كۆرۈش: 3264|ئىنكاس: 2

ھاراق كەلتۇرگەن ئاقىۋەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
9
UID
13748
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:41:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ چىكىلىشى شەھىدەنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتكەنىدى ، ئۇ نىمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ، ئىشىكنى ئاچتى ، ئىشىك ئالدىدا ساقچى فورمىسى كىيگەن ئىككى ساقچى تۇراتتى ، ئۇ ساقچىلاردىن "نىمە ئىشىڭلار بار ئىدى " دەپ سورىدى . ساقچىلار سىزدىن "يولدىشىڭىز مەمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقايلى دەپ كىرگەن " دىدى ، شەھىدە ئۇلارنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى ، ساقچىلار " يۇقارقى مەھەلىدىكى يولنىڭ بويىدىن بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالدى ، ئەتراپتىن ئىگەللىشىمىزچە ئۇ ئەرنىڭ مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلىقى ئىنىقلاندى ، شۇڭا سىزنى جەسەدنى تونىۋالامدىكى دەپ كىرگەن " دىدى ، شەھىدە "يولدۇشۇم مەمەت ئاخشام چىكەتكەننىڭ ياقى ئۇ ئۆيگە كىرمىدى ، تىلغۇن قىلساممۇ تىلغۇنى ئىتىك ، ئۇلانمىدى : دىدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ . ساقچىلار شەھىدەنى باشلاپ نەخ مەيدانغا باردى ، يەردە ئۇستىگە ئاق خەسە ئوراپ قويغان بىر بەدەن تۇراتتى ، شەھىدە ئىچىدە " ئىرىم بوپ قالمىسىكەن ، بوپ قالمىسىكەن " دەپ ئويلاۋاتتاتتى ، ساقچى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا شەھىدە جەسەت يىنىغا ئىلىپ كىلىپ ، يۇزىنى ئىچىپ بەردى ، شەھىدەنىڭ يۇرىكى قىپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالغانىدى ، "ئۇ راستىنلا مىنىڭ ئىرىم مەمەت ئىكەن "دەپلام ھۆڭ سىلىپ يىغلىۋەتتى ، ئۇلار توي قىلغىلى ئەمدى 5 يىل بولغان ، ئوماق قىزى زەينەپ ئەمدى ئۇچ ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى ، "ئۇ قانداق ئۆلۇپتۇ " دىدى شەھىدە ئارانلام ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ، "ئىرىڭىز مەس ھالدا ئىكەن ، باشقىلار ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ قويۇپتۇ "دىدى .
  بۇ كۇن 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى ، مەمەت بىر كۇنلۇك ئىشتىن قايتىپ ، كۇندىكى ئادىتى بويىچە " ئايدىڭ كىچە"قاۋاقخانىسىغا كىلىپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى ، ئىشىك قاتتىق قاراق-تۇرۇق قىلىپ ئىچىلىپ ، مەھەللىدىكى ياسىن سىرىق كىرىپ كىلىپ ، مەمەت ئولتۇرغان ئۇستەلگە كىلىپ ئولتۇردى ، مەمەتمۇ گەپ قىلمىدى ، مەمەت ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، يان تەرەپكە تۇكۇردى ، تۇكۇرۇك تۇيۇقسىز ياسىن سىرىقنىڭ ئايىغىغا چاچراپ كەتتى ، مەمەت كۆرۇپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۇرمىدى ، ياسىن سىرىق "ئاناڭنىڭ يىنىدىن ئەكەلگەن بولسىمۇ ئۇكام ئايىغىمغا تۇكۇرمە جۇمۇ " دىدى ، مەمەت "كەچۇرۇڭ" دىدى  ،"كەچۇرۇم بىلەن ئىش پۇتەمدۇ ، كىلىپ ئايىغىمدىكى تۇكۇرۇكنى يالىۋەت "دىدى ياسىن .مەمەت ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى ، مەمەت بىلەن ياسىن ئۇرۇشۇپ ،ياقا سىقىشىپ قاۋاقخانىنىڭ ئىشىدىن توپا ئۆرلىتىۋەتتى ، قاۋاقخانا ئىگىسى ئۇلارنىڭ قان چىچىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى سىرىتقا چىقىرىۋەتتى ، ئۇلار بىر ھازا ئىلىشقاندىن كىيىن ، ياسىن سىرىق "خەپ " دەپ كىتىپ قالدى ، مەمەت مەس بولغانلىقتىن يىراق ماڭالمىدى ، ئارلىقتىن 15 مىنۇت ئۆتۇپ مەمەتنىڭ ئالدىغا ئىككى موتسىكىلىت مىنگەن تۆت ئادەم كىلىپ ، قالايمىقان موتسىكىلىت ھەيدەپ ، ئۇنى ئىرىق ئىچىگە يىقىتىۋەتتى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياسىن سىرىقمۇ بار ئىدى ، ياسىن سىرىق ئىرىق ئىچىگە سەكرەپ چۇشۇپ مەمەتنىڭ ئەجەللىك يىرىگە توختىماي ئۇرىۋەردى ، مەمەت تاياق زەربىسىگە چىدىماي ۋارقىرىشى توختىغاندىلام ، موتسىكىلىتكە مىنىپ كىتىپ قالدى .
مەمەت ئىرىق ئىچىدە قانسىراپ ياتاتتى ، ئالدى تەرەپتىن جەمىيەتتە ئويناپ ،مەكتەپتە ئوقىمايدىغان ئالا-قاناتتىن ئۇچ -تۆت بالا ، مەكتەپتىن قىچىپ كىلىپ ئۇلار بىلەن ئەگىشىۋالغان ئىككى مەكتەپ ئوقۇغىچىسى مەمەتنى ئىرىق ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆردى ، ئىچىدىن بىرسى "ئاغىنىلەر ، ئۇ ئىھتىمال ئۆلگەن ئوخشايدۇ ، بىز ئۇنىڭ يىنىدىكى نەرسىلىرىنى بۇلاپ ئىلىپ پۇل قىلىپ ،كەچتە  كۇنىمىزنى شۇ يەردە ئالمامدۇق " دىدى ، ئۇلار بىرلىكتە مەمەتنىڭ يىنىدىن بىر تىلغۇن ، 12 يۇەن پۇلنى بۇلاپ ئىلىپ قاچتى .بۇچاغدا ئاللىقاچان يىرىم كىچە بولۇپ كەتكەن ئىدى .
   مەمەتنىڭ ئۆلۇم خەۋىرى شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا خەۋەر قىلىندى ، ساقچىلار تىزلىك بىلەن تەشكىللىنىپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۇشۇرۇپ ، گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن  قانۇن بويىچە ئايرىم -ئايرىم ھالدا قولغا ئىلىنىپ ، ئەيىپلەپ ئاخىرلاشتۇردى .

مەنبە :گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەيھانگۇل ئوبۇل

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
215
تۆھپە
85
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:55:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 4

تىللا
362
تۆھپە
193
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:10:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان  بوپتۇ  .  ھاراق  ئىچىپ  كوچىدا  جىدەلگە  سەۋەبچى  بولغاندىن كۆرە
قىسىپ  ئۆيدە  خوتۇن  بالىسىغا  ھەمرا  بولغان  بولسا  مۇشۇ  ئىش  يوقتە !
ھەي   ھەي  ،  ئادەملەر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:26, Processed in 0.071542 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991