كۆرۈش: 23409|ئىنكاس: 16

مىسىرنىڭ قۇللۇقتىن چىققان ئۇيغۇر پادىشاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 18:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەد ئىبنى تولۇن (Ahmad ibn Tulun,835~884 ) __ مىسىر تولۇن ئوغۇللارى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مىلادى 835-يىلى 9-ئايدا باغدادتا تۇغۇلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا فەرغانەلىك تۈرك، ئاتىسى تولۇن ئەسلىدە بۇخارا ۋالىسى ساماننىڭ قۇلى بولۇپ 817-يىلى ئابباسىلار خەلىپىسى مامۇن ( al-Ma'mun ) غا ھەدىيە قىلىنغان. ئىبن تولۇن چوڭ بولغاندىن كېيىن مامۇننىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋە كۆرىنەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئامراقلىغىغا ئېرىشكەن، ئوردىدا دىنىي ۋە مەدىنىيەت تەربىيەسى كۆرگەن. خەلىپە مۇستائىن ھۆكۈمرانلىغى زامانىسىدا ئوردا نەۋكەرلىرىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدە بولغان، تارسۇس شەھرىدە ۋەزىپىدە ئولتاغاندا مەخسۇس ئىسلام دىنىي كىتاپلىرىنى ئۈگەنگەن. ئۇ مىلادى868-يىلى مىسىرغا ، مىسىر ۋالىسى بايىكبېكنىڭ ياردەمچىلىگىگە ئەۋەتىلىپ، ۋالىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خەلىپە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن باج ئەمەلدارى قولىدىن پۈتۈن مىسىرنىڭ مالىيە- باج ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، يىللىق باجنىڭ پەقەت ئازغىنە قىسمىنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن مىسىر مۇستەققىل بولىدۇ.

    ئۇ 100مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىگەن، تۈرك قۇللىرى ۋە نېگىر قۇللاردىن تەشكىللەنگەن ئىنتايىن ئىنتىزامچان ئوردا قوغدىغۇچى نەۋكەرلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈگى قىلغان. ئۇ ئارمىيەگە ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا ۋە پۇقرالارغا ئۆزىگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىشنى بۇيرىغان، كېيىن خەلىپە مىسىردىكى كونتىروللىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ ، باجنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان، لېكىن ئەخمەت ئىبنى تولۇن بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمايدۇ، 877-يىلى سۇرىيە ۋالىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ۋە خەلىپىنىڭ بەسرەدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا تۇتۇنغانلىق پۇرسىتىنى تۇتۇپ ، ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەنى قوشىۋالىدۇ، ئۇ تەختتە 16يىل(868~884) ئولتۇرىدۇ، ھۆكۈمرانلىق داۋامىدا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىقتىساتنى گۈللەندۈرىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياسىتىپ سۇغۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ؛ قول-سانائەت ئىگىلىگىنى ۋە سودا ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ مالىيەنى رەتكە سېلىپ باجنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بىرقاتار ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز راۋاجلىنىپ دۆلەت خەزىنىسى بېيىيدۇ. دۆلەت مۇداپىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك پەلەستىننىڭ ئاقتا ۋە ئىسكەندىرىيە پورتىدا دېڭىز ئارمىيە ھەربىي بازىسى قۇرىدۇ. قاھىرە شەھرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا گېتايىر قەلئەسى قۇرۇپ مۇھىم ئىستراتېگىدىيەلىك مۇداپىيە سېستىمىسى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە قاھىرە كونا شەھرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئوردا، سودا دۇكانلىرى، مېھمانساراي، يوللارنى ياسىتىپ كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭىلا قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ئىسلام مائارىپى ۋە مەدىنىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل چىقىرىپ دىنىي مەدرىسلەر، مەسچىتلەر، دوختۇرخانا، كۇتۇپخانىلار ياساتتۇرۇپ قاھىرە ۋە دەمەشقتىكى ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قۇردۇرۇپ چىققان ئىبن تولۇن مەسچىدى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى نادىر قۇرۇلۇشلىدىI, g' p! @9 z; v
مىلادى 884-يىلى تولۇننىڭ ئوغلى خۇماراۋى(Humareveyh (884–896)) ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئەسكەر چىقىرىپ دەمەشق ۋە شىمالى مېسوپوتامىيە ۋالىسى قوزغىغان توپىلاڭنى باستۇرىدۇ، 886-يىلى خەلىپە مۇرتادمىد خۇماراۋى پادىشد بىلەن سۈلھى تۈزەيدۇ، خۇماراۋىي خەلىپىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە خەلىپە غەزىنىسىگە مەلۇم مىقتاردا سېلىق تاپشۇرىدۇ. خەلىپە ئۇنى مىسىر ۋە سۇرىيەنىڭ ئەمىرى دىگەن نامنى بېرىدۇ. 904-يىلى كارمات مەزھىپى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەمەشق ئاھالىسى خەلىپە مۇقتەفىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، خەلىپە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇرىيەنى بېسىۋالىدۇ ۋە پەلەستىن ئارقىلىق مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي فلوت ئەۋەتىپ سىلىتسىيەدىن نىل دەريا دېلتىسىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ، 905-يىلى 1-ئايدا قاھىرە قولدىن كېتىدۇ، گېتايىر قەلئەسى تۈزلىۋېتىلىدۇ. ئىبن تولۇن ئوغۇللارى باغداتقا كېتىدۇ، تولۇن سۇلالىسى يىمىرىلىدۇ.
, \( o! B( E, M# Z4 j3 v- Lتولۇن ئوغۇللارى ئەمىراتلىغىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى:
1 ]9 @& b! U* f  ^* [. I● ئەخمەد ئىبن تولۇن (868–884 )
. Y# h2 s7 J* F; q6 L6 G- }+ |- W●خۇماراۋى (884–896)
6 [/ L: h+ G) O4 s, o. E$ Z3 [● ئابۇ ئەل-ئاچىر (896)
4 B9 H6 N5 e) K0 ?●ھارۇن (896–904)1 M& T9 f1 r! w& r/ ?- ~4 [; m! p% ^" l
● شابان (904–905)
) ]  @! K: H8 Q/ U  ~3 J1 Y0 ?ئەخمەد ئىبن تولۇننىڭ مىللەت تەۋەلىگى:& Q# G& F1 }" {5 G& m4 c
ئەرەپ مەنبەلىرىدىن تارىخچى مەقرىزى (Maqrizi) مىسىر تولۇن خاندانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد بىن تولۇن (Ahmed bin Tulun ) نىڭ ئاتىسى توققۇز ئوغۇز بولۇپ ھىجىرىيەنىڭ 200-يىلى (مىلادىيە 815-816-يىللار) بۇخارا سانانىيلار ھۆكۈمدارى نوھ بىن ئەسەد ئۇنى سوۋغا سۈپىتىدە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى مەئمۇنغا سوۋغا قىلدى دەيدۇ. (مىنورسكىينىڭ 1948-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىنىڭ 287-بېتىدىن ئېلىندى. شىت 1970-يىلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان « ئەرەپ ئومىمى تارىخى» نىڭ 540-بېتىدە ئىبن ئال خەلدۇننىڭ « دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دىن نەقىل قىلىپ ئۇنى پەرغانىدىن كەلگەن تۈرك دەپ يازىدۇ.)①6 K$ \: E! i# N! ^1 i; Q


