كۆرۈش: 2771|ئىنكاس: 2

پىتنىڭ ئاچىقىدا ئىتنى ئۆلتۇرۇش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
9
UID
13748
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:49:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن سانىيە ئوغلى دىلشاتنى خۇشال خۇرام مەكتەپكە يولغا سىلىپ قويۇپ ، ئۆيگە كىرىپ كىر قاتلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ ، ئۆيلەرنى پاكىز تازلاپ بولۇپ ، ئۆزىنىڭ راخمان بىلەن خۇشال خۇرام ئۆتكۇزگەن بۇ ئۇن يىل ھاياتىنى ئەسلەپ چىقتى . ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا ئوماق ، شوخ ئەقىللىق چوڭ بولىۋاتقان ئوغلى دىلشاد بار ئىدى .
دىلشاد مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ قوش تىل 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغىچىسى ئىدى ، بۇ يىل 7 ياشقا كىرگەن ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيسىدە ئەقىللىق ، ئەدەپ ئەخلاقلىق چوڭ بولىۋاتاتتى .
دەرستىن چۇشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى ، ھازىرغىچە ئوغلى دىلشادنىڭ كەلمىگەنلىكىدىن سانىيەنىڭ كۆڭلى خەش بولۇپ ، يىغلامسىراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن راخمان نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى . سانىيە يولدىشى راخمانغا ئوغلىنىڭ ھازىرغىچە كەلمىگەنلىكىنى ئىيتتى . ئۇ سانىيەگە خاتىرجەم بولۇشنى ، ئوغلىنىڭ بىردەم تۇرۇپ ئۆزلىگىدىن كىلىپ قالىدىغانلىقىنى  ئىيتىپ تەسەللىي بىرىپ ئولتۇردى .
دىلشاد مەكتەپتىن ئۆيگە ئۆزى يالغۇز قايتىپ كىلىۋاتاتتى ، يولدا ئۇنىڭغا ھامما ئاچىسىنىڭ يولدىشى ئىزىز ئۇچرىدى ، ئىزىز دىلشادنى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ كىتىشنى ئىيتتى ، دىلشادمۇ ھاممامنىڭ يولدىشى بولغاندىكىن بىردىم كىرىپ ئولتۇرۇپ ، ئاندىن ئۆيگە كىتەي دىگەننى ئويلىدى ، ئىزىز دىلشادنى ئۆيگە باشلاپ كىردى ، كەچمۇ كىردى ، دىلشاد ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەتكۇسى كەلگەنلىكىنى ئىيتتى ، ئىزىز بىردەم تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى دىدى .ئىزىز بىر -ئىككى تال تاماكىنى كۇشلۇك شوراپ چەككەچ ، ئايالى خاسىيەت بىلەن بولۇنغان گەپلەر ھەم ئۇنىڭ "سەن بىلەن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان " دەپ ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كىتىشى يادىغا كىلىپ قالدى ، ئۇ يوتقان -كۆرپىلەرنى سىلىپ ، دىلشادنى بىرگە ئۇخلاپ قىلىشنى ئىيتتى ، دىلشاد ئاپىسىنىڭ ئەنسىرەپ قالىدىغانلىقىنى ئۆيگە كىتىشى كىرەكلىكىنى ئىيتتى ، ئىزىز دىلشادنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ، ئۇنىڭغا پەشكەشلىك قىلىدى ، دىلشاد يىغلىىشى ئىزىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تىخىمۇ جىدىيلەشتۇرۇپ ، دىلشادنىڭ باشقىلارغا ئىيتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ، مۇدھىش بىر خىيال ئۇنىڭ كالىسىدىن ئۆتكەندەك بولۇپ ، ياستۇقنى ئالدى دە دىلشادنىڭ ئىغىز بۇرنىنى ياستۇق بىلەن ئەتتى .دىلشاد تىپىرلاپ بولۇپ توختاپقالدى . ئىزىز بۇ ئىشنىباشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، دىلشادنى ئۆيدىن يىراق يەردىكى ئۆستەڭ بويىغا ئاپىرىپ سۇغا تاشلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئوقۇش مايىرياللىرىنى ، كىيىم كىچەكلىرىنى كۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلىۋەتتى .
سانىيە بىلەن راخمان ئىككى كۇنگىچە ئوغلى دىلشادنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي ، ساقچىخانىغا مەلۇم قىلدى ، ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۇرۇش ، ئىنىقلاش ئارقىلىق دىلشادنىڭ جەسىدىنى مۇز ئۇستىدىن قىزىپ چىقىپ ، جىنايەت گۇماندارى ئىزىزنى قانۇن بويىچە قولغا ئىلىپ ،گۇما ناھىيلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاپ بەردى ، تەپتىش مەھكىمىسى دىلو ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ ، شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش دئىرىسىگە كىرىدۇ دەپ قاراپ خوتەن شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇچىشىغا ئۆتكۇزۇپ بەردى .(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى )


مەنبە : گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن  رەيھانگۇل ئوبۇل
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
387
تۆھپە
204
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:57:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن

Rank: 3Rank: 3

تىللا
215
تۆھپە
85
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:03:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللاھ !نارسىدە قىزلارغا ھايۋان قولىنى ئۇزاتقان پەسلەر توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان،،،،ئەمدى نارسىدە ئوغۇللارغىمۇ ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:53, Processed in 0.070630 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991