كۆرۈش: 5831|ئىنكاس: 16

ئاتا-ئانىسىنىڭ تامىقىغا زەھەر سالغان قاتىل تۇتۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
9
UID
13748
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:35:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنىنى دەپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ تامىقىغا زەھەر سالغان قاتىل جىنايى جازاغا ئۇچرىدى

ئەسقەر ئادەتتە ناھايىتى يۇۋاش ،يۇمشاق دىھقان ئىدى ، ئۇنىڭ ئايالى بەختىنسامۇ تىرىشچان ئائىلە ئىشلىرى ، ئىتىز ئىرىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ ، قىيىنئانا ۋە قىيىنئاتىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىپ كىلىۋاتقانلىقى 3 يىل بولغانىدى . ئەسقەر ئايالىغا بەكمۇ ئامراق ، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرەتتى ، لىكىن توي قىلغان بولسىمۇ ، تىخىچە پەرزەنت يۇزى كۆرەلمەي كىلىۋاتاتتى ، ئۇلار دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۈپ داۋالانغان  بولسىمۇ ، تىخىچە ئۈنىمى بولمىغاندى . بىر كۇنى بەختىنسا ئاتا-ئانىسىنىڭ «بولدى بالام ، ئۇ ئۆيدە قىيىنئانا -قىيىنئاتاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساڭمۇ ، يەنىلام ئۇ سىنىڭ ئۆيۇڭ ئەمەس » دىگەن گىپىگە ئاساسەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يىنىپ كىلىۋالدى .
ئەسقەر قانچە قىتىملاپ بەختىنسانى ئىزلەپ ، ياخشى سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، «ئايرىم ئۆي تۇتسام قايتىمەن » دىگەن سۆزىدە چىڭ تۇرىۋالدى ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەسقەر ئاتا-ئانىسىغا قانچە يالۋۇرسىمۇ ، «ئايال كىشى دىگەن تىپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس ، ئاجراش» دىگەن جاۋابىنى ئاڭلىدى . قانداق قىلىش كىرەك؟
ئەسقەر ئۇيان ئويلاپ -بۇيان ئويلاپ،«ئاتا-ئانام بەختىنسانى ئەكىلىپ بەرمىدى ، ئۇلار ئۆيدە بولمىغان بولسا ، بەختىنسا قايتىپ كىلىدۇ » دەپ ،يىزىسىنىڭ بازار كۇنى ، بازاردىن 5.0 يۇەنگە چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسى سىتىۋىلىپ ، ئۆيىگە ئىلىپ كىلىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدىكى سامانلىققا تىقىپ قويدى ، ئارىدىن 15 كۇن ئۆتكەندىن كىيىن ، ئانىسى تۇرانساخان ئوخشۇتۇپ سۇيۇق ئاش ئىتىپ ، ئەسقەرنى قازانغا بىردەم ئوت قالاپ بىرىشىنى ئىيتىپ ، سىرتقا چىقىپ كەتتى ، ئەسقەر ئوبدان پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلاپ سامانلىققا تىقىپ قويغان ، چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىنى ئىلىپ چىقىپ ، قازاندىكى ئاشقا  ھەممىسىنى تۆكىۋىتىپ ، ئائىلىسىدىن ئايرىلدى . ئەسقەرنىڭ ئانىسى ئەسقەرنى ئىزدەپ تاپالماي ، ئائىلىدىكى 5 جان ئادەم قازاندىكى سۇيۇق ئاشنى ئىچىپ بولۇپلا ، قورسىقى ئاغرىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن خولۇم-خوشنىلار ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ ، جىددى  قۇتقۇزۋىلىندى .
خولۇم-خوشنىلار دەرھال يىزىلىق ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىپ ، جىنايەت گۇماندارى ئەسقەرنى قولغا چۇشۇردى . بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۇنى گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسقەرنى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى ، گۇما ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسقەرنىڭ قاتىللىق قىلىش (ئەمەلگە ئاشماسلىق ) جىنايىىتىگە  مۇدەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىدى .
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى )

                          گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن : رەيھانگۇل ئوبۇل

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
520
تۆھپە
294
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپلاس   نىمىكەنغۇ   ئۇ؟؟  ئادەم  ئەمەس،،،،،،ھەي   بىچارە   ئاتا -  ئانا،،،،ھەجەپ   ئاچچىقىم   كەلدىيا    بۇنى   ئوقۇپ،،،،

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1080
تۆھپە
781
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:29:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە خۇدايىم  مۇشۇنداق  ئاتا - ئانسىنى خورلىغان  ئۇلارغا قارا سانىغان ئىشلارنى ئاڭلىساملا  بىر خىل  ئازاپ  ھىس قىلىمەن
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 2

تىللا
134
تۆھپە
51
UID
6655
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:38:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك...

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇلسا بۇنداق ئادەم ئەمەس ئىتتىن تۆرەلگەن ئىپلاسنى ئەچىقىپ چالما -كىسەك قىلىپ ئۆلتۈرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، بۇنداقلارنىڭ ئۆلسىمۇ ئۇ دۇنيالىقى ئىپلاسلار .ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرگە تىنىچ -ئامانلىق  ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !ئامىن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Rank: 4

تىللا
492
تۆھپە
61
UID
5704
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:48:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمەن !

Rank: 4

تىللا
362
تۆھپە
193
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:50:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ  مۇناپىققا  خوتۇن  تىپىلاردى  ؟  ئاتا  ئانىسىنى  ئۆلتۇرۋەتمىسىمۇ  ،
شۇ  ئىپلاس  مەلئۇننىڭ  خوتۇن  ئۈچۈن  ئاتا  ئانىسىدىن  كەچكىننى  قارمامدىغان .
خۇدايىم  تۇرمىدە  يىتىپ  ئۆلەرسەن  مۇناپىق  ئادەم  ئەمەس  ھايۋان .
ئەجەپ  ئاچچىقىم  كەلدىيا .  مەن  ھۆكىمەت  بولىدىغان  بولسام  ئاللىقاچان  
قىيناپ  ئۆلتۇرۇش  جازاسىنى  بىرەتتىم   ئۇ  مەلئۇنغا .

Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 18:10:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدىيا. ھەي....................................

Rank: 2

تىللا
119
تۆھپە
37
UID
12417
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 20:45:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايلىقتا ئاتقا سۆرتىپ جېنىنى ئالدىغان  نىمە ئىكەن بۇ.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
272
تۆھپە
70
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 21:06:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندا  ئادەمنىڭ  ئەقلىغا سىغمايدىغان ئىشلار بەك جىقكەن  تۇۋا خۇدايىم شۇنداقمۇ قىلامدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:31, Processed in 0.079933 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991