كۆرۈش: 19958|ئىنكاس: 15

سىرىلانكىدا بىر مېكىيان بىۋاسىتە چۈجە تۇغدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
275
تۆھپە
178
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:34:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىرى لانكادا بىر مېكيان تۇخۇم بېسىش شەكلى بىلەن چۈجە چىقارماستىن، بەلكى بىۋاستىلا بىر چۈجە تۇغقان. بۇ شۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا چوڭ غولىغولا قوزغىدى. ئىگىلىنىشچە، مېكيان ئادەتتە تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇخۇمنى بېسىپ چۈجە چىقىراتتى، بىراق بۇ تۇخۇم مېكيان تېنىدە 21 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، مېكيان تېنى ئىچىدىلا چۈجە چىقارغان. چۈجە تۇغۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولغان، بىراق مېكيان ھايات قالالمىغان. شۇ جايدىكى ھايۋانات دوختۇرى ئەزەلدىن مۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مېكىياننىڭ جەسىتى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ مېكىياننىڭ تېنىدە يېتىلگەنلىكى، تۇخۇمدىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئىچىدە تۇرغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مېكىيان ئىچكى زەخىمدىن ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىش ناھايىتى چوڭ زىلزىلە قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن زادى ئاۋۋال تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى ئاۋۋال توخۇ پەيدا بولغانمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىلغاندەك قىلىدۇ: چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال توخۇ بارلىققا كەلگەن.

چۈجە تۇغۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
481
تۆھپە
271
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:42:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئانچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس...


قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5656
تۆھپە
2883
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:50:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگە گۆشى يەۋالغان  مىكيانمۇ نېمە؟ 12 ئايغىچە  تۇخۇمىنى  تۇغالماي  ئىچىدە  سېسىتىپ   چۆجە قىلىۋېتىپتۇ-دە


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1735
تۆھپە
959
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:19:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 16:50
تۆگە گۆشى يەۋالغان  مىكيانمۇ نېمە؟ 12 ئايغىچە  تۇخۇمىنى  ...

ماۋۇ ئىنكاسقا كۇلمەي دەپمۇ  كۇلۇپ سالدىم


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
199
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق! تالاشماڭ دىسە تالىشىۋېرىدۇ، ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز چۈجىنىڭ بۇرۇن پەيدا بولغانلىقىنى؟!


Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
351
تۆھپە
174
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:50:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭىلىق خەۋەركەن.خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت


Rank: 4

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
260
تۆھپە
179
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:57:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جاۋابى تالاشتا قالفان مەسىلىنىڭ جاۋابى چىقىپتۇ ........................


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1018
تۆھپە
488
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:48:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 16:50
تۆگە گۆشى يەۋالغان  مىكيانمۇ نېمە؟ 12 ئايغىچە  تۇخۇمىنى  ...

ھاھاھا... تۆگە گۆشى يىسە شۇنداق بولامدۇ؟


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5656
تۆھپە
2883
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:52:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Castle يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 18:48
ھاھاھا... تۆگە گۆشى يىسە شۇنداق بولامدۇ؟

ئايالىڭىزغا تۆگە گۆشى يېگۈزۈپ  سالماڭ، 9 ئاي 9 كۈن كۆتۈرۈدىغان  قورساقنى 12 ئاي  كۆتۈرۈپ  ئاۋارە  بولىدۇ


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
293
تۆھپە
119
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 00:57:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق مىكيان ئىكەن،  كۈدە(جۆسەي) چىققان مەزگىلدە  تۇخۇم تۇغماي بىراقلا چۈجە تۇغۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 00:58  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:02, Processed in 0.080414 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991