- 出生县
- 巩留县
- 生日
- 1988 يىل 11 ئاي 18 كۈن
- ئىسىمى
- ئەزمەت
- 出生小区
- 巩留镇
- تىللا
- 296
- تۆھپە
- 167
- نادىر
- 0
- يازما
- 109
- جۇغلانما
- 739
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- تىزىملاتقان
- 2012-4-1
- UID
- 10822

- ئىسىمى
- ئەزمەت
- تىللا
- 296
- تۆھپە
- 167
- UID
- 10822
| شىنخۇا تورى لوندون 2- ئاپرېل تېلېگراممىسى،راك كېسىلىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كونتروللۇقىنى يوقاتقان. ئەنگىلىيە تەتقىقاتچى خادىملىرى ، ھايۋاناتلار تەجرىبىسىدە بىر خىل ھۈجەيرە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كونترول قىلالايدىغان گېننى بايقىغان بولۇپ، راك ھۈجەيرىسىنى ئۆسۈشىنى «تومۇزلاپ»، راك كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشقا ياردەم بېرەلەيدىكەن.
ئەنگىلىيە نوتتنگخام ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلاردىكى تەتقىقاتچىلار يېڭى بىر پەسىللىك ئىلىم-پەن ژۇرنىلى «ئىلىم - پەن ئاممىۋى كۈتۈپخانىسى ئىرسىيەت تومى» دا دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل تۇربىللارىيە قۇرتىنى تەتقىق قىلىپ بۇ خىل SMG-1 ئىسىملىك گېننى بايقىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل تۇربىللارىيە قۇرتىدا بىر خىل سىرلىق ئىقتىدار بار بولۇپ، بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى قايتا ئۆسۈپ چىقالايدىكەن، ھەتتا بېشى كېسىۋېتىلسىمۇ يەنە قايتىدىن ئۆسۈپ چىقالايدىكەن. بۇ ئۇنىڭ ھۈجەيرىسىدە كۈچلۈك ئۆسۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار، بۇ خىل ئۆسۈش ئىقتىدارى يەنىلا گېنSMG-1 نىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ گېننى ئېلىۋەتكەندە، تۇربىللارىيە قۇرتىدىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر يەنە ئۆسۈپ چىقىدىكەن. تاكى بۇ قۇرت ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر، ئۇنىڭ بەدىنى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھالدا ئۆسىدىكەن. بۇ ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان ئۆسمە بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش ئىكەن.
تەتقىقاتقا قاتناشقان ئەزىز.ئابۇبەكرى، بۇ گېن ھۈجەيرە ئۆسۈش جەريانىدا تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئارقىلىق ھۈجەيرە ئۆسۈش سۈرئىتى كونترولسزلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرى بىر قىسىم سۈت بېزى راكى بىمارلىرى تېنىدە SMG-1 بايقىلىپ، مىتامورفوزىيە پەيدا بولغان. شۇڭا، ئەگەر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇ گېننىڭ ئادەم تېنىدا بۇ خىل رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ياكى قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولسا، بەلكىم ئۇ رول ئوينىغان تۈزۈلمىگە تەقلىد قىلىپ، ئۆسمىنىڭ يەنە ئۆسۈشىنى كونترول قىلغىلى بولۇشى، بۇ ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
|
|