تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 75276|ئىنكاس: 22

شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ئۇتتۇرۇپ قويدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
631
تۆھپە
239
UID
43
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

01.jpg


ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان، ئارسلان كامىللارنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى،فوتوسى : 17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، 2012-يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەخرى ۋە ئۈمىدى بولغان شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بېيجىڭ فىڭتەي تەنتەربىيە مەركىزىدە بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

IMG_2816.jpg


مۇسابىقە باشلىنىشى ھامان ئىككى تەرەپ كوماندىسى كەسكىن تىركىشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مېنۇت بولغاندا، بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسىدىكى 6-نومۇرلۇق ماھىر ئوتتۇرا مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بېكلىرىنى يالغاندىن ۋاراتارغا ئۇرغان ھالەتتە ئالداپ ئۆتۈپ، ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ، مۇسابىقىدە بىر نومۇر ئالدى. ئارقىدىن شىنجاڭ كوماندىسى بىر نەچچە قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەتتە مېنۇت قالغاندا، بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چىرايلىق ھۇجۇم تەشكىللىدى ۋە توپنى ۋاراتارغا كۈچەپ تەپتى، بۇ ۋاقىتتا توپ ئاللىقاچان ۋاراتاردىن ئۆتۈپ بولغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق بېكى مەخمۇت ئامالسىزلىقتىن كىرىپ كېتىشكە ئاز قالغان توپنى قولى بىلەن توسۇۋالدى. بۇ بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. رېپىرمۇ ئىككىلەنمەستىنلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق بېكى مەخمۇتقا قىزىل كارتا بېرىپ، مەيداندىن ئايرىلىشقا بۇيرىدى ۋە بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسىغا نۇقتا توپ بەلگىلەپ بەردى. بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى نۇقتا توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2 دە 0 گە ئۆزگەرتتى. مەخمۇتنىڭ قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ، مەيداندىن ئايرىلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 10 ئادىمى بىلەن قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ 11 ئادىمىگە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئارقىدىن ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئالدىنقى يېرىم مەيدان بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسىنىڭ 2 توپ ئۇرۇشى بىلەن ئاياغلاشتى.

04.jpg


03.jpg


05.jpg


ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى پەرھات كوماندا ئەزالىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 10 ئادىمى بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قارشى تەرەپ كوماندىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنۇت بولغاندا، بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسى ئەزالىرى يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم تەشكىللىدى ھەمدە سول تەرەپتىن توپنى كۈچەپ ئۇردى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى توپنى توسىغان بولسىمۇ بىراق قولىدىن چىقىپ كەتتى، قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمچىسى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3 دە 0 گە ئۆزگەرتتى. ئارقىدىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتۇشتىن ئۈمىد بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، 10 ئادەم بېيجىڭ كوماندىسىغا نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. لېكىن يەنىلا ئۈنۈمى بولماي، مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
گەرچە مۇسابىقە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسىغا باشتىن-ئاخىر ياخشى مەدەت بەردى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگىمۇ مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭلىق توپ مەستانىسى شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەرگىلى كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق داڭلىق ناخشىچى ئەسقەر كۈل بۆرىمۇ بار ئىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئەسقەر كۈل بۆرە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بالىلار ناھايىتى ياخشى ئوينىدى، لېكىن ئۇلاردا ئۆز ئارا ماسلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە سەۋەنلىكلەر بار ئىكەن، گەرچە بۈگۈن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىمىز، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

09.jpg



02.jpg


08.jpg


شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىمۇ بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا داۋاملىق شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 گرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا ناھايىتى دىمىق بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى پەرھات بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بەشەيلەننىڭ يارىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن قاتنىشالمىغانلىقىنى، گەرچە يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ يەنىلا ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ كوماندىسنىڭ 2-نومۇرلۇق ماھىرى مۇستافا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يەنە ئۇتتۇردۇق، لېكىن بىزگە يەنىلا پۇرسەت بار، بۈگۈنكى ھاۋانىڭ بەك ئىسسىق ۋە تىنجىق بولۇشى بىزنىڭ توپ تېپىشىمىزگە تەسىر يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ 5 ئادىمىمىز مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق؛ بۈگۈن مۇسابىقىنى كۆرگىلى يەنە نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرى كەپتۇ، بىراق بۈگۈن بىز ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرالمىدۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ قېتىم مۇسابىقە ئوينىغان بېيجىڭ يىتۇڭ كۇچې كوماندىسى شىمالىي رايون بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتكەن.

IMG_2787.jpg


IMG_2806.jpg


IMG_2813.jpg


18.jpg


19.jpg


20.jpg


21.jpg


14.jpg


15.jpg


16.jpg


17.jpg


10.jpg


11.jpg


12.jpg


13.jpg



06.jpg


IMG_2785.jpg



07.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1765
تۆھپە
1089
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم ... يىقىندىن بۇيان تەلىيمىز سەل ئوڭدىن كەلماۋاتىدىغۇ ...


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئــــــاپلا !!! يىــــــــــــــــــچىـــقىسى بۇ ئەزىمەتلەر چوقۇم ھامان بىر كۇنى  ئۇتىدۇ !!


Rank: 1

ئىسىمى
بۇغرا
تىللا
20
تۆھپە
7
UID
17832
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ ماسلىشىش كەمچىل،نىمە دەپ قىسقا پاسنى كۆپرەك ئوينىمايدىغاندۇ دەيمەن.ھەي ..........گەپ قىلمايلا بولدى............


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
950
تۆھپە
636
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتتۇرمىسا بولاتىغۇ ،ھەي ،پۇرسەت نەنە كىلىپ قالار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
619
تۆھپە
318
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچقىسى يوق،،، جەڭ مەيدانىدا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ئەھۋال، ئەزمەتلىرىمىزنىڭ تېزدىن كەمچىلىكىنى تېپىپ چىقىپ 23-چىسلادىكى مەيداندا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5822
تۆھپە
2960
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داپ چالغانلار داپنى خەققە چالغان گەپ ياكى  بىزنىڭكىلەر تەرەتنى چالا ئالغان گەپ!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
267
تۆھپە
143
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر مەيدان يىڭىلگەندە ماھىرلىرمىز قايسى جەھەتتىن ئۆزىنى كۇچەيتمىسە بولمايدىغانىلقىنى بىلەلمەيدۇ،بەلكىم بۇ ئۇتتۇرۇش كىيىنىكى مەيدىنلاردا يىتەرسىزلىكىلىرنى تولۇقلاپ تىخىمۇ ياخشى ئوينىشىغا تۇرۇتكە بولشى مومكىن،داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار ئەزمەتلەر بىز ھەرقاچان سىلەر بىلەن بىللە،سىلەر ئۇچۇن ،يىڭلشىڭلار ئۇچۇن مەدەتلىرىمىز ئۇزۇلمەيدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1160
تۆھپە
552
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-6-18 12:22
ۋاي خۇدايىم ... يىقىندىن بۇيان تەلىيمىز سەل ئوڭدىن كەلم ...

تەلەيمۇ شۇنداق، قانداق ئويناشمۇ بار ئەلۋەتتە...


يەنە كەلدى ئېمتىھان ھەپتىللىرى.....

Rank: 2

تىللا
127
تۆھپە
24
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمۈتسىزلىنىشكە بولمايدۇ. غەلبە ئالدىمىزدا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:38, Processed in 0.095696 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991