كۆرۈش: 3247|ئىنكاس: 0

بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 16:54:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەممىمىزگە مەلۇم ،21-ئەسىردىن ئىبارەت ئۇچۇر-رىقابەت دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپمۇ ھەسسىلەپ ئاشماقتا.بىر مىللەتنىڭ ساپاسى شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى،گۈللىنىشى،قۇدرت تېپىشىغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي،بەلكى شۇ مىللەت تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ قۇدرت تېپىشى جەمىيەتنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا،مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ موھىم،تىخىرسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئىقتىسادىي ئالاقە ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈشتە،رىقابەت دۇنياسىغا ماسلىشىپ،تېخىمۇ ئىلگىرلەپ مېڭىش ئۈچۈن،ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ بېيىتقان ئاساستا ئىككىنچى بىر خىل تىلنى تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ موھىملىقىنىمۇ چۈشىنىش لازىم.
   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى<<21-ئەسىردىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچ خىل تىلنى تولۇق بىلىشى،يەسلىدىن باشلاپ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىن باشقا،ئىككىنچى خىل تىلنى ئۆگىنىشى،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۈچىنچى خىل تىل  ئۆگىنىشى،ئىنگىنىز تىلىنى يېتەكچى قىلغان ھالدا،ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ،پۈتكۈل يەر شارىدا ئۇچۇرنىڭ دۇنياۋىلىشىدا بىر خىل تىل-يېزىق بىلەن قانائەتلىنىپ قېلىشتەك نادانلىق خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ،21-ئەسىردىكى ئۆلچەمگە يەتكەن،قېلىپلاشقان تىل ماھىرلىرىدىن بولۇشى>>كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.
   ياش-ئۆسمۈرلەر -دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى،دۆلىتىمىزنى زامانىۋىيلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق كۈچى.ئۇلارنىڭ ئەھۋالى دۆلىتىمىزنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.ياش-ئۆسمۈرلەر جانلىق،تېتىك،تەقلىد قىلىشقا ماھىر.ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى ئۆتكۈر،قىزىقىش دائىرىسى كەڭ،يېڭى شەيئىلەرگە ئىنكاسى كۈچلۈك،شۇنداقلا ئۇنى قۇبۇل قىلىشى تېز بولۇپ،قىممەتلىك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە.شۇنىڭ ئۈچۈن،بىز ئۇلارنى ئىلغار ھەم مۇنەۋۋەر ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەپ،دۆلەتكە،مىللەتكە ياراملىق تالانت ئىگىلىرىدىن قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك.
  ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا،ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى دۇنيانىڭ قىياپىتىنى بارغانسېرى تېز ئۆزگەرتمەكتە.يېڭى تارىخي شارائىتتا،ئەگەر نادانلىق قىلىپ ئارقىدا قالساق،ئەقەللىي پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ ئىگىلىمىسەك،بەزى ئىلىم-پەنگە قارشى سەپسەتىلەر ۋە ساختا ئىلىم-پەن سەپسەتىلىرى بىزنى ئالدىشى ۋە قايمۇقتۇرىشى مۆمكىن. شۇڭا،ھەرقانداق بىر مىللەت تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن،ئۆز ئانا تىلى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى،يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سىغىمچانلىقى يۇقىرى بولغان تىللارنى ئۆزللەشتۈرۈشى،بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
  ئىجتىمائىي ئالاقە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،دۇنيادىكى تىللار ئوتتۇرسىدا ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق پەرقى بولمايدۇ،ھەرقانداق بىر تىل شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى جەمىيەت ئەزالىرى ئىچىدە تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى بىلەن ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ ئالاقە قۇرالىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىۋېرىدۇ.........
  بەزىلەر بازار ئىگىلىكىنى <<تەڭرىنىڭ قولى>>دەپ قارىماقتا.بۇ سۆزنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.چۈنكى،بازار ئىگىلىكى ئالاھىدە ئىمتىياز،ھوقۇق،دەرىجە دېگەنلەرنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.ئۇ پەقەت تەرەققىياتنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم پەقەت بازار سۇبيېكتى بىلەن بازار ئىشتىراكچىلىرى ئارسىدىكى قانۇنىي باراۋەرلىكنى،رىقابەت پۇرسىتى ۋە پرىنسىپلىرىنى باراۋەرلىكنى ئېتىراپ قىلىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا،بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق قانۇنيەتلىرى ئالدىدا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق.
مىللەتلەر ئۆز ئارا باراۋەر،بىراق بازار ئىگىلىكى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.شەرت-شارائىت،ئاساس ۋە تەجىربە قاتارلىق تەرەپلەردە پەرق مەۋجۇت.....
  قىسقىسى،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يارىتىشى،بولۇپمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بازار ئىگىلىكىنىڭ يۇيۇپ تارىلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن،مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولغۇسى...
         مەنبە:<<تىل ۋە تەرجىمە>>ژورنىلى2006-يىل3-سانىدىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:42, Processed in 0.069286 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991