشلەپ گۆشى ساراڭ بولىدۇ›› ، بۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە سۆزدۇر مەن يېقىدا بۇ نىڭ دەلىلى سۈپىدە ‹‹ سۇنىڭ سۆزى ›› ناملىق بىر پەن تېخنىكا فىلىمىنى كۆردۈم . كۆپچىلىكنىڭمۇ چوقۇم كۆرۈپ چىقىشىنى ، بولسا ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن  ( ئادرىسى : http://bbs.elqut.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=52396) . بۇ فىلىمدە سۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ھىسىياتىنى ھىس قىلالايدىغانلىغىنى ، سۇغا ياخشى مۇئامىلىدە بولساق، ئۇنىڭ كىرىستاللىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالەتتە بولىدىغانلىغىنى ، ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلىدە بولساق ئۇنىڭ كىرىستاللىشىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كۆرۈمسىز ھالەتتە كېلىدىغانلىغىنى، ھازىرقى زامان شاۋقۇنلۇق تولغىما مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كىرىستاللىشىنى پۈتۈنلەي قالايمىقان قىلىۋىتىدىغانلىقىنى، كىلاسسلىق مۇزىكىلارنىڭ ئۇنىڭ كىرىستاللىشىنى گۈزەل ھالەتكە ئەكىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. سۇ جانلىق ئەمەس، ئۇ بىر ماددا ، ئەمما ئۇمۇ كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسىنى ھىس قىلالىدى، 70% سۇدىن تەشكىل قىلغان، ھىسىيات، تۇيغۇ ۋە ئىنكاسقا ئىگە ئادەم، بۇ مۇئامىلىلەرنى ھىس قىلماسمۇ؟ ئىنكاس قايتۇرماسمۇ ؟   ‹‹ساراڭ دىمەڭ ، بىر چىشلەپ گۆشى ساراڭ بولىدۇ›› ئەكىسىچە ‹‹ ياخشى دەڭ ، بىر چىشلەم گۆشى ياخشى بولىدۇ››. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلمىسڭىز، باشقىلار قانداق كۆرىدۇ؟ سىز ئۆزىڭىنى مەڭسىتمىسىڭىز، باشقىلار سىزنى قانداق مەڭسىىتدۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنى ئېېتراپ قىلمىسڭىز، باشقىلار سىزنى قانداق ئېتراپ قىلىدۇ؟
ئاللاھمۇ مۇقەددەس كىتاپتا ‹‹ پەقەت ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار !›› دەپ بىزلەرنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىغى بارلىغىغا دەۋەت قىلغان .
سىز شۇنداق قىلىڭكى ھىكمەت خاتىرىڭىزگە بىر ناچار تەرەپنى خاتىرلەشتىن بۇرۇن ، بىر ياخشى تەرەپنى خاتىرلەڭ ، ئۇنى بار كۈچىڭىز بىلەن ھەممە كىشىگە ھىس قىلدۇرۇڭ، ھەممە كىشى بۇ ياخشى تەرىپىمىزدىن پەخىرلەنسۈن، ئۆزىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە چۆمسۇن.ئۆزىدىن ، قەۋمىدىن پەخىرلەنسۈن. ناچار تەرەپنى خاتىرلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئالدى بىلەن ناپالىيون ‹‹ كىر كىيىمىڭنى قاراڭغا ئۆيگە بىكىنىۋىلىپ يۇ ›› دىگەندەك  ئۆزىڭىزدە مۇشۇ ئاجىزلىق بارمۇ يوق ؟ سوئال قويۇق ئاۋال ئۆزىڭىز ئۇستىدە ئانالىز قىلىڭ ۋە ئاپارەتسىيە قىلىڭ، ئاندى دوسلىرىڭىز ۋە يېقىنلىرىڭىزنى ئارىسىدا ئەدەپ بىلەن ، سىلىقلىق بىلەن بۇ ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىڭ. ‹‹ساراڭ›› دەپ سالماڭ ، بىر چىشلەپ گۆشىنى ‹‹ساراڭ›› قىلىسىز.  
