ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت
1. قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئافرىقا يايلىقىدىكى ھايۋانلار تەرەپ-تەرەپكە چىپىشقا باشلىدى.شىر ئەڭ ئاستا يۈگۈرەيدىغان بۆكەنگە يىتىشەلمىسە ئۆزىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.بۆكەنلەرمۇ شىردىن تېز يۈگۈرمىسە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يەم بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
تۇغۇلغاندا ھەممە ئادەم ئوخشاش بولىدۇ .چوڭ بولغاندىن كىيىن ،مۇھىتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ ،بەزىلەر شىرغا ،يەنە بەزىلەر بۆكەنگە ئايلىنىدۇ .بۇ دۇنيادا ھەربىر ئادەم دۇچ كىلىدىغان رىقابەت ۋە ھاياتلىق ئىستىكى ئوخشاش بولىدۇ .شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاسارىتىدىن ھالقىپ كەت.بولمىسا ئاچلىقتىن ئۆلىسەن ياكى باشقىلارغا يەم بولۇپ كىتىسەن .بۇ بىر خىل تەبىئىي تاللىنىش قانۇنىيىتى ،ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ھىكىمەتنى كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگە تەدبىقلاش مۇمكىن .
2.بىر ئادەم بار بولۇپ ،قوشنىسى بىلەن جىدەللىشىپلا يۈرۈيدىكەن ،ئۇ قوشنىسىنى ئىچ -ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن ..بىر كۈنى ئۇنىڭ كالىسى يوقاپ كىتىپتۇ .،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپتۇ .ئويلىغانسىرى شۈنچە گۇمانلىق تۇيۇلۇپتۇ.بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىين كالا ئۆزلىگىدىن قايتىپ كەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن قوشنىسى .ئۇنىڭغا ئوغرى ئەمەستەك تۇيۇلۇپتۇ.سەن ئىھتىمال كالا يۈتتۈرۈپ ياكى كالا ئوغۇرلاپ باقمىغان بولۇشۇڭ مۇمكىن.ئەمما بۇ ھىكايە ساڭا مۇھىم ئىككى ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .بىرىنچىسى ،ئادەم ھەرگىز ئاداۋەت ساقلىماسلىقى كىرەك.سەن بىراۋنى كالا ئوغۇرلىدى دەپ پەرەز قىلساڭ ،ئۇ كۆزۈڭگەراستىنلا ئوغرىدەك كۆرۈنىدۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە كالا قايتىپ كەلسە ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىڭ ئاندىن يوقايدۇ .ئىككىنچىسى ،شۇنىسى يامانكى ،بىز ھاياتىمىزدا ھەمىشە باشقىلار تەرىپىدىن(كالا ئوغرىلىغان )دەپ ناھەق ئەيىپلىنىپ قالىمىز.ئەگەر كالا ئۆزلىگىدىن قايتىپ كەلمىسە ،بىز بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كالا ئوغىرسى بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن .شۇڭا ھەر قانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنىچ بولىشى كىرەك .سەن كالا ئوغرىلىمىغان بولساڭ،لىكىن باشقىلار يەنىلا سىنى كالا ئوغىرلىدى دەپ تۇرۇۋالسا ،ئىسىڭدە بولسۇنكى،بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشۇڭغا نۇقسان يەتكۈزىۋالما .
مەنبە : «ياشلار ئۈچۈن 101 ھىكمەت»