كۆرۈش: 1513|ئىنكاس: 4

بۈركۈت : نەۋائىي ۋە ئەخمەق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:07:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەۋائىي ۋە ئەخمەق

  كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا باشقىلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئەلشىر نەۋائىينى زىندانغا تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نەۋائىينىڭ گۇناھسىزلىقى مەلۇم بولۇپتۇ.

  پادىشاھ بۇنى ئۇققاندىن كېيىن نەۋائىينى زىنداندىن ئازاد قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمما نەۋائىي پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن نارازى بولۇپ زىنداندىن چىققىلى ئۇنۇماپتۇ.

نەۋائىينى زىنداندىن چىقىرىشقا كۆپ دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ نەۋائىي بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر كىشىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئەخمەقنى قاماپ قويۇپتۇ. شۇ چاغدىلا نەۋائىي ئاندىن زىنداندىن چىقىشقا رازى بولۇپتۇ.

(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدىن ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت تەۋسىيەسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 12:10  


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:46:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىملىك ئادەملەر ئاخماقلار بىلەن بىللە ياشىمايدۇدە  ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:10:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنائىي ئەلىشىر ناۋائىنىڭ زاماندىشى بولۇپ، پازىل ۋە كامىل، قەلىمى ئوبدان ئەمما تۈركى تىلنى كەم كۆرىدىغان پارىس تىللىق شائىر ئىدى. بابۇرنامە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دەۋرنىڭ تارىخى ئەسەرلىرىدە بىنائىمۇ دەۋر شائىرلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
    بىنائى تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىراتتا ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىدە تۇغۇلۇپ ياشىغان، ئەلىشىر ناۋايى بىلەن زامانداش بولغانلىقى يەنە كېلىپ ۋە ئەلىشىر تۈركى تىلنى ئۇلۇغلايدىغانلىقى سەۋەپلىك  ئۇ زات بىلەن ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئارىسىدا دائىم چاقچاق-جاقجاقلار بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئارىسىدا ئۆتكەن چاقچاقلار  ناھايىتى مەشھۇردۇر. بىرى شۇدۇركى :
       مەۋلانا بىنائىي ئەمىر ئەلىشىرگە تولا چاقچاقلار قىلاتتى . ئەمىر ئەلىشىرمۇ چاقچاق قىلىپ : « مەۋلانا بىنائىي ساراڭ بوپتۇ ، شىپاخانىغا ئاپىرىپ تاپىنىغا نوقۇت قايناتمىسى قويۇپ داۋالاڭلار !» دېدى. مەۋلانا بىنائىي ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇ يارلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ھىراتنى تەرك ئېتىپ ئىراق زېمىنىغا باردى. ئۇ يەردە سۇلتان يەئىقۇبنىڭ ھامىيسىغا ئېرىشىپ بىر مەھەل تۇرۇپ نەچچە مۇددەتلەردىن كېيىن يەنە ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ئەمىر بۇنى ئىشتىپ ئادەم ئەۋەتىپ بىنائىينى دىۋانغا چاقىرتتى ھەم ناھايىتى مۇلايىملىق ۋە مۇھەببەتلەر بىلەن ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ كۆرۈشتى ۋە ھەم ئىنئام ۋە ئېھتراملار بەخش ئەتتى، ئۆتكەنكى رەنجىشلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتتى. مەۋلانا بىنائىيمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان چاقچىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى ، ئۇلار ئارىسىدا ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق يوسۇنلىرى بەجا كەلتۈرۈلدى. ئەمىر ئەلىشىر مەۋلانا بىنائىيدىن ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن سۆز ئارىسىدا : « ئېيتىڭچۇ بىنائىي ، ئىراق زېمىنى قانداق ۋىلايەت ئىكەن ؟  ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ مىجەز - خۇلقى ، ئۆرپ - ئادەتلىرى قانداق ئىكەن ؟ » دەپ سورىدى. مەۋلانا بىنائىي :« ياخشى ۋىلايەت ئىكەن ، خەلقىنىڭ مىجەز - خۇلقى ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ماختاشقا لايىق ۋە يېقىملىق ئىكەن . خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ تولىمۇ ئوبدان بىر خىسلىتى بار ئىكەن » دەپ جاۋاب بەردى. «قانداق خىسلىتى بار ئىكەن »دەپ سورىدى ئەمىر ئەلىشىر . مەۋلانا بىنائىي :«ئىراق خەلقى تۈركىي شېئىرغا پەقەت ئېتىبار قىلمايدىكەن ، تۈركىي تىلدا شېئىر يازىدىغان ۋە ئوقۇيدىغانلار ئەسلا يوق ئىكەن ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتىنى تولىمۇ ياخشى كۆردۈم » دەپ جاۋاب بەردى.
  « تېىخى ھوشۇڭنى تاپماپسەن ، ئەمدى بۇنداق دەخلى - تەرۈزلىرىڭنى تاشلاپ راستلىق ۋە توغرىلىق بىلەن ئېيتقىن ! مېنىڭ دىۋانىمدىكى شېئىرلىرىمدىن ئىراق خەلقى قايسىسىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ؟ قايسى نەزمىنى ياقتۇرىدۇ ؟ » دېدى ئەمىر ئەلىشىر چېچىلىپ.
« سىزنىڭ  شېئىرلىرىڭىزدىن مۇنۇ مەتلەئىنى  ياقتۇرىدىكەن » دەپ جاۋاب بەردى بىنائىي ، مەتلەئى:
     كۆكرەكىمدۇر سۈبھىنىڭ پىراھەنىدىن چاكرەك ،
     كىرپىكىم شەبنەم تۆكۈلگەن سەبزەدىن نەمناكرەك .
     ئەمما بۇ مەتلەئىنى مەۋلانا ساھىبى ئېيتقان بولۇپ، ئەمىر ئەلىشىر ساھىبىغا ئىلتىماس قىلىپ بۇ مەتلەئىنى داۋاملاشتۇرۇپ غەزەل قىلغان ۋە دىۋانىغا كىرگۈزگەنىدى. ئەمىر ئەلىشىر مەۋلانا بىنائىيدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چېھرىنى ئۆزگەرتىپ : « سەن ئاجايىب جىدەلخور ئادەمسەن ، بۇ مەتلەئىي مېنىڭ ئەمەس بەلكى مەۋلانا ساھىبىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەن مەن بىلەن قەستەن قارشىلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق دەۋاتىسەن » دېدى. مەۋلانا بىنائىي : « مېنىڭ سىزگە چېقىلىشقا ھەددىم بارمۇ ؟ بۇ مەتلەئىنىڭ سىزنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلمەپتىمەن . ئىراق خەلقى ياقتۇرۇپ ناھايىتى ياخشى كۆرۈدىغان بۇنىڭدىن باشقا مەتلەئىڭىزمۇ بار » دېدى. ئەمىر ئەلىشىر : «ئۇ قايسى مەتلەئىي » دەپ سورىدى. مەۋلانا بىنائىي ئېيتتىكى ، مەتلەئىي :
     باشىمىزدىن سايەئى سەرۋىي قەددىڭ كەم بولماسۇن ،
     زاتى پاكىڭ بولماسا  ئالەمدە ئادەم بولماسۇن .
       لېكىن ، بۇ مەتلەئىيمۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئەمەس ئىدى . ئۇنى مەۋلانا لۇتفىي ئېيتقان بولۇپ ، ئەمىر ئەلىشىر ئۇنى غەزەل قىلىپ دىۋانىغا قوشقانىدى. شۇڭا ئەمىر ئەلىشىر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز غەزەبلەندى : « بۇ مەتلەئىي مەۋلانا لۇتفىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەن بىلىپ تۇرۇپ قەستەن مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتىسەن. ئادەمگە چېقىلىشنى زادىلا تاشلىمايسەن ! » دەپ غەزەب بىلەن كايىپ قوبۇل دىدارنى تاماملىدى.
    يەنە بىر مەشھۇر ھىكايىدە ئەلىشىر بىنائىنى كەچۈرۈپ يەنە ئىززىتىنى قىلىپ مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ ئالدىغا تاماق تارتىدۇ، بىر چاغدا بىنائى تويۇپ پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرماقچى بولۇپ پۇتىنى سۇنغىنىدا پۇتى يېنىدىكى ئەلىشىرنىڭ كاسىسىغا تېگىدۇ. بىنائى بۇنىڭغا جاۋابەن شۇئان «ھىراتتا شائىر كۆپىيىپ شۇ ھالغا كەلدىكىم قاچانكى پۇتۇڭنى سۇنغان ھامان بىر شائىرنىڭ كۆتىگە تېگىدۇ» دېدى، ئەلىشىر شۇئان «راست دەيسەن پۇتۇڭنى يىغساڭ يەنە بىر شائىرنىڭ كۆتىگە تېگىدۇ» دېدى.  
    تارىخى خاتىرىلەردە بىنائى ھەققىدە يۇقارقىلاردىن باشقا بايانلارمۇ كۆپ كەلگەن. ئەمما بىنائى پارىس تىللىق شائىر بولغاچقا ئەسەرلىرى بىزگە كۆپ يېتىپ كەلمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەلىشىرنىڭ نامىزىدا يىغلاپ چىققانلىقىدىن ئۇنىڭ ئەلىشىردىن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرگەنلىكى بىلىنىدۇ.


