كۆرۈش: 5593|ئىنكاس: 1

ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە ...[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 14:09:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيەدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ تەكشۈرۈشنى ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئەرلەرنىڭ گاسكون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى ۋە شەمشەر بېلىققا ئوخشاش ياغ تەركىبى مول بېلىقلارنى يەپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان. تەكشۈرۈشتە قىزىل ئوقيا بېلىق، تۇنا بېلىقى قاتارلىق ياغ تەركىبى تۆۋەن بېلىقلارنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن.

  تەكشۈرۈشتە يەنە ئاياللار دائىم بېلىق يەپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ياپونىيە دۆلەتلىك خەلقئارا داۋالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللاردىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۈندە 170 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈندە 40 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭكىدىن %30 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 17:36:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارغا بېلىق ئانچە پايدا قىلمايدىكەندە ، بۇجەھەتتىمۇ ئەرلەر تەلەيلىككەن ، ئەرلەرگە بېلىق پايدا قىلىدىكەن ئەمەسمۇ . مەن بۇندىن كىيىن  بېلىقنى كۆپ يىمىسەم بولغىدەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:11, Processed in 0.073945 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991