كۆرۈش: 3332|ئىنكاس: 7

تىلىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغدايلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:34:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىل ئالاقىلىشىش قۇرالى،شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەدەنىي مىراسى ھەم ئەۋلادلارنىڭ راۋاجى.ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز تىلىنىڭ،ئۆز يېزىقىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە زوقلىنىدۇ.مىللەتنىڭ راۋاج تېپىشى تىلنىڭ تاكاممۇللىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ،ئۇنداقتا بىزنىڭ تىلىمىز راستىنلا تاكاممۇللاشتىمۇ؟ تىلىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئالغاندا،بىزدە ئەبجەش سۆز-جۈملىلەر كۆپىيۋاتىدۇ.بۇ تىل جەھەتتىكى <<يامان سۈپەتلىك كېسەل>>بولۇپ،بۇنىڭ ئالدىنى ئالماي بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.بىر قىسىم ئادەملىرىمىز مەيلى ئۆزئارا سۆھبەتتە،سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي پاراڭلىرىدا بولسۇن،مەقسەت-مۇددئالىرىنى ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا تولۇق،ئېنىق ئۇقتۇرغىلى ،ئىپادىلىگىلى بولسىمۇ،نېمىشقىدۇر سۆزلەرنى باشقىچە ئاھاڭدا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەگەر بۇنداق ئەھۋالنى ۋاقتىدا تۈزەتمەي،مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك،شەك-شۈھبىسىزكى،كېلەچەككە<<شالغۇتلاشقان سورتلۇق>>ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقىمىز،شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە تىلى ساپ بولمىغان،تىلى چالاشتۇرۇلغان بىر مىللەت پەيدا بولىدۇ-دە،زامانداش بولۇپ ياشاۋاتقان مۇشۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدا ئانا تىلىغا بولغان مەسئۇليەتسىزلىكىمىز بڭلەن كۆتۈرگۈسىز ئىزا-ئاھانەتكە قالىمىز.
  ھەرقانداق بىر مىللەت كىشىسى ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مېھرى مۇھببەتنى ئۇنتىماسلىقى كېرەك.ھازىر بەزى كىشىلىرىمىز مەيلى نەرسىلەرنىڭ نامى بولسۇن،مەيلى يەر-جايلارنىڭ نامى،ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ نامى،دورا،ھايۋان،ئۆسۈملىكلەرنىڭ نامى بولسۇن ۋە ياكى سۆز-ئاتالغۇلار بولسۇن،ئۇلارنى قېلىپلاشقان،بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ناملىرى بىلەن ئەمەس،بەلكى خەنزۇ تىلىنىڭ ئاھاڭى بويىچە ئاتاپ،جاپاكەش،مېھنەتكەش،ئانا تىل ئۈچۈن ئۆز بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان تىلشۇناسلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلماي كەلمەكتە.مەسىلەن:گاڭبىرىڭنى(قەلىمىڭنى)ئىشلىتىپ تۇراي؛دوختۇرلار بالاڭ چۆگەي(كالىتسىي كەملىك)بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ؛خۇڭچىلۇغا(قىزىل بايراق يولىغا)بېرىپ دەنناۋ(كومپېيوتېر)بازىرىنى كۆرۈپ كېلىمەن.........يەنى بەزى خاس ئاتالغۇلىرىمىز يوقاپ كېتەي دەپ قالدى. بىز ئىلگىرى چىشى بۇغىنى<<مارال>>،چىشى كالىنى<<ئىنەك>>،چىشى قوينى<<ساغلىق>>،توخۇنى<<مىكيان>>،چىشى ئۆدەكنى<<بەرچىن>>دەپ ئاتايتۇق.....بۇ سۆزلەر كىشىلەرنىڭ شەھەرلىشىشىگە ئەگىشىپ تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ..........
  ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى،بىزنىڭ تىلىمىز مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ بەلگىسى،بىزنىڭ پەخرىمىز.شۇڭا،ھەممىمىز تىلىمىزنىتوغرا ھەم ساپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىشىمىز،ھە دېسىلا ئەبجەش سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىمىز،تەرجىمان ۋە زىيالىلىرىمىز بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ،ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ،ئەۋلادلىرىمىزغا ئۇنى مۇكەممەل يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.ئەۋلادلار ئالدىدا گوناھكار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى!         <<تىل ۋە تەرجىمە>>2006-يىل4-سانىدىن  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:15:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا گەپلەركەن ، ھەقىقەتەن تىلىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئۆزىمىز ساقلىمىساق باشقىلار بىزگە ساقلىشىپ بەرمەيدۇ !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1016
تۆھپە
659
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 23:45:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز!
ئانا تلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلماي تۇرۇپ ،باشقىلاردىن رەنجىشكە ھەققىمىز يوق.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:21:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئاتا ــ ئانىلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ، ھەتتا باللىرى بىلەن خەنزۇچە سۆزلىشىپ كىتىدۇ تىخى.


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:43:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخغى يېزىلغان ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ..


Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
387
تۆھپە
204
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 19:54:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن
بۇ ئىشتا ھەممەيلەن ئۈزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك


Rank: 2

ئىسىمى
قوشماق ئاداش
تىللا
91
تۆھپە
39
UID
9724
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 23:02:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىمىزنى قوغداش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مەجىبۇرىيىتى،بۇنى بۇزۋاتقانلار ،يەنىلا ئۇيغۇرزىيالىلىرى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 23:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىمىزنى  قوغداشتا  ئىملاغا سەل قاراشقىمۇ  قەتئىي بولمايدۇ!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:12, Processed in 0.078087 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991