ئىتىپاقلىق پەرىز ، ھەر قانداق ئىشقا ئىتىپاقلىق بۇزۇلماسلىق شەرتى بولىشى كېرەك. بىز بىرنى ئىللەتنى تۈگىتىمىز دەپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىتىپاقسىزلىق ، بۆلۈنمىچىلىكتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىللەتنى قالدۇرۇپ قويساق، ھەممە تىرىشچانلىقىمىز بىكار كەتمىدىمۇ؟ ئۆزىمىزنى گۇناھى كەبىرگە باشلاپ قويغان بولمىدۇقمۇ ؟
بىز كۆپ ھاللاردا ئاۋۇ پالانى ، ماۋۇ پالانى دەپ  باشقىلار ئۇستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ قالىمىز. ھۆكۈمگە ئالدىرىماڭ، كىشى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشى مۇمكىن،ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغۇچى بىر ئاللاھتۇر، ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىش بىر ئاللاھقا خاستۈر. بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمىز ئۇستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ھەقلىمىز.
قېرىنداشلار ! چۈشكۈنلۈك ، ئۈمىدسىزلىك ، قاخشاش، قارغاش پىسخىكىلىرىنى تەدرىجى ئازايتىپ، ياخشى تەرەپلەرنى كۆرۈش، ئۈمىدۋار بولۇش، ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلىش، ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش پىسخىكىسىنى يېتىلدۇرەيلى. پەرزەنىلىرمىزگە ئىشەنىچ ، پەخىرلىنىش، ئۇمىدنى مىراس قالدۇرايلى !
ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن : ئەلقۇت يازمىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
488
تۆھپە
272
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:38:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقسام بولغىدەك،،ئەسلى بۇنداق ماقالىلەر بەك مۇرەككەپلەشتۈرۈلۋەتمەسلىكى ،ئاددىي جۈمىلىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ،ئاممىباب چۈشنىشلىك يېزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ياخشى چىقاتتى ..

قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
407
تۆھپە
124
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:03:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.ئۇقۇشقا،بىلىشكە تىگىشلىك ئەسەرلىرىڭىزنى داۋملىق يوللاپ تۇرۇڭ.بىلوگىڭىزدىمۇ ياخشى ئەسەرلەر كوپ ئىكەن.

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
560
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:32:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگىگىڭىزگە تەشەككۇر. چۈشكۈنلۈك، ئاغرىنىش يۇقۇملۇق كىسەلگە ئوخشاش زىيانلىق پىسخىكا.
نىمە ئۈچۈن چۈشكۈنلۈك، ئاغرىنىش ئەھۋاللىرى ئېغىر؟ قانداق يول-ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ؟

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشكۈنلۈك ۋە ئاغرىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىر بولۇشىنىڭ  ئاساسى سەۋەبى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز ئىقىتىدارىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىغىدىدۇر.
1- تۇردىكىكى كىشىلەردە بۇنى كۆرىۋالماق بەك ئاساش ئىپادىسى روشەندۈر.
2- خىل كىشىلەردە بولسا بۇنى بايقىماق تەس، ئۇلار قارىماققا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، جەڭگىۋار كۆرىنىدۇ. ھەتتا ئۆزىمۇ شۇنداق ھىس قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكىسىچە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزگىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىلەرگە تەسىر قىلالايدىغانلىغىغا ، ۋە ئۆزگىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىغا ئىشەنمەيدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەخىرسىزلىك، ئىنتىلىش ،ئالدىراشقا، جىددىلىشىكە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلاردە ئەنسىرەش، قورقۇش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن بىزار بولۇش ، قارغاش ، قاخشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
بۇ خىل پىسخىكىدىن قۇتۇلشنىڭ ئاددى ۋە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
1.سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئىشەنچ ئۈمىد ئەكىلەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا . ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز ، ئەلبەتتە ئۆزگىلەرگە ئىشىنەلمەيسىز.