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
39
تۆھپە
14
UID
11256
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:06:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 09:58:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،رەخمەت تىما ئىگسىگە.

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 17:29:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر . بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلىۋالدۇق .

Rank: 4

تىللا
356
تۆھپە
200
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:45:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تىما ئىگسىگە!!!

Rank: 2

ئىسىمى
ئەزىزجان
تىللا
90
تۆھپە
14
UID
4660
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:44:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئەسلى مەن ئاڭلاپ باقمىغان تارىخ لامۇ باكەندە  

Rank: 2

تىللا
95
تۆھپە
37
UID
1941
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 23:19:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك دەپتۇ؟! ئۇيغۇرلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتمەپتۇ.....

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:07:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك قەدىمى مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە تۈركلەرمۇ باركەندە .
بىلىۋالدىم ، رەھمەت .

Rank: 2

ئىسىمى
كارۋان دېگەندىكىن كارۋان بولىدۇ شۇ
تىللا
63
تۆھپە
49
UID
13032
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 23:21:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىردا قۇرۇلغان خانلىقتىن تۈركلەر خانلىقى دېيىشكە توغرا كەلسە تولۇن،مەملۈك،چېركەس...خانلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرك، ئەخمەد ئىبنى تولۇنغا كەلسەك ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققىنى راست،تۈرك ئىكەنلىكىمۇ راست، لېكىن توققۇز ئوغۇز،ئون ئوغۇز،ئون ئۇيغۇر،ھونۇغۇر...دېگەنلەرنى پەرقلەندۈرمىسەك بولماس، بۇ ئادەمنى ئۇيغۇر دەپ مۇتلەقلەشتۈرسەك تورداشلارنىڭ مىللى ھېسياتتا ھاياجانلىنىشى ئېنىق، لېكىن ھاياجانلىنىشنى قولغا كەلتۈردۈم دەپ تارىخى پاكىتنى بۇرمىلاشقا،شەخسەن ئۆزۈم بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قارشى،پاكىت تارىخنىڭ جېنى، توققۇز ئوغۇز دېگەنلىك ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئۇيغۇر دېگەنلىك ئەمەس،قانداشلىقى بار دېسەك بۇ باشقا گەپ، ئۇنداقتا سەلجۇقلارمۇ توققۇز ئوغۇزغۇ؟ بۇنىڭلىق بىلەن چاغرىبەگ،توغرۇلبەگلەرنىمۇ ئۇيغۇر دەپ تۇرۇۋالساق بولماس، توققۇز ئوغۇزلار ئاللىقاچان ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئايلىنىپ تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچتى،شۇڭا.......

Rank: 6Rank: 6

تىللا
885
تۆھپە
149
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 13:12:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىمىزدىكى يەنە بىر شەخسنى بىلىۋالدىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:04, Processed in 0.077425 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991