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:11:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر جامائەتىگە شائىر بىنائىينىڭ ئۇچۇرى ئۇيغۇر بۈيۈكلىرىدىن زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ قىممىتى جەھەتتە« ئەۋلىيا ئاۋگۇستىنو ۋە رۇسسونىڭ كەشپىياتلىرى ، گىببون ۋە نيۇتوننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدىغان » شاھانە ئەسىرى «بابۇرنامە »دىن كېلىدۇ .
زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئۆز ئەسىرىدە يېزىشىچە بىنائىي ھىراتتىكى بىر سەربەننا ( ئارخىتېكتور ، باش بىناكار ) نىڭ ئوغلى بولغاچقا ،  «بىنائىي » تەخەللۇسىنى قوللانغان .غەزەللىرى يامان ئەمەس يېزىلغان بولۇپ ،ئۆزگىچە ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن . ھىرات ھۈسەيىن بايقارا سەلتەنەت سۈرگەن ، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى مىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى دىۋان بېگى ( ۋەزىرى ) بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ، مەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى توپلانغان ئىلمۇ - ئېرفان ، مەدەنىيەت ،مائارىپ مەركىزى بولغان . ئىلىمنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ تۇراتتى . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ يېزىشىچە ، بىنائى مۇزىكا ئىلمىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ، بەك ھەۋەس قىلىدىكەن ، ئەمما ئەلىشىربەگ مۇشۇ جەھەتتىن بىنائىينى تەنە قىلار ئىكەن . بىر يىلى ھۈسەيىن بايقارا مەرۋىگە قىشلىغىلى بارغاندا كۆكەلدىشى ، دوستى ھەم ۋەزىرى ئەلىشىربەگنى بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ ، بۇ چاغدا بىنائىي ھىراتتا قالغان ئىكەن . بىنائىي شۇ قىش ئۆتكۈچە پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا مەشق قىلىپ ، ياز كەلگۈچە كۈي ئىجاد قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ . ياز كېلىشى بىلەنلا ھۈسەيىن بايقارا ھىراتقا قايتىپ كەلگەندە ، بىنائى سازنى راسا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىپتۇ ، ئەلىشىربەگ بىنائىينىڭ بۇ كارامىتىگە ھەيران قەلىپ چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇپ ئالقىشلاپتۇ . بىنائىي شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن مىسلىسىز گۈزەل كۈيلەرنى ئىجاد قىپتۇ . بىنائىي بىر چاغدا« نوھرەڭ »ناملىق بىر كۈي ئىجاد قىلىپ ، ناخشىسىدا ئەلىشىربەگنى مەسخىرە قىلىپ ،ئۇ زادقا ھۇجۇم قىپتۇ . شۇ سەۋەبتىن ئەلىشىربەگنى ھىمايە قىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىلىم - ئېرفان ئەھلىلىرىنىڭ تەنە - ھۇجۇملىرى بىنائىيغا يېغىپ ، بىنائىي كۆپ جاپالار چېكىپ ، ھىراتتا تۇرالماي ئىراق ۋە ئەزەربەيجان تەرەپلەرگە مۇساپىر بولۇپ كېتىپتۇ . ئۇ ئىراق ، ئەزەربەيجانلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ياقۇببەگكە ئۈلپەتچىلىك قىلىپ ياخشى ئېتىبارغا ئېرىشكەن ئىكەن . ياقۇببەگ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ھىراتقا قايتىپ كەپتۇ . ئۇ ئەلىشىربەگدەك بىر دۆلەت ئەربابى ، جامائەت ئەربابى بىلەن ئېتىشىشىنى زادىلا تاشلىيالماپتۇ . دائىم ئەلىشىربەگكە ھۇجۇملار باشلايدىكەن . زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر ئۆز ئەسىرىدە يۇقىرىقىلارنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ مۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ :
    بىرمۇنچە شائىرلار بىر كۈنى شاھماد ئولتۇرۇشى ياساپتۇ . شاھماد ئولتۇرۇشىدا ئەلىشىربەگ يىغىپ ئولتۇرۇپ ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتىنى سۇنغان ئىكەن ،پۇتى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنائىنىڭ قوڭىغا تېگىپ كېتىپتۇ . ئەلىشىربەگ چاقچاق قىلپ : « بۇ نېمە بالا ئەمدى ، ھىراتتا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا چوقۇم بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدىغان بولدى » دەپتۇ . ھازىر جاۋاب بىنائىي دەرھال :« ئەگەر يىغساڭ يەنە بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدۇ »دەپتۇ . بىنائىي مۇشۇنداق تەنىلەرنى كۆپ قىلىۋەرگەچكە ، ئاخىر يەنە ھىراتتا تۇرالماي سەمەرقەندكە كەتكەن ئىكەن .
زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر «بابۇرنامە»دە يەنە مۇنداق مىساللارنى يازىدۇ :
   ئەلىشىربەگ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان ئىدى . ھىراتتا ناۋادا بىرى ھەرقانداق بىر نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارسا ، ئۇنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۇ نەرسىنى « ئەلىشىرى » دەيتتى . بەزىلەر ، جۈملىدىن بىنائىي كەبى كىشىلەر بۇنى ئەلىشىربەگكە باغلاپ تەنە قىلاتتى . بىر قېتىم ئەلىشىربەگ قۇلىقى ئاغرىپ قېلىپ قۇلىقىنى ياغلىق بىلەن باغلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ، خوتۇنلارنىڭ كۆك ياغلىقنى قىيسىق قىلىپ چىگىشىگە  «نازى ئەلىشىرى » دەپ ئات قويۇپتۇ . شۇ سەۋەبلىك ئەلىشىربەگ تەرەپدار كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇمىغا چىدىمىغان بىنائىي يەنە ھىراتتىن كېتىدىغان چېغىدا ئېشىكىگە غەيرىلا بىر ئۇچىلىق ( توقۇم ) تىكتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا « ئەلىشىرى » دەپ ئات قويۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ « ئەلىشىر پالانى » ( ئەلىشىر ئۇچىلىقى ) ، دەپ ئاتىلىپتۇ .
   دېمەك ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلغان بىنائىي ئادەتتە شېئىر يازسىمۇ قەستەن نەۋائىي بىلەن قېرىشىپ پارىسچە  يازار ئىكەن . ئۆمرىدە نەۋائى بىلەن چېقىشىپ ئۆتكەن بۇ شائىر يۇرتى ھىراتتىمۇ تۈزۈكرەك تۇرالمىغان ئىكەن .


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 15:11:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئەپەندى، سىلى تولىمۇ ياخشى تېمىلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپلا... سىلىگە كۆپ رەھمەت.


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:41, Processed in 0.085593 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991