تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1972|ئىنكاس: 6

ھەققانىي : ئۆسە-ئۆس (ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
187
تۆھپە
64
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆسە _ ئۆس

( ساتىرا )


تىك ئۇچاردەك كۆك بويلاپ ئۆسۈپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس،

پەستە قالغان مۇئاشنى بېسىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس،

ئەي مال باھا! ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس،

سەن ئېگىزدە بىز پەستە كۆچۈپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




ھاجەتمەنگە مايىلراق بولۇشۇڭنى كۈتەتتۇق،

سەندىكى تېز سۈرئەتنى ھەيران بولۇپ كۈزەتتۇق،

سەن ئۆسكەنچە قوغلۇشۇپ باردى-يوقنى تۈگەتتۇق،

نەپسى ئۈچۈن ھەق يولدىن ئېغىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




ئەتىۋارى بار ئىدى پۇلنىڭ كىچىك ۋاختىمدا،

( بىر ئوغلاقنى بەش كويغا ئالغان چاغلار يادىمدا،)

ئەل قالماپتۇ زەررىچە بۈگۈن ھېسىياتىڭدا،

ئۆسكەن بىلەن نەزەردىن چۈشۈپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.





<< ئىش ھەققىگە ئاز-تولا قوشۇلارمىش >>دىگەننى-

ئاڭلاپ قالساڭ شۇ ئانلا قوشتۇڭ نەچچە يىۋەننى،

كۆرمىگەن بىز ئۆسۈشتە سەندەك << سەزگۈر>> <<چېۋەر>>نى،

كۆڭلىمىزگە غەم-ئەندىش سېلىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




سەن نىمانچە ئىنساپسىز ھالىڭ ئېگىز ئاسماندا،

ئۆسۈشۈڭدىن پەرۋاسىز پۇل تاپقانلار ھارامدا،

قۇلى يەتمەي بوي سوزۇپ قالدى نامرات ئارماندا،

ئەل-ئاۋامدىن يىراقلاپ قېچىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




سىنىڭ ھالىڭ ئالدىدا پۇلنىڭ كۈچى قالمىدى،

قىپ-قىزىل يۈز كويچەنگە تۆت كىلو گۆش كەلمىدى،

يىگەچ گۆشنى بىكارغا << چوڭ>>نىڭ كارى بولمىدى،

پۇخرالارنى رەھمىسىز شىلىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




<< مال باھاسى چۈشەدۇر >>دىگەن گەپنى زوۋۇكتىن،

ئاڭلاپ شۇنچە زوقلاندۇق،خوشاللاندۇق ئۈمىدتىن،

نەدە چۈشتۈڭ،ھالقىدىڭ ھەتتا چەكتىن-سىزىقتىن،

<< چۈش>>دىگەنچە ئىگىزگە مېڭىپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.




ھاجەتمەننىڭ شۇنچىلا پۇلى جىق دەپ سانامسەن؟

ئۆسۈپ تۇردۇڭ كۈنۇ-تۈن قېنى نەگە بارارسەن،

بويى يەتمەي ھېچكىمنىڭ ئۆزۈڭ تەنھا ياشامسەن؟

قەلبىمىزدىن ئەي باھا! ئۆچۈپ كەتتىڭ،ئۆسە-ئۆس.


********

مەنبە: ئۆزقەلىمىم.(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)

دىيارى كەلپىن


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 13:39:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يزىىپسىزغۇ ؟ بۇ نەق ئىشلار ئىكەن .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 16:36:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
787
تۆھپە
450
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        تىلى جانلىق تېتىملىق چىقىپتۇ ،سىزگە ساغلاملىق،ھاتىر جەملىك يار بولسۇن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
512
تۆھپە
296
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىنى نەق ئىپادىلەپ بىرىپسىز.ئەجرىڭىزگە ئاپرىن.قالتىس يېزىلىپتۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1540
تۆھپە
1242
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانلاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان يۈرەك سۆزىڭىزدۇ بۇ ،،بۇ مال باھاسىغا  بەزى ئورۇن، رەھبەرلەرنىڭ كارى بولمامدىغاندۇ..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
333
تۆھپە
183
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىگەن ئەسەرلەرلا ھەققىي مۇنەۋۋەر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:25, Processed in 0.075155 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991