كۆرۈش: 2448|ئىنكاس: 1

مەمەتنىڭ بىشىغا كەلگەن پالاكەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
9
UID
13748
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:37:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن مەمەتنىڭ كۆڭلى خوش ھالدا ئۆيدىن چىقتى ، ئۇ تۇنۇگۇن ئاددىل بىلەن ئالىمنى ئىلىپ ئىش ئورنىغا چىماقچى بولۇشقانلىقىنى ئويلاپ ،ئۆزىنىڭ يۇك ماشىنىسىنى ھەيدەپ ، ئۆزلىرى پۇتۇشكەن يەردىن دوستى ئادىل بىلەن ئالىمنى ئىلىپ ئىش ئورنىغا يۇرۇپ كەتتى . ئۇلار يولدا ماڭغاچ پاراڭلاشقاچ ، مۇزىكا ئاڭلىغاچ يىزا تاشيولىدا كىتىپ باراتتى ، بۇگۇن مەمەتنىڭ كۆڭلىنىڭ خوشلىقىنى بىلگەن ئادىل بىلەن ئالىم ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى : مەمەت بۇگۇن ئۆزىنىڭ دادا بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقى ئىيتقاچ ، ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى ، مەمەت بەل خۇشال بولۇپ كەتىمىكىن قانداق ماشىنىنىڭ سۇرئىتىنىڭ قانداق بولۇپ ئىشىپ كەتكىنىنى بىلەلمەي قالدى .
مەمەت يىزا تاشيولىنىڭ 1-سىتولبا ئۇدۇلىغا كەلگەندىلا ، ئالدى تەرەپتىن ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىت ھەيدەپ كىلىۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆرگەن ۋاقىتىلام ، ماشىنا سۇرئىتىنىڭ تىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . ئالدى تەرەپتىن كەلگەن موتسىكىلىتنىڭ سۇرئىتى ئانچە تىز ئەمەسلىكىنى ، ئوڭ تەرەپتىن يانداپ ئۆتۇش ئىھتىمالىقى بار دەپ ھىس قىلغان مەمەت ، ماشىنىنىڭ سۇرئىتىنى ئاستىلىتىپ ، سول تەرەپكە تارتىپ توختۇتۇشنى ئويلاپ ،ماشىنىنى سول تەرەپكە بۇرىشى ، ئالدى تەرەپتىن كەلگەن موتسىكىلىتمۇ  رولنى تۇيۇقسىز سول تەرەپتىكى كوچا ئىغىزىغا بۇراپ قايرىدى ، ماشىنا بىلەن موتۇسىكىلىت تەڭلا توختۇتۇشتى ، ئالدى تەرەپتىن كەلگەن موتۇسىكىلىتنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان كىشى ماشىنىنىدىن 10 مىتىر يىراقلىقتا قانغا مىلىنىپ ياتاتتى ،بۇ ئىشلاپ مىنۇت سىكۇنت ئىچىدە يۇز بەرگەن ئىدى ، مەمەت دەرھال ئالدى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ئۇچ چاقلاق ھارۋىنى كىرا قىلىپ ، چوڭ يولغا ئەپچىقىپ قويۇشنى ئۆتۇندى  دە ، يولدا ماڭغاچ ئاغىنىسى رۇستەمگە تىلغۇن بىرىپ ئۆزىنىڭ ماشىنسىنىڭ يىزا تاشيولى 1-سىتولبا ئۇدۇلىدا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى ، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ تىلغۇن نۇمىرىنى بىلمەيدىغانل؛ىقىنى ئىيىتىپ ،ئۇنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ دىلو مەلۇم قىلىپ قويۇشنى ئۆتۇندى . رۇستەم دەرھال قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ دىلو مەلۇم قىلدى ، مەمەت ئۆزى يارلاندۇرغان زىيانلانغۇچىنى زور كۇچ بىلەن داۋالاتقان بولسىمو قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي قازا قىلدى . قاتناش ساقچى ئەترىتى دىلو ماتىريالىنى گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ مەمەتنىڭ دىلو ماتىريالىنى ئىنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق ئائىلىسىگە كىپىلگە بەردى .مەمەتنىڭ دىلو ئەھۋالىنى ئىنىقلاپ ،قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىلەنىدۇرىدۇ  ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلش ئىپادىسى بار دەپ قاراپ ،قانۇن بويىچە مەمەتنىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايى دىلوسىنى سوت مەھكىمىسى ئەيىبلىدى ، گۇما ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ، مەمەتنىڭ قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتىگە مۇدەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ ، 3 يىل كىچىكتۇرۇش جازاسىغا ھۆكۇم قىلدى .
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى )


مەنبە : گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن

                      رەيھانگۇل ئوبۇل

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
362
تۆھپە
193
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:03:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  توۋۋا  ئەجەبمۇ  بىر  كەپتۇ  بۇ  بالا  قازا .
ئاللا  ئاسانلىقنى بەرسۇن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:33, Processed in 0.068872 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991