ئۆرپ-ئادەتتىكى دورامچىلىق
ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى
ئۆرپ-ئادەتتىكى دورامچىلىق بىر خىل غەيرى تەبىئىي ھادىسە، شۇنداقلا ئۆرپ-ئادەتنى كۆپ مەنبەلىك قىلىشقا قاتناشقان ۋە ئۆرپ-ئادەتنى ياتلاشتۇرىدىغان مەنبە.
ئۆرپ-ئادەت ئۆز مەنىسى بويىنچە بىر مىللەت ياكى قانداش مىللەتلەرنىڭ بىر جۇغراپىيىلىك رايون، ماكاندا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش، ئورتاق دىنىي ئېتىقات، ئورتاق پسىخىك ئامىللار ھەم دائىم دېگۈدەك قويۇق ئالاقىدا بولۇش ئارقىلىق ئورتاق شەكىللىندۈرگەن تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ يىغىندىسى. دورامچىلىق باشقىلارنىڭ غەيرىي ئادىتىنى -مىللەتنىڭ تۇرمۇش رىتىمى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، پسىخىكىسىغا يات بولغان ئادەتنى نوقۇل ھالدا قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىشتىن شەكىللەنگەن ئادەتتۇر. ئۇ نورمال ئەھۋالدا مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىنى، تۇرمۇش رىتىمىنى، سەنئەت ئادىتىنى، ئىستېتىك زوقىنى توغرا يۆنىلىشتىن چىقىرىپ، ئۇنى كۆپ مەنبەلىك ئادەت يىغىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا مىللەتنى زىيانلىق ئۆرپ-ئادەتلەر قاينىمىغا ئىتتىرىپ، ئىقتىسادى تارقاقچىلىق ۋە ئىدىيە تارقاقچىلىقىغا گىرىپتار قىلىدۇ. مىللەتنى ئىنتىلىشى تۇراقسىز، تاللىشى چېچىلاڭغۇ مىللەتكە ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا مەنىۋى، ماددى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئۆرپ-ئادەت دورامچىلىقىنىڭ پەيدا بولۇشىدا بىر نەچچە ئامىلنىڭ رولى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن: مىللەت ئەزالىرى ئىچىدىكى نادانلىق، قاششاقلىق رول ئوينايدۇ.
ئېككىنچىدىن: مىللەتنىڭ بىر دىندىن يەنە بىر دىنغا يۆتكىلىپ ئېتىقاد قىلىشى، دىنىي ئەمەللەرنى ئادەت ئىچىگە سۆرەپ كىرىشى رول ئوينايدۇ.
ئۈچىنچىدىن: مىللەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش، يات ئادەتلەرنى ئاۋامغا زورلاپ تېڭىشىدىن ئۆرپ-ئادەت دورامچىلىقى پەيدا بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن:مىللەتنىڭ مەنىۋى يېتەكلىگۈچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇنۇشلۇق نادانلار، پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ يات ئادەتلەرنى كۈچەيتىپ بازارغا سېلىشىدىن ئۆرپ-ئادەت دورامچىلىقى پەيدا بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت تەرەققىيات تارىخىدا بىر قانچە قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت دورامچىلىق دولقۇنى بولغان. ئەڭ دەسلەپكى دورامچىلىق ھەققىدە ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىغا ئۇيۇلغان سۆزلەردە، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە ياتلارنىڭ ئادىتىنى دوراپ قوبۇل قىلىۋېلىشتەك ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىدىقۇت خاقانى مانى دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى خاقانلىقنىڭ دىنى قىلىپ جاكارلىغان. مىللەت ئېتىقادىدا شامان، بۇددا، مانى دىنىي ئېتىقادى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ھەر خىل دىنىي ئېتىقادتىن پەيدا بولغان ئادەتلەرنى دوراش كېلىپ چىققان. 12-ئەسىردىن باشلىنىپ 15- ئەسىردە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن پارس تىلىنى قوللىنىش، ئەرەپ، يەھۇدى تىلىدىكى ئادەم ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئادەم ئىسىملىرى ئورنىغا دەسسىتىش دورامچىلىقى تىلدا، ئىسىمدا، نام قويۇش ۋە يەر-جاي ناملىرىنى ئاتاشتا شالغۇتلىشىش، ياتلىشىشنى پەيدا قىلغان. مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى بۇ دورامچىلىقنى قاتتىق سۆككەن. مەھمۇد قەشقەرى دورامچىلىقنى پارسلاشتى، قىپچاقلاشتى، تۈبۈتلەشتى دەپ قامچىلىغانىدى. ئۆرپ-ئادەت دورامچىلىقنىڭ 20- ئەسىردىكى دولقۇنىدا مىللەت ئەزالىرى ناسارالارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مەرىكىسى قىلىش ئادىتىنى، غەربلىكلەرنىڭ چېچىنى بۈدۈر قىلىش ئادىتىنى دوراپ، ئىگىسىدىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.
دوراشتىن پەيدا قىلىنغان پاسسىپ، زىيانلىق ئادەت تۈرلىرىنىڭ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئادەت ئىجراسىدا ساقلىنىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشى شۇ خىل ئادەت تۈرلىرىنىڭ خاس ئادەتكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە يانداشتۇرۇلغان دورامچىلىقتىن كەلگەن خاس زىيانلىق ئادەت تۈرلىرى ئاز ئەمەس، مىللەتنىڭ مەنىۋى،ماددى ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ئارقىلىق دورامچىلىقتىن پەيدا قىلىنغان ناچار خاس ئادەتلەر ھامان يوقىلىدۇ.
پايدىلانما: ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر ناملىق كىتاپ (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرياتى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 22:12