شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار بىلەن توختام ئىمزالىدى
   10 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم–پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ  5–قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر پەن–تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلار بىلەن پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى رەھبەرلىرى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى. 