2.سىز  مۇقەددەس كىتاپتىكى ‹‹ ماڭىلا ئىشىنىڭلار ،ۋە ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار››  دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلىڭ، ۋە  ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىگى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىڭ. يۇقارقى سۆزنىڭ  بىزنى ھەر ۋاقىت ئۇمىدۋار بولۇشقا چاقىرغانلىغى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
3. ئەتراپىڭىزدىكى جامىئەنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۈزىتىڭ ۋە خاتىرلەپ مېڭىڭ.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغن كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ.
4. باشقىلارغا ئىشىنىڭ ، چۈشىنىڭ ۋە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. باشقىلارنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىنىڭ بەلگىلىك ئىجدىمائى ۋە سىياسى ۋە ماددى ۋە مەنىۋى سەۋەبتىن ئىكەنلىگىنى، ( روھىيەت جەھەتتىن ئالساق، بۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىگىنى) ئەستىن چىقارماسلىغىمىز لازىم. ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ئەھۋالدا قالمىغانلىغىمىزغا شۇكرە كىلىپ ، ئۇلارنى شۇ ئەھۋالدى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىمىز كېرەك.
ئاچلىق، مۇھتاجلىق، غۇربەتچىلىكنىڭ كىشى بېشىغا ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىملىرىنى تەسەۋۇر قېلىپ بېقىڭ .
5. ھەر ۋاقىت باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، ئاجىزلارنى يۆلەشنى خوشاللىق دەپ بىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك. ھەم ئىككىلەنمەي تەپەككۈرى ئەمەلىيەتكە ئايلادۇرۇپ ھەركەت قىلىش ، چامىمىز يېتىدىغان دائىرىدە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىشىنىش كېرەك. مەسىلەن : يولدىكى بىر تال تاشنى چەتكە ئېلىۋىتىشمۇ بىر ياخشى ئىشتۇر.

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 14:17:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشكۈنلۈك ۋە ئاغرىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىر بولۇشىنىڭ  ئاساسى سەۋەبى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز ئىقىتىدارىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىغىدىدۇر.
1- تۇردىكىكى كىشىلەردە بۇنى كۆرىۋالماق بەك ئاساش ئىپادىسى روشەندۈر.
2- خىل كىشىلەردە بولسا بۇنى بايقىماق تەس، ئۇلار قارىماققا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، جەڭگىۋار كۆرىنىدۇ. ھەتتا ئۆزىمۇ شۇنداق ھىس قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكىسىچە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزگىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىلەرگە تەسىر قىلالايدىغانلىغىغا ، ۋە ئۆزگىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىغا ئىشەنمەيدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەخىرسىزلىك، ئىنتىلىش ،ئالدىراشقا، جىددىلىشىكە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلاردە ئەنسىرەش، قورقۇش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن بىزار بولۇش ، قارغاش ، قاخشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
بۇ خىل پىسخىكىدىن قۇتۇلشنىڭ ئاددى ۋە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
1.        سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئىشەنچ ئۈمىد ئەكىلەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا . ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز ، ئەلبەتتە ئۆزگىلەرگە ئىشىنەلمەيسىز.
2.        سىز  مۇقەددەس كىتاپتىكى ‹‹ ماڭىلا ئىشىنىڭلار ،ۋە ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار››  دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلىڭ، ۋە  ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىگى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىڭ. يۇقارقى سۆزنىڭ  بىزنى ھەر ۋاقىت ئۇمىدۋار بولۇشقا چاقىرغانلىغى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
3.         ئەتراپىڭىزدىكى جامىئەنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۈزىتىڭ ۋە خاتىرلەپ مېڭىڭ.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغن كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ.
4.  باشقىلارغا ئىشىنىشنى، باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.  
مۇھتاجلىق، ئاچلىق، نامراتلىقلىنڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىمنى ئوبدان تەسەۋۋۇر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىنى ئىجدىمائى، سىياسى، مەنىۋى ۋە ماددى سەۋەبلەردىن ئىكەنلىگىنى ( ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن ‹‹ بۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ›› ئىكەنلىگىنى ) ئەستىن چىقارماسلىغىمىز ، ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىگىمىزدىن مەمنۇنلىنىشىمىز ۋە شۇ بىچارە ئاجىزلارنى قۇتۇلدۇرىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىىز لازىم.
5. ئاجىز، پەقىر ، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىشنى ، باشقىلارغا ياخشلىق قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىڭ. ھەر ۋاقىت كىچىك بولسىمۇ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىپ تۇرۇڭ . مەسىلەن : كوچىدىكى بىر تال تاشنى چەتكە ئېلىۋتىشمۇ ياخشى ئىشتۇر .
سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىڭىزدىن پەخىرلنىشنى ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ !

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 14:18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشكۈنلۈك ، ئىشەنچىسىزلىك، ۋايساش، قاخشاش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

چۈشكۈنلۈك ۋە ئاغرىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىر بولۇشىنىڭ  ئاساسى سەۋەبى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز ئىقىتىدارىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىغىدىدۇر. بۇ خىل كىشىلەر ئىككى خىل بولىدۇ.
1- تۇردىكى كىشىلەردە بۇ خىل ئىپادە بەك روشەن بايقىماق ئاسان ، ئىپادىسى روشەندۈر.
2- خىل كىشىلەردە بولسا بۇنى بايقىماق تەس، ئۇلار قارىماققا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، جەڭگىۋار كۆرىنىدۇ. ھەتتا ئۆزىمۇ شۇنداق ھىس قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكىسىچە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزگىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىلەرگە تەسىر قىلالايدىغانلىغىغا ، ۋە ئۆزگىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىغا ئىشەنمەيدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەخىرسىزلىك، ئىنتىلىش ،ئالدىراشقا، جىددىلىشىكە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلاردە ئەنسىرەش، قورقۇش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن بىزار بولۇش ، قارغاش ، قاخشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
بۇ خىل پىسخىكىدىن قۇتۇلشنىڭ ئاددى ۋە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
1.        سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئىشەنچ ئۈمىد ئەكىلەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا . ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز ، ئەلبەتتە ئۆزگىلەرگە ئىشىنەلمەيسىز.
2.        سىز  مۇقەددەس كىتاپتىكى ‹‹ ماڭىلا ئىشىنىڭلار ،ۋە ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار››  دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلىڭ، ۋە  ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىگى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىڭ. يۇقارقى سۆزنىڭ  بىزنى ھەر ۋاقىت ئۇمىدۋار بولۇشقا چاقىرغانلىغى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
3.         ئەتراپىڭىزدىكى جامىئەنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۈزىتىڭ ۋە خاتىرلەپ مېڭىڭ.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغن كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ.
4.  باشقىلارغا ئىشىنىشنى، باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.  
مۇھتاجلىق، ئاچلىق، نامراتلىقلىنڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىمنى ئوبدان تەسەۋۋۇر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىنى ئىجدىمائى، سىياسى، مەنىۋى ۋە ماددى سەۋەبلەردىن ئىكەنلىگىنى ( ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن ‹‹ بۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ›› ئىكەنلىگىنى ) ئەستىن چىقارماسلىغىمىز ، ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىگىمىزدىن مەمنۇنلىنىشىمىز ۋە شۇ بىچارە ئاجىزلارنى قۇتۇلدۇرىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىىز لازىم.
5. ئاجىز، پەقىر ، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىشنى ، باشقىلارغا ياخشلىق قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىڭ. ھەر ۋاقىت كىچىك بولسىمۇ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىپ تۇرۇڭ . مەسىلەن : كوچىدىكى بىر تال تاشنى چەتكە ئېلىۋتىشمۇ ياخشى ئىشتۇر .
سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىڭىزدىن پەخىرلنىشنى ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:05, Processed in 0.076510 